< يەشۇئا 13 >

ئەمما يەشۇئا ياشىنىپ، يېشى خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغانىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن ئەمدى قېرىپ قالدىڭ، يېشىڭمۇ چوڭىيىپ قالدى، لېكىن يەنە ئىگىلىنىشى كېرەك بولغان نۇرغۇن زېمىن بار. 1
さてヨシュアは年が進んで老いたが、主は彼に言われた、「あなたは年が進んで老いたが、取るべき地は、なお多く残っている。
بۇ زېمىنلار بولسا مۇنۇلار: ــ فىلىستىيلەرنىڭ ۋە گەشۇرىيلارنىڭ بارلىق يۇرتلىرى، 2
その残っている地は、次のとおりである。ペリシテびとの全地域、ゲシュルびとの全土、
يەنى مىسىرنىڭ شەرق تەرىپىدىكى شىھور دەرياسىدىن تارتىپ، شىمال تەرىپىدىكى ئەكرون شەھىرىنىڭ چېگرالىرىغىچە سوزۇلغان يەرلەر (شۇ يۇرت قانائانىيلارنىڭ زېمىنى ھېسابلىناتتى)، جۈملىدىن گازا، ئاشدود، ئاشكېلون، گات ۋە ئەكروندىكى بەش فىلىستىي ئەمىر باشقۇرىدىغان يۇرتلار بىلەن ئاۋۋىيلارنىڭ جەنۇب تەرەپتىكى يۇرتلىرى؛ زىدونىيلارغا تەۋە بولغان مەئاراھدىن تارتىپ ئافەك بىلەن ئامورىيلارنىڭ چېگراسىغىچە بولغان قانائانىيلارنىڭ بارلىق زېمىنى؛ 3
エジプトの東のシホルから北にのびて、カナンびとに属するといわれるエクロンの境までの地、ペリシテびとの五人の君たちの地、すなわち、ガザ、アシドド、アシケロン、ガテ、およびエクロン。
4
南のアビびとの地、カナンびとの全地、シドンびとに属するメアラからアモリびとの境にあるアペクまでの部分。
گەبالىيلارنىڭ زېمىنى ۋە بارلىق لىۋان زېمىنى، يەنى كۈن چىقىش تەرەپتىكى ھەرمون تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بائال-گادتىن تارتىپ، خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىغىچە بولغان زېمىنلار؛ 5
またヘルモン山のふもとのバアルガデからハマテの入口に至るゲバルびとの地、およびレバノンの東の全土。
لىۋاندىن تارتىپ مىسرەپوت-مايىمغىچە سوزۇلغان تاغلىقتا بارلىق ئولتۇرۇۋاتقانلارنىڭ، يەنى زىدونىيلارنىڭ زېمىنى قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. بۇ زېمىندىكى خەلقنىڭ ھەممىسىنى مەن ئىسرائىل ئالدىدىن قوغلىۋېتىمەن. شۇڭا سەن چوقۇم مېنىڭ ساڭا بۇيرۇغىنىم بويىچە بۇنى چەك تاشلاپ ئىسرائىللىقلارغا مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىپ بېرىشىڭ كېرەك. 6
レバノンからミスレポテ・マイムまでの山地のすべての民、すなわちシドンびとの全土。わたしはみずから彼らをイスラエルの人々の前から追い払うであろう。わたしが命じたように、あなたはその地をイスラエルに分け与えて、嗣業とさせなければならない。
سەن ئەمدى بۇ زېمىنلارنى توققۇز قەبىلە بىلەن ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە مىراس قىلىپ بۆلگىن». 7
すなわち、その地を九つの部族と、マナセの半部族とに分け与えて、嗣業とさせなければならない」。
رۇبەنلەر بىلەن گادلار بولسا، [ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسى] بىلەن بىرلىكتە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتى، يەنى شەرق تەرىپىدە مۇسانىڭ ئۇلارغا بەرگەن مىراسىغا ئىگە بولدى؛ بۇنى پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى بولغان مۇسا ئۇلارغا مىراس قىلىپ بەرگەنىدى: ــ 8
マナセの他の半部族と共に、ルベンびとと、ガドびととは、ヨルダンの向こう側、東の方で、その嗣業をモーセから受けた。主のしもべモーセが、彼らに与えたのは、
ئۇلارنىڭ زېمىنلىرى ئارنون جىلغىسىنىڭ بويىدىكى ئاروئەردىن تارتىپ، جۈملىدىن جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شەھەر ۋە دىبونغىچە سوزۇلغان مەدەبا تۈزلەڭلىكى، 9
アルノンの谷のほとりにあるアロエル、および谷の中にある町から、デボンとメデバの間にある高原のすべての地。
ھەشبوندا سەلتەنەت قىلغان، ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ ئاممونىيلارنىڭ چېگرىسىغىچە بولغان ھەممە شەھەرلىرى؛ 10
ヘシボンで世を治めた、アモリびとの王シホンのすべての町々を含めて、アンモンの人々の境までの地。
گىلېئاد بىلەن گەشۇرىيلار ۋە مائاكاتىيلارنىڭ چەت يۇرتلىرى، ھەرمون تېغىنىڭ ھەممىسى ۋە سالكاھغىچە سوزۇلغان بارلىق باشان زېمىنى؛ 11
ギレアデと、ゲシュルびと、ならびにマアカびとの領地、ヘルモン山の全土、サルカまでのバシャン全体。
[گىگانتلار بولغان] رەفايىيلارنىڭ قالدۇق نەسلىدىن بولغان ئاشتاروت بىلەن ئەدرەيدە سەلتەنەت قىلغان ئوگنىڭ باشاندىكى پۈتكۈل پادىشاھلىق زېمىنىدىن ئىبارەت ئىدى؛ مۇشۇ زېمىندىكىلەرنى مۇسا مەغلۇپ قىلىپ، زېمىنلىرىغا ئىگە بولدى. 12
アシタロテとエデレイで世を治めたバシャンの王オグの全国。オグはレパイムの生き残りであった。モーセはこれらを撃って、追い払った。
لېكىن ئىسرائىللار گەشۇرىيلار بىلەن مائاكاتىيلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلىۋەتمىدى؛ شۇڭا گەشۇرىيلار بىلەن مائاكاتىيلار بۈگۈنگىچە ئىسرائىل ئارىسىدا تۇرماقتا. 13
ただし、イスラエルの人々は、ゲシュルびとと、マアカびとを追い払わなかった。ゲシュルびとと、マアカびとは、今日までイスラエルのうちに住んでいる。
لېكىن [مۇسا] لاۋىي قەبىلىسىگە ھېچ مىراس زېمىننى بەرمىگەن؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئېيتقىنىدەك، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلغان قۇربانلىقلار ئۇلارنىڭ مىراسىدۇر. 14
ただレビの部族には、ヨシュアはなんの嗣業をも与えなかった。イスラエルの神、主の火祭が彼らの嗣業であるからである。主がヨシュアに言われたとおりである。
مۇسا رۇبەنلەر قەبىلىسىگە، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە يۇرتلارنى مىراس قىلىپ بەردى. 15
モーセはルベンびとの部族に、その家族にしたがって嗣業を与えたが、
ئۇلارنىڭ زېمىنى بولسا ئارنون جىلغىسىنىڭ يېنىدىكى ئاروئەردىن تارتىپ، جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شەھەر ۋە مەدەبانىڭ يېنىدىكى پۈتكۈل تۈزلەڭلىك، 16
その領域はアルノンの谷のほとりにあるアロエル、および谷の中にある町からメデバのほとりのすべての高原、
ھەشبون ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق تۈزلەڭلىكتىكى ھەممە شەھەرلەر، دىبون، باموت-بائال، بەيت-بائال-مېئون، 17
ヘシボンおよびその高原のすべての町々、デボン、バモテ・バアル、ベテ・バアル・メオン、
ياھاز، كەدەموت، مەفائات، 18
ヤハヅ、ケデモテ、メパアテ、
كىرىئاتايىم، سىبماھ، ۋە «جىلغا تېغى»دىكى زەرەت-شاھار، 19
キリアタイム、シブマ、谷の中の山にあるゼレテ・シャハル、
بەيت-پېئور، پىسگاھ تېغىدىكى داۋانلار، بەيت-يەشىموت، 20
ベテペオル、ピスガの山腹、ベテエシモテ、
تۈزلەڭلىكتىكى بارلىق شەھەرلەر ۋە ھەشبوندا سەلتەنەت قىلغان، ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى بولغان سىھوننىڭ پۈتكۈل سەلتەنىتىنىڭ زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بۇ پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن شۇ يۇرتتا ئولتۇرۇشلۇق، [سىھونغا] بېقىنغان سەردارلار ئەۋى، رەكەم، زۇر، خۇر ۋە رەبا قاتارلىق مىدىيان ئەمىرلىرى بولسا مۇسا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنىدى. 21
すなわち高原のすべての町々と、ヘシボンで世を治めたアモリびとの王シホンの全国に及んだ。モーセはシホンを、ミデアンのつかさたちエビ、レケム、ツル、ホルおよびレバと共に撃ち殺した。これらはみなシホンの諸侯であって、その地に住んでいた者である。
شۇ ۋاقىتتا ئىسرائىللار ئۆلتۈرگەنلەر ئىچىدە بېئورنىڭ ئوغلى پالچى بالائاممۇ بار ئىدى؛ ئۇنىمۇ ئۇلار قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەنىدى. 22
イスラエルの人々はまたベオルの子、占い師バラムをもつるぎにかけて、そのほかに殺した者どもと共に殺した。
رۇبەنلەرنىڭ زېمىنىنىڭ چېگراسى ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۆزى ئىدى. رۇبەنلەرنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بۆلۈنگەن مىراسى مانا بۇ شەھەرلەر بىلەن كەنت-قىشلاقلىرى ئىدى. 23
ルベンびとの領域はヨルダンを境とした。これはルベンびとが、その家族にしたがって獲た嗣業であって、その町々と村々とを含む。
مۇسا يەنە گاد قەبىلىسىگە، يەنى گادلارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا مىراس بۆلۇپ بەرگەنىدى. 24
モーセはまたガドの部族、ガドの子孫にも、その家族にしたがって、嗣業を与えたが、
ئۇلارنىڭ زېمىنلىرى بولسا يائازەر بىلەن گىلېئادنىڭ بارلىق شەھەرلىرى، ئاممونىيلارنىڭ زېمىنىنىڭ يېرىمى تاكى رابباھ ئالدىدىكى ئاروئەرگىچە، 25
その領域はヤゼル、ギレアデのすべての町々、アンモンびとの地の半ばで、ラバの東のアロエルまでの地。
ھەشبوندىن تارتىپ رامات-مىزپەھ ۋە بەتونىمغىچە، ماھانايىمدىن تارتىپ دەبىرنىڭ چېگرىسىغىچە، 26
ヘシボンからラマテ・ミゾパまでの地、およびベトニム、マハナイムからデビルの境までの地。
جىلغىغا جايلاشقان بەيت-ھارام، بەيت-نىمراھ، سۇككوت ۋە زافونلار، ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قېتىدىكى قالغان قىسمى، دەريانى ياقىلاپ كىننەرەت دېڭىزىنىڭ ئۇ بېشىغىچە ئىدى. 27
谷の中ではベテハラム、ベテニムラ、スコテ、およびザポンなど、ヘシボンの王シホンの国の残りの部分。ヨルダンを境として、ヨルダンの東側、キンネレテの湖の南の端までの地。
گادلارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بۆلۈنگەن مىراسى مانا بۇ شەھەرلەر بىلەن كەنت-قىشلاقلىرى ئىدى. 28
これはガドびとが、その家族にしたがって獲た嗣業であって、その町々と村々とを含む。
مۇسا ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگىمۇ مىراس بەرگەنىدى؛ ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە بۇ مىراس بۆلۇپ بېرىلگەنىدى: ــ 29
モーセはまたマナセの半部族にも、嗣業を与えたが、それはマナセの半部族が、その家族にしたがって与えられたものである。
زېمىنلىرى ماھانايىمدىن تارتىپ، پۈتكۈل باشان زېمىنى، باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنىڭ پۈتكۈل سەلتەنىتىنىڭ زېمىنى ۋە يائىرنىڭ بارلىق يېزا-كەنتلىرى (بۇ يېزا-كەنتلەر باشاننىڭ ئۆزىگە جايلاشقان بولۇپ، جەمئىي ئاتمىش ئىدى)، 30
その領域はマハナイムからバシャンの全土に及び、バシャンの王オグの全国、バシャンにあるヤイルのすべての町々、すなわちその六十の町。
گىلېئادنىڭ يېرىمى بىلەن باشان پادىشاھى ئوگنىڭ سەلتەنىتىدىكى ئاشتاروت ۋە ئەدرەي شەھەرلىرى ماناسسەھنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئەۋلادىغا تەۋە قىلىنغان بولۇپ، ماكىرلارنىڭ يېرىم قىسمىغا جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە مىراس قىلىپ بۆلۇپ بېرىلگەنىدى. 31
またギレアデの半ば、バシャンのオグの国の町であるアシタロテとエデレイ。これらはマナセの子マキルの子孫に与えられた。すなわちマキルの子孫の半ばが、その家族にしたがって、それを獲た。
مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق قېتىدا، يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا، موئابنىڭ تۈزلەڭلىكلىرىدە بولغان ۋاقتىدا بۆلۈپ بەرگەن مىراسلار مانا بۇ زېمىنلار ئىدى. 32
これらはヨルダンの向こう側、エリコの東のモアブの平野で、モーセが分け与えた嗣業である。
لېكىن مۇسا لاۋىي قەبىلىسىگە ھېچ مىراس زېمىننى تەقدىم قىلمىدى؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئېيتقىنىدەك، ئۇ ئۆزى ئۇلارنىڭ مىراسىدۇر. 33
ただし、レビの部族には、モーセはなんの嗣業をも与えなかった。イスラエルの神、主がその嗣業だからである。主がモーセに言われたとおりである。

< يەشۇئا 13 >