< يۇنۇس 4 >
ئەمما بۇ ئىش يۇنۇسنى ئىنتايىن نارازى قىلىپ، ئۇنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى. | 1 |
約納因此很不高興,遂發起怒來。
ئۇ پەرۋەردىگارغا: — «ئاھ، پەرۋەردىگار، ئۆز يۇرتۇمدىكى چاغدا سېنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭنى دېمىگەنمىدىم؟ شۇڭا مەن ئەسلىدە تارشىشقا قاچماقچى بولغانمەن؛ چۈنكى مەن بىلىمەنكى، سەن مېھىر-شەپقەتلىك، رەھىمدىل، ئاسان غەزەپلەنمەيدىغان، چوڭقۇر مېھرىبانلىققا تولغان، كىشىلەرنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشۈرۈشتىن يانغۇچى خۇدادۇرسەن. | 2 |
他懇求天主說:「上主,當我還在故鄉時,我豈不是已想到這事﹖所以我預先要逃往塔爾史士去,因為我知道你是慈悲的,寬仁的天主;是緩於發怒,富於慈愛,憐憫而不願降災禍的天主。
ئەمدى پەرۋەردىگار، جېنىمنى مەندىن ئېلىپ كەت، ئۆلۈم مەن ئۈچۈن ياشاشتىن ئەۋزەل» — دېدى. | 3 |
上主,現在,求你從我身上收去我的性命,因為,我死了比活著還好! 」
پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن: — بۇنداق ئاچچىقلانغىنىڭ توغرىمۇ؟ — دەپ سورىدى. | 4 |
上主說:「你的憤怒合理嗎﹖」
ئاندىن كېيىن يۇنۇس شەھەردىن چىقىپ، شەھەرنىڭ شەرقىي تەرىپىگە بېرىپ ئولتۇردى. ئۇ شۇ يەردە ئۆزىگە بىر چەللە ياساپ، شەھەردە زادى نېمە ئىشلار بولاركىن دەپ ئۇنىڭ سايىسىدە ئولتۇردى. | 5 |
約納出了城,坐在城東,在那裏為自己搭了一個棚坐在棚蔭下,要看看那城究竟要發生什麼事。
پەرۋەردىگار خۇدا يۇنۇسنى ئۆز پاراكەندىچىلىكىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ بېشىغا سايە چۈشسۇن دەپ ئۇنىڭغا بىر كىچىك دەرەخنى ئۆستۈرۈپ تەييارلىدى. يۇنۇس كىچىك دەرەختىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدى. | 6 |
上主天主安排了一株篦麻,使長得高過約納,為他的頭遮蔭,消除自己尸煩惱。約納很喜愛這株篦麻。
بىراق ئىككىنچى كۈنى تاڭ ئاتقاندا خۇدا بىر قۇرتنى تەييارلاپ ئەۋەتتى. قۇرت بۇ كىچىك دەرەخنى پىلىكىگە زەربە قىلىپ ئۇنى قۇرۇتۇۋەتتى. | 7 |
但第二天曙升起時,天主安排了一個蟲咬死了篦麻,篦麻便枯萎了
كۈن قىزارغاندا، خۇدا ئىنتايىن ئىسسىق بىر شەرق شامىلىنى تەييارلىدى؛ كۈن تەپتىنى يۇنۇسنىڭ بېشىغا چۈشۈردى، ئۇنى ھالىدىن كەتكۈزدى. ئۇ ئۆزىگە ئۆلۈم تىلەپ: — ئۆلۈم مەن ئۈچۈن ياشاشتىن ئەۋزەل، — دېدى. | 8 |
當太陽升起時,天主又安排了灸熱的東風,太陽射在約納頭上,使他無法忍受,遂要求死去,說:「我死了比活著還好! 」
بىراق خۇدا ئۇنىڭدىن: — سېنىڭ ئاشۇ كىچىك دەرەخ سەۋەبىدىن شۇنداق ئاچچىقلىنىشىڭ توغرىمۇ؟ — دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: — ھەئە، ھەتتا ئۆلگۈدەك ئاچچىقىم كەلگىنى توغرىدۇر، — دېدى. | 9 |
天主血約納說:「你為這株篦麻發怒合理嗎﹖」他回答說:「我發怒以致於死,是合理的! 」
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: — «سەن ھېچ ئەجرىڭنى سىڭدۈرمىگەن ھەم ئۆزۈڭ ئۆستۈرمىگەن بۇ كىچىك دەرەخكە ئىچىڭنى ئاغرىتتىڭ؛ بىراق ئۇ بىر كېچىدىلا ئۆزى ئۆسۈپ، بىر كېچىدىلا قۇرۇپ كەتتى؛ | 10 |
上主說:「你為這株篦麻,並沒有勞過力,也沒有使它生長,還憐惜它:它不過是一夜生,出一夜死去的植物;
ئەمدى مېنىڭ ئوڭ قولى بىلەن سول قولىنى پەرق ئېتەلمەيدىغان يۈز يىگىرمە مىڭ ئادەم ئولتۇراقلاشقان، شۇنداقلا نۇرغۇن مال-ۋارانلىرىمۇ بولغان نىنەۋەدەك بۇنداق بۈيۈك شەھەردىكىلەرگە ئىچىمنى ئاغرىتىپ رەھىم قىلىشىمغا توغرا كەلمەمدۇ؟». | 11 |
對尼尼微這座大城,其中有十二萬不能分辨自己左右手的人,且有許多牲畜,我就不該憐他們麼﹖」