< يۇھاننا 4 >
ئەمدى پەرىسىيلەرنىڭ «ئەيسانىڭ مۇخلىس قىلىپ چۆمۈلدۈرگەنلىرى يەھيانىڭكىدىن كۆپ ئىكەن» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغىنىنى رەب ئۇققاندىن كېيىن | 1 |
Əmdi Pǝrisiylǝrning «Əysaning muhlis ⱪilip qɵmüldürgǝnliri Yǝⱨyaningkidin kɵp ikǝn» degǝn hǝwǝrni angliƣinini Rǝb uⱪⱪandin keyin
(ئەمەلىيەتتە ئەيسا ئۆزى ئەمەس، مۇخلىسلىرى چۆمۈلدۈرەتتى) | 2 |
(ǝmǝliyǝttǝ Əysa ɵzi ǝmǝs, muhlisliri qɵmüldürǝtti)
ئۇ يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن چىقىپ يەنە گالىلىيەگە كەتتى. | 3 |
u Yǝⱨudiyǝ ɵlkisidin qiⱪip yǝnǝ Galiliyǝgǝ kǝtti.
ئەمدى ئۇ يول ئۈستىدە سامارىيە ئۆلكىسىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى. | 4 |
Əmdi u yol üstidǝ Samariyǝ ɵlkisidin ɵtüxi kerǝk idi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياقۇپ ئۆز ئوغلى يۈسۈپكە بەرگەن يەرگە يېقىن بولغان سامارىيەنىڭ سىخار دېگەن بىر شەھىرىگە كەلدى. | 5 |
Xuning bilǝn u Yaⱪup ɵz oƣli Yüsüpkǝ bǝrgǝn yǝrgǝ yeⱪin bolƣan Samariyǝning Sihar degǝn bir xǝⱨirigǝ kǝldi.
شۇ يەردە «ياقۇپنىڭ قۇدۇقى» بار ئىدى. ئەيسا سەپىرىدە چارچىغىنىدىن قۇدۇقنىڭ قېشىغا كېلىپ ئولتۇردى. بۇ تەخمىنەن ئالتىنچى سائەت ئىدى. | 6 |
Xu yǝrdǝ «Yaⱪupning ⱪuduⱪi» bar idi. Əysa sǝpiridǝ qarqiƣinidin ⱪuduⱪning ⱪexiƣa kelip olturdi. Bu tǝhminǝn altinqi saǝt idi.
ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى يېمەكلىك سېتىۋېلىش ئۈچۈن شەھەرگە كىرىپ كەتكەنىدى. شۇ چاغدا، سامارىيەلىك بىر ئايال سۇ ئالغىلى كەلدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئىچكىلى سۇ بەرگىن، ــ دېدى. | 7 |
Əysaning muhlisliri yemǝklik setiwelix üqün xǝⱨǝrgǝ kirip kǝtkǝnidi. Xu qaƣda, Samariyǝlik bir ayal su alƣili kǝldi. Əysa uningƣa: — Manga iqkili su bǝrgin, — dedi.
ئايال ئۇنىڭدىن: ــ ئۆزىڭىز يەھۇدىي تۇرسىڭىز، مەندەك سامارىيەلىك بىر ئايالدىن قانداقلارچە ئىچكىلى سۇ تەلەپ قىلىپ قالدىڭىز؟ ــ دەپ سورىدى (چۈنكى يەھۇدىيلار سامارىيەلىكلەر بىلەن ھېچقانداق باردى-كەلدى قىلمايتتى). | 9 |
Ayal uningdin: — Ɵzingiz Yǝⱨudiy tursingiz, mǝndǝk Samariyǝlik bir ayaldin ⱪandaⱪlarqǝ iqkili su tǝlǝp ⱪilip ⱪaldingiz? — dǝp soridi (qünki Yǝⱨudiylar Samariyǝliklǝr bilǝn ⱨeqⱪandaⱪ bardi-kǝldi ⱪilmaytti).
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئەگەر سەن خۇدانىڭ سوۋغىتىنىڭ نېمىلىكى ۋە سەندىن سۇ سورىغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلسەڭىدى، ئۇنداقتا سەن ئۇنىڭدىن تىلەيتتىڭ ۋە ئۇ ساڭا ھاياتلىق سۈيىنى بېرەتتى. | 10 |
Əysa uningƣa jawabǝn: — Əgǝr sǝn Hudaning sowƣitining nemiliki wǝ sǝndin su soriƣuqining kim ikǝnlikini bilsǝngidi, undaⱪta sǝn uningdin tilǝytting wǝ u sanga ⱨayatliⱪ süyini berǝtti.
ئايال ئۇنىڭدىن: ــ تەقسىر، سۇ تارتقۇدەك ھېچنەرسىڭىز بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇدۇق چوڭقۇر تۇرسا، ھاياتلىق سۈيىنى نەدىن ئالىسىز؟ | 11 |
Ayal uningdin: — Tǝⱪsir, su tartⱪudǝk ⱨeqnǝrsingiz bolmisa, uning üstigǝ ⱪuduⱪ qongⱪur tursa, ⱨayatliⱪ süyini nǝdin alisiz?
ئەجەبا، بۇ قۇدۇقنى بىزگە [مىراس] قالدۇرغان ئاتىمىز ياقۇپتىن ئۇلۇغمۇسىز؟ بۇ قۇدۇقتىن ئۆزى، ئوغۇللىرى ۋە مال-ۋارانلىرىمۇ سۇ ئىچكەن ــ دېدى. | 12 |
Əjǝba, bu ⱪuduⱪni bizgǝ [miras] ⱪaldurƣan atimiz Yaⱪuptin uluƣmusiz? Bu ⱪuduⱪtin ɵzi, oƣulliri wǝ mal-waranlirimu su iqkǝn — dedi.
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ بۇ سۇنى ئىچكەن ھەركىم يەنە ئۇسسايدۇ. | 13 |
Əysa uningƣa jawabǝn: — Bu suni iqkǝn ⱨǝrkim yǝnǝ ussaydu.
ئەمما مەن بېرىدىغان سۇنى ئىچكۈچى ھەركىم مەڭگۈگە ئۇسسىمايدىغان بولىدۇ ۋە بەلكى مەن ئۇنىڭغا بېرىدىغان سۇ ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان، ئۇرغۇپ چىقىدىغان بىر بۇلاق بولىدۇ، ــ دېدى. (aiōn , aiōnios ) | 14 |
Əmma mǝn beridiƣan suni iqküqi ⱨǝrkim mǝnggügǝ ussimaydiƣan bolidu wǝ bǝlki mǝn uningƣa beridiƣan su uning iqidǝ uni mǝnggülük ⱨayatliⱪⱪa elip baridiƣan, urƣup qiⱪidiƣan bir bulaⱪ bolidu, — dedi. (aiōn , aiōnios )
ئايال: ــ تەقسىر، ماڭا بۇ سۇدىن بەرگەيسىزكى، مەن يەنە ئۇسسىمايدىغان ۋە مۇشۇ يەرگە سۇ تارتقىلى ئىككىنچى كەلگۈچى بولمايدىغان بولاي! ــ دېدى. | 15 |
Ayal: — Tǝⱪsir, manga bu sudin bǝrgǝysizki, mǝn yǝnǝ ussimaydiƣan wǝ muxu yǝrgǝ su tartⱪili ikkinqi kǝlgüqi bolmaydiƣan bolay! — dedi.
ئەيسا: ــ بېرىپ ئېرىڭنى بۇ يەرگە چاقىرىپ كەلگىن، ــ دېدى. | 16 |
Əysa: — Berip eringni bu yǝrgǝ qaⱪirip kǝlgin, — dedi.
ــ ئېرىم يوق، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئايال. ــ ئېرىم يوق دەپ، راست ئېيتتىڭ. | 17 |
— Erim yoⱪ, — dǝp jawab bǝrdi ayal. — Erim yoⱪ dǝp, rast eytting.
چۈنكى بەش ئەرگە تەگدىڭ ۋە ھازىر سەندە بولغىنى سېنىڭ ئېرىڭ ئەمەس. بۇنى توغرا ئېيتتىڭ! ــ دېدى ئەيسا. | 18 |
Qünki bǝx ǝrgǝ tǝgding wǝ ⱨazir sǝndǝ bolƣini sening ering ǝmǝs. Buni toƣra eytting! — dedi Əysa.
ئايال ئۇنىڭغا: ــ تەقسىر، ئەمدى كۆردۈمكى، سىز ئەسلىدە پەيغەمبەر ئىكەنسىز! | 19 |
Ayal uningƣa: — Tǝⱪsir, ǝmdi kɵrdümki, siz ǝslidǝ pǝyƣǝmbǝr ikǝnsiz!
ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇ تاغدا ئىبادەت قىلىپ كەلگەن، لېكىن سىلەر [يەھۇدىيلار] «ئىبادەتنى يېرۇسالېمدا قىلىش كېرەك!» دەۋالىسىلەرغۇ؟ ــ دېدى. | 20 |
Ata-bowilirimiz bu taƣda ibadǝt ⱪilip kǝlgǝn, lekin silǝr [Yǝⱨudiylar] «Ibadǝtni Yerusalemda ⱪilix kerǝk!» dǝwalisilǝrƣu? — dedi.
ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ خانىم، ماڭا ئىشەنگىن، شۇنداق بىر ۋاقتى-سائىتى كېلىدۇكى، سىلەرنىڭ ئاتىغا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن نە بۇ تاغدا ياكى نە يېرۇسالېمدا بولۇشۇڭلارنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. | 21 |
Əysa uningƣa mundaⱪ dedi: — Hanim, manga ixǝngin, xundaⱪ bir waⱪti-saiti keliduki, silǝrning Atiƣa ibadǝt ⱪilixinglar üqün nǝ bu taƣda yaki nǝ Yerusalemda boluxunglarning ⱨajiti ⱪalmaydu.
سىلەر ئىبادەت قىلغىنىڭلارنى بىلمەيسىلەر؛ بىراق بىز كىمگە ئىبادەت قىلغىنىمىزنى بىلىمىز. چۈنكى نىجات-قۇتقۇزۇلۇش يەھۇدىيلار ئارقىلىق بولىدۇ. | 22 |
Silǝr ibadǝt ⱪilƣininglarni bilmǝysilǝr; biraⱪ biz kimgǝ ibadǝt ⱪilƣinimizni bilimiz. Qünki nijat-ⱪutⱪuzulux Yǝⱨudiylar arⱪiliⱪ bolidu.
لېكىن شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇ ــ ۋە شۇنداقلا ھازىر كەلدىكى، ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار ئاتىغا روھ ۋە ھەقىقەت بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ. ئاتا ئۆزىگە ئەنە شۇنداق ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلارنى ئىزدىمەكتە. | 23 |
Lekin xundaⱪ bir waⱪit kelidu — wǝ xundaⱪla ⱨazir kǝldiki, ⱨǝⱪiⱪiy ibadǝt ⱪilƣuqilar Atiƣa roⱨ wǝ ⱨǝⱪiⱪǝt bilǝn ibadǝt ⱪilidu. Ata Ɵzigǝ ǝnǝ xundaⱪ ⱨǝⱪiⱪiy ibadǝt ⱪilƣuqilarni izdimǝktǝ.
خۇدا روھتۇر ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغۇچىلار روھ ۋە ھەقىقەت بىلەن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشى كېرەكتۇر. | 24 |
Huda roⱨtur wǝ uningƣa ibadǝt ⱪilƣuqilar roⱨ wǝ ⱨǝⱪiⱪǝt bilǝn Uningƣa ibadǝt ⱪilixi kerǝktur.
ئايال ئۇنىڭغا: ــ مەسىھنىڭ، يەنى «خرىستوس» دېگەننىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئۇ كەلگەندە، بىزگە ھەممە ئىشلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ ــ دېدى. | 25 |
Ayal uningƣa: — Mǝsiⱨning, yǝni «Hristos» degǝnning kelidiƣanliⱪini bilimǝn. U kǝlgǝndǝ, bizgǝ ⱨǝmmǝ ixlarni eytip beridu — dedi.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ سەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقۇچى مەن دەل شۇدۇرمەن! ــ دېدى. | 26 |
Əysa uningƣa: — Sǝn bilǝn sɵzlixiwatⱪuqi mǝn dǝl xudurmǝn! — dedi.
شۇ چاغدا ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭ بىر ئايال بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىغا ھاڭ-تاڭ قېلىشتى؛ لېكىن ھېچقايسىسى ئۇنىڭدىن: «ئۇنىڭدىن نېمە ئىزدەيسەن؟» ياكى «نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىسەن؟» دەپمۇ سورىمىدى. | 27 |
Xu qaƣda uning muhlisliri ⱪaytip kǝldi. Ular uning bir ayal bilǝn sɵzlixiwatⱪanliⱪiƣa ⱨang-tang ⱪelixti; lekin ⱨeqⱪaysisi uningdin: «Uningdin nemǝ izdǝysǝn?» yaki «Nemixⱪa uning bilǝn sɵzlixisǝn?» dǝpmu sorimidi.
شۇنىڭ بىلەن ئايال كوزىسىنى تاشلاپ قويۇپ، شەھەرگە قايتىپ بېرىپ، كىشىلەرگە: | 28 |
Xuning bilǝn ayal kozisini taxlap ⱪoyup, xǝⱨǝrgǝ ⱪaytip berip, kixilǝrgǝ:
ــ يۈرۈڭلار، ھاياتىمدا قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەن بىر كىشىنى كۆرۈپ كېلىڭلار. ئەجەبا، مەسىھ شۇمىدۇ؟ ــ دېدى. | 29 |
— Yürünglar, ⱨayatimda ⱪilƣanlirimning ⱨǝmmisini manga eytip bǝrgǝn bir kixini kɵrüp kelinglar. Əjǝba, Mǝsiⱨ xumidu? — dedi.
بۇنىڭ بىلەن خالايىق شەھەردىن چىقىپ، ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىشكە باشلىدى. | 30 |
Buning bilǝn halayiⱪ xǝⱨǝrdin qiⱪip, Əysaning aldiƣa kelixti.
شۇ ئارىلىقتا مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، بىر نەرسە يەۋالساڭچۇ؟ ــ دەپ ئۆتۈنۈشتى. | 31 |
Xu ariliⱪta muhlisliri uningƣa: — Ustaz, bir nǝrsǝ yǝwalsangqu? — dǝp ɵtünüxti.
لېكىن ئۇ ئۇلارغا: ــ مېنىڭ سىلەر بىلمەيدىغان بىر يېمەكلىكىم بار، ــ دېدى. | 32 |
Lekin u ularƣa: — Mening silǝr bilmǝydiƣan bir yemǝklikim bar, — dedi.
مۇخلىسلار بىر-بىرىگە: ــ ئەجەبا، بىرسى ئۇنىڭغا يېگىلى بىر نەرسە ئەكېلىپ بەرگەنمىدۇ؟ ــ دېيىشتى. | 33 |
Muhlislar bir-birigǝ: — Əjǝba, birsi uningƣa yegili bir nǝrsǝ ǝkelip bǝrgǝnmidu? — deyixti.
ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مېنىڭ يېمەكلىكىم ــ مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭ [ماڭا تاپشۇرغان] خىزمىتىنى تاماملاشتۇر. | 34 |
Əysa ularƣa mundaⱪ dedi: — Mening yemǝklikim — meni Əwǝtküqining iradisini ǝmǝlgǝ axurux wǝ uning [manga tapxurƣan] hizmitini tamamlaxtur.
ــ سىلەر: «ھوسۇل يېغىشقا يەنە تۆت ئاي قالدى» دەۋاتمامسىلەر؟ مانا، سىلەرگە ئېيتايكى، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ئېتىزلارغا قاراڭلار، زىرائەتلەر سارغىيىپ ئورۇشقا تەييار بولدى! | 35 |
— Silǝr: «Ⱨosul yeƣixⱪa yǝnǝ tɵt ay ⱪaldi» dǝwatmamsilǝr? Mana, silǝrgǝ eytayki, bexinglarni kɵtürüp etizlarƣa ⱪaranglar, ziraǝtlǝr sarƣiyip oruxⱪa tǝyyar boldi!
ۋە ئورمىچى ئىش ھەققىنى ئالىدۇ ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتقا توپلانغان ھوسۇلنى يىغىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېرىغۇچى بىلەن ئورمىچى تەڭ شادلىنىدۇ. (aiōnios ) | 36 |
Wǝ ormiqi ix ⱨǝⱪⱪini alidu wǝ mǝnggülük ⱨayatⱪa toplanƣan ⱨosulni yiƣidu, xuning bilǝn teriƣuqi bilǝn ormiqi tǝng xadlinidu. (aiōnios )
چۈنكى بۇ ئىشتا «بىرى تېرىيدۇ، يەنە بىرى يىغىدۇ» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. | 37 |
Qünki bu ixta «biri teriydu, yǝnǝ biri yiƣidu» degǝn sɵz ǝmǝlgǝ axurulidu.
مەن سىلەرنى ئۆزۈڭلار ئەمگەك سىڭدۈرمىگەن ھوسۇلنى يىغىشقا ئەۋەتتىم؛ باشقىلار ئەمگەك قىلدى ۋە سىلەر ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنىڭ مېۋىسىنى ئېلىشقا نېسىپ بولدۇڭلار. | 38 |
Mǝn silǝrni ɵzünglar ǝmgǝk singdürmigǝn ⱨosulni yiƣixⱪa ǝwǝttim; baxⱪilar ǝmgǝk ⱪildi wǝ silǝr ularning ǝmgikining mewisini elixⱪa nesip boldunglar.
شۇ شەھەردىكى نۇرغۇن سامارىيەلىكلەر ھېلىقى ئايالنىڭ: «ئۇ ھاياتىمدا قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتىپ بەردى» دېگەن گۇۋاھلىق سۆزىنى ئاڭلاپ، ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. | 39 |
Xu xǝⱨǝrdiki nurƣun Samariyǝliklǝr ⱨeliⱪi ayalning: «U ⱨayatimda ⱪilƣanlirimning ⱨǝmmisini manga eytip bǝrdi» degǝn guwaⱨliⱪ sɵzini anglap, Əysaƣa etiⱪad ⱪildi.
شۇڭا، ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشىنى ئۆتۈنۈشكىلى تۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇ يەردە ئىككى كۈن تۇردى. | 40 |
Xunga, ular uning aldiƣa kelip, uning ɵzliri bilǝn billǝ turuxini ɵtünüxkili turdi; xuning bilǝn u u yǝrdǝ ikki kün turdi.
ئۇنىڭ سۆز-كالامى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. | 41 |
Uning sɵz-kalami arⱪiliⱪ tehimu kɵp adǝm uningƣa etiⱪad ⱪildi.
ئۇلار ئايالغا: ــ بىزنىڭ ئېتىقاد قىلىشىمىز ئەمدى سېنىڭ سۆزلىرىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس، چۈنكى ئۆزىمىز ئۇنى ئاڭلىدۇق ۋە بىلدۇقكى، دۇنيانىڭ قۇتقۇزغۇچىسى دەل شۇ كىشىدۇر! ــ دېيىشتى. | 42 |
Ular ayalƣa: — Bizning etiⱪad ⱪiliximiz ǝmdi sening sɵzliring sǝwǝbidin ǝmǝs, qünki ɵzimiz uni angliduⱪ wǝ bilduⱪki, dunyaning Ⱪutⱪuzƣuqisi dǝl xu kixidur! — deyixti.
بۇ ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇ شۇ يەردىن چىقىپ گالىلىيەگە قاراپ ماڭدى | 43 |
Bu ikki kündin keyin u xu yǝrdin qiⱪip Galiliyǝgǝ ⱪarap mangdi
(چۈنكى ئەيسا ئۆزى: «ھېچبىر پەيغەمبەرنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئىززىتى يوقتۇر» دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنىدى). | 44 |
(qünki Əysa ɵzi: «Ⱨeqbir pǝyƣǝmbǝrning ɵz yurtida izziti yoⱪtur» dǝp guwaⱨliⱪ bǝrgǝnidi).
شۇنىڭ بىلەن ئۇ گالىلىيەگە كەلگىنىدە، گالىلىيەلىكلەر ئۇنىڭ [ئۆتۈپ كېتىش] ھېيتىدا يېرۇسالېمدا قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرگەچكە، ئۇنى قارشى ئېلىشتى (چۈنكى ئۇلارمۇ ھېيتقا چىققانىدى). | 45 |
Xuning bilǝn u Galiliyǝgǝ kǝlginidǝ, Galiliyǝliklǝr uning [ɵtüp ketix] ⱨeytida Yerusalemda ⱪilƣan ǝmǝllirining ⱨǝmmisini kɵrgǝqkǝ, uni ⱪarxi elixti (qünki ularmu ⱨeytⱪa qiⱪⱪanidi).
ئەمدى ئەيسا بۇ قېتىم گالىلىيەدىكى كانا يېزىسىغا يەنە باردى (ئۇ دەل شۇ يەردە سۇنى شارابقا ئايلاندۇرغانىدى). [شۇ كۈنلەردە]، كەپەرناھۇم شەھىرىدە ئوغلى كېسەل بولۇپ ياتقان بىر ئوردا ئەمەلدارى بار ئىدى. | 46 |
Əmdi Əysa bu ⱪetim Galiliyǝdiki Kana yezisiƣa yǝnǝ bardi (u dǝl xu yǝrdǝ suni xarabⱪa aylandurƣanidi). [Xu künlǝrdǝ], Kǝpǝrnaⱨum xǝⱨiridǝ oƣli kesǝl bolup yatⱪan bir orda ǝmǝldari bar idi.
ئۇ ئەيسانىڭ يەھۇدىيەدىن گالىلىيەگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باردى ۋە: ــ [ئۆيۈمگە] چۈشۈپ، سەكراتتا ياتقان ئوغلۇمنى ساقايتىپ بەرگەيلا! ــ دەپ توختىماي ئىلتىجا قىلدى. | 47 |
U Əysaning Yǝⱨudiyǝdin Galiliyǝgǝ kǝlgǝnlikini anglap, uning aldiƣa bardi wǝ: — [Ɵyümgǝ] qüxüp, sǝkratta yatⱪan oƣlumni saⱪaytip bǝrgǝyla! — dǝp tohtimay iltija ⱪildi.
شۇنىڭ بىلەن، ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ سىلەر [گالىلىيەلىكلەر] مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرمىگۈچە، ھېچ ئېتىقاد قىلمايسىلەر! ــ دېدى. | 48 |
Xuning bilǝn, Əysa uningƣa: — Silǝr [Galiliyǝliklǝr] mɵjizilik alamǝtlǝr wǝ karamǝtlǝrni kɵrmigüqǝ, ⱨeq etiⱪad ⱪilmaysilǝr! — dedi.
ئوردا ئەمەلدارى ئەيساغا: ــ تەقسىر، بالام ئۆلمەستە چۈشكەيلا! ــ دېدى. | 49 |
Orda ǝmǝldari Əysaƣa: — Tǝⱪsir, balam ɵlmǝstǝ qüxkǝyla! — dedi.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ بارغىن، ئوغلۇڭ ھايات قالدى! ــ دېدى. ھېلىقى ئادەم ئەيسانىڭ ئېيتقان سۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. | 50 |
Əysa uningƣa: — Barƣin, oƣlung ⱨayat ⱪaldi! — dedi. Ⱨeliⱪi adǝm Əysaning eytⱪan sɵzigǝ ixinip, ɵyigǝ ⱪarap mangdi.
يولدا كېتىپ بارغىنىدا، ئۇنىڭ قۇللىرى ئالدىغا چىقىپ، بالىلىرى ھايات، دەپ ئۇقتۇردى. | 51 |
Yolda ketip barƣinida, uning ⱪulliri aldiƣa qiⱪip, baliliri ⱨayat, dǝp uⱪturdi.
ئەمەلدار ئۇلاردىن ئوغلىنىڭ قايسى سائەتتىن باشلاپ ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى سورىۋىدى، ئۇلار: ــ تۈنۈگۈن يەتتىنچى سائەتتە قىزىتمىسى ياندى، ــ دېيىشتى. | 52 |
Əmǝldar ulardin oƣlining ⱪaysi saǝttin baxlap yahxilinixⱪa yüzlǝngǝnlikini soriwidi, ular: — Tünügün yǝttinqi saǝttǝ ⱪizitmisi yandi, — deyixti.
بالىنىڭ ئاتىسى بۇنىڭ دەل ئەيسانىڭ ئۆزىگە: «ئوغلۇڭ ھايات قالدى!» دېگەن سائەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزى پۈتكۈل ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئېتىقاد قىلىشتى. | 53 |
Balining atisi buning dǝl Əysaning ɵzigǝ: «Oƣlung ⱨayat ⱪaldi!» degǝn saǝt ikǝnlikini bilip yǝtti. Xuning bilǝn ɵzi pütkül ailisidikilǝr bilǝn billǝ etiⱪad ⱪilixti.
بۇ ئەيسانىڭ يەھۇدىيەدىن گالىلىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى كۆرسەتكەن ئىككىنچى مۆجىزىلىك ئالامىتى ئىدى. | 54 |
Bu Əysaning Yǝⱨudiyǝdin Galiliyǝgǝ kǝlgǝndin keyinki kɵrsǝtkǝn ikkinqi mɵjizilik alamiti idi.