< يۇھاننا 2 >
ئۈچىنچى كۈنى، گالىلىيەدىكى كانا يېزىسىدا بىر توي بولدى. ئەيسانىڭ ئانىسى [مەريەم] ئۇ يەردە ئىدى | 1 |
फिर तीसरे दिन काना — ए — गलील में एक शादी हुई और ईसा की माँ वहाँ थी।
ھەم ئەيسا ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىمۇ تويغا تەكلىپ قىلىنغانىدى. | 2 |
ईसा और उसके शागिर्दों की भी उस शादी में दा'वत थी।
تويدا شاراب تۈگەپ قالغاندا، ئەيسانىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا: ــ ئۇلارنىڭ شارابلىرى تۈگەپ قاپتۇ، ــ دېدى. | 3 |
और जब मय ख़त्म हो चुकी, तो ईसा की माँ ने उससे कहा, “उनके पास मय नहीं रही।”
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ خانىم، مېنىڭ سەن بىلەن نېمە كارىم؟ مېنىڭ ۋاقتى-سائىتىم تېخى كەلمىدى، ــ دېدى. | 4 |
ईसा ने उससे कहा, “ऐ माँ मुझे तुझ से क्या काम है? अभी मेरा वक़्त नहीं आया है।”
ئانىسى چاكارلارغا: ــ ئۇ سىلەرگە نېمە قىل دېسە، شۇنى قىلىڭلار، ــ دېدى. | 5 |
उसकी माँ ने ख़ादिमों से कहा, “जो कुछ ये तुम से कहे वो करो।”
ئەمدى شۇ يەردە يەھۇدىيلارنىڭ تاھارەت ئادىتى بويىچە ئىشلىتىلىدىغان، ھەربىرىگە ئىككى-ئۈچ تۇڭدىن سۇ سىغىدىغان ئالتە تاش كۈپ قويۇلغانىدى. | 6 |
वहाँ यहूदियों की पाकी के दस्तूर के मुवाफ़िक़ पत्थर के छे: मटके रख्खे थे, और उनमें दो — दो, तीन — तीन मन की गुंजाइश थी।
ئەيسا چاكارلارغا: ــ كۈپلەرگە سۇ تولدۇرۇڭلار، ــ دېدى. ئۇلار كۈپلەرنى ئاغزىغىچە تولدۇرۇشتى. | 7 |
ईसा ने उनसे कहा, “मटकों में पानी भर दो।” पस उन्होंने उनको पूरा भर दिया।
ئاندىن ئۇ ئۇلارغا يەنە: ــ ئەمدى بۇنىڭدىن ئۇسۇپ توي باشقۇرغۇچىغا بېرىڭلار، ــ دېدى. ئۇلار ئۇنى ئاپىرىپ بەردى. | 8 |
फिर उसने उन से कहा, “अब निकाल कर मीरे मजलिस के पास ले जाओ।” पस वो ले गए।
توي باشقۇرغۇچى شارابقا ئايلاندۇرۇلغان سۇدىن تېتىپ كۆرگەندە (ئۇ ئۇنىڭ قەيەردىن كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلمىدى، ئەمما بۇنى سۇ توشۇغان چاكارلار بىلەتتى) توي باشقۇرغۇچى تويى بولۇۋاتقان يىگىتنى چاقىرىپ، | 9 |
जब मजलिस के सरदार ने वो पानी चखा, जो मय बन गया था और जानता न था कि ये कहाँ से आई है (मगर ख़ादिम जिन्होंने पानी भरा था जानते थे), तो मजलिस के सरदार ने दुल्हा को बुलाकर उससे कहा,
ئۇنىڭغا: ــ ھەربىر [توي قىلغۇچى] ياخشى شارابنى توينىڭ بېشىدا قۇيىدۇ، ئاندىن مېھمانلار قانغۇچە ئىچكەندىن كېيىن، ناچىرىنى قۇيىدۇ. ئەجەبا، سەن ياخشى شارابنى مۇشۇ چاغقىچە ساقلاپسەن! ــ دېدى. | 10 |
“हर शख़्स पहले अच्छी मय पेश करता है और नाक़िस उस वक़्त जब पीकर छक गए, मगर तूने अच्छी मय अब तक रख छोड़ी है।”
بۇ بولسا، ئەيسا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنىڭ دەسلەپكىسى بولۇپ، گالىلىيەنىڭ كانا يېزىسىدا كۆرسىتىلگەنىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى ئايان قىلدى، ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. | 11 |
ये पहला मोजिज़ा ईसा ने क़ाना — ए — गलील में दिखाकर, अपना जलाल ज़ाहिर किया और उसके शागिर्द उस पर ईमान लाए।
بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ، ئانىسى، ئىنىلىرى ۋە مۇخلىسلىرى بىلەن كەپەرناھۇم شەھىرىگە چۈشۈپ، ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇردى. | 12 |
इसके बाद वो और उसकी माँ और भाई और उसके शागिर्द कफ़रनहूम को गए और वहाँ चन्द रोज़ रहे।
يەھۇدىيلارنىڭ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»غا يېقىن قالغاندا، ئەيسا يېرۇسالېمغا باردى. | 13 |
यहूदियों की 'ईद — ए — फ़सह नज़दीक थी, और ईसा येरूशलेम को गया।
ئۇ ئىبادەتخانا [ھويلىلىرىدا] كالا، قوي ۋە كەپتەر-پاختەك ساتقۇچىلارنى ھەم ئۇ يەردە ئولتۇرغان پۇل تېگىشكۈچىلەرنى كۆردى. | 14 |
उसने हैकल में बैल और भेड़ और कबूतर बेचने वालों को, और सार्राफ़ों को बैठे पाया;
ئۇ تانىدىن قامچا ياساپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوي-كالىلىرى بىلەن قوشۇپ ئىبادەتخانىدىن ھەيدەپ چىقاردى. پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ پۇللىرىنى چېچىپ، شىرەلىرىنى ئۆرۈۋەتتى | 15 |
फिर ईसा ने रस्सियों का कोड़ा बना कर सब को बैत — उल — मुक़द्दस से निकाल दिया, उसने भेड़ों और गाय — बैलों को बाहर निकाल कर हाँक दिया, पैसे बदलने वालों के सिक्के बिखेर दिए और उनकी मेंजें उलट दीं।
ۋە پاختەك-كەپتەر ساتقۇچىلارغا: ــ بۇ نەرسىلەرنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىش! ئاتامنىڭ ئۆيىنى سودا-سېتىق ئۆيى قىلىشىۋالما! ــ دېدى. | 16 |
और कबूतर फ़रोशों से कहा, “इनको यहाँ से ले जाओ! मेरे आसमानी बाप के घर को तिजारत का घर न बनाओ।“
بۇنى كۆرگەن مۇخلىسلىرى [زەبۇردا] مۇنداق پۈتۈلگىنىنى ئېسىگە ئېلىشتى: «سېنىڭ [مۇقەددەس] ئۆيۈڭگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىم ئۆزۈمنى چۇلغىۋالدى!». | 17 |
उसके शागिर्दों को याद आया कि लिखा है, तेरे घर की ग़ैरत मुझे खा जाएगी।”
شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار ئۇ ئىشلارغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ ئۇنىڭدىن: ــ بۇنداق ئىشلارنى قىلغانىكەنسەن، قېنى، بىزگە نېمە مۆجىزىلىك ئالامەتنى كۆرسىتىپ بېرىسەن؟! ــ دەپ سورىدى. | 18 |
पस कुछ यहूदी अगुवों ने जवाब में उनसे कहा, “तू जो इन कामों को करता है, हमें कौन सा निशान दिखाता है?”
ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇشبۇ ئىبادەتخانىنى چۇۋۇۋەتسەڭلار، مەن ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۇنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقىمەن، ــ دېدى. | 19 |
ईसा ने जवाब में उससे कहा, “इस हैकल को ढा दो, तो मैं इसे तीन दिन में खड़ा कर दूँगा।“
شۇنىڭ بىلەن بۇ يەھۇدىيلار يەنە ئۇنىڭغا: ــ بۇ ئىبادەتخانىنى ياساۋاتقىلى ھازىرغىچە قىرىق ئالتە يىل بولغان تۇرسا، سەن ئۇنى قانداقسىگە ئۈچ كۈندىلا قۇرۇپ چىقالايسەن؟! ــ دېدى. | 20 |
यहूदी अगुवों ने कहा, छियालीस बरस में ये बना है, और क्या तू उसे तीन दिन में खड़ा कर देगा?”
ھالبۇكى، ئۇنىڭ «ئىبادەتخانا» دېگىنى ئۇنىڭ ئۆز تېنىنى كۆرسەتكەنىدى. | 21 |
मगर उसने अपने बदन के मक़्दिस के बारे में कहा था।
شۇڭا، ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ بۇ دېگىنىنى ئېسىگە ئالدى ۋە شۇنداقلا مۇقەددەس يازمىلاردىكى بۇ ھەقتىكى بېشارەتكە ھەمدە ئەيسانىڭ ئېيتقان سۆزىگە ئىشەندى. | 22 |
“पस जब वो मुर्दों में से जी उठा तो उसके शागिर्दों को याद आया कि उसने ये कहा था; और उन्होंने किताब — ए — मुक़द्दस और उस क़ौल का जो ईसा ने कहा था, यक़ीन किया।”
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ يېرۇسالېمدا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلىشتى. | 23 |
जब वो येरूशलेम में फ़सह के वक़्त 'ईद में था, तो बहुत से लोग उन मोजिज़ों को देखकर जो वो दिखाता था उसके नाम पर ईमान लाए।
لېكىن ئەيسا پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ [قەلبىنىڭ] قانداق ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ئۆزىنى ئۇلارغا تاپشۇرمايتتى. | 24 |
लेकिन ईसा अपनी निस्बत उस पर 'ऐतबार न करता था, इसलिए कि वो सबको जानता था।
ئىنسان توغرۇلۇق ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى؛ چۈنكى ئۇ ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە نېمە بار ئىكەنلىكىنى ئۆزى بىلەتتى. | 25 |
और इसकी ज़रूरत न रखता था कि कोई इंसान के हक़ में गवाही दे, क्यूँकि वो आप जानता था कि इंसान के दिल में क्या क्या है।