< يەشۇئا 13 >
ئەمما يەشۇئا ياشىنىپ، يېشى خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغانىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن ئەمدى قېرىپ قالدىڭ، يېشىڭمۇ چوڭىيىپ قالدى، لېكىن يەنە ئىگىلىنىشى كېرەك بولغان نۇرغۇن زېمىن بار. | 1 |
約書亞年紀老邁,耶和華對他說:「你年紀老邁了,還有許多未得之地,
بۇ زېمىنلار بولسا مۇنۇلار: ــ فىلىستىيلەرنىڭ ۋە گەشۇرىيلارنىڭ بارلىق يۇرتلىرى، | 2 |
就是非利士人的全境和基述人的全地。
يەنى مىسىرنىڭ شەرق تەرىپىدىكى شىھور دەرياسىدىن تارتىپ، شىمال تەرىپىدىكى ئەكرون شەھىرىنىڭ چېگرالىرىغىچە سوزۇلغان يەرلەر (شۇ يۇرت قانائانىيلارنىڭ زېمىنى ھېسابلىناتتى)، جۈملىدىن گازا، ئاشدود، ئاشكېلون، گات ۋە ئەكروندىكى بەش فىلىستىي ئەمىر باشقۇرىدىغان يۇرتلار بىلەن ئاۋۋىيلارنىڭ جەنۇب تەرەپتىكى يۇرتلىرى؛ زىدونىيلارغا تەۋە بولغان مەئاراھدىن تارتىپ ئافەك بىلەن ئامورىيلارنىڭ چېگراسىغىچە بولغان قانائانىيلارنىڭ بارلىق زېمىنى؛ | 3 |
從埃及前的西曷河往北,直到以革倫的境界,就算屬迦南人之地。有非利士人五個首領所管的迦薩人、亞實突人、亞實基倫人、迦特人、以革倫人之地,並有南方亞衛人之地。
又有迦南人的全地,並屬西頓人的米亞拉到亞弗,直到亞摩利人的境界。
گەبالىيلارنىڭ زېمىنى ۋە بارلىق لىۋان زېمىنى، يەنى كۈن چىقىش تەرەپتىكى ھەرمون تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بائال-گادتىن تارتىپ، خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىغىچە بولغان زېمىنلار؛ | 5 |
還有迦巴勒人之地,並向日出的全黎巴嫩,就是從黑門山根的巴力‧迦得,直到哈馬口。
لىۋاندىن تارتىپ مىسرەپوت-مايىمغىچە سوزۇلغان تاغلىقتا بارلىق ئولتۇرۇۋاتقانلارنىڭ، يەنى زىدونىيلارنىڭ زېمىنى قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. بۇ زېمىندىكى خەلقنىڭ ھەممىسىنى مەن ئىسرائىل ئالدىدىن قوغلىۋېتىمەن. شۇڭا سەن چوقۇم مېنىڭ ساڭا بۇيرۇغىنىم بويىچە بۇنى چەك تاشلاپ ئىسرائىللىقلارغا مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىپ بېرىشىڭ كېرەك. | 6 |
山地的一切居民,從黎巴嫩直到米斯利弗‧瑪音,就是所有的西頓人,我必在以色列人面前趕出他們去。你只管照我所吩咐的,將這地拈鬮分給以色列人為業。
سەن ئەمدى بۇ زېمىنلارنى توققۇز قەبىلە بىلەن ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە مىراس قىلىپ بۆلگىن». | 7 |
現在你要把這地分給九個支派和瑪拿西半個支派為業。」
رۇبەنلەر بىلەن گادلار بولسا، [ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسى] بىلەن بىرلىكتە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتى، يەنى شەرق تەرىپىدە مۇسانىڭ ئۇلارغا بەرگەن مىراسىغا ئىگە بولدى؛ بۇنى پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى بولغان مۇسا ئۇلارغا مىراس قىلىپ بەرگەنىدى: ــ | 8 |
瑪拿西那半支派和呂便、迦得二支派已經受了產業,就是耶和華的僕人摩西在約旦河東所賜給他們的:
ئۇلارنىڭ زېمىنلىرى ئارنون جىلغىسىنىڭ بويىدىكى ئاروئەردىن تارتىپ، جۈملىدىن جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شەھەر ۋە دىبونغىچە سوزۇلغان مەدەبا تۈزلەڭلىكى، | 9 |
是從亞嫩谷邊的亞羅珥和谷中的城,並米底巴的全平原,直到底本,
ھەشبوندا سەلتەنەت قىلغان، ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ ئاممونىيلارنىڭ چېگرىسىغىچە بولغان ھەممە شەھەرلىرى؛ | 10 |
和在希實本作王亞摩利王西宏的諸城,直到亞捫人的境界;
گىلېئاد بىلەن گەشۇرىيلار ۋە مائاكاتىيلارنىڭ چەت يۇرتلىرى، ھەرمون تېغىنىڭ ھەممىسى ۋە سالكاھغىچە سوزۇلغان بارلىق باشان زېمىنى؛ | 11 |
又有基列地、基述人、瑪迦人的地界,並黑門全山、巴珊全地,直到撒迦;
[گىگانتلار بولغان] رەفايىيلارنىڭ قالدۇق نەسلىدىن بولغان ئاشتاروت بىلەن ئەدرەيدە سەلتەنەت قىلغان ئوگنىڭ باشاندىكى پۈتكۈل پادىشاھلىق زېمىنىدىن ئىبارەت ئىدى؛ مۇشۇ زېمىندىكىلەرنى مۇسا مەغلۇپ قىلىپ، زېمىنلىرىغا ئىگە بولدى. | 12 |
又有巴珊王噩的全國-他在亞斯他錄和以得來作王(利乏音人所存留的只剩下他)。這些地的人都是摩西所擊殺、所趕逐的。
لېكىن ئىسرائىللار گەشۇرىيلار بىلەن مائاكاتىيلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلىۋەتمىدى؛ شۇڭا گەشۇرىيلار بىلەن مائاكاتىيلار بۈگۈنگىچە ئىسرائىل ئارىسىدا تۇرماقتا. | 13 |
以色列人卻沒有趕逐基述人、瑪迦人;這些人仍住在以色列中,直到今日。
لېكىن [مۇسا] لاۋىي قەبىلىسىگە ھېچ مىراس زېمىننى بەرمىگەن؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئېيتقىنىدەك، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلغان قۇربانلىقلار ئۇلارنىڭ مىراسىدۇر. | 14 |
只是利未支派,摩西 沒有把產業分給他們。他們的產業乃是獻與耶和華-以色列上帝的火祭,正如耶和華所應許他們的。
مۇسا رۇبەنلەر قەبىلىسىگە، جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە يۇرتلارنى مىراس قىلىپ بەردى. | 15 |
摩西按着呂便支派的宗族分給他們產業。
ئۇلارنىڭ زېمىنى بولسا ئارنون جىلغىسىنىڭ يېنىدىكى ئاروئەردىن تارتىپ، جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شەھەر ۋە مەدەبانىڭ يېنىدىكى پۈتكۈل تۈزلەڭلىك، | 16 |
他們的境界是亞嫩谷邊的亞羅珥和谷中的城,靠近米底巴的全平原;
ھەشبون ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق تۈزلەڭلىكتىكى ھەممە شەھەرلەر، دىبون، باموت-بائال، بەيت-بائال-مېئون، | 17 |
希實本並屬希實本平原的各城,底本、巴末‧巴力、伯‧巴力‧勉、
ياھاز، كەدەموت، مەفائات، | 18 |
雅雜、基底莫、米法押、
كىرىئاتايىم، سىبماھ، ۋە «جىلغا تېغى»دىكى زەرەت-شاھار، | 19 |
基列亭、西比瑪、谷中山的細列‧哈沙轄、
بەيت-پېئور، پىسگاھ تېغىدىكى داۋانلار، بەيت-يەشىموت، | 20 |
伯‧毗珥、毗斯迦山坡、伯‧耶西末;
تۈزلەڭلىكتىكى بارلىق شەھەرلەر ۋە ھەشبوندا سەلتەنەت قىلغان، ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى بولغان سىھوننىڭ پۈتكۈل سەلتەنىتىنىڭ زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بۇ پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن شۇ يۇرتتا ئولتۇرۇشلۇق، [سىھونغا] بېقىنغان سەردارلار ئەۋى، رەكەم، زۇر، خۇر ۋە رەبا قاتارلىق مىدىيان ئەمىرلىرى بولسا مۇسا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنىدى. | 21 |
平原的各城,並亞摩利王西宏的全國。這西宏曾在希實本作王,摩西把他和米甸的族長以未、利金、蘇珥、戶珥、利巴擊殺了;這都是住那地屬西宏為首領的。
شۇ ۋاقىتتا ئىسرائىللار ئۆلتۈرگەنلەر ئىچىدە بېئورنىڭ ئوغلى پالچى بالائاممۇ بار ئىدى؛ ئۇنىمۇ ئۇلار قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەنىدى. | 22 |
那時以色列人在所殺的人中,也用刀殺了比珥的兒子術士巴蘭。
رۇبەنلەرنىڭ زېمىنىنىڭ چېگراسى ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۆزى ئىدى. رۇبەنلەرنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بۆلۈنگەن مىراسى مانا بۇ شەھەرلەر بىلەن كەنت-قىشلاقلىرى ئىدى. | 23 |
呂便人的境界就是約旦河與靠近約旦河的地。以上是呂便人按着宗族所得為業的諸城,並屬城的村莊。
مۇسا يەنە گاد قەبىلىسىگە، يەنى گادلارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا مىراس بۆلۇپ بەرگەنىدى. | 24 |
摩西按着迦得支派的宗族分給他們產業。
ئۇلارنىڭ زېمىنلىرى بولسا يائازەر بىلەن گىلېئادنىڭ بارلىق شەھەرلىرى، ئاممونىيلارنىڭ زېمىنىنىڭ يېرىمى تاكى رابباھ ئالدىدىكى ئاروئەرگىچە، | 25 |
他們的境界是雅謝和基列的各城,並亞捫人的一半地,直到拉巴前的亞羅珥;
ھەشبوندىن تارتىپ رامات-مىزپەھ ۋە بەتونىمغىچە، ماھانايىمدىن تارتىپ دەبىرنىڭ چېگرىسىغىچە، | 26 |
從希實本到拉抹‧米斯巴和比多寧,又從瑪哈念到底璧的境界,
جىلغىغا جايلاشقان بەيت-ھارام، بەيت-نىمراھ، سۇككوت ۋە زافونلار، ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قېتىدىكى قالغان قىسمى، دەريانى ياقىلاپ كىننەرەت دېڭىزىنىڭ ئۇ بېشىغىچە ئىدى. | 27 |
並谷中的伯‧亞蘭、伯‧寧拉、疏割、撒分,就是希實本王西宏國中的餘地,以及約旦河與靠近約旦河的地,直到基尼烈海的極邊,都在約旦河東。
گادلارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بۆلۈنگەن مىراسى مانا بۇ شەھەرلەر بىلەن كەنت-قىشلاقلىرى ئىدى. | 28 |
以上是迦得人按着宗族所得為業的諸城,並屬城的村莊。
مۇسا ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگىمۇ مىراس بەرگەنىدى؛ ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە بۇ مىراس بۆلۇپ بېرىلگەنىدى: ــ | 29 |
摩西把產業分給瑪拿西半支派,是按着瑪拿西半支派的宗族所分的。
زېمىنلىرى ماھانايىمدىن تارتىپ، پۈتكۈل باشان زېمىنى، باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنىڭ پۈتكۈل سەلتەنىتىنىڭ زېمىنى ۋە يائىرنىڭ بارلىق يېزا-كەنتلىرى (بۇ يېزا-كەنتلەر باشاننىڭ ئۆزىگە جايلاشقان بولۇپ، جەمئىي ئاتمىش ئىدى)، | 30 |
他們的境界是從瑪哈念起,包括巴珊全地,就是巴珊王噩的全國,並在巴珊、睚珥的一切城邑,共六十個。
گىلېئادنىڭ يېرىمى بىلەن باشان پادىشاھى ئوگنىڭ سەلتەنىتىدىكى ئاشتاروت ۋە ئەدرەي شەھەرلىرى ماناسسەھنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئەۋلادىغا تەۋە قىلىنغان بولۇپ، ماكىرلارنىڭ يېرىم قىسمىغا جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە مىراس قىلىپ بۆلۇپ بېرىلگەنىدى. | 31 |
基列的一半,並亞斯他錄、以得來,就是屬巴珊王噩國的二城,是按着宗族給瑪拿西的兒子瑪吉的一半子孫。
مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق قېتىدا، يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا، موئابنىڭ تۈزلەڭلىكلىرىدە بولغان ۋاقتىدا بۆلۈپ بەرگەن مىراسلار مانا بۇ زېمىنلار ئىدى. | 32 |
以上是摩西在約旦河東對着耶利哥的摩押平原所分給他們的產業。
لېكىن مۇسا لاۋىي قەبىلىسىگە ھېچ مىراس زېمىننى تەقدىم قىلمىدى؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئېيتقىنىدەك، ئۇ ئۆزى ئۇلارنىڭ مىراسىدۇر. | 33 |
只是利未支派,摩西沒有把產業分給他們。耶和華-以色列的上帝是他們的產業,正如耶和華所應許他們的。