< يۇھاننا 18 >
ئەيسا بۇلارنى ئېيتقاندىن كېيىن، مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە تاشقىرىغا چىقىپ كىدرون جىلغىسىنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتتى. ئۇ يەردە بىر باغچە بار ئىدى. ئەيسا بىلەن مۇخلىسلىرى ئۇ باغچىگە كىردى. | 1 |
Sa Yeso ma mara ubo utize tigino me, masuri nan nanu tarsa umeme u hana a urewatu ukdoron ahira sa urei ubene ura'ani, makuri maribe nan anu tarsa umeme.
ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدامۇ ئۇ يەرنى بىلەتتى، چۈنكى ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن پات-پات ئۇ يەردە يىغىلىپ ئولتۇراتتى. | 2 |
Yahuda de sa Yeso mahazi zi nan anu tarsa umeme.
شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا بىر توپ رىم لەشكەرلىرى بىلەن باش كاھىنلار ھەم پەرىسىيلەر ئەۋەتكەن قاراۋۇللارنى باشلاپ بۇ يەرگە كەلدى. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا پانۇس، مەشئەل ۋە قوراللار بار ئىدى. | 3 |
Yahudi, maziki anani kara nini kono u suro anu adang akatuma, nan nanu bezi urusa, nan nanu gunguzuno. We ē ahira me, wa inta mafitila, nan matoci nan turun ga tini kono.
ئەيسا بېشىغا چۈشىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ: ــ كىمنى ئىزدەيسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. | 4 |
Sa Yeso sama rusa vat mumbe sa ikem zi me ma hanna je, magun we, “Aveni inyara me.”
ناسارەتلىك ئەيسانى، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار. ئەيسا ئۇلارغا: ــ مانا مەن بولىمەن، ــ دېدى. (ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدامۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇراتتى). | 5 |
Wa kabirka me wagu, “Yeso unu nazaret” Yeso magun we, “mimani” yahudawa mauri, desa ma witime, maturi nan ana ni kara nini kono.
ئەيسا: «مانا مەن بولىمەن» دېۋىدى، ئۇلار ئارقىسىغا يېنىپ يەرگە يىقىلىشتى. | 6 |
Sama gunan we, “mmani” wakuri inna dumo, warizi adizi.
شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇلاردىن يەنە بىر قېتىم: ــ كىمنى ئىزدەيسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ناسارەتلىك ئەيسانى، ــ دېيىشتى ئۇلار. | 7 |
Makuri ma ikkiwe, “aveni inyar?” wagu, “Yeso unanu nazere.”
ئەيسا: ــ سىلەرگە ئېيتتىمغۇ، مەن شۇ بولىمەن. ئەگەر ئىزدىگىنىڭلار مەن بولسام، بۇلارنى كەتكىلى قويۇڭلار، ــ دېدى. | 8 |
Yesommakabirka, “mabuka shi agi mimani inki mimani i nyara, cekini anigino wadu sa.”
بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ: «[ئاتا]، سەن ماڭا بەرگەنلەردىن ھېچقايسىسىنى يىتتۈرمىدىم» دېگەن سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. | 9 |
Igino barki tize sa ma buka timyinca, “a nyimo ande sa wa nyam, da uni inde ma hunne ma ba.”
سىمون پېترۇسنىڭ يېنىدا بىر قىلىچ بولغاچ، ئۇ شۇئان ئۇنى سۇغۇرۇپ، باش كاھىننىڭ چاكىرىغا بىرنى ئۇرۇپ، ئوڭ قۇلىقىنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى. چاكارنىڭ ئىسمى مالكۇس ئىدى. | 10 |
Simon desa agusan me bitrus, barki sama inta uvira, mahupi makoriko unu udanga, makari me utui utari tinare, niza ni nume malikus.
ئەيسا پېترۇسقا: ــ قىلىچنى غىلاپقا سال! ئاتا ماڭا تاپشۇرغان قەدەھنى ئىچمەمدىم؟ ــ دېدى. | 11 |
Yeso magu in bitrus, kurzo uvira uwe me upanu, inda sam nu rire sa acoo ma nyam ba?
شۇنىڭ بىلەن، لەشكەرلەر توپى بىلەن مىڭبېشى ھەم يەھۇدىيلارنىڭ قاراۋۇللىرى ئەيسانى تۇتۇپ باغلاشتى. | 12 |
Anani kara inini kono sa hafsam nan nanu ira uma yahudawa, wa miki Yeso watirze me.
ئاندىن ئۇنى ئالدى بىلەن ئانناسنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. ئانناس بولسا شۇ يىلى باش كاھىن بولۇپ تۇرغان قايافانىڭ قېينئاتىسى ئىدى. | 13 |
U tuba wadusan me ahira hanana, barki me kumara ku kayafa kuni, ugebe sa me mani unu katuma ka dang aniwe ni ginome.
بۇرۇن يەھۇدىي كېڭەشمىسىدىكىلەرگە: «پۈتۈن خەلقنىڭ [ھالاك بولۇشىنىڭ] ئورنىغا، بىرلا ئادەمنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ھالاك بولۇشى ياخشى» دەپ مەسلىھەت بەرگەن كىشى دەل شۇ قايافا ئىدى. | 14 |
Kayafa mani ma gamirka mayahudawa tize, agi itekuwe unu inde ma wi barki anu.
ئەمدى سىمون پېترۇس بىلەن يەنە بىر مۇخلىس ئەيسانىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بارغانىدى. ئۇ مۇخلىس باش كاھىنغا تونۇش بولغاچقا، باش كاھىننىڭ سارىيىغا ئەيسا بىلەن تەڭ كىردى. | 15 |
Simon nan Bitrus matarsa Yeso, ane ani uye unu tarsa umeme ma wu unu tarsa ugino me unu dang me ma rusame, maribe uhana anyimo ani kubu nu nu u dang me nan Yose.
لېكىن پېترۇس بولسا دەرۋازىنىڭ سىرتىدا قالدى. شۇڭا باش كاھىنغا تونۇش بولغان ھېلىقى مۇخلىس تاشقىرىغا چىقىپ، دەرۋازىۋەن قىز بىلەن سۆزلىشىپ، پېترۇسنى ئىچكىرىگە باشلاپ كىردى. | 16 |
Ba bitrus maton no amatara mana tukum me unu inde anyimo anu tarsa sa unu u dang me ma sa rusa me ma suri, mawuzi tize nan nune me sa turi innu be ana tukumme anime maduku riben in Bitrus.
دەرۋازىۋەن بولغان شۇ دېدەك پېترۇستىن: ــ سەنمۇ بۇ ئادەمنىڭ مۇخلىسلىرىدىن ئەمەسمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ياق، ئەمەس، ــ دېدى پېترۇس. | 17 |
Akem kuca kunu be ana katuma me ku gun bitrus, “Huda ura nyimo anu tarsa unu geme ba?” magu “in zoom anyimo.”
ئەمدى ھاۋا سوغۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، چاكارلار ۋە قاراۋۇللار شاخاردىن گۈلخان ياققان بولۇپ، ئۇنىڭ چۆرىسىدە ئىسسىنىپ تۇرۇشاتتى. پېترۇسمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئىسسىندى. | 18 |
Avari nan nanu tonzino ana katuma udenga Asere waturi ahira me, wa hure tine tura wazin nu kunna din-din, barki azin ti wui. Bitrus maturi ni gome nan we innu kunna utum.
باش كاھىن بولسا ئەيسادىن مۇخلىسلىرى توغرۇلۇق ۋە تەلىمى توغرۇلۇق سوئال سوراشقا باشلىدى. | 19 |
Una katuma kadang ma iki Yeso abanga anu tarsa umeme nan nu dungara umeme.
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق بەردى: ــ مەن خەلق-ئالەم ئالدىدا ئاشكارا سۆز قىلغانمەن، بارلىق يەھۇدىيلار يىغىلىدىغان سىناگوگلاردا ۋە ئىبادەتخانىدا دائىم تەلىم بېرىپ كەلدىم، مەن يوشۇرۇن ھېچنېمە دېمىدىم. | 20 |
Yeso ma k abirka me, mabuka une tize kwas. Musa udangara mae ati denge ta Asere ahira sa vat mayahudawa magun na. Daki mabuka ire mum ni hum ziba.
بۇلارنى نېمىشقا مەندىن سورايسەن؟ ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئاڭلىغانلاردىن سورىغىن؛ مانا، ئۇلار نېمە دېگەنلىكىمنى بىلىدۇ. | 21 |
Barki nyani u igizom ni? igizo ande sa wakun nan azesere imum be sama buka, we warusa imum be sama buka.
ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا، يېنىدا تۇرغان قاراۋۇللاردىن بىرى ئۇنى بىر كاچات ئۇرۇپ: ــ باش كاھىنغا مۇشۇنداق جاۋاب قايتۇرامسەن؟ ــ دېدى. | 22 |
Sa Yeso mabuka anime, uye anyimo a nu ira sa turi ahira me ma kumi, Yeso yace, “uzinmnumkadure unu dang ukatuma anime.”
ــ ئەگەر يامان سۆز قىلغان بولسام، ئۇنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا كۆرسەتكىن. ئەمما ئېيتقانلىرىم دۇرۇس بولسا، مېنى نېمە ئۈچۈن ئۇرىسەن؟ ــ دېدى ئەيسا ئۇنىڭغا. | 23 |
Yeso ma kabirka me magu, “imma buka imumu iburu, abuki imbe urusa anu awe wani nan ana katuma kadang wawitowe atari tum” “nyani wawu za?”
بۇنىڭ بىلەن ئانناس ئۇنى باغلاقلىق پېتى باش كاھىن قايافاغا يوللىدى. | 24 |
Ba hanana ma tumi adusan Yeso barki akatirame ahira akayafa una katuma kadang.
سىمون پېترۇس [ئوتنىڭ] ئالدىدا ئىسسىنىپ تۇرۇۋاتقانىدى. [يېنىدىكىلەر]: ــ سەنمۇ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن ئەمەسمىدىڭ؟ ــ دېيىشتى. ــ ياق، ئەمەسمەن، ــ دەپ تاندى پېترۇس. | 25 |
Simon Bitrus maturi innu kunna u tum. Anume wagun me, “aco hume cangin daki ura anyimo anu tarsa ume meba?” bama wuma tara magu, “mm'mm, inra anyimo ba.”
ئۇ يەردە باش كاھىننىڭ چاكارلىرىدىن، پېترۇس قۇلىقىنى كېسىپ تاشلىغان كىشىگە تۇغقان بىرسى بار ئىدى. ئۇ پېترۇسقا: ــ باغچىدە سېنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۆرگەنىدىمغۇ؟! ــ دېدى. | 26 |
Uye anyimo arere unu dang uka tumame, uhenu udebe sa Bitrus ma yorime utui magu, “aco daki ma irawe nigome nan me anyimo ubene ba?”
پېترۇس يەنە تاندى. دەل شۇ چاغدا خوراز چىللىدى. | 27 |
Bitrus makuri mawu matara, sisi a hira me bigoro bi runo.
ئاندىن ئۇلار ئەيسانى قايافانىڭ يېنىدىن رىملىق ۋالىينىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كەلدى (شۇ چاغدا تاڭ ئاتقانىدى). ئۇنى ئېلىپ كەلگەن [يەھۇدىيلار] بولسا ئۆزىمىزنى ناپاك قىلىپ بۇلغىمايلى دەپ، ئوردىغا كىرمىدى. بولمىسا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ داستىخىنىدىن غىزالىنالمايتتى. | 28 |
U zika ahira kayafa mahan Yeso ahira anu zauka. (Gwanna). Ni sisizo ini usahira, we ace aweme daki waribe ani kubu nu gwamname ba, kati wa cari ace awe ni wadiri are ujibi uhangirka.
شۇڭا [ۋالىي] پىلاتۇس سىرتقا چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇلارغا: ــ بۇ ئادەمنىڭ ئۈستىدىن نېمە ئەرز قىلىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. | 29 |
Ba Bitrus masuri uhana ahira awe magu, “iya umum ini inzin nu bome ahira unu ginome?”
ئۇلار: ــ بۇ ئادەم جىنايەتچى بولمىسا، ئۇنى سىزگە تاپشۇرمىغان بولاتتۇق، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. | 30 |
Ba wa kabirka wagu, ingusi unu gino me da mawuza iri mum ba, nya ni ida wu na ti entize tume ahira awe.
ــ ئۇنى ئۆزۈڭلار ئېلىپ كېتىپ، ئۆز قانۇنۇڭلار بويىچە ھۆكۈم چىقىرىڭلار! ــ دېدى پىلاتۇس ئۇلارغا. يەھۇدىيلار: ــ بىزنىڭ ھېچكىمنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىش ھوقۇقىمىز يوق تۇرسا، ــ دېيىشتى. | 31 |
Bilatus magun we, “Dussani immesisi ishi ni, ka gbarani usuro u wesi utize tishi” Ba mayahudawa wa gun me, daki tabari tuhu tize ahira uye ba.
بۇ ئىشلار ئەيسانىڭ ئۆزى قانداق ئۆلۈم بىلەن ئۆلۈدىغىنى توغرىسىدىكى ئالدىن ئېيتقان بېشارەتلىك سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن يۈز بەردى. | 32 |
Abuki anime barki amyinca tize me sa Yeso wuzi, ige saya bezi usasana iwono sa madi wuzi.
ئاندىن پىلاتۇس يەنە ئوردىسىغا كىرىپ، ئەيسانى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن: ــ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. | 33 |
Ba Bitrus makuri maribe ani kubu nu cawamna, matiti Yeso magun me, “hu ugomo umayahudawa mani?”
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ بۇ سوئالنى ئۆزۈڭ سوراۋاتامەسەن، ياكى باشقىلار مەن توغرۇلۇق ساڭا شۇنداق ئېيتقانمۇ؟ ــ دېدى. | 34 |
Yeso makabirka, “igino me ubuka uwe uni, nani aye wani wabukam anime ahira a we?”
ــ مەن بىر يەھۇدىيمۇ؟! سېنى ماڭا تاپشۇرغانلار ئۆز خەلقىڭ ۋە باش كاھىنلارغۇ! نېمە [جىنايەت] ئۆتكۈزگەنىدىڭ؟ ــ دېدى پىلاتۇس. | 35 |
Bilatus makabirka, “mi daki uyahudawa wa mani ba, nani ani?”
ئەيسا جاۋابەن: ــ مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنياغا تەۋە ئەمەستۇر. ئەگەر بۇ دۇنياغا تەۋە بولغان بولسا، خىزمەتچىلىرىم مېنىڭ يەھۇدىيلارغا تاپشۇرۇلماسلىقىم ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتقان بولاتتى. ھالبۇكى، مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ يەرگە تەۋە ئەمەستۇر، ــ دېدى. | 36 |
Yeso makabirka, tigomo tum daki tu nee ugeme tini ba. Dagusi tigomo tum tu nee ugeme uni arere am wada wuza nikono barki kati azizin ahira ama yahudawa iye tigomo tum da ki a ban na ani tirani ba.
شۇڭا پىلاتۇس ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداقتا، سەن پادىشاھمۇ؟ ئەيسا جاۋابەن: ــ شۇنداق، ئېيتقىنىڭدەك، پادىشاھمەن. مەن شۇنىڭغا تۇغۇلغانمەن، ۋە شۇنىڭغا دۇنياغا كەلدىم: ــ ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بېرىشىم ئۈچۈندىن ئىبارەتتۇر. ھەقىقەتكە تەۋە بولغان ھەربىر كىشى بولسا مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالىدۇ، ــ دېدى. | 37 |
Ba bilatus magun me, “ana a senke hu ugomo mani?” Yeso makabirka, gussi be sawa buka mi ugomo mani. Barki a bi nyobigino bini ayom, nan barki a' anime ma ē anyimo unee, in nya urusa akadure. Koya unu hem in kadure make makunna ni myiran num.”
پىلاتۇس ئۇنىڭدىن: ــ «ھەقىقەت» دېگەن نېمە؟ ــ دەپ سورىدى. پىلاتۇس مۇشۇلارنى دەپ، يەنە تاشقىرىغا، يەھۇدىيلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇلارغا: ــ مەن ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىدىم. | 38 |
Bilatus magun me, “nyani kadure?” sa ma buka anime, makuri masuri ahira ama yahudawa magun we, “mi daki ma kem un uge me inna buri ba.
لېكىن ھەر يىلى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا سىلەر ئۈچۈن [مەھبۇسلاردىن] بىرنى قويۇپ بېرىش قائىدەم بار. شۇڭا بۇ «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى»نى سىلەرگە قويۇپ بېرىشىمنى خالامسىلەر؟ ــ دېدى. | 39 |
Shi dei inmhira izin ure u tanda u ni, inki u idi ukafa wa wuna, in kini shi unu u inde. Aname inyara in ceki shi ugomo uma yahudawa?”
ئۇلارنىڭ ھەممىسى جاۋاب بېرىپ: ــ بۇ ئادەمنى ئەمەس، بارابباسنى قويۇپ بېرىڭ! ــ دەپ قىيقاس-سۈرەن سېلىشتى (بارابباس بولسا بىر قاراقچى ئىدى). | 40 |
Wa kuri wa ziki ukaruwa innu gusa “mm-mm, daki unu gino ba, senke aceki barabas” barabas me mā ukari mani.