< يۇنۇس 2 >
يۇنۇس بېلىقنىڭ قارنىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا مۇنداق دۇئا قىلدى: — | 1 |
Yunus balığın karnından Tanrısı RAB'be şöyle dua etti:
«مەن دەرد-ئەلىمىمدىن پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردۇم، ئۇ ماڭا ئىجابەت قىلدى. مەن تەھتىسارانىڭ تەكتىدىن پەرياد قىلدىم، سەن ئاۋازىمغا قۇلاق سالدىڭ. (Sheol ) | 2 |
“Ya RAB, sıkıntı içinde sana yakardım, Yanıtladın beni. Yardım istedim ölüler diyarının bağrından, Kulak verdin sesime. (Sheol )
چۈنكى سەن مېنى دېڭىز تەكتىگە، دېڭىز قارنىغا تاشلىۋەتتىڭ، كەلكۈن ئېقىنلىرى مېنى ئارىسىغا ئېلىۋالدى، سېنىڭ بارلىق دولقۇنلىرىڭ ھەم ئۆركەشلىرىڭ ئۈستۈمدىن ئۆتۈپ كەتتى؛ | 3 |
Beni engine, denizin ta dibine fırlattın. Sular sardı çevremi. Azgın dalgalar geçti üzerimden.
ۋە مەن: «مەن نەزىرىڭدىن تاشلىۋېتىلگەنمەن؛ بىراق مەن يەنىلا مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا قاراپ ئۈمىد بىلەن تەلمۈرىمەن» ــ دېدىم. | 4 |
‘Huzurundan kovuldum’ dedim, ‘Yine de göreceğim kutsal tapınağını.’
سۇلار مېنى يۇتۇپ كەتكۈدەك دەرىجىدە ئورىۋالدى، دېڭىز تەكتى مېنى قاپسىۋالدى؛ دېڭىز چۆپلىرى بېشىمغا چىرمىشىۋالدى. | 5 |
Sular boğacak kadar kuşattı beni, Çevremi enginler sardı, Yosunlar dolaştı başıma.
مەن تاغلارنىڭ تەگلىرىگىچە چۈشۈپ كەتتىم؛ يەر-زېمىن تېگىدىكى تاقاقلار مېنى ئەبەدىلئەبەدكىچە قاماپ قويدى؛ ھالبۇكى، سەن جېنىمنى ھاڭ ئىچىدىن چىقاردىڭ، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم. | 6 |
Dağların köklerine kadar battım, Dünya sonsuza dek sürgülendi arkamdan; Ama, ya RAB, Tanrım, Canımı sen kurtardın çukurdan.
جېنىم ئىچىمدە ھالىدىن كەتكەندە پەرۋەردىگارنى ئېسىمگە كەلتۈردۇم، دۇئايىم ساڭا يېتىپ، مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا كىرىپ كەلدى. | 7 |
Soluğum tükenince seni andım, ya RAB, Duam sana, kutsal tapınağına erişti.
بىمەنە ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنغانلار ئۆزىگە نېسىپ بولغان مېھرىبانلىقتىن مەھرۇم بولىدۇ. | 8 |
Değersiz putlara tapanlar, Vefasızlık etmiş olurlar.
بىراق مەن بولسام تەشەككۈر سادايىم بىلەن ساڭا قۇربانلىق قىلىمەن؛ مەن ئىچكەن قەسەملىرىمنى سېنىڭ ئالدىڭدا ئادا قىلىمەن. نىجات-قۇتقۇزۇش پەرۋەردىگاردىندۇر!» | 9 |
Ama şükranla kurban sunacağım sana, Adağımı yerine getireceğim. Kurtuluş senden gelir, ya RAB!”
پەرۋەردىگار بېلىققا بۇيرۇدى، بېلىق يۇنۇسنى قۇرۇقلۇققا قەي قىلدى. | 10 |
RAB balığa buyruk verdi ve balık Yunus'u karaya kustu.