< يۇھاننا 19 >

شۇنىڭ بىلەن، پىلاتۇس ئەيسانى ئېلىپ بېرىپ قامچىلاتتى. 1
Xuning bilǝn, Pilatus Əysani elip berip ⱪamqilatti.
لەشكەرلەر تىكەنلىك شاخلارنى ئۆرۈپ، بىر تاج ياساپ، ئۇنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈشتى ۋە ئۇنىڭغا [شاھانە] سۆسۈن رەڭلىك بىر تون كىيدۈرۈپ، 2
Lǝxkǝrlǝr tikǝnlik xahlarni ɵrüp, bir taj yasap, uning bexiƣa kiydürüxti wǝ uningƣa [xaⱨanǝ] sɵsün rǝnglik bir ton kiydürüp,
ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ياشىغايلا، ئى يەھۇدىيلارنىڭ «پادىشاھى»! ــ دەپ مەسخىرە قىلىشىپ، ئۇنىڭ يۈزىگە قايتا-قايتا كاچات سالدى. 3
uning aldiƣa kelip: — Yaxiƣayla, i Yǝⱨudiylarning «padixaⱨi»! — dǝp mǝshirǝ ⱪilixip, uning yüzigǝ ⱪayta-ⱪayta kaqat saldi.
پىلاتۇس بولسا يەنە ئوردىسىدىن چىقىپ، خالايىققا: ــ مانا! ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىغانلىقىمنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا ئېلىپ چىقتىم، ــ دېدى. 4
Pilatus bolsa yǝnǝ ordisidin qiⱪip, halayiⱪⱪa: — Mana! Uningdin ⱨeqⱪandaⱪ jinayǝt tapalmiƣanliⱪimni bilixinglar üqün, uni silǝrning aldinglarƣa elip qiⱪtim, — dedi.
بۇنىڭ بىلەن ئەيسا بېشىغا تىكەنلىك تاج ۋە ئۇچىسىغا سۆسۈن تون كىيگۈزۈلگەن ھالدا تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىلدى. پىلاتۇس ئۇلارغا: ــ قاراڭلار، ئۇ ئادەمگە! ــ دېدى. 5
Buning bilǝn Əysa bexiƣa tikǝnlik taj wǝ uqisiƣa sɵsün ton kiygüzülgǝn ⱨalda taxⱪiriƣa elip qiⱪildi. Pilatus ularƣa: — Ⱪaranglar, u adǝmgǝ! — dedi.
باش كاھىنلار ۋە قاراۋۇللار ئۇنى كۆرۈپ: ــ ئۇنى كرېستلەڭ، كرېستلەڭ! ــ دەپ ۋارقىراشتى. پىلاتۇس ئۇلارغا: ــ ئۇنى ئېلىپ بېرىپ ئۆزۈڭلار كرېستلەڭلار! چۈنكى مەن ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىدىم! ــ دېدى. 6
Bax kaⱨinlar wǝ ⱪarawullar uni kɵrüp: — Uni krestlǝng, krestlǝng! — dǝp warⱪiraxti. Pilatus ularƣa: — Uni elip berip ɵzünglar krestlǝnglar! Qünki mǝn uningdin ⱨeqⱪandaⱪ jinayǝt tapalmidim! — dedi.
يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ بىزدە شۇنداق بىر قانۇن بار. شۇ قانۇنىمىزغا ئاساسەن ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىۋالدى. 7
Yǝⱨudiylar uningƣa jawabǝn: — Bizdǝ xundaⱪ bir ⱪanun bar. Xu ⱪanunimizƣa asasǝn u ɵlümgǝ mǝⱨkum ⱪilinixi kerǝk, qünki u ɵzini Hudaning Oƣli dǝp atiwaldi.
پىلاتۇس بۇ سۆزنى ئاڭلاپ تېخىمۇ قورقۇپ، 8
Pilatus bu sɵzni anglap tehimu ⱪorⱪup,
يەنە ئوردىسىغا كىرىپ، ئەيسادىن: ــ سەن زادى قەيەردىن كەلگەن؟ ــ دەپ سورىدى. لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىدى. 9
yǝnǝ ordisiƣa kirip, Əysadin: — Sǝn zadi ⱪǝyǝrdin kǝlgǝn? — dǝp soridi. Lekin Əysa uningƣa jawab bǝrmidi.
شۇڭا پىلاتۇس ئۇنىڭغا: ــ سەن ماڭا گەپ قىلمامسەن؟ سېنى قويۇپ بېرىشكە ھوقۇقۇم بارلىقىنى، شۇنداقلا كرېستلەشكىمۇ ھوقۇقۇم بارلىقىنى بىلمەمسەن؟ ــ دېدى. 10
Xunga Pilatus uningƣa: — Sǝn manga gǝp ⱪilmamsǝn? Seni ⱪoyup berixkǝ ⱨoⱪuⱪum barliⱪini, xundaⱪla krestlǝxkimu ⱨoⱪuⱪum barliⱪini bilmǝmsǝn? — dedi.
ئەيسا جاۋابەن: ــ ساڭا ئەرشتىن بېرىلمىگەن بولسا، مېنىڭ ئۈستۈمدىن ھېچقانداق ھوقۇقۇڭ بولمىغان بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ساڭا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئادەمنىڭ گۇناھى تېخىمۇ ئېغىردۇر، ــ دېدى. 11
Əysa jawabǝn: — Sanga ǝrxtin berilmigǝn bolsa, mening üstümdin ⱨeqⱪandaⱪ ⱨoⱪuⱪung bolmiƣan bolatti. Xuning üqün meni sanga tapxurup bǝrgǝn adǝmning gunaⱨi tehimu eƣirdur, — dedi.
شۇ چاغدىن تارتىپ، پىلاتۇس ئۇنى قويۇۋېتىشكە ئامال ئىزدەيتتى. لېكىن يەھۇدىيلار ۋارقىرىشىپ: ــ بۇ ئادەمنى قويۇۋەتسىڭىز، سىز قەيسەرنىڭ دوستى بولمىغان بولىسىز! ئۆزىنى پادىشاھ دېگەن ھەربىر كىشى قەيسەرگە قارشى چىققان بولىدۇ! ــ دەپ چۇقان سېلىشتى. 12
Xu qaƣdin tartip, Pilatus uni ⱪoyuwetixkǝ amal izdǝytti. Lekin Yǝⱨudiylar warⱪirixip: — Bu adǝmni ⱪoyuwǝtsingiz, siz Ⱪǝysǝrning dosti bolmiƣan bolisiz! Ɵzini padixaⱨ degǝn ⱨǝrbir kixi Ⱪǝysǝrgǝ ⱪarxi qiⱪⱪan bolidu! — dǝp quⱪan selixti.
پىلاتۇس بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئەيسانى تاشقىرىغا چىقاردى ۋە «تاش تاختايلىق ھويلا» دەپ ئاتالغان، ئىبرانىي تىلىدا «گابباتا» دەپ ئاتالغان يەردە «سوراق تەختى»گە ئولتۇردى 13
Pilatus bu sɵzlǝrni anglap, Əysani taxⱪiriƣa qiⱪardi wǝ «tax tahtayliⱪ ⱨoyla» dǝp atalƣan, ibraniy tilida «Gabbata» dǝp atalƣan yǝrdǝ «soraⱪ tǝhti»gǝ olturdi
(ئۇ ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تەييارلىق كۈنىنىڭ ئالتىنچى سائىتى ئەتراپىدا ئىدى). پىلاتۇس يەھۇدىيلارغا: مانا بۇ سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلاردۇر! ــ دېدى. 14
(u waⱪit ɵtüp ketix ⱨeytining tǝyyarliⱪ künining altinqi saiti ǝtrapida idi). Pilatus Yǝⱨudiylarƣa: Mana bu silǝrning padixaⱨinglardur! — dedi.
لېكىن ئۇلار ۋارقىرىشىپ: ــ يوقىتىڭ، يوقىتىڭ، ئۇنى كرېستلەڭ! ــ دېدى. پىلاتۇس ئۇلارغا: ــ مېنى پادىشاھىڭلارنى كرېستلىگىن، دەمسىلەر؟ ــ دېدى. باش كاھىنلار جاۋابەن: ــ قەيسەردىن باشقا ھېچقانداق پادىشاھىمىز يوقتۇر! ــ دەپ [توۋلاشتى]. بۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس ئۇنى كرېستلەشكە ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بەردى. 15
Lekin ular warⱪirixip: — Yoⱪiting, yoⱪiting, uni krestlǝng! — dedi. Pilatus ularƣa: — Meni padixaⱨinglarni krestligin, dǝmsilǝr? — dedi. Bax kaⱨinlar jawabǝn: — Ⱪǝysǝrdin baxⱪa ⱨeqⱪandaⱪ padixaⱨimiz yoⱪtur! — dǝp [towlaxti]. Buning bilǝn Pilatus uni krestlǝxkǝ ularƣa tapxurup bǝrdi.
[لەشكەرلەر] ئەيسانى ئېلىپ ماڭدى. ئۇ ئۆز كرېستىنى يۈدۈپ، «باش سۆڭەك جايى» (ئىبرانىي تىلىدا «گولگوتا») دېگەن يەرگە باردى. 16
[Lǝxkǝrlǝr] Əysani elip mangdi. U ɵz krestini yüdüp, «Bax sɵngǝk jayi» (ibraniy tilida «Golgota») degǝn yǝrgǝ bardi.
17
ئۇلار ئۇنى شۇ يەردە يەنە ئىككى كىشى بىلەن تەڭ كرېستكە تارتتى؛ بۇ تەرىپىدە بىرسى، ئۇ تەرىپىدە بىرسى ۋە ئەيسا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا كرېستكە تارتىلدى. 18
Ular uni xu yǝrdǝ yǝnǝ ikki kixi bilǝn tǝng krestkǝ tartti; bu tǝripidǝ birsi, u tǝripidǝ birsi wǝ Əysa ularning otturisida krestkǝ tartildi.
پىلاتۇس تاختىغا ئېلان يېزىپ كرېستكە بېكىتىپ قويدى. ئۇنىڭغا: ــ «ناسارەتلىك ئەيسا ــ يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يېزىلغانىدى. 19
Pilatus tahtiƣa elan yezip krestkǝ bekitip ⱪoydi. Uningƣa: — «Nasarǝtlik Əysa — Yǝⱨudiylarning padixaⱨi» dǝp yezilƣanidi.
ئەيسا كرېستلىنىدىغان يەر شەھەرگە يېقىن بولغاچقا، نۇرغۇن يەھۇدىيلار تاختىدىكى سۆزلەرنى ئوقۇدى. تاختىدىكى سۆزلەر ئىبرانىيچە، لاتىنچە ۋە گرېكچە يېزىقتا يېزىلغانىدى. 20
Əysa krestlinidiƣan yǝr xǝⱨǝrgǝ yeⱪin bolƣaqⱪa, nurƣun Yǝⱨudiylar tahtidiki sɵzlǝrni oⱪudi. Tahtidiki sɵzlǝr ibraniyqǝ, latinqǝ wǝ grekqǝ yeziⱪta yezilƣanidi.
شۇڭا يەھۇدىيلارنىڭ باش كاھىنلىرى پىلاتۇسقا: ــ «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يازماڭ، بەلكى «ئۇ ئۆزىنى مەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى، دېگەن» دەپ يېزىڭ، ــ دېيىشتى. 21
Xunga Yǝⱨudiylarning bax kaⱨinliri Pilatusⱪa: — «Yǝⱨudiylarning padixaⱨi» dǝp yazmang, bǝlki «U ɵzini mǝn Yǝⱨudiylarning padixaⱨi, degǝn» dǝp yezing, — deyixti.
بىراق پىلاتۇس جاۋابەن: ــ يازىدىغاننى يېزىپ بولدۇم! ــ دېدى. 22
Biraⱪ Pilatus jawabǝn: — Yazidiƣanni yezip boldum! — dedi.
لەشكەرلەر ئەيسانى كرېستلىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى ئېلىپ، تۆتكە بۆلۈپ، ھەربىر لەشكەر بىر ئۈلۈشتىن ئېلىشتى؛ ئۇلار ھەم ئىچىدىكى ئۇزۇن كۆڭلەكنىمۇ ئېلىشتى؛ لېكىن بۇ كۆڭلەك تىكىلمىگەن، ئۈستىدىن ئايىغىغىچە بىر پۈتۈن توقۇلغانىدى. 23
Lǝxkǝrlǝr Əysani krestligǝndin keyin, uning kiyimlirini elip, tɵtkǝ bɵlüp, ⱨǝrbir lǝxkǝr bir ülüxtin elixti; ular ⱨǝm iqidiki uzun kɵnglǝknimu elixti; lekin bu kɵnglǝk tikilmigǝn, üstidin ayiƣiƣiqǝ bir pütün toⱪulƣanidi.
شۇنىڭ ئۈچۈن لەشكەرلەر بىر-بىرىگە: ــ بۇنى يىرتمايلى، بەلكى چەك تارتىشايلى، كىمگە چىقسا شۇ ئالسۇن، ــ دېيىشتى. بۇ ئىشلار مۇقەددەس يازمىلاردىكى مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن يۈز بەردى: ــ «ئۇلار مېنىڭ كىيىملىرىمنى ئۆز ئارىسىدا ئۈلەشتى، مېنىڭ كۆڭلىكىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن چەك تاشلاشتى». دەرۋەقە، لەشكەرلەر شۇنداق قىلىشتى. 24
Xuning üqün lǝxkǝrlǝr bir-birigǝ: — Buni yirtmayli, bǝlki qǝk tartixayli, kimgǝ qiⱪsa xu alsun, — deyixti. Bu ixlar muⱪǝddǝs yazmilardiki munu sɵzlǝr ǝmǝlgǝ axurulux üqün yüz bǝrdi: — «Ular mening kiyimlirimni ɵz arisida ülǝxti, Mening kɵnglikimgǝ erixix üqün qǝk taxlaxti». Dǝrwǝⱪǝ, lǝxkǝrlǝr xundaⱪ ⱪilixti.
ئەيسانىڭ كرېستىنىڭ يېنىدا ئانىسى، ئانىسىنىڭ سىڭلىسى، كلوپاسنىڭ ئايالى مەريەم ۋە ماگداللىق مەريەملەر تۇراتتى. 25
Əysaning krestining yenida anisi, anisining singlisi, Klopasning ayali Mǝryǝm wǝ Magdalliⱪ Mǝryǝmlǝr turatti.
ئەيسا ئانىسى بىلەن ئۆزى سۆيىدىغان مۇخلىسىنىڭ بىرگە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئانىسىغا: ــ ئى خانىم، مانا سېنىڭ ئوغلۇڭ! ــ دېدى. 26
Əysa anisi bilǝn ɵzi sɵyidiƣan muhlisining birgǝ turƣanliⱪini kɵrüp, anisiƣa: — I hanim, mana sening oƣlung! — dedi.
ئاندىن ئۇ بۇ مۇخلىسقا: ــ مانا سېنىڭ ئاناڭ! ــ دېدى. شۇندىن ئېتىبارەن، ئۇ مۇخلىس ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇرغۇزدى. 27
Andin u bu muhlisⱪa: — Mana sening anang! — dedi. Xundin etibarǝn, u muhlis uni ɵzining ɵyidǝ turƣuzdi.
ئاندىن ئەيسا ھەممە ئىشلارنىڭ تامام بولغىنىنى بىلىپ (مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن): ــ ئۇسساپ كەتتىم! ــ دېدى. 28
Andin Əysa ⱨǝmmǝ ixlarning tamam bolƣinini bilip (muⱪǝddǝs yazmilardiki bexarǝt ǝmǝlgǝ axurulux üqün): — Ussap kǝttim! — dedi.
ئۇ يەردە سىركە شاراب بىلەن تولدۇرۇلغان بىر كوزا بار ئىدى. ئۇلار بىر پارچە بۇلۇتنى سىركە شارابقا چىلاپ، بىر لېپەكگۈل غولىغا باغلاپ، ئەيسانىڭ ئاغزىغا تەڭلىدى. 29
U yǝrdǝ sirkǝ xarab bilǝn toldurulƣan bir koza bar idi. Ular bir parqǝ bulutni sirkǝ xarabⱪa qilap, bir lepǝkgül ƣoliƣa baƣlap, Əysaning aƣziƣa tǝnglidi.
ئەيسا سىركە شارابنى ئىچكەندىن كېيىن: ــ تامام بولدى! ــ دېدى-دە، بېشىنى تۆۋەن قىلىپ، روھىنى تاپشۇرۇپ بەردى. 30
Əysa sirkǝ xarabni iqkǝndin keyin: — Tamam boldi! — dedi-dǝ, bexini tɵwǝn ⱪilip, roⱨini tapxurup bǝrdi.
ئۇ كۈنى [ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ] تەييارلىق كۈنى بولغاچقا، كرېستلەنگەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنى شابات كۈنىدە كرېستتە قالدۇرۇرماسلىق ئۈچۈن (شابات كۈنى «ئۇلۇغ كۈن» ھېسابلانغاچقا) يەھۇدىيلار پىلاتۇستىن كرېستلەنگەنلەرنىڭ پۇتلىرىنى چېقىپ ئاندىن جەسەتلىرىنى كرېستتىن تېزرەك چۈشۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلدى. 31
U küni [ɵtüp ketix ⱨeytining] tǝyyarliⱪ küni bolƣaqⱪa, krestlǝngǝnlǝrning jǝsǝtlirini xabat künidǝ kresttǝ ⱪaldururmasliⱪ üqün (xabat küni «uluƣ kün» ⱨesablanƣaqⱪa) Yǝⱨudiylar Pilatustin krestlǝngǝnlǝrning putlirini qeⱪip andin jǝsǝtlirini kresttin tezrǝk qüxürüwetixni tǝlǝp ⱪildi.
شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر بېرىپ ئەيسا بىلەن بىللە كرېستلەنگەن بىرىنچى ئاندىن ئىككىنچى ئادەمنىڭ پۇتلىرىنى چاقتى. 32
Xuning bilǝn lǝxkǝrlǝr berip Əysa bilǝn billǝ krestlǝngǝn birinqi andin ikkinqi adǝmning putlirini qaⱪti.
لېكىن ئەيساغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى كۆردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۇتىنى چاقمىدى. 33
Lekin Əysaƣa kǝlgǝndǝ, uning alliⱪaqan ɵlgǝnlikini kɵrdi, xuning bilǝn uning putini qaⱪmidi.
ئەمما لەشكەرلەردىن بىرى ئۇنىڭ بىقىنىغا نەيزىنى سانجىۋىدى، شۇئان قان ۋە سۇ ئېقىپ چىقتى. 34
Əmma lǝxkǝrlǝrdin biri uning biⱪiniƣa nǝyzini sanjiwidi, xuan ⱪan wǝ su eⱪip qiⱪti.
بۇنى كۆرگۈچى سىلەرنىڭ ئىشىنىشىڭلار ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىدۇ؛ كۆرگۈچىنىڭ گۇۋاھلىقى ھەقتۇر، ئۇ ئۆزىنىڭ ئېيتقانلىرىنى ھەق دەپ بىلىدۇ. 35
Buni kɵrgüqi silǝrning ixinixinglar üqün guwaⱨliⱪ beridu; kɵrgüqining guwaⱨliⱪi ⱨǝⱪtur, u ɵzining eytⱪanlirini ⱨǝⱪ dǝp bilidu.
بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئۇنىڭ بىر تال سۆڭىكىمۇ سۇندۇرۇلمايدۇ» ۋە يەنە بىر بېشارەتتە: «ئۇلار ئۆزلىرى سانجىغان ئادەمگە قارايدۇ» دەپ ئالدىن ئېيتىلغانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يۈز بەردى. 36
Bu ixlarning ⱨǝmmisi muⱪǝddǝs yazmilarda: «Uning bir tal sɵngikimu sundurulmaydu» wǝ yǝnǝ bir bexarǝttǝ: «Ular ɵzliri sanjiƣan adǝmgǝ ⱪaraydu» dǝp aldin eytilƣanlarni ǝmǝlgǝ axurux üqün yüz bǝrdi.
37
بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئارىماتىيالىق يۈسۈپ پىلاتۇستىن ئەيسانىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى (يۈسۈپ ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرىدىن ئىدى، لېكىن يەھۇدىيلاردىن قورققىنى ئۈچۈن بۇنى مەخپىي تۇتاتتى)؛ پىلاتۇس رۇخسەت بەردى، شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ بېرىپ ئەيسانىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كەتتى. 38
Bu ixlardin keyin, Arimatiyaliⱪ Yüsüp Pilatustin Əysaning jǝsitini elip ketixni tǝlǝp ⱪildi (Yüsüp Əysaning muhlisliridin idi, lekin Yǝⱨudiylardin ⱪorⱪⱪini üqün buni mǝhpiy tutatti); Pilatus ruhsǝt bǝrdi, xuning bilǝn Yüsüp berip Əysaning jǝsitini elip kǝtti.
بۇرۇن بىر كېچىسى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەن ھېلىقى نىكودىممۇ مۇرمەككى بىلەن سەبرە ئارىلاشتۇرۇلغان خۇشبۇي دورا-دەرماندىن يۈز جىڭچە ئېلىپ، [ئۇنىڭ] [بىلەن بىللە] كەلدى. 39
Burun bir keqisi Əysaning yeniƣa kǝlgǝn ⱨeliⱪi Nikodimmu murmǝkki bilǝn sǝbrǝ arilaxturulƣan huxbuy dora-dǝrmandin yüz jingqǝ elip, [uning] [bilǝn billǝ] kǝldi.
ئىككىيلەن ئەيسانىڭ جەسىتىنى يەھۇدىيلارنىڭ دەپنە قىلىش ئادىتى بويىچە دورا-دەرمانلارنى چېچىپ، كاناپ رەختلەر بىلەن ئوراپ كېپەنلىدى. 40
Ikkiylǝn Əysaning jǝsitini Yǝⱨudiylarning dǝpnǝ ⱪilix aditi boyiqǝ dora-dǝrmanlarni qeqip, kanap rǝhtlǝr bilǝn orap kepǝnlidi.
ئەيسا كرېستلەنگەن يەردە بىر باغ بولۇپ، باغنىڭ ئىچىدە تېخى ھېچكىم يەرلەنمىگەن يېڭى بىر بوش يەرلىك بار ئىدى. 41
Əysa krestlǝngǝn yǝrdǝ bir baƣ bolup, baƣning iqidǝ tehi ⱨeqkim yǝrlǝnmigǝn yengi bir box yǝrlik bar idi.
بۇ يەھۇدىيلارنىڭ ھېيتىنىڭ تەييارلىق كۈنى بولغاچقا ھەم بۇ يەرلىك يېقىن جايدا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئەيسانى شۇ يەرلىككە قويدى. 42
Bu Yǝⱨudiylarning ⱨeytining tǝyyarliⱪ küni bolƣaqⱪa ⱨǝm bu yǝrlik yeⱪin jayda bolƣanliⱪi üqün, ular Əysani xu yǝrlikkǝ ⱪoydi.

< يۇھاننا 19 >