< يەشۇئا 10 >
شۇنداق بولدىكى، يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى ئادونى-زەدەك يەشۇئانىڭ ئايى شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئۇنى مۇتلەق يوقاتقانلىقىنى، يېرىخو بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھىغا قىلغىنىدەك، ئايى بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھىغىمۇ شۇنداق قىلغىنىنى، گىبېئوندا ئولتۇرغۇچىلارنىڭ ئىسرائىل بىلەن سۈلھ تۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، | 1 |
Als aber Adoni-Zedek, der König zu Jerusalem, hörte, daß Josua Ai erobert und an ihm den Bann vollstreckt hatte, und Ai samt seinem König also getan, wie er Jericho und seinem König getan hatte, und daß die Einwohner von Gibeon mit Israel Frieden gemacht hatten und sich unter ihnen aufhielten, fürchteten sie sich sehr,
ئۇ ۋە خەلقى قاتتىق قورقتى؛ چۈنكى گىبېئون بولسا ئايىدىن چوڭ شەھەر بولۇپ، پايتەخت شەھەرلىرىدەك ئىدى؛ ئۇنىڭ ھەممە ئادەملىرى تولىمۇ باتۇر پالۋانلار ئىدى. | 2 |
weil Gibeon eine große Stadt war, wie eine der königlichen Städte, und weil sie größer war als Ai, und alle ihre Bürger streitbar.
شۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى ئادونى-زەدەك ھېبروننىڭ پادىشاھى ھوھام، يارمۇتنىڭ پادىشاھى پىرئام، لاقىشنىڭ پادىشاھى يافىيا ۋە ئەگلوننىڭ پادىشاھى دەبىرگە خەۋەر ئەۋەتىپ: ــ | 3 |
Darum sandte Adoni-Zedek, der König zu Jerusalem, [Boten] zu Hoham, dem König zu Hebron, und zu Piream, dem König von Jarmut, und zu Japhia, dem König von Lachis, und zu Debir, dem König zu Eglon, und ließ ihnen sagen:
مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ گىبېئونلارغا ھۇجۇم قىلىشىمىز ئۈچۈن ماڭا مەدەت بېرىڭلار؛ چۈنكى ئۇلار بولسا يەشۇئا ۋە ئىسرائىللار بىلەن سۈلھ تۈزۈۋالدى، ــ دېدى. | 4 |
Kommet herauf zu mir und helfet mir, daß wir Gibeon schlagen; denn es hat mit Josua und den Kindern Israel Frieden gemacht!
شۇنداق قىلىپ ئامورىيلارنىڭ بەش پادىشاھى، يەنى يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى، ھېبروننىڭ پادىشاھى، يارمۇتنىڭ پادىشاھى، لاقىشنىڭ پادىشاھى ۋە ئەگلوننىڭ پادىشاھى ــ ئۇلار ئۆزلىرى بارلىق قوشۇنلىرى بىلەن بىللە چىقىپ، گىبېئوننىڭ ئۇدۇلىدا بارگاھ تىكىپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى. | 5 |
Da kamen zusammen und zogen hinauf die fünf Könige der Amoriter, der König zu Jerusalem, der König zu Hebron, der König zu Jarmut, der König zu Lachis und der König zu Eglon mit ihrem ganzen Heerlager, und sie belagerten Gibeon und stritten wider es.
بۇنىڭ بىلەن گىبېئونلىقلار گىلگالدىكى چېدىرگاھقا، يەشۇئانىڭ قېشىغا ئادەم ئەۋەتىپ: ــ سەن ئۆز قۇللىرىڭنى تاشلىۋەتمەي، دەرھال قېشىمىزغا كېلىپ مەدەت بېرىپ، بىزنى قۇتقۇزغىن؛ چۈنكى تاغلىق رايوندا ئولتۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى بىرلىشىپ بىزگە ھۇجۇم قىلدى، ــ دېدى. | 6 |
Aber die Männer zu Gibeon sandten [Boten] zu Josua ins Lager gen Gilgal und ließen ihm sagen: Ziehe deine Hand nicht ab von deinen Knechten; komm eilends zu uns herauf und errette uns und hilf uns; denn alle Könige der Amoriter, die auf dem Gebirge wohnen, haben sich wider uns versammelt!
بۇنى ئاڭلاپ يەشۇئا بارلىق جەڭچىلەرنى، جۈملىدىن ھەممە باتۇر پالۋانلارنى ئېلىپ گىلگالدىن يولغا چىقتى. | 7 |
Und Josua zog hinauf von Gilgal, er und alles Kriegsvolk mit ihm und alle streitbaren Männer.
پەرۋەردىگار يەشۇئاغا: ــ ئۇلاردىن قورقمىغىن؛ چۈنكى مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ئالدىڭدا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، ــ دېدى. | 8 |
Und der HERR sprach zu Josua: Fürchte dich nicht vor ihnen, denn ich habe sie in deine Hand gegeben! Niemand unter ihnen wird vor dir bestehen können.
يەشۇئا گىلگالدىن چىقىپ پۈتۈن كېچە مېڭىپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇيۇقسىز چۈشتى. | 9 |
Also kam Josua plötzlich über sie; denn er zog die ganze Nacht hindurch von Gilgal herauf.
پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا تىرىپىرەن قىلدى، يەشۇئا ئۇلارنى گىبېئوندا قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ قىرىپ، بەيت-ھورونغا چىقىدىغان داۋان يولىدا قوغلاپ، ئازىكاھ بىلەن ماككەداھقىچە سۈرۈپ-توقاي قىلدى. | 10 |
Und der HERR erschreckte sie vor Israel und schlug sie in einer großen Schlacht bei Gibeon: und sie jagten ihnen nach auf dem Wege nach den Anhöhen von Beth-Horon und sie schlugen sie bis gen Aseka und bis gen Makeda.
ئۇلار ئىسرائىلدىن قېچىپ، بەيت-ھوروننىڭ داۋانىدىن چۈشۈۋاتقاندا، پەرۋەردىگار تاكى ئۇلار ئازىكاھقا يەتكۈچە ئاسماندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چوڭ-چوڭ مۆلدۈر-تاشلارنى ياغدۇردى. ئۇلار ئۆلدى؛ مۇشۇ مۆلدۈرلەر بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئىسرائىللار قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەنلەردىن كۆپ ئىدى. | 11 |
Und als sie vor Israel flohen und am Abhange von Beth-Horon waren, ließ der HERR große Steine vom Himmel auf sie fallen bis gen Aseka, daß sie starben; und von den Hagelsteinen starben ihrer viel mehr als derer, welche die Kinder Israel mit dem Schwert umbrachten.
ئاندىن يەشۇئا پەرۋەردىگارغا سۆز قىلدى، ــ يەنى پەرۋەردىگار ئامورىيلارنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا تاپشۇرغان كۈنىدە ئۇ ئىسرائىلنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: ــ «ئەي قۇياش، گىبېئون ئۈستىدە توختاپ تۇر! ئەي ئاي، ئايجالون جىلغىسى ئۈستىدە توختاپ تۇر!» | 12 |
Da redete Josua mit dem HERRN an dem Tage, als der HERR die Amoriter vor den Kindern Israel dahingab, und sprach in Gegenwart Israels: Sonne, stehe still zu Gibeon, und du, Mond, im Tale Ajalon!
شۇنى دېۋىدى، خەلق دۈشمەنلەردىن ئىنتىقام ئېلىپ بولغۇچىلىك قۇياش ماڭماي توختاپ تۇردى، ئايمۇ توختاپ تۇردى. بۇ ۋەقە ياشارنىڭ كىتابىدا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ قۇياش تەخمىنەن پۈتۈن بىر كۈن ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ ئولتۇرۇشقا ئالدىرىمىدى. | 13 |
Da stand die Sonne still, und der Mond stand still, bis sich das Volk an seinen Feinden gerächt hatte. Ist dies nicht geschrieben im Buche der Frommen? Also stand die Sonne still mitten am Himmel und eilte nicht unterzugehen, beinahe einen ganzen Tag.
پەرۋەردىگار بىر ئىنساننىڭ نىداسىغا قۇلاق سالغان شۇنداق بىر كۈن ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان ۋە كېيىنمۇ بولۇپ باقمىدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىل ئۈچۈن جەڭ قىلدى. | 14 |
Und kein Tag war diesem gleich, weder zuvor noch hernach, da der HERR der Stimme eines Mannes gehorchte; denn der HERR stritt für Israel.
ئاندىن يەشۇئا بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل گىلگالدىكى چېدىرگاھقا يېنىپ كەلدى. | 15 |
Und Josua zog wieder ins Lager gen Gilgal, und ganz Israel mit ihm.
ئەمما ئۇ بەش پادىشاھ بولسا قېچىپ ماككەداھتىكى غارغا يوشۇرۇنىۋالدى. | 16 |
Aber jene fünf Könige waren geflohen und hatten sich versteckt in der Höhle zu Makeda.
شۇنىڭ بىلەن بىرسى يەشۇئاغا مەلۇم قىلىپ: ــ ئۇ بەش پادىشاھ تېپىلدى؛ ئۇلار ماككەداھتىكى غارغا يوشۇرۇنىۋاپتۇ، دېدى. | 17 |
Da ward dem Josua gesagt: Die fünf Könige sind gefunden worden, verborgen in der Höhle Makeda!
يەشۇئا: ــ ئۇنداق بولسا غارنىڭ ئاغزىغا چوڭ-چوڭ تاشلارنى يۇمىلىتىپ قويۇڭلار، ئاندىن ئۇنىڭ ئالدىدا ئادەملەرنى كۆزەتكە قويۇڭلار. | 18 |
Josua sprach: So wälzet große Steine vor den Eingang der Höhle und stellet Männer davor, sie zu bewachen.
لېكىن سىلەر توختاپ قالماي دۈشمەنلىرىڭلارنى قوغلاپ كەينىدە قالغانلارنى قىرىڭلار؛ ئۇلارنى ئۆز شەھەرلىرىگە كىرگۈزمەڭلار، چۇنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بەردى، ــ دېدى. | 19 |
Ihr aber stehet nicht stille, sondern jaget euren Feinden nach und schlaget ihre Nachhut und lasset sie nicht in ihre Städte kommen; denn der HERR, euer Gott, hat sie in eure Hand gegeben!
ئاندىن شۇنداق بولدىكى، يەشۇئا بىلەن ئىسرائىللار بۇلارنى قىرىپ قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ يوقاتتى؛ لېكىن قېچىپ قۇتۇلغان بىر قالدۇق مۇستەھكەم شەھەرلىرىگە كىرىۋالدى. | 20 |
Als nun Josua und die Kinder Israel sie gänzlich geschlagen hatten in einer sehr großen Schlacht, bis sie aufgerieben waren, und das, was von ihnen übrig blieb, in die festen Städte entkommen war:
ئاندىن بارلىق خەلق ماككەداھتىكى چېدىرگاھقا، يەشۇئانىڭ قېشىغا تىنچ-سالامەت يېنىپ كەلدى. ھېچكىم ئىسرائىللارغا قارشى ئېغىز ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. | 21 |
da zog alles Volk mit Frieden wieder in das Lager zu Josua gen Makeda; niemand streckte mehr seine Zunge aus gegen jemand von den Kindern Israel.
يەشۇئا: ــ غارنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، ئۇ بەش پادىشاھنى غاردىن چىقىرىپ مېنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، ــ دېدى. | 22 |
Josua aber sprach: Öffnet den Eingang der Höhle und führet diese fünf Könige aus der Höhle heraus zu mir!
ئۇلار شۇنداق قىلىپ بەش پادىشاھنى، يەنى يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى، ھېبروننىڭ پادىشاھى، يارمۇتنىڭ پادىشاھى، لاقىشنىڭ پادىشاھى ۋە ئەگلوننىڭ پادىشاھىنى غاردىن چىقىرىپ ئۇنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى. | 23 |
Sie taten also und brachten diese fünf Könige aus der Höhle heraus zu ihm: den König von Jerusalem, den König von Hebron, den König von Jarmut, den König von Lachis und den König von Eglon.
ئۇ پادىشاھلار يەشۇئانىڭ قېشىغا كەلتۈرۈلگەندە، يەشۇئا ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرىنى چاقىرىپ، ئۆزى بىلەن جەڭگە چىققان لەشكەر سەردارلىرىغا: ــ كېلىپ پۇتلىرىڭلارنى بۇ پادىشاھلارنىڭ گەدىنىگە قويۇڭلار، ــ دېدى. شۇنداق دېۋىدى، ئۇلار كېلىپ پۇتلىرىنى ئۇلارنىڭ گەدەنلىرىگە قويدى. | 24 |
Als sie aber diese Könige zu Josua herausgeführt hatten, rief Josua allen Männern Israels und sprach zu den Obersten des Kriegsvolkes, die mit ihm gezogen waren: Kommt herzu und setzet euren Fuß auf den Nacken dieser Könige! Und sie kamen herzu und setzten ihnen den Fuß auf den Nacken.
ئاندىن يەشۇئا ئۇلارغا: ــ قورقماڭلار ۋە ھېچ ھودۇقماڭلار، قەيسەر ۋە غەيرەتلىك بولۇڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەر ھۇجۇم قىلغان بارلىق دۈشمەنلىرىڭلارغا شۇنداق ئىشنى قىلىدۇ، ــ دېدى. | 25 |
Da sprach Josua zu ihnen: Fürchtet euch nicht und lasset euch nicht grauen; seid stark; denn also wird der HERR allen euren Feinden tun, wider die ihr streitet!
ئاندىن يەشۇئا پادىشاھلارنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈپ، جەسەتلىرىنى بەش دەرەخكە ئېسىپ قويدى؛ ئۇلار دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدە كەچكىچە ئېسىقلىق تۇردى. | 26 |
Darnach schlug sie Josua und tötete sie und hängte sie an fünf Bäume. Und sie hingen an den Bäumen bis zum Abend.
كۈن پاتقاندا يەشۇئانىڭ بۇيرۇقى بىلەن كىشىلەر ئۆلۈكلەرنى دەرەخلەردىن چۈشۈرۈپ، ئۇلار ئىلگىرى يوشۇرۇنغان غارغا تاشلاپ، غارنىڭ ئاغزىغا چوڭ-چوڭ تاشلارنى قويۇپ قويدى. بۇ تاشلار تاكى بۈكۈنگە قەدەر شۇ يەردە تۇرماقتا. | 27 |
Als aber die Sonne unterging, gebot Josua, daß man sie von den Bäumen nehme und sie in die Höhle werfe, darin sie sich verkrochen hatten; und sie legten große Steine vor den Eingang der Höhle; die sind noch daselbst bis auf den heutigen Tag.
ئۇ كۈنى يەشۇئا ماككەداھنى ئىشغال قىلىپ، ئۇنىڭ پادىشاھى بىلەن شەھىرىدىكى ھەممە خەلقنىڭ بىرىنىمۇ قويماي قىلىچلاپ مۇتلەق يوقاتتى؛ ئۇ يېرىخونىڭ پادىشاھىغا قىلغىنىدەك ماككەداھنىڭ پادىشاھىغىمۇ شۇنداق قىلدى. | 28 |
An demselben Tage gewann Josua auch Makeda und schlug es mit der Schärfe des Schwertes samt seinem König und vollstreckte an ihnen und an allen Seelen, die darin waren, den Bann, und ließ niemand übrigbleiben und tat dem König zu Makeda, wie er dem König zu Jericho getan hatte.
ئاندىن يەشۇئا بىلەن بارلىق ئىسرائىللار ماككەداھتىن چىقىپ، لىبناھقا بېرىپ لىبناھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. | 29 |
Da zog Josua und ganz Israel mit ihm von Makeda gen Libna und stritt wider Libna.
پەرۋەردىگار ئۇنىمۇ پادىشاھى بىلەن قوشۇپ ئىسرائىلنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى؛ يەشۇئا ئۇنى قىلىچ بىلەن ئۇرۇپ، شەھىرىدىكى ھەممە خەلقنىڭ بىرىنىمۇ قويماي قىلىچلاپ ئۆلتۈردى؛ ئۇ يېرىخونىڭ پادىشاھىغا قىلغىنىدەك ئۇنىڭ پادىشاھىغىمۇ شۇنداق قىلدى. | 30 |
Und der HERR gab es samt seinem König auch in die Hand Israels; und er schlug es mit der Schärfe des Schwertes, und alle Seelen, die darin waren, und ließ niemand darin übrigbleiben und tat seinem König, wie er dem König zu Jericho getan hatte.
ئاندىن يەشۇئا بىلەن بارلىق ئىسرائىل لىبناھدىن چىقىپ، لاقىشقا بېرىپ، ئۇنى قامال قىلىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى. | 31 |
Darnach zog Josua und ganz Israel mit ihm von Libna gen Lachis und belagerte und bekämpfte es.
پەرۋەردىگار لاقىشنى ئىسرائىلنىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ ئۇلار ئىككىنچى كۈنىلا ئۇنى قىلىچ بىلەن ئېلىپ، دەل لىبناھقا قىلغىنىدەك، شەھىرىدىكى خەلقنىڭ بىرىنىمۇ قويماي قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. | 32 |
Und der HERR gab auch Lachis in die Hand Israels, so daß sie es am zweiten Tage einnahmen und mit der Schärfe des Schwertes schlugen, samt allen Leuten, die darin waren; ganz wie er Libna getan hatte.
ئۇ ۋاقىتتا گەزەرنىڭ پادىشاھى ھورام لاقىش شەھىرىگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن چىقىپ كەلدى؛ لېكىن يەشۇئا ئۇنى بارلىق ئادەملىرى بىلەن قوشۇپ ئۇرۇپ، ئۇلاردىن ھېچكىمنى تىرىك قويماي ئۆلتۈردى. | 33 |
Zu derselben Zeit zog Horam, der König zu Geser, hinauf, um Lachis zu helfen. Aber Josua schlug ihn samt all seinem Volk, bis ihm nicht einer übrigblieb.
ئاندىن يەشۇئا بىلەن بارلىق ئىسرائىل لاقىشتىن چىقىپ، ئەگلونغا بېرىپ ئۇنى قامال قىلىپ، ئۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلدى. | 34 |
Und Josua zog mit ganz Israel von Lachis gen Eglon und belagerte es und bekämpfte
ئۇلار شۇ كۈنى شەھەرنى ئېلىپ، ئۇنىڭدىكى ئادەملەرنى قىلىچلىدى؛ شۇ كۈنى يەشۇئا شەھەردىكى بارلىق كىشىلەرنى تەلتۆكۈس يوقاتتى؛ ئۇ دەل لاقىشقا قىلغىنىدەك، ئۇلارغىمۇ شۇنداق قىلدى. | 35 |
und eroberte es an demselben Tag, und schlug es mit der Schärfe des Schwertes und vollstreckte den Bann an allen Seelen, die darin waren, an demselben Tag; ganz wie er Lachis getan hatte.
ئاندىن يەشۇئا بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممىسى ئەگلوندىن چىقىپ ھېبرونغا بېرىپ، ئۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلدى. | 36 |
Darnach zog Josua mit ganz Israel von Eglon gen Hebron hinauf und bekämpfte es
ئۇلار ئۇنى ئېلىپ، دەل ئەگلوندا قىلغاندەك ئۇنىڭ پادىشاھىنى قىلىچلاپ، ئۇنىڭغا قاراشلىق ھەممە يېزا-كەنتلىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق ھەممە ئادەمنىڭ ھېچبىرىنى قويماي قىلىچلاپ يوقاتتى. يەشۇئا شەھەرنى ۋە ئىچىدىكى بارلىق ئادەملەرنى مۇتلەق يوقاتتى. | 37 |
und nahm es ein und schlug es mit der Schärfe des Schwertes, samt seinem König und allen seinen Städten und allen Seelen, die darin waren, und ließ nicht einen übrigbleiben (genau so, wie er Eglon getan hatte) und er vollstreckte an ihnen und an allen Seelen, die darin waren, den Bann.
ئاندىن يەشۇئا بىلەن بارلىق ئىسرائىللار دەبىرگە بېرىپ، ئۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلدى. | 38 |
Da kehrte Josua wieder um, mit ganz Israel, gen Debir und bekämpfte es;
ئۇ شەھەرنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ھەممە يېزا-كەنتلىرىنى قىلىچ بىلەن ئۇرۇپ، پادىشاھىنى تۇتۇپ، بۇلاردىكى بارلىق ئادەملەرنىڭ ھېچبىرىنى قويماي تەلتۆكۈس يوقاتتى. يەشۇئا ھېبرونغا قىلغىنىدەك، لىبناھقا ۋە ئۇنىڭ پادىشاھىغا قىلغىنىدەك، دەبىر بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھىغىمۇ شۇنداق قىلدى. | 39 |
und er gewann es samt seinem König und allen seinen Städten und schlug es mit der Schärfe des Schwertes und vollstreckte den Bann an allen Seelen, die darin waren; wie er Hebron und Libna samt ihrem König getan hatte, also tat er Debir und seinem König.
بۇ تەرىقىدە يەشۇئا شۇ پۈتۈن يۇرتنى، يەنى تاغلىق رايوننى، جەنۇبىي نەگەۋ يۇرتىنى، شەفەلاھ ئويمانلىقىنى، داۋاندىكى يۇرتلارنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ، ھەممە يۇرتنى ئىشغال قىلىپ بارلىق پادىشاھلىرى بىلەن مەغلۇپ قىلدى. ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار بۇيرۇغىنىدەك، ئۇ ھېچكىمنى قويماي، بەلكى نەپەسى بارلارنىڭ ھەممىسىنى مۇتلەق يوقاتتى. | 40 |
Also schlug Josua das ganze Land auf dem Gebirge und gegen den Süden und in den Tälern und an den Abhängen, samt allen ihren Königen, und ließ nicht einen übrigbleiben und vollstreckte den Bann an allem, was Odem hatte, wie der HERR, der Gott Israels, geboten hatte.
يەشۇئا قادەش-بارنېئادىن تارتىپ گازاغىچە بولغان يۇرتلارنى، شۇنىڭدەك گوشەننىڭ پۈتكۈل يۇرتىنى تاكى گىبېئونغىچىمۇ ھۇجۇم بىلەن ئالدى. | 41 |
Und Josua schlug sie von Kadesch-Barnea an bis Gaza, und das ganze Land Gosen bis Gibeon.
بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا يەشۇئا بۇ پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىدى. چۈنكى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئىسرائىل تەرەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلدى. | 42 |
Und Josua nahm alle diese Könige samt ihrem Lande auf einmal; denn der HERR, der Gott Israels, stritt für Israel.
ئاندىن يەشۇئا بىلەن بارلىق ئىسرائىل گىلگالدىكى چېدىرگاھقا يېنىپ كەلدى. | 43 |
Und Josua kehrte mit ganz Israel wieder in das Lager zurück gen Gilgal.