< يۇھاننا 20 >
ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ سەھەر، ماگداللىق مەريەم قەبرىگە باردى ۋە قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى. | 1 |
हप्ता को पहिलो दिन मरियम मगदलीनी भुन्सारे को अन्धारो म एक कब्र पर आयी, अऊर गोटा ख कब्र सी हट्यो हुयो देख्यो।
شۇڭا ئۇ يۈگۈرگىنىچە كېلىپ سىمون پېترۇس ۋە ئەيسا سۆيگەن ھېلىقى مۇخلىسنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇلارغا: ــ ئۇلار رەبنى قەبرىدىن يۆتكىۋېتىپتۇ، ئۇنى قەيەرگە قويغىنىنى بىلمىدۇق! ــ دېدى. | 2 |
तब वा उत सी भगी अऊर शिमोन पतरस अऊर ऊ दूसरों चेला को जवर जेकोसी यीशु प्रेम रखत होतो, आय क कह्यो, “हि प्रभु ख कब्र म सी निकाल ले गयो हंय, अऊर हम नहीं जानजे कि ओख कित रख दियो हय।”
پېترۇس بىلەن ھېلىقى مۇخلىس تاشقىرىغا چىقىپ، قەبرىگە قاراپ يول ئالدى. | 3 |
तब पतरस अऊर ऊ दूसरों चेला निकल क कब्र को तरफ चल्यो।
ئىككىيلەن تەڭ يۈگۈرۈپ ماڭدى، لېكىن ھېلىقى مۇخلىس پېترۇستىن تېز يۈگۈرۈپ، قەبرىگە بىرىنچى بولۇپ يېتىپ باردى. | 4 |
हि दोयी संग–संग दौड़ रह्यो होतो, पर दूसरों चेला पतरस सी आगु बढ़ क कब्र पर पहिले पहुंच्यो;
ئۇ ئېڭىشىپ ئىچىگە قاراپ، كاناپ كېپەنلەرنىڭ ئۇ يەردە يېيىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆردى، لېكىن ئىچكىرىگە كىرمىدى. | 5 |
अऊर झुक क कपड़ा पड़े देख्यो, तब भी ऊ अन्दर नहीं गयो।
ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن سىمون پېترۇس يېتىپ كېلىپ، قەبرىگە كىردى ۋە ئۇ يەردە يېيىقلىق تۇرغان كاناپ كېپەنلەرنى، | 6 |
तब शिमोन पतरस ओको पीछू-पीछू पहुंच्यो, अऊर कब्र को अन्दर गयो अऊर कपड़ा पड़्यो देख्यो;
شۇنداقلا ئەيسانىڭ بېشىغا ئورالغان ياغلىقنىمۇ كۆردى. ياغلىق كېپەنلەر بىلەن بىر يەردە ئەمەس، بەلكى ئايرىم يەردە يۆگەكلىك تۇراتتى. | 7 |
अऊर ऊ गमछा जो ओको मुंड सी बन्ध्यो हुयो होतो, कपड़ा को संग पड़्यो हुयो नहीं, पर अलग एक जागा लपेट क रख्यो हुयो देख्यो।
ئاندىن قەبرىگە ئاۋۋال كەلگەن ھېلىقى مۇخلىسمۇ قەبرىگە كىرىپ، ئەھۋالنى كۆرۈپ ئىشەندى | 8 |
तब दूसरों चेला भी जो कब्र पर पहिले पहुंच्यो होतो, अन्दर गयो अऊर देख क विश्वास करयो।
(چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن قايتا تىرىلىشىنىڭ مۇقەررەرلىكى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەتنى تېخىچە چۈشەنمەيتتى). | 9 |
हि त अब तक शास्त्र की वा बात नहीं समझ्यो होतो कि ओख मरयो हुयो म सी जीन्दो होनो पड़ेंन।
شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن ئۆز تۇرالغۇلىرىغا قايتىشتى. | 10 |
तब यो चेलाये अपनो घर लौट गयो।
ئەمما مەريەم بولسا قەبرىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ يىغلاۋاتاتتى. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ قەبرىنىڭ ئىچىگە ئېڭىشىپ قارىۋىدى، | 11 |
पर मरियम रोवती हुयी कब्र को जवर बाहेर खड़ी रही, अऊर रोवत-रोवत कब्र को तरफ झुक क,
مانا ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى پەرىشتە تۇراتتى؛ ئۇلارنىڭ بىرى ئەيسانىڭ جەسىتى قويۇلغان يەرنىڭ باش تەرىپىدە، يەنە بىرى ئاياغ تەرىپىدە ئولتۇراتتى. | 12 |
दोय स्वर्गदूतों ख उज्वल कपड़ा पहिन्यो हुयो एक ख मुन्डेसो अऊर दूसरों ख पायतो तरफ बैठ्यो देख्यो, जित यीशु को लाश रख्यो गयो होतो।
ئۇلار مەريەمدىن: ــ خانىم، نېمىشقا يىغلايسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ــ رەببىمنى ئېلىپ كېتىپتۇ، ئۇنى نەگە قويغانلىقىنى بىلەلمەيۋاتىمەن، ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا. | 13 |
उन्न ओको सी कह्यो, “हे नारी, तय कहाली रोवय हय?” ओन उन्को सी कह्यो, “हि मोरो प्रभु ख उठाय ले गयो अऊर मय नहीं जानु कि ओख कित रख्यो हय।”
ئۇ شۇ سۆزلەرنى قىلىپلا، كەينىگە بۇرۇلۇۋىدى، ئەيسانىڭ شۇ يەردە تۇرغانلىقىنى كۆردى. لېكىن ئۇ ئۇنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكىنى بىلمىدى. | 14 |
यो कह्य क वा पीछू मुड़ी अऊर यीशु ख खड़्यो देख्यो, पर नहीं पहिचान्यो कि यो यीशु आय।
ئەيسا ئۇنىڭدىن ــ خانىم، نېمىشقا يىغلايسەن، كىمنى ئىزدەيسەن؟ ــ دەپ سورىدى. مەريەم ئۇنى باغۋەن شۇ، دەپ ئويلاپ: ــ تەقسىر، ئەگەر ئۇنى سىز شۇ يەردىن يۆتكىۋەتكەن بولسىڭىز، قەيەرگە قويغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بەرگەيسىز. مەن ئۇنى ئېلىپ كېتىمەن، ــ دېدى. | 15 |
यीशु न ओको सी कह्यो, “हे नारी, तय कहाली रोवय हय? कौन्क ढूंढय हय?” ओन बगीचा को माली समझ क ओको सी कह्यो, “हे महाराज, यदि तय न ओख उठाय लियो हय त मोख बताव कि ओख कित रख्यो हय, अऊर मय ओख लिजाऊं।”
مەريەم! ــ دېدى ئەيسا ئۇنىڭغا. مەريەم بۇرۇلۇپلا، ئىبرانىي تىلىدا: ــ راببونى! ــ دېدى (بۇ سۆز «ئۇستاز» دېگەن مەنىدە). | 16 |
यीशु न ओको सी कह्यो, “मरियम!” ओन पीछू मुड़ क ओको सी इब्रानी म कह्यो, “रब्बूनी!” मतलब “हे गुरु।”
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئېسىلمىغىن! چۈنكى مەن تېخى ئاتامنىڭ يېنىغا چىقمىدىم. بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا: مېنى «سىلەرنىڭمۇ ئاتاڭلارنىڭ، يەنى مېنىڭ ئاتامنىڭ، سىلەرنىڭ خۇدايىڭلارنىڭ، يەنى مېنىڭ خۇدايىمنىڭ يېنىغا چىقىمەن!» دەيدۇ، ــ دەپ يەتكۈزگىن، دېدى. | 17 |
यीशु न ओको सी कह्यो, “मोख मत छूव, कहालीकि मय अब तक बाप को जवर ऊपर नहीं गयो, पर मोरो भाऊवों को जवर जाय क उन्को सी कह्य दे, कि मय अपनो बाप अऊर तुम्हरो बाप, अऊर अपनो परमेश्वर अऊर तुम्हरो परमेश्वर को जवर ऊपर जाऊं हय।”
شۇنىڭ بىلەن ماگداللىق مەريەم مۇخلىسلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا: «رەبنى كۆردۈم!» دېدى ۋە شۇنداقلا ئەيسا ئۆزىگە ئېيتقان ئۇ سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزدى. | 18 |
मरियम मगदलीनी न जाय क चेलावों ख बतायो, “मय न प्रभु ख देख्यो, अऊर ओन मोरो सी या बाते कहीं।”
شۇ كۈنى كەچتە، يەنى ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى كەچتە، يەھۇدىيلاردىن قورققانلىقى ئۈچۈن مۇخلىسلار يىغىلغان ئۆيدە ئىشىكلىرىنى ھىم تاقىۋالغانىدى؛ شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا كېلىپ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا [كۆرۈنۈپ]، ئۆرە تۇرغان ھالدا ئۇلارغا: ــ سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! ــ دېدى. | 19 |
उच दिन जो हप्ता को पहिलो दिन होतो, शाम को समय जब उत को द्वार पर जित चेलाये एक मुस्त जमा होतो, यहूदियों को डर को मारे द्वार बन्द होतो, तब यीशु आयो अऊर उन्को बीच म खड़ो होय क उन्को सी कह्यो, “तुम्ख शान्ति मिले।”
بۇنى دەپ، قوللىرىنى ۋە بىقىنىنى ئۇلارغا كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇخلىسلار رەبنى كۆرگىنىدىن شادلاندى. | 20 |
अऊर यो कह्य क ओन अपनो हाथ अऊर अपनी हथेली उन्ख दिखायो। तब चेला प्रभु ख देख क खुश भयो।
شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا يەنە: ــ سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! ئاتا مېنى ئەۋەتكىنىدەك، مەنمۇ سىلەرنى ئەۋەتىمەن، ــ دېدى. | 21 |
यीशु न फिर उन्को सी कह्यो, “तुम्ख शान्ति मिले; जसो बाप न मोख भेज्यो हय, वसोच मय भी तुम्ख भेजू हय।”
بۇ سۆزنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر پۈۋلەپ: ــ مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلىڭلار. | 22 |
यो कह्य क ओन उन पर फूक्यो अऊर उन्को सी कह्यो, “पवित्र आत्मा लेवो।
كىمنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئۇنىڭ گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ كىمنىڭ گۇناھلىرىنى تۇتۇۋالساڭلار، شۇنىڭ گۇناھى تۇتۇۋېلىنىدۇ! ــ دېدى. | 23 |
जिन्को पाप तुम माफ करो, हि उन्को लायी माफ करयो गयो हंय; जिन्को पाप तुम रखो, हि रख्यो गयो हंय।”
ئەمما ئون ئىككىيلەننىڭ بىرى، يەنى «قوشكېزەك» دەپ ئاتالغان توماس ئەيسا كەلگەندە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەمەس ئىدى. | 24 |
पर बारायी चेला म सी एक, यानेकि थोमा जो दिदुमुस कहलावय हय, जब यीशु आयो त उन्को संग नहीं होतो।
شۇڭا باشقا مۇخلىسلار ئۇنىڭغا: ــ بىز رەبنى كۆردۇق! ــ دېيىشتى. لېكىن توماس ئۇلارغا: ــ ئۇنىڭ قوللىرىدا مىخلارنىڭ ئىزىنى كۆرمىگۈچە، مىخلارنىڭ ئىزىغا ئۆز بارمىقىمنى ۋە بىقىنىغا ئۆز قولۇمنى تىقىپ باقمىغۇچە، ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، ــ دېدى. | 25 |
जब दूसरों चेला ओको सी कहन लग्यो, “हम न प्रभु ख देख्यो हय!” तब ओन उन्को सी कह्यो, “जब तक मय ओको हथेली म खिल्ला सी भयो छेद देख नहीं लेऊ, अऊर खिल्ला सी भयो छेद म अपनो बोट नहीं डाल लेऊ, तब तक मय विश्वास नहीं करू।”
سەككىز كۈندىن كېيىن، مۇخلىسلار يەنە شۇ ئۆي ئىچىدە جەم بولغاندا، توماسمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ئىشىكلەر تاقاقلىق تۇرسىمۇ، ئەيسا كېلىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ: ــ سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! ــ دېدى. | 26 |
आठ दिन को बाद ओको चेलाये घर को अन्दर होतो, अऊर थोमा ओको संग होतो; अऊर द्वार बन्द होतो, तब यीशु आयो अऊर उन्को बीच म खड़ो होय क कह्यो, “तुम्ख शान्ति मिले।”
ئاندىن ئۇ توماسقا: ــ بارمىقىڭنى بۇ يەرگە تەگكۈزۈپ، قوللىرىمغا قارا. قولۇڭنى ئۇزىتىپ، بىقىنىمغا تىقىپ، گۇماندا بولماي، ئىشەنگۈچى بولغىن! ــ دېدى. | 27 |
तब ओन थोमा सी कह्यो, “अपनो बोट इत लाय क मोरो हाथों ख देख अऊर अपनो हाथ लगाय क मोरो हथेली म डाल, अऊर अविश्वासी नहीं पर विश्वासी बन।”
توماس ئۇنىڭغا: ــ مېنىڭ رەببىم ھەم مېنىڭ خۇدايىمسەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى. | 28 |
यो सुन क थोमा न उत्तर दियो, “हे मोरो प्रभु, हे मोरो परमेश्वर!”
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ مېنى كۆرگەنلىكىڭ ئۈچۈن ئىشەندىڭ. كۆرمەي تۇرۇپ ئىشەنگۈچىلەر بەختلىكتۇر! ــ دېدى. | 29 |
यीशु न ओको सी कह्यो, “तय न मोख देख्यो हय, का येकोलायी विश्वास करयो हय? धन्य हि आय जिन्न बिना देख्यो विश्वास करयो।”
ئەيسا مۇخلىسلىرىنىڭ ئالدىدا بۇ كىتابتا خاتىرىلەنمىگەن باشقا نۇرغۇن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنىمۇ كۆرسەتتى. | 30 |
यीशु न अऊर भी बहुत सो आश्चर्य को चिन्ह चेलावों को आगु दिखायो, जो या किताब म लिख्यो नहीं गयो;
لېكىن مۇشۇلار سىلەرنى ئەيسانىڭ مەسىھ، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە ئىشەنسۇن ھەم بۇ ئارقىلىق [ئۇنىڭغا] ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭ نامى ئارقىلىق ھاياتلىققا ئېرىشسۇن، دەپ يېزىلدى. | 31 |
पर ये येकोलायी लिख्यो गयो हंय कि तुम विश्वास करो कि यीशुच परमेश्वर को टुरा मसीह आय, अऊर विश्वास कर क् ओको नाम सी जीवन पावों।