< يۇھاننا 20 >

ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ سەھەر، ماگداللىق مەريەم قەبرىگە باردى ۋە قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى. 1
una autem sabbati Maria Magdalene venit mane cum adhuc tenebrae essent ad monumentum et videt lapidem sublatum a monumento
شۇڭا ئۇ يۈگۈرگىنىچە كېلىپ سىمون پېترۇس ۋە ئەيسا سۆيگەن ھېلىقى مۇخلىسنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇلارغا: ــ ئۇلار رەبنى قەبرىدىن يۆتكىۋېتىپتۇ، ئۇنى قەيەرگە قويغىنىنى بىلمىدۇق! ــ دېدى. 2
cucurrit ergo et venit ad Simonem Petrum et ad alium discipulum quem amabat Iesus et dicit eis tulerunt Dominum de monumento et nescimus ubi posuerunt eum
پېترۇس بىلەن ھېلىقى مۇخلىس تاشقىرىغا چىقىپ، قەبرىگە قاراپ يول ئالدى. 3
exiit ergo Petrus et ille alius discipulus et venerunt ad monumentum
ئىككىيلەن تەڭ يۈگۈرۈپ ماڭدى، لېكىن ھېلىقى مۇخلىس پېترۇستىن تېز يۈگۈرۈپ، قەبرىگە بىرىنچى بولۇپ يېتىپ باردى. 4
currebant autem duo simul et ille alius discipulus praecucurrit citius Petro et venit primus ad monumentum
ئۇ ئېڭىشىپ ئىچىگە قاراپ، كاناپ كېپەنلەرنىڭ ئۇ يەردە يېيىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆردى، لېكىن ئىچكىرىگە كىرمىدى. 5
et cum se inclinasset videt posita linteamina non tamen introivit
ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن سىمون پېترۇس يېتىپ كېلىپ، قەبرىگە كىردى ۋە ئۇ يەردە يېيىقلىق تۇرغان كاناپ كېپەنلەرنى، 6
venit ergo Simon Petrus sequens eum et introivit in monumentum et videt linteamina posita
شۇنداقلا ئەيسانىڭ بېشىغا ئورالغان ياغلىقنىمۇ كۆردى. ياغلىق كېپەنلەر بىلەن بىر يەردە ئەمەس، بەلكى ئايرىم يەردە يۆگەكلىك تۇراتتى. 7
et sudarium quod fuerat super caput eius non cum linteaminibus positum sed separatim involutum in unum locum
ئاندىن قەبرىگە ئاۋۋال كەلگەن ھېلىقى مۇخلىسمۇ قەبرىگە كىرىپ، ئەھۋالنى كۆرۈپ ئىشەندى 8
tunc ergo introivit et ille discipulus qui venerat primus ad monumentum et vidit et credidit
(چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن قايتا تىرىلىشىنىڭ مۇقەررەرلىكى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەتنى تېخىچە چۈشەنمەيتتى). 9
nondum enim sciebant scripturam quia oportet eum a mortuis resurgere
شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن ئۆز تۇرالغۇلىرىغا قايتىشتى. 10
abierunt ergo iterum ad semet ipsos discipuli
ئەمما مەريەم بولسا قەبرىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ يىغلاۋاتاتتى. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ قەبرىنىڭ ئىچىگە ئېڭىشىپ قارىۋىدى، 11
Maria autem stabat ad monumentum foris plorans dum ergo fleret inclinavit se et prospexit in monumentum
مانا ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى پەرىشتە تۇراتتى؛ ئۇلارنىڭ بىرى ئەيسانىڭ جەسىتى قويۇلغان يەرنىڭ باش تەرىپىدە، يەنە بىرى ئاياغ تەرىپىدە ئولتۇراتتى. 12
et vidit duos angelos in albis sedentes unum ad caput et unum ad pedes ubi positum fuerat corpus Iesu
ئۇلار مەريەمدىن: ــ خانىم، نېمىشقا يىغلايسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ــ رەببىمنى ئېلىپ كېتىپتۇ، ئۇنى نەگە قويغانلىقىنى بىلەلمەيۋاتىمەن، ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا. 13
dicunt ei illi mulier quid ploras dicit eis quia tulerunt Dominum meum et nescio ubi posuerunt eum
ئۇ شۇ سۆزلەرنى قىلىپلا، كەينىگە بۇرۇلۇۋىدى، ئەيسانىڭ شۇ يەردە تۇرغانلىقىنى كۆردى. لېكىن ئۇ ئۇنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكىنى بىلمىدى. 14
haec cum dixisset conversa est retrorsum et videt Iesum stantem et non sciebat quia Iesus est
ئەيسا ئۇنىڭدىن ــ خانىم، نېمىشقا يىغلايسەن، كىمنى ئىزدەيسەن؟ ــ دەپ سورىدى. مەريەم ئۇنى باغۋەن شۇ، دەپ ئويلاپ: ــ تەقسىر، ئەگەر ئۇنى سىز شۇ يەردىن يۆتكىۋەتكەن بولسىڭىز، قەيەرگە قويغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بەرگەيسىز. مەن ئۇنى ئېلىپ كېتىمەن، ــ دېدى. 15
dicit ei Iesus mulier quid ploras quem quaeris illa existimans quia hortulanus esset dicit ei domine si tu sustulisti eum dicito mihi ubi posuisti eum et ego eum tollam
مەريەم! ــ دېدى ئەيسا ئۇنىڭغا. مەريەم بۇرۇلۇپلا، ئىبرانىي تىلىدا: ــ راببونى! ــ دېدى (بۇ سۆز «ئۇستاز» دېگەن مەنىدە). 16
dicit ei Iesus Maria conversa illa dicit ei rabboni quod dicitur magister
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئېسىلمىغىن! چۈنكى مەن تېخى ئاتامنىڭ يېنىغا چىقمىدىم. بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا: مېنى «سىلەرنىڭمۇ ئاتاڭلارنىڭ، يەنى مېنىڭ ئاتامنىڭ، سىلەرنىڭ خۇدايىڭلارنىڭ، يەنى مېنىڭ خۇدايىمنىڭ يېنىغا چىقىمەن!» دەيدۇ، ــ دەپ يەتكۈزگىن، دېدى. 17
dicit ei Iesus noli me tangere nondum enim ascendi ad Patrem meum vade autem ad fratres meos et dic eis ascendo ad Patrem meum et Patrem vestrum et Deum meum et Deum vestrum
شۇنىڭ بىلەن ماگداللىق مەريەم مۇخلىسلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا: «رەبنى كۆردۈم!» دېدى ۋە شۇنداقلا ئەيسا ئۆزىگە ئېيتقان ئۇ سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزدى. 18
venit Maria Magdalene adnuntians discipulis quia vidi Dominum et haec dixit mihi
شۇ كۈنى كەچتە، يەنى ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى كەچتە، يەھۇدىيلاردىن قورققانلىقى ئۈچۈن مۇخلىسلار يىغىلغان ئۆيدە ئىشىكلىرىنى ھىم تاقىۋالغانىدى؛ شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا كېلىپ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا [كۆرۈنۈپ]، ئۆرە تۇرغان ھالدا ئۇلارغا: ــ سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! ــ دېدى. 19
cum esset ergo sero die illo una sabbatorum et fores essent clausae ubi erant discipuli propter metum Iudaeorum venit Iesus et stetit in medio et dicit eis pax vobis
بۇنى دەپ، قوللىرىنى ۋە بىقىنىنى ئۇلارغا كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇخلىسلار رەبنى كۆرگىنىدىن شادلاندى. 20
et hoc cum dixisset ostendit eis manus et latus gavisi sunt ergo discipuli viso Domino
شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا يەنە: ــ سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! ئاتا مېنى ئەۋەتكىنىدەك، مەنمۇ سىلەرنى ئەۋەتىمەن، ــ دېدى. 21
dixit ergo eis iterum pax vobis sicut misit me Pater et ego mitto vos
بۇ سۆزنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر پۈۋلەپ: ــ مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلىڭلار. 22
hoc cum dixisset insuflavit et dicit eis accipite Spiritum Sanctum
كىمنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئۇنىڭ گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ كىمنىڭ گۇناھلىرىنى تۇتۇۋالساڭلار، شۇنىڭ گۇناھى تۇتۇۋېلىنىدۇ! ــ دېدى. 23
quorum remiseritis peccata remittuntur eis quorum retinueritis detenta sunt
ئەمما ئون ئىككىيلەننىڭ بىرى، يەنى «قوشكېزەك» دەپ ئاتالغان توماس ئەيسا كەلگەندە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەمەس ئىدى. 24
Thomas autem unus ex duodecim qui dicitur Didymus non erat cum eis quando venit Iesus
شۇڭا باشقا مۇخلىسلار ئۇنىڭغا: ــ بىز رەبنى كۆردۇق! ــ دېيىشتى. لېكىن توماس ئۇلارغا: ــ ئۇنىڭ قوللىرىدا مىخلارنىڭ ئىزىنى كۆرمىگۈچە، مىخلارنىڭ ئىزىغا ئۆز بارمىقىمنى ۋە بىقىنىغا ئۆز قولۇمنى تىقىپ باقمىغۇچە، ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، ــ دېدى. 25
dixerunt ergo ei alii discipuli vidimus Dominum ille autem dixit eis nisi videro in manibus eius figuram clavorum et mittam digitum meum in locum clavorum et mittam manum meam in latus eius non credam
سەككىز كۈندىن كېيىن، مۇخلىسلار يەنە شۇ ئۆي ئىچىدە جەم بولغاندا، توماسمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ئىشىكلەر تاقاقلىق تۇرسىمۇ، ئەيسا كېلىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ: ــ سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! ــ دېدى. 26
et post dies octo iterum erant discipuli eius intus et Thomas cum eis venit Iesus ianuis clausis et stetit in medio et dixit pax vobis
ئاندىن ئۇ توماسقا: ــ بارمىقىڭنى بۇ يەرگە تەگكۈزۈپ، قوللىرىمغا قارا. قولۇڭنى ئۇزىتىپ، بىقىنىمغا تىقىپ، گۇماندا بولماي، ئىشەنگۈچى بولغىن! ــ دېدى. 27
deinde dicit Thomae infer digitum tuum huc et vide manus meas et adfer manum tuam et mitte in latus meum et noli esse incredulus sed fidelis
توماس ئۇنىڭغا: ــ مېنىڭ رەببىم ھەم مېنىڭ خۇدايىمسەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى. 28
respondit Thomas et dixit ei Dominus meus et Deus meus
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ مېنى كۆرگەنلىكىڭ ئۈچۈن ئىشەندىڭ. كۆرمەي تۇرۇپ ئىشەنگۈچىلەر بەختلىكتۇر! ــ دېدى. 29
dicit ei Iesus quia vidisti me credidisti beati qui non viderunt et crediderunt
ئەيسا مۇخلىسلىرىنىڭ ئالدىدا بۇ كىتابتا خاتىرىلەنمىگەن باشقا نۇرغۇن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنىمۇ كۆرسەتتى. 30
multa quidem et alia signa fecit Iesus in conspectu discipulorum suorum quae non sunt scripta in libro hoc
لېكىن مۇشۇلار سىلەرنى ئەيسانىڭ مەسىھ، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە ئىشەنسۇن ھەم بۇ ئارقىلىق [ئۇنىڭغا] ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭ نامى ئارقىلىق ھاياتلىققا ئېرىشسۇن، دەپ يېزىلدى. 31
haec autem scripta sunt ut credatis quia Iesus est Christus Filius Dei et ut credentes vitam habeatis in nomine eius

< يۇھاننا 20 >