< يۇھاننا 8 >
ئەيسا بولسا زەيتۇن تېغىغا چىقىپ كەتتى. | 1 |
Unkoludeva alutile pakhewamba khyo Mizeituni.
ئەتىسى سەھەردە، ئۇ يەنە ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىردى ۋە خالايىقنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشكەنىدى. ئۇ ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى. | 2 |
Akhalava panavosihu akhincha khutembile na vanu voni vahandotela; akhatana nukhuva manyesya.
[شۇ چاغدا]، تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر زىنا قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان بىر ئايالنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇلار ئايالنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، | 3 |
Usimbi avandisi usimbaji va Mafalisayo vakhatwalela udada uyibatiwe khumbombo ya voligu vakhambeha pagati.
ئىنىڭدىن: ــ ئۇستاز، بۇ ئايال دەل زىنا ئۈستىدە تۇتۇۋېلىندى. | 4 |
Povakhambola u Yesu, “Umanyesi, udala uyu ibatiwe huvuligu, ikhohevomba elyeli.
مۇسا [پەيغەمبەر] تەۋرات قانۇنىدا بىزگە مۇشۇنداق ئاياللارنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشنى ئەمر قىلغان. ئەمدى سەنچە، ئۇنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ــ دەپ سوراشتى. | 5 |
Leno, hulu lulagelo, u Musa atuvulile alile tuvapondange amawe avanu ndava, wita ndakhehi khumwene?
ئەمدى ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشتىكى نىيىتى، ئۇنى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇدەك بىرەر باھانە ئىزدەش ئىدى. ئەمما ئەيسا ئېڭىشىپ، بارمىقى بىلەن يەرگە بىر نېمىلەرنى يازغىلى تۇردى. | 6 |
Vakhanchovile aga ukhugela leno vapate enjela ya khung'ega, u Yesu akhinama pasi akhasimba pakhelonga khuhedole khyamwene.
ئۇلار شۇ سوئالنى توختىماي سوراۋاتاتتى، ئۇ رۇسلىنىپ ئۇلارغا: ــ ئاراڭلاردىكى كىم گۇناھسىز بولسا، [بۇ] [ئايالغا] بىرىنچى تاشنى ئاتسۇن! ــ دېدى. | 7 |
Vavile vendelile uhumbuncha, akhema nokhuvavola, “Uyunchila mbivi avevakhwancha ukhutaviwa amawe.”
ئاندىن ئۇ يەنە ئېڭىشىپ، يەرگە يېزىشنى داۋاملاشتۇردى. | 8 |
Akhinama tena pasi, akhandikha khuhedole khya mwene.
ئۇلار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ئالدى بىلەن ياشانغانلىرى، ئاندىن قالغانلىرى بىر-بىرلەپ [ھەممىسى] ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىشتى. ئاخىرىدا ئەيسا ئوتتۇرىدا ئۆرە تۇرغان ھېلىقى ئايال بىلەن يالغۇز قالدى. | 9 |
Vavapidikhe ago, akhahega yumo bada ya yumo, ukhyanjela ugogole. Humwisyo u Yesu vakhandeha mwene, nu dala uyuvavile pagati pavene.
ئەيسا رۇسلىنىپ تۇرۇپ، شۇ ئايالدىن باشقا ھېچكىمنى كۆرمىگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن: خانىم، ساڭا ھېلىقى شىكايەت قىلغانلار قېنى؟ سېنى گۇناھقا بېكىتىدىغان ھېچكىم چىقمىدىمۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، | 10 |
U Yesu akhima nuhuvavola, “Un'dala, avahuhekile valindahu? Asipali khata yumo uyahuhegile?”
ــ ھەزرەتلىرى، ھېچكىم چىقمىدى، ــ دېدى ئايال. ئەيسا: ــ مەنمۇ سېنى گۇناھقا بېكىتمەيمەن. بارغىن، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە گۇناھ قىلمىغىن! ــ دېدى. | 11 |
Akhan'chova, “Asikholi khata yumo Itwa.” U Yesu akhanchova, “Ate une sanikhohohega lutaga injela yaho; ukhuma lene nukhwendelela usite uvombe imbivi.”
شۇڭا ئەيسا يەنە كۆپچىلىككە سۆز قىلىپ: ــ دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. ماڭا ئەگەشكەنلەر قاراڭغۇلۇقتا ماڭمايدۇ، ئەكسىچە ھاياتلىق نۇرىغا ئېرىشىدۇ، ــ دېدى. | 12 |
U Yesu anchava na vanu akhata, “Unene nene lumuli lwa n'gelunga; Yuywa ihofyata sigenda muhisi poiva nulumuli ulwa womi.”
پەرىسىيلەر: ــ سەن ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ گۇۋاھلىق بېرىۋاتىسەن. شۇڭا سېنىڭ گۇۋاھلىقىڭ راست ھېسابلانمايدۇ، ــ دېيىشتى. | 13 |
Avamafalisayo vahambola, wihesuhudela yuve; uvosuhuda wakho sio wayelweli.”
ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ ھەتتا مەن ئۆزۈمگە گۇۋاھلىق بەرسەممۇ، گۇۋاھلىقىم ھەقتۇر، چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىمنى ۋە قەيەرگە بارىدىغانلىقىمنى بىلىمەن. لېكىن سىلەر قەيەردىن كەلگەنلىكىمنى ۋە قەيەرگە بارىدىغانلىقىمنى بىلمەيسىلەر. | 14 |
U Yesu akhajbu akhavavola, “Ndaneve nikhesuhudela yune, nekhumanyile ukhunehomile nuhuniluta, ulwa khova umwe samukhumanyile uponikhoma nakhohwa nilota.
سىلەر ئەت ئىگىلىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ھۆكۈم قىلىسىلەر. بىراق مەن ھېچكىمنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم قىلمايمەن. | 15 |
Umwe mwikhega umbele, unesanikhega yeyoni.
مەن ھۆكۈم قىلساممۇ، ھۆكۈمۈم ھەقىقىيدۇر؛ چۈنكى مەن يالغۇز ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتا [بۇ ئىشتا] مەن بىلەن بىللىدۇر. | 16 |
Une ndanekhege, uwakhegi wango wayelweli ulwa khova sanelenemwene, ulwa khova tulenu baba uya suhile.
سىلەرگە تەۋە بولغان تەۋرات قانۇنىدا: «ئىككى ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بولسا راست ھېسابلىنىدۇ» دەپ پۈتۈلگەندۇر. | 17 |
Ilweli, nululagelo lwenyo lusimbiwe uhuta uvosuhuda wa vanu vavele wilweli.
راست، مەن ئۆزۈم توغرامدا ئۆزۈم گۇۋاھلىق بېرىمەن، ۋە مېنى ئەۋەتكەن ئاتىمۇ مېنىڭ توغرامدا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. | 18 |
Une nene nikhesuhudela wa vanu vavele wolweli.”
ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ئاتاڭ قەيەردە؟ ــ دەپ سوراشتى. ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ سىلەر يا مېنى تونۇمايسىلەر، يا ئاتامنى تونۇمايسىلەر. مېنى تونۇغان بولساڭلار، ئاتامنىمۇ تونۇيتتۇڭلار، ــ دېدى. | 19 |
Vakhambola, “Uwiso vaho alendahu?” U Yesu ukhanda, “umwesamumanjile oda ubaba vango samumumanyile; muamuvinchage mumanyile une, ndani mumanyile ubaba vango.”
ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئىبادەتخانىدا تەلىم بەرگىنىدە، سەدىقە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئېيتقانىدى. بىراق ھېچكىم ئۇنى تۇتمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى تېخى يېتىپ كەلمىگەنىدى. | 20 |
Akhanchovile amamenyu aga akhavilejilani ne hazina ahavile imanyesya pa tembile, akhasipali khata yumo uyamwibite ulwakhova usekhe gwa mwene ngovile bado san'gofihe.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارغا يەنە: مەن بۇ يەردىن كېتىمەن؛ سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن ئۆز گۇناھىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر. مەن كېتىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر، ــ دېدى. | 21 |
Akhavavola hange, “Niluta inchango; yamukhondonda nayamwifwa mumbivi ngenyo. Uhuniluta, samukhawesye uhwincha.”
بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار: ــ ئۇ: «مەن كېتىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر» دەيدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىمەن دېگىنىمىدۇ؟ ــ دېيىشتى. | 22 |
Avayahudi vakhachova, “Ihebuda yuywa, yuywa ahachovile, 'Ukhuniluta samuhawesye uhwincha'?”
ئەيسا ئۇلارغا: ــ سىلەر تۆۋەندىندۇرسىلەر، مەن يۇقىرىدىندۇرمەن. سىلەر بۇ دۇنيادىندۇرسىلەر، مەن بۇ دۇنيادىن ئەمەسمەن. | 23 |
U Yesu ahannchova, “Mhuma pasi; une nihuma hukyanya. Umwe mlevakelunga ekhei une sio nelevangelunga ekhe.
شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە: «گۇناھلىرىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر» دېدىم. چۈنكى سىلەر مېنىڭ «[ئەزەلدىن] بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمىسەڭلار، گۇناھلىرىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر، ــ دېدى. | 24 |
Ulwahova, nawavolile uhuta mwifwa ni mbivi nchenye. La sivyo munyamini uhuta UNENE NENE, mwifya musambi nchenyo.”
سەن زادى كىم؟ ــ دەپ سوراشتى ئۇلار. ئەيسا ئۇلارغا: ــ باشتا سىلەرگە نېمە دېگەن بولسام، مەن شۇ. | 25 |
Po wakhambula, “Uwe veve veni?” Yesu akhavavola, aganevavolile ukhuhuma khuvutengolelo.
ئۆزۈمنىڭ سىلەرنىڭ توغراڭلاردا ۋە ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈم قىلىدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىم بار؛ لېكىن مېنى ئەۋەتكۈچى ھەقتۇر ۋە مەن ئۇنىڭدىن نېمىنى ئاڭلىغان بولسا، بۇلارنىلا دۇنيادىكىلەرگە ئۇقتۇرۇپ ئېيتىمەن، ــ دېدى. | 26 |
Nelena mambo mingi agakhanchova nuvukhegi hulwomwe. Ata eve, uyasuhile vayelyeli; na mambo aganepolihe ukhuhuma khumwene, amambo aganinchova khuvakelunga.”
ئۇلار ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە ئېيتقانلىرىنىڭ ئاتا توغرۇلۇق ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلمىدى. | 27 |
Savahamveliwe uhuta alenkonchova ukhuhusu Udada.
شۇڭا ئەيسا مۇنداق دېدى: سىلەر ئىنسانئوغلىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن، مېنىڭ «[ئەزەلدىن] بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر ۋە شۇنداقلا ھېچ ئىشنى ئۆزلۈكۈمدىن قىلمىغانلىقىمنى، پەقەت ئاتىنىڭ ماڭا ئۆگەتكىنىنىلا سۆزلىگەنلىكىمنىمۇ بىلىسىلەر. | 28 |
U Yesu akhachova, “Upoyaheva mukhomwinula umwana va munu, poyamuhumanya ukhuta nene, nuhuta sanivomba lyo lyoni khunafisi yange.
مېنى ئەۋەتكۈچى مەن بىلەن بىللىدۇر، ئۇ مېنى ئەسلا يالغۇز قويمىدى، چۈنكى مەن ھەمىشە ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىمەن. | 29 |
Ulyahovo udada afundisye, ninchava amambo aga. Yuywa asuhile alepopaninye nane, nu mwene sandehile nemwene, ulyahuva khela isekhe nivamba agaganeliwa.”
ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان چاغنىڭ ئۆزىدە، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. | 30 |
U Yesu woichova amambo aga, vingi va khamwedihe.
ئەيسا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلارغا: ــ ئەگەر مېنىڭ سۆز-كالامىمدىن چىقماي تۇرساڭلار، مېنىڭ ھەقىقىي مۇخلىسلىرىم بولغان بولىسىلەر، | 31 |
U Yesu akhachova uvayahudi avamwedikhe, “Munganogwe ndimenyu lyango, pomwiva vasyole vango elweli,
ۋە ھەقىقەتنى بىلىسىلەر ۋە ھەقىقەت سىلەرنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرىدۇ، ــ دېدى. | 32 |
numwe muhuyemanya elweli, yihuvaveha hulu.” Vakhanda,
ئۇلار جاۋابەن: ــ بىز ئىبراھىمنىڭ نەسلىمىز، ــ ھېچقاچان ھېچكىمنىڭ قۇللۇقىدا بولمىدۇق. سەن قانداقسىگە: ئازادلىققا ئېرىشسىلەر، دەيسەن؟ ــ دېدى. | 33 |
“Ufye tulevaholiva va Ibrahimu nasatugele tuve pasi ya wotumwa wayeyoni, “Twiva hulu?”
ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، گۇناھ سادىر قىلغان كىشى گۇناھنىڭ قۇلىدۇر. | 34 |
U Yesu akhanda, “Lweli, lweli, ukhuta, yuywa ivamba imbivi iva itimwa va mbivi.
قۇل ئائىلىدە مەڭگۈ تۇرمايدۇ، لېكىن ئوغۇل مەڭگۈ تۇرىدۇ. (aiōn ) | 35 |
Utumwa sitama hukaya umuda gwani; umwana itama isihu nchoni. (aiōn )
شۇنىڭ ئۈچۈن ئوغۇل سىلەرنى ئازاد قىلسا، ھەقىقىي ئازاد بولىسىلەر. | 36 |
Ulwahova, umwana ikhovaveha hulu, mwiva hulu elweli.”
سىلەرنىڭ ئىبراھىمنىڭ نەسلى ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. بىراق مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىسىلەر، چۈنكى مېنىڭ سۆزۈم ئىچىڭلاردىن ئورۇن ئالمىدى. | 37 |
Nelumanyile uhuta umwe mlevaholiwa va Ibrahimu; Mulunda ukhumbuda ulwahova elimenyu lyango lesimoli lelevovole enafasi ingati ndimwe.
مەن ئاتامنىڭ يېنىدا كۆرگەنلىرىمنى ئېيتىۋاتىمەن؛ سىلەر بولساڭلار ئۆز ئاتاڭلاردىن كۆرگەنلىرىڭلارنى قىلىۋاتىسىلەر! | 38 |
Ninchova amamba gago negawene nu dada vango, nayomwe velevote muvamba amambo agamupolihe uhuhuma khwa dada venyo.”
ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ بىزنىڭ ئاتىمىز ئىبراھىمدۇر، ــ دېدى. ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئەگەر ئىبراھىمنىڭ پەرزەنتلىرى بولساڭلار، ئىبراھىمنىڭ ئەمەللىرىنى قىلغان بولاتتىڭلار! | 39 |
Vakhanda nuhuvavola, “Udada veto ve Ibrahimu.” U Yesu akhanda, mwamuvinchage vana va Ibrahimu, muhamuvumbaga imbombo ncha Ibrahimu.
بىراق ھازىر ئەكسىچە مېنى، يەنى خۇدادىن ئاڭلىغان ھەقىقەتنى سىلەرگە يەتكۈزگەن ئادەمنى ئۆلتۈرۈشكە قەستلەيسىلەر. ئىبراھىم ئۇنداق ئىشنى قىلمىغان. | 40 |
Ata leno mulonda uhumbuda, umunu uya vavolile uvolyeli uhuta akhapolikhe uhuhuma khwa Nguluve. Uabrahamu sahavombe evo.
سىلەر ئۆز ئاتاڭلارنىڭ قىلغىنىنى قىلىۋاتىسىلەر! ــ دېدى. ــ بىز ھارامدىن بولغان ئەمەسمىز! بىزنىڭ پەقەت بىرلا ئاتىمىز بار، ئۇ بولسا خۇدادۇر! ــ دېيىشتى ئۇلار. | 41 |
Mvombe imbombo ncha Dada venyo.” Vahambola, “Satuhoheliwe mboligu, tuleno Dada yomo, Unguluve.”
ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئاتاڭلار خۇدا بولغان بولسا، مېنى سۆيگەن بولاتتىڭلار؛ چۈنكى مەن خۇدانىڭ باغرىدىن چىقىپ، بۇ يەرگە كەلدىم. مەن ئۆزلۈكۈمدىن كەلگەن ئەمەسمەن، بەلكى ئۇنىڭ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنمەن. | 42 |
U Yesu ahavavola, “Ingave Unguluve vedada venyo, mhale muhongana une, ulwahova nchomile khwa Nguluve; sanchinche hunafsi yango, umwene vyahasuhile.
سۆزلىرىمنى نېمىشقا چۈشەنمەيسىلەر؟ ئېنىقكى، مېنىڭ سۆز-كالامىم قۇلىقىڭلارغا كىرمەيۋاتىدۇ! | 43 |
Hekhi samuhugeliwa amamenyu gango? Ulwahova samuhawesye uhufamelela uhugapoleha amamenyu gango.
سىلەر ئاتاڭلار ئىبلىستىن بولغانسىلەر ۋە ئۇنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە ئەمەل قىلىشنى خالايسىلەر. ئۇ ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ قاتىل ئىدى ۋە ئۇنىڭدا ھەقىقەت بولمىغاچقا، ھەقىقەتتە تۇرمىغان. ئۇ يالغان سۆزلىگەندە، ئۆز تەبىئىتىدىن سۆزلەيدۇ، چۈنكى ئۇ يالغانچى ۋە شۇنداقلا يالغانچىلىقنىڭ ئاتىسىدۇر. | 44 |
Umwe malevadada venyo, utavangwa, namwinogwa uhuvomba uvonogwe wadada venyo. Ahavile ibadi uhuhima hwutengolelelo nasahawesye uhwema huvoyelweli ulwahova uwoyelweli vosimoli igati mumwene. Uluichova uvadesi lohova uhuhuma huasili yamwene ulwahova idesi nubabaye idesi.
لېكىن مەن ھەقىقەتنى سۆزلىگىنىم ئۈچۈن، ماڭا ئىشەنمەيسىلەر. | 45 |
Hata leno, ninchova yeyo yelweli, samuhonyamini (samuhunyedeha).
قايسىڭلار مېنى گۇناھى بار دەپ دەلىللىيەلەيسىلەر، قېنى؟ ھەقىقەتنى سۆزلىسەم، نېمە ئۈچۈن ماڭا ئىشەنمەيسىلەر؟ | 46 |
Veni kati yenyo iyihoshuhudele uhuta nele ni mbivi? Ingava nichova uvolweli, mbana samuhonyedeha?
خۇدادىن بولغان كىشى خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدۇ؛ سىلەر ئۇلارنى ئاڭلىمايسىلەر، چۈنكى سىلەر خۇدادىن بولغان ئەمەسسىلەر! | 47 |
Uyalenu Nguluve ipoleha amamenyu ga Nguluve; umwe sampoleha ulyahuva samleva Nguluve.”
يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئەجەبا، بىزنىڭ سېنى: «سامارىيەلىك ھەم جىن چاپلاشقان ئادەم»سەن دېگىنىمىز توغرا ئەمەسمۇ؟ ــ دېيىشتى. | 48 |
Avayahudi vahanda nohumbula, satunchovile uvolweli uhuta uveve ulesamalia nole no mepo?”
ئەيسا جاۋابەن: ــ ماڭا جىن چاپلاشقىنى يوق، بەلكى مەن ئاتامنى ھۆرمەت قىلىمەن؛ لېكىن سىلەر ماڭا ھۆرمەتسىزلىك قىلىۋاتىسىلەر. | 49 |
U Yesu ahanda, nilivovole ilipepo ulwahuva nihumwesimu udada vango, numwe samuhonyesimu.
مەن ئۆز شان-شەرىپىمنى ئىزدىمەيمەن؛ لېكىن بۇنى ئىزدىگۈچى ھەم [ئۇنىڭ ئۈستىدىن] ھۆكۈم قىلغۇچى بىرسى بار. | 50 |
Sanilonda ulyonginyo lwango; khwale yomo iyilonda nuhuhega.
بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ سۆز-كالامىمنى تۇتىدىغان كىشى ئەبەدىلئەبەد ئۆلۈم كۆرمەيدۇ. (aiōn ) | 51 |
Nihovavola, nihovavola, uhuta, uyaheva yeyoni iholibata elimenyu lyango, sihuvovona uvofya habisa.” (aiōn )
شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا: ــ ساڭا دەرۋەقە جىن چاپلاشقانلىقىنى ئەمدى بىلدۇق! ھەتتا [ھەزرىتى] ئىبراھىم ۋە پەيغەمبەرلەرمۇ ئۆلگەن تۇرسا، سەن قانداقسىگە: «مېنىڭ سۆز-كالامىمنى تۇتىدىغان كىشى ئەبەدىلئەبەد ئۆلۈم تېتىمايدۇ» دەيسەن؟ (aiōn ) | 52 |
Avayahudi vahambola, “Leno tulumanyile uhita ulenelipepo. U Abrahamu na vanyamalaga vahafwile; ulwahuva winchova, 'Ingave umunu ihulipata ilimenyu lyango, sihovova uvofye'. (aiōn )
ئەجەبا، سەن ئاتىمىز ئىبراھىمدىن ئۇلۇغمۇسەن؟ ئۇ ئۆلدى، پەيغەمبەرلەر ھەم ئۆلدى!؟ سەن ئۆزۈڭنى كىم قىلماقچىسەن؟ | 53 |
Uveve sidembaho luliko udada veto Abrahamu uyafyule, avanyamalago vope vafyile. Uwe powihefyanya veve veni?”
ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ ئەگەر مەن ئۆزۈمنى ئۇلۇغلىسام، ئۇنداقتا ئۇلۇغلۇقۇم ھېچنەرسە ھېسابلانمايتتى. بىراق مېنى ئۇلۇغلىغۇچى ــ سىلەر «ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىز» دەپ ئاتايدىغان ئاتامنىڭ ئۆزىدۇر. | 54 |
U Yesu akhanda, “Nengave nihetoja yune, khwetoja hwango hwa vovole; u Dada vango valionoja - yuywa muhunchova uhuta ve Nguluve venyo.
سىلەر ئۇنى تونۇمىدىڭلار، لېكىن مەن ئۇنى تونۇيمەن. ئۇنى تونۇمايمەن دېسەم، سىلەردەك يالغانچى بولاتتىم؛ بىراق مەن ئۇنى تونۇيمەن ۋە ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى تۇتىمەن. | 55 |
Umwe samumanyile umwene, une nemanyile umwene. Nengave nichova, 'sanemanyile,' niva kama umwe, vadesi. Ata leno, nelumanyile namamenyu gamwene negibite.
ئاتاڭلار ئىبراھىم مېنىڭ كۈنۈمنى كۆرىدىغانلىقىدىن يايراپ-ياشنىدى ھەم دەرۋەقە ئۇنى ئالدىنئالا كۆرۈپ شادلاندى. | 56 |
Udada venyo u Abrahamu ayihovaha yaheva ihoyevona isihu yango; ahayawene ahahovaha.”
ــ سەن تېخى ئەللىك ياشقا كىرمەي تۇرۇپ، ئىبراھىمنى كۆردۈڭمۇ؟ ــ دېيىشتى ئۇلار. | 57 |
Avayahudi vahambula, “Sofihinche ulimuli wa miaha hamsini bado, nuve umbwene u Ibrahimu?”
ئەيسا ئۇلارغا: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئىبراھىم تۇغۇلماستىلا، مەن بار بولغۇچىدۇرمەن! ــ دېدى. | 58 |
U Yesu ahambola, “Nihovavola, nihovavola, nichova, tangu U Abrahamu saholiwe, UNE HUNELE.”
بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى چالما-كېسەك قىلغىلى قوللىرىغا يەردىن تاش ئالدى؛ لېكىن ئەيسا ئۇلارغا كۆرۈنمەي، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ ئىبادەتخانىدىن چىقىپ كەتتى. | 59 |
Povahahola amawe vanje uhutova, po u Yesu ahefiha nahahoma hunji hutembile.