< يەشۇئا 12 >
ئىسرائىل ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە، يەنى كۈن چىقىش تەرىپىدە [ئىككى] پادىشاھنى ئۆلتۈردى. ئۇلار ئۇلارنىڭ زېمىنىنى، يەنى ئارنون دەرياسىدىن تارتىپ ھەرمون تاغلىقىغا تۇتاشقان زېمىن بىلەن شەرق تەرەپتىكى بارلىق ئاراباھ تۈزلەڭلىكىنى ئىگىلىدى. شۇ [ئىككى] پادىشاھلار بولسا: ــ | 1 |
Hi sunt reges, quos percusserunt filii Israël, et possederunt terram eorum trans Jordanem ad solis ortum, a torrente Arnon usque ad montem Hermon, et omnem orientalem plagam, quæ respicit solitudinem.
[بىرسى] ھەشبوندا تۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھون؛ ئۇ ئاروئەر (ئاروئەر ئارنون دەرياسىنىڭ بويىدا) ۋە ئارنون جىلغىسىدىكى شەھەردىن تارتىپ، گىلېئادنىڭ يېرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياببوك دەرياسىغىچە (بۇ ئاممونىيلارنىڭ چېگرىسى ئىدى) بولغان يەرلەردە سەلتەنەت قىلاتتى؛ | 2 |
Sehon rex Amorrhæorum, qui habitavit in Hesebon, dominatus est ab Aroër, quæ sita est super ripam torrentis Arnon, et mediæ partis in valle, dimidiæque Galaad, usque ad torrentem Jaboc, qui est terminus filiorum Ammon.
ئۇ سەلتەنەت قىلغان زېمىن يەنە شەرق تەرەپتىكى كىننەروت دېڭىزىدىن تارتىپ ئاراباھ دېڭىزىغىچە، يەنى شور دېڭىزىغىچە سوزۇلغان ئاراباھ تۈزلەڭلىكىنى، شۇنداقلا شەرق تەرەپتىكى بەيت-يەشىموتقا بارىدىغان يولنى ۋە جەنۇب تەرىپىدە پىسگاھ تېغىنىڭ داۋانلىرىنىڭ چېتىگىچە سوزۇلغان زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. | 3 |
Et a solitudine usque ad mare Ceneroth contra orientem, et usque ad mare deserti, quod est mare salsissimum, ad orientalem plagam per viam quæ ducit Bethsimoth: et ab australi parte, quæ subjacet Asedoth, Phasga.
ئۇنىڭدىن باشقا ئىسرائىل باشان پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنىنى ئالدى؛ ئۇ رەفايىيلار [دېيىلىدىغان گىگانتلارنىڭ] قالدۇقىدىن بىرى ئىدى (ئۇلار ئاشتاروت ۋە ئەدرەيدە تۇراتتى). | 4 |
Terminus Og regis Basan, de reliquiis Raphaim, qui habitavit in Astaroth, et in Edrai, et dominatus est in monte Hermon, et in Salecha, atque in universa Basan, usque ad terminos
ئۇ ھەرمون تېغىدىكى يۇرتلارغا، سالكاھ ۋە پۈتكۈل باشان زېمىنىغا، يەنى گەشۇرىيلار بىلەن مائاكاتىيلارنىڭ چېگرىسىغىچە، شۇنىڭدەك گىلېئادنىڭ يېرىمىغا، تاكى ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ چېگرىسىغىچە سەلتەنەت قىلاتتى. | 5 |
Gessuri, et Machati, et dimidiæ partis Galaad: terminos Sehon regis Hesebon.
پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى بولغان مۇسا بىلەن ئىسرائىللار بۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ قىلغانىدى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا شۇ زېمىننى رۇبەنلەرگە، گادلارغا ۋە ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە مىراس قىلىپ بەرگەنىدى. | 6 |
Moyses famulus Domini et filii Israël percusserunt eos, tradiditque terram eorum Moyses in possessionem Rubenitis, et Gaditis, et dimidiæ tribui Manasse.
تۆۋەندىكىلەر يەشۇئا بىلەن ئىسرائىللار ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەرب تەرىپىدە ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ قىلغان پادىشاھلاردۇر؛ ئۇلارنىڭ زېمىنلىرى لىۋان جىلغىسىدىكى بائال-گادتىن تارتىپ، سېئىرنىڭ داۋانلىرىنىڭ يېنىدىكى ھالاك تېغىغىچە بولغان زېمىنلاردىن ئىبارەت ئىدى. يەشۇئا بۇ زېمىنلارنى ئىسرائىلنىڭ قوشۇن-قەبىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا مىراس قىلىپ بەردى، | 7 |
Hi sunt reges terræ, quos percussit Josue et filii Israël trans Jordanem ad occidentalem plagam, a Baalgad in campo Libani, usque ad montem cujus pars ascendit in Seir: tradiditque eam Josue in possessionem tribubus Israël, singulis partes suas,
جۈملىدىن تاغلىق يۇرتنى، شەفەلاھ ئويمانلىقىنى، ئاراباھ تۈزلەڭلىكىنى، ئېگىزلىكتىكى داۋانلارنى، چۆللۈكنى ۋە جەنۇبتىكى نەگەۋ زېمىنىنى، ھىتتىيلار، ئامورىيلار، قانائانىيلار، پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلارنىڭ زېمىنلىرىنى بۆلۈپ بەردى: ــ | 8 |
tam in montanis quam in planis atque campestribus. In Asedoth, et in solitudine, ac in meridie, Hethæus fuit et Amorrhæus, Chananæus, et Pherezæus, Hevæus et Jebusæus.
ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ بىرى يېرىخونىڭ پادىشاھى، بىرى بەيت-ئەلنىڭ يېنىدىكى ئايىنىڭ پادىشاھى، | 9 |
Rex Jericho unus: rex Hai, quæ est ex latere Bethel, unus:
بىرى يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى، بىرى ھېبروننىڭ پادىشاھى، | 10 |
rex Jerusalem unus, rex Hebron unus,
بىرى يارمۇتنىڭ پادىشاھى، بىرى لاقىشنىڭ پادىشاھى، | 11 |
rex Jerimoth unus, rex Lachis unus,
بىرى ئەگلوننىڭ پادىشاھى، بىرى گەزەرنىڭ پادىشاھى، | 12 |
rex Eglon unus, rex Gazer unus,
بىرى دەبىرنىڭ پادىشاھى، بىرى گەدەرنىڭ پادىشاھى، | 13 |
rex Dabir unus, rex Gader unus,
بىرى خورماھنىڭ پادىشاھى، بىرى ئارادنىڭ پادىشاھى، | 14 |
rex Herma unus, rex Hered unus,
بىرى لىبناھنىڭ پادىشاھى، بىرى ئادۇللامنىڭ پادىشاھى، | 15 |
rex Lebna unus, rex Odullam unus,
بىرى ماككەداھنىڭ پادىشاھى، بىرى بەيت-ئەلنىڭ پادىشاھى، | 16 |
rex Maceda unus, rex Bethel unus,
بىرى تاپپۇئاھنىڭ پادىشاھى، بىرى ھەفەرنىڭ پادىشاھى، | 17 |
rex Taphua unus, rex Opher unus,
بىرى ئافەكنىڭ پادىشاھى، بىرى لاشاروننىڭ پادىشاھى، | 18 |
rex Aphec unus, rex Saron unus,
بىرى مادوننىڭ پادىشاھى، بىرى ھازورنىڭ پادىشاھى، | 19 |
rex Madon unus, rex Asor unus,
بىرى شىمرون-مەروننىڭ پادىشاھى، بىرى ئاقسافنىڭ پادىشاھى، | 20 |
rex Semeron unus, rex Achsaph unus,
بىرى تائاناقنىڭ پادىشاھى، بىرى مەگىددونىڭ پادىشاھى، | 21 |
rex Thenac unus, rex Mageddo unus,
بىرى كەدەشنىڭ پادىشاھى، بىرى كارمەلنىڭ يېنىدىكى يوكنېئامنىڭ پادىشاھى، | 22 |
rex Cades unus, rex Jachanan Carmeli unus,
بىرى دور ئېگىزلىكىدىكى دورنىڭ پادىشاھى، بىرى گويىمنىڭ پادىشاھى، | 23 |
rex Dor et provinciæ Dor unus, rex gentium Galgal unus,
بىرى تىرزاھنىڭ پادىشاھى بولۇپ، جەمئىي ئوتتۇز بىر پادىشاھ ئىدى. | 24 |
rex Thersa unus: omnes reges triginta unus.