ئىسرائىللارنىڭ قانائان زېمىنىدىن ئالغان مىراسلىرى تۆۋەندىكىدەك؛ ئەلىئازار كاھىن بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ۋە ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىكى جەمەت-ئائىلە باشلىقلىرى مۇشۇ مىراسلارنى ئۇلارغا بۆلۈپ بەرگەن. | 1 |
لە خاکی کەنعان، نەوەی ئیسرائیل ئەمەیان بۆ بوو بە میرات، ئەوەی ئەلعازاری کاهین و یەشوعی کوڕی نون و سەرۆکەکانی باوکانی هۆزەکانی نەوەی ئیسرائیل بەسەریاندا دابەشکردن وەک میرات. |
پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن توققۇز يېرىم قەبىلە توغرىسىدا بۇيرۇغىنىدەك، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۈلۈشى چەك تاشلاش بىلەن بۆلۈپ بېرىلدى. | 2 |
میراتەکەیان بە تیروپشک بوو بۆ نۆ هۆزەکە و نیو هۆزەکە، هەروەک یەزدان لە ڕێگەی موساوە فەرمانی دا. |
چۈنكى قالغان ئىككى قەبىلە بىلەن ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىنىڭ مىراسىنى بولسا مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئۇلارغا تەقسىم قىلغانىدى؛ لېكىن ئۇ لاۋىيلارغا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېچ مىراس بەرمىگەنىدى | 3 |
موسا میراتی دوو هۆزەکە و نیو هۆزەکەی لەوبەری ڕووباری ئوردوندا بەلای ڕۆژهەڵاتدا دابوو، بەڵام لەناو ئەواندا هیچ میراتی بە لێڤییەکان نەدا، |
(يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ماناسسەھ ۋە ئەفرائىم دېگەن ئىككى قەبىلىگە بۆلۈنگەنىدى. لاۋىيلارغا بولسا، تۇرۇشقا بولىدىغان شەھەرلەر بېكىتىلىپ، شۇنداقلا شۇ شەھەرلەرگە تەۋە يايلاقلاردىن چارپايلىرىنى باقىدىغان ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان يەرلەردىن باشقا ئۇلارغا ھېچ ئۈلۈشلەرنى بەرمىگەنىدى). | 4 |
چونکە نەوەی یوسف دوو هۆز بوون، مەنەشە و ئەفرایم. لە خاکەکەدا هیچ بەشێکیان بە لێڤییەکان نەدا، تەنها چەند شارۆچکەیەک نەبێت بۆ نیشتەجێبوون و دەوروبەری شارۆچکەکان، بۆ لەوەڕگای ڕەشەوڵاخ و مەڕوماڵاتیان. |
پەرۋەردىگار مۇساغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، ئىسرائىللار شۇنداق قىلىپ زېمىننى بۆلۈشۈۋالدى. | 5 |
هەروەک یەزدان فەرمانی بە موسا کردبوو، نەوەی ئیسرائیل ئاوایان کرد و خاکەکەیان دابەش کرد. |
يەھۇدالار گىلگالغا، يەشۇئانىڭ قېشىغا كەلدى، كەنىززىي يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب يەشۇئاغا مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگار ئۆز ئادىمى بولغان مۇساغا مەن بىلەن سېنىڭ توغراڭدا قادەش-بارنېئادا نېمە دېگەنلىكىنى بىلىسەنغۇ؛ | 6 |
ئینجا نەوەی یەهودا لە گلگالدا چوونە پێش بۆ لای یەشوع، کالێبی کوڕی یەفونەی قەنیزی بە یەشوعی گوت: «تۆ ئەو قسەیە دەزانیت کە یەزدان لە قادێش بەرنێعدا لەبارەی من و تۆوە بە موسای پیاوی خودای فەرموو. |
پەرۋەردىگارنىڭ ئادىمى مۇسا مېنى قادەش-بارنېئادىن زېمىننى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتكەندە، مەن قىرىق ياشتا ئىدىم؛ چىن [ئېتىقادلىق] كۆڭلۈم بىلەن ئۇنىڭغا خەۋەر يەتكۈزگەنىدىم. | 7 |
لەو کاتەدا کە موسای بەندەی یەزدان منی لە قادێش بەرنێعەوە نارد بۆ ئەوەی سیخوڕیەتی خاکەکە بکەم، تەمەنم چل ساڵ بوو، منیش گەڕامەوە و ئەو هەواڵەی لە دڵمدا بوو پێم ڕاگەیاند. |
ئەمما مەن بىلەن چىققان قېرىنداشلىرىم خەلقنىڭ كۆڭلىنى سۇ قىلىۋەتكەنىدى. لېكىن مەن بولسام پۈتۈن قەلبىم بىلەن پەرۋەردىگار خۇدايىمغا ئەگەشتىم. | 8 |
هەرچەندە براکانم ئەوانەی لەگەڵ من بوون گەلیان ترساند، بەڵام من بە هەموو دڵمەوە بەدوای یەزدانی پەروەردگارم کەوتم. |
ئۇ كۈنى مۇسا قەسەم قىلىپ: ــ «سەن پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئەگەشكىنىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ پۇتۇڭ دەسسىگەن زېمىن جەزمەن ئەبەدگىچە سېنىڭ بىلەن نەسلىڭنىڭ مىراسى بولىدۇ» ــ دېگەنىدى. | 9 |
جا موسا لەو ڕۆژە سوێندی خوارد:”ئەو خاکەی تۆ پێت نایە سەری هەتاهەتایە دەبێتە میراتی خۆت و کوڕەکانت، چونکە بە هەموو دڵتەوە بەدوای یەزدانی پەروەردگارم کەوتیت.“ |
ــ مانا ئىسرائىل چۆلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەندە، پەرۋەردىگار مۇساغا شۇ سۆزلەرنى دېگەن كۈنىدىن كېيىنكى قىرىق بەش يىل ئىچىدە ئۆزى ئېيتقىنىدەك مېنى تىرىك ساقلىدى. مانا مەن بۈگۈن سەكسەن بەش ياشقا كىردىم. | 10 |
«ئێستا تەماشا بکە، یەزدان هەروەک فەرمووی، ئەم چل و پێنج ساڵە منی بە زیندوویی هێشتووەتەوە، لەو کاتەوە کە یەزدان بەم قسانە لەگەڵ موسادا دوا، کاتێک ئیسرائیل بە چۆڵەوانیدا ڕۆیشت. ئێستاش ئەوەتا تەمەنم هەشتا و پێنج ساڵە! |
مەن مۇشۇ كۈندىمۇ مۇسا مېنى چارلاشقا ئەۋەتكەن كۈندىكىدەك كۈچلۈكمەن، مەيلى جەڭ قىلىش بولسۇن ياكى بىر يەرگە بېرىپ-كېلىش بولسۇن، مېنىڭ يەنىلا بالدۇرقىدەك كۈچ-دەرمانىم باردۇر. | 11 |
هێشتا هەتا ئەمڕۆش هێزم لەبەردا ماوە، هەروەک ئەو ڕۆژەی کە موسا منی نارد، ئەو کاتە هێزم چۆن بوو، ئێستاش هەمان هێزی هاتوچۆکردنی جەنگم هەیە. |
ئەمدى پەرۋەردىگار شۇ كۈنىدە ۋەدە قىلغان بۇ تاغلىق يۇرتنى ماڭا مىراس قىلىپ بەرگىن؛ چۈنكى ئۇ كۈنى سەنمۇ ئۇ يەردە ئاناكىيلار تۇرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا چوڭ ھەم مۇستەھكەم شەھەرلەر بارلىقىنى ئاڭلىدىڭغۇ. لېكىن پەرۋەردىگار مەن بىلەن بىللە بولسىلا، پەرۋەردىگار ئېيتقىنىدەك مەن ئۇلارنى قوغلىۋېتىمەن». | 12 |
ئێستاش ئەم ناوچە شاخاوییانەم بدەرێ کە یەزدان لەو ڕۆژەدا بەڵێنی پێدام، چونکە تۆ لەو ڕۆژەدا بیستت کە عەناقییەکان لەوێن و شارەکانیان گەورە و قەڵابەند بوون. بەڵکو یەزدان یارمەتیم بدات، جا دەریاندەکەم، هەروەک یەزدان فەرمووی.» |
بۇنى ئاڭلاپ يەشۇئا يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبكە بەخت-بەرىكەت تىلەپ، ھېبروننى ئۇنىڭغا مىراس قىلىپ بەردى. | 13 |
یەشوعیش داوای بەرەکەتی بۆ کالێبی کوڕی یەفونە کرد و حەبرۆنی بە میرات پێدا. |
شۇڭا ھېبرون تاكى بۈگۈنگىچە كەنىززىي يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبنىڭ مىراسى بولۇپ تۇرماقتا؛ چۈنكى ئۇ پۈتۈن قەلبى بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئەگەشكەن | 14 |
لەبەر ئەوە حەبرۆن بووە میراتی کالێبی کوڕی یەفونەی قەنیزی هەتا ئەمڕۆش، چونکە بە هەموو دڵییەوە بەدوای یەزدانی پەروەردگاری ئیسرائیل کەوت. |
(ئىلگىرى ھېبرون بولسا كىرىئات-ئاربا دەپ ئاتىلاتتى. ئاربا دېگەن ئادەم ئاناكىيلار ئارىسىدا ئەڭ داڭقى چىققان ئادەم ئىدى). شۇنداق قىلىپ زېمىن جەڭدىن ئارام تاپتى. | 15 |
حەبرۆنیش پێشتر ناوی قیریەت ئەربەع بوو، ئەربەعیش گەورەترین پیاو بوو لەناو عەناقییەکان. ئینجا خاکەکە لە جەنگ پشووی دا. |