< يەشۇئا 11 >
ئەمما ھازورنىڭ پادىشاھى يابىن بۇلارنى ئاڭلاپ مادوننىڭ پادىشاھى يوباب بىلەن شىمروننىڭ پادىشاھى ۋە ئاقسافنىڭ پادىشاھىغا ئادەم ئەۋەتتى، | 1 |
哈祚爾王雅一聽見這事,便派人去見瑪冬王,史默龍王,阿革沙夫王,
شۇنداقلا شىمالدىكى تاغلىق رايوندىكى پادىشاھلارغا، كىننەروتنىڭ جەنۇبىدىكى تۈزلەڭلىك، ئويمانلىق ۋە غەربتىكى دور ئېگىزلىكىدىكى ھەممە پادىشاھلارغا ئەلچى ئەۋەتتى؛ | 2 |
和住在北方山區,基乃勒特南方平原低地,和西方的多爾高原諸王;
ئۇ يەنە شەرق بىلەن غەرب تەرەپتىكى قانائانىيلار، ئامورىيلار، ھىتتىيلار، پەرىززىيلەر بىلەن تاغلىق رايوندىكى يەبۇسىيلار ۋە ھەرمون تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى مىزپاھ يۇرتىدا تۇرۇۋاتقان ھىۋىيلارنى چاقىردى. | 3 |
又去見東西各地的客納罕人、阿摩黎人、希威人、培黎齊人,以及住在山區的耶步斯人,和赫爾孟山麓米茲帕地方的赫特人。
ئۇلار، يەنى پادىشاھلىرى ۋە بارلىق قوشۇنلىرى چىقتى؛ ئۇلارنىڭ سانى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ ئىدى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرى بار ئىدى. | 4 |
他們都帶領自己所有的軍隊和車輛。
بۇ ھەممە پادىشاھلار بىر بولۇپ يىغىلىپ، ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن مەروم سۇلىرىنىڭ بويىدا چېدىرلارنى تىكتى. | 5 |
這些王子都合一起來,來到默龍水邊紮營,要同以色列人交戰。
لېكىن پەرۋەردىگار يەشۇئاغا: ــ سەن ئۇلاردىن ھېچ قورقمىغىن؛ چۈنكى مەن ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا ھالاكەتكە تاپشۇرىمەن. سەن ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ پەيلىرىنى كېسىپ، ھارۋىلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىسەن، ــ دېدى. | 6 |
上主對若蘇厄說:「在這些人面前,你不要害怕,因為明天這時,我必要使他們全在以色列人面前被殺;你要砍斷他們的馬蹄筋,火燒他們的車輛。」
بۇنى ئاڭلاپ يەشۇئا بىلەن ئۇنىڭ ھەممە جەڭچىلىرى مەروم سۇلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇيۇقسىز چۈشۈپ ھۇجۇم قىلدى. | 7 |
若蘇厄遂率領自己的軍民突至默龍水旁,向他們進攻。
پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ ئۇلارنى ئۇرۇپ چوڭ زىدون ۋە مىسرەفوت-مايىمغىچە، شۇنداقلا شەرق تەرەپتىكى مىزپاھ ۋادىسىغىچە سۈرۈپ بېرىپ، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى قويماي قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. | 8 |
上主將他們交在以色列人手中,以色列人擊殺他們,往西直追到大漆冬和米斯勒佛特瑪殷,往東直追到米茲帕山谷,將他們殺得沒有剩下一個。
يەشۇئا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە بۇيرۇغىنىدەك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ پەيلىرىنى كېسىپ، ھارۋىلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى. | 9 |
若蘇厄便照上主指示他的,對待了他們,砍斷了他們的馬碲筋,火燒了他們的車輛。
شۇ چاغدا يەشۇئا قايتىپ بېرىپ، ھازورنى ئىشغال قىلىپ، ئۇنىڭ پادىشاھىنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. ھازور بولسا شۇ دەۋرلەردە ئاشۇ بارلىق ئەللەرنىڭ بېشى ئىدى. | 10 |
若蘇厄班師回來時,奪取了哈祚爾,用刀斬了哈祚爾王。──原來哈祚爾以前是這些王國的都城。
[ئىسرائىللار] شەھەر ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق ھەممىسىنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈپ، ھېچ نەپەس ئىگىسىنى قويماي ھەممىسىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقاتتى؛ ھازورنى يەشۇئا ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى، | 11 |
又將城內的一切生靈,用刀殺死,完全予以毀滅,沒有留下一個生靈,以後放火燒了哈祚爾城。
شۇ پادىشاھلارنىڭ بارلىق پايتەخت شەھەرلىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى مەغلۇپ قىلدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى بولغان مۇسا بۇيرۇغىنىدەك، ئۇ ئۇلارنى قىلىچلاپ ئۈزۈل-كېسىل يوقاتتى. | 12 |
若蘇厄奪取了那些王子的一切城邑,生摛那些王子,用刀將他們殺死,將城池完全予以毀滅,全照上主的僕人梅瑟所吩咐的。
لېكىن ئېگىزلىككە سېلىنغان شەھەرلەرنى بولسا، ئىسرائىل كۆيدۈرمىدى؛ يەشۇئا ئۇلاردىن پەقەت ھازورنىلا كۆيدۈرۈۋەتتى. | 13 |
至於那些處於土丘上的城市,除哈祚爾外,以色列人都沒有焚毀:若蘇厄只燒了哈祚爾。
ئىسرائىللار بۇ شەھەرلەردىكى غەنىيمەتلەرنى ۋە چارپايلارنى ئۆزلىرىگە ئولجا قىلىپ ئالدى، لېكىن ئىچىدىكى ھەممە ئادەملەرنى قىلىچلاپ يوقاتتى؛ ئۇلار بىرمۇ نەپەس ئىگىسىنى تىرىك قويمىدى. | 14 |
那些城中所有的財物和牲畜,以色列人都搶了來,歸為己有:所有的人都用刀殺死,完全予以毀滅,沒有留下一個生靈。
پەرۋەردىگار ئۆز قۇلى بولغان مۇساغا نېمە بۇيرۇغان بولسا، مۇسامۇ يەشۇئاغا شۇنى بۇيرۇغانىدى ۋە يەشۇئامۇ شۇنداق قىلدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدىن ھېچنېمىنى قالدۇرماي ھەممىنى شۇ بويىچە ئادا قىلدى. | 15 |
上主怎樣吩咐衪的僕人梅瑟,梅瑟也怎樣吩咐了若蘇厄,若蘇厄也就怎樣辦了。凡上主吩咐梅瑟的事,若蘇厄沒有不照辦的。
شۇ تەرىقىدە يەشۇئا شۇ زېمىننىڭ ھەممىسىنى، يەنى تاغلىق رايوندىكى زېمىنلارنى، بارلىق جەنۇبىي نەگەۋ زېمىنىنى، بارلىق گوشەن زېمىنىنى، ئويمانلىقتىكى زېمىنلارنى، تۈزلەڭلىكتىكى زېمىنلارنى ۋە ئىسرائىلنىڭ تاغلىق رايونلىرىنى ۋە شەفەلاھ ئويمانلىقىنى، | 16 |
這樣,若蘇厄佔領了那整個地區:包括山地,整個南方,哥笙全境,平原,阿辣巴原野,以色列山地和附近平原,
سېئىر داۋىنىغىچە سوزۇلغان ھالاك تېغىدىن تاكى ھەرمون تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى لىۋان جىلغىسىغا جايلاشقان بائال-گادقىچە بولغان زېمىننى ئىگىلىدى؛ ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممە پادىشاھلىرىنى تۇتۇپ ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدى. | 17 |
由上色依爾去的哈拉克山起,一直到赫爾孟山麓,黎巴嫩山谷間的巴爾加得:各城的王子都被生摛,都被殺死。
شۇ تەرىقىدە يەشۇئا بۇ ھەممە پادىشاھلار بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت جەڭ قىلدى. | 18 |
若蘇厄同這些王子交戰,時日頗為長久,
گىبېئوندا ئولتۇراقلاشقان ھىۋىيلاردىن باشقا، ھېچبىر شەھەر ئىسرائىل بىلەن سۇلھ تۈزمىدى. ئىسرائىل ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جەڭ ئارقىلىقلا ئالدى. | 19 |
因為除住在基貝紅的希威人外,沒有一座城願與以色列子民媾和,都是以色列人用武力攻取的。
چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆڭلىنىڭ قاتتىق قىلىنىشى، ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلىش نىيىتىدە بولۇشى پەرۋەردىگاردىن ئىدى؛ بۇنىڭ مەقسىتى، ئۇلارنىڭ ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىلىشى؛ يەنى، ئۇلارغا ھېچ رەھىم قىلىنماي، ئەكسىچە پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك ئۇلارنىڭ يوقىتىلىشى ئۈچۈن ئىدى. | 20 |
原來這是上主的意思,叫他們心硬,來與以色列人交戰,好使他們遭受無情的毀滅,澈底的破壞,正如上主對梅瑟所吩咐的
ئۇ ۋاقىتتا يەشۇئا كېلىپ ئاناكىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى تاغلىق رايوندىن، ھېبروندىن، دەبىردىن، ئانابدىن، يەھۇدانىڭ ھەممە تاغلىق رايونى بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە تاغلىق رايونىدىن يوقاتتى؛ يەشۇئا ئۇلارنى شەھەرلىرى بىلەن قوشۇپ ئۈزۈل-كېسىل يوقاتتى. | 21 |
以後若蘇厄出兵,消滅了赫貝龍、德彼爾、阿納布山地、猶大山地和以色列山地所有的阿納克人,毀滅了他們和他們所有的城市。
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىدا ئاناكىيلاردىن ھېچبىرىمۇ قالدۇرۇلمىدى؛ پەقەت گازا، گات ۋە ئاشدودتا بىرنەچچىسىلا قالدى. | 22 |
這樣以色列子民境內,沒有剩下一個阿納克人,只在迦薩、加特和阿布多得還有。
شۇ تەرىقىدە يەشۇئا پەرۋەردىگار مۇساغا ۋەدە قىلغاندەك پۈتكۈل زېمىننى ئالدى؛ يەشۇئا ئۇنى ئىسرائىلغا ئۇلارنىڭ قوشۇن-قەبىلىسى بويىچە مىراس قىلىپ تەقسىم قىلدى. ئاندىن زېمىن جەڭدىن ئارام تاپتى. | 23 |
若蘇厄佔領了那整個地區,全如上主對梅瑟所說的;若蘇厄遂將這地區按照以色列支派分給他們作產業。以後國內昇平,再無戰事。