ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، كۆزلىرىنى ئەرشكە تىكىپ، مۇنداق دۇئا قىلدى: ــ ئى ئاتا، ۋاقىت-سائەت يېتىپ كەلدى؛ سەن ئوغلۇڭنى ئۇلۇغلاتقۇزغايسەن؛ بۇنىڭ بىلەن ئوغلۇڭمۇ سېنى ئۇلۇغلاتقۇزىدۇ؛ | 1 |
את אלה דבר ישוע וישא עיניו השמימה ויאמר אבי הנה באה השעה פאר את בנך למען גם בנך יפארך׃ |
يەنى، ئۇنىڭ سەن ئۇنىڭغا تاپشۇرغان ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا پۈتكۈل ئەت ئىگىلىرىدىن ئۈستۈن ھوقۇق ئاتا قىلغىنىڭدەك، ئۇنى ئۇلۇغلاتقۇزغايسەن. (aiōnios g166) | 2 |
כאשר נתת לו השלטן על כל בשר למען יתן חיי עולמים לכל אשר נתת לו׃ (aiōnios g166) |
مەڭگۈلۈك ھايات شۇكى، بىردىنبىر ھەقىقىي خۇدا ــ سېنى ۋە سەن ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى تونۇشتىن ئىبارەتتۇر. (aiōnios g166) | 3 |
ואלה הם חיי העולמים לדעת אתך אשר אתה לבדך אל אמת ואת ישוע המשיח אשר שלחת׃ (aiōnios g166) |
مەن سېنىڭ ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن تاپشۇرغان ئىشىڭنى ئورۇندىشىم بىلەن سېنى يەر يۈزىدە ئۇلۇغلاتقۇزدۇم. | 4 |
אני פארתיך בארץ כליתי פעלך אשר צויתני לעשות׃ |
ئى ئاتا، سېنىڭ ئالەم ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن مەن ئۆزۈڭنىڭ يېنىڭدا ئىگە بولغان شان-شەرەپ بىلەن مېنى ئۆزۈڭنىڭ يېنىڭدا ئۇلۇغلاتقۇزغايسەن. | 5 |
ועתה פארני אתה אבי עמך בכבוד אשר היה לי עמך טרם היות העולם׃ |
سەن بۇ دۇنيادىن ماڭا تاللاپ بەرگەن ئادەملەرگە سېنىڭ نامىڭنى ئايان قىلدىم. ئۇلار سېنىڭكى ئىدى، سەن ئۇلارنى ماڭا بەردىڭ ۋە ئۇلار سېنىڭ سۆز-كالامىڭنى تۇتۇپ كەلدى. | 6 |
את שמך הודעתי לבני האדם אשר נתתם לי מתוך העולם לך היו ולי נתת אתם ואת דברך נצרו׃ |
ئۇلار ھازىر سەن ماڭا بەرگەن ھەممە نەرسىلەرنىڭ سېنىڭدىن كەلگەنلىكىنى بىلدى. | 7 |
ועתה ידעו כי כל אשר נתת לי מעמך הוא׃ |
چۈنكى سەن ماڭا تاپشۇرغان سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزدۈم؛ ئۇلارمۇ بۇلارنى قوبۇل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن سەندىن چىققىنىمنى ھەقىقەتەن بىلىپ يەتتى ھەمدە سېنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭگىمۇ ئىشەندى. | 8 |
כי הדברים אשר נתת לי נתתי להם והם קבלום ויכירו באמת כי מעמך יצאתי ויאמינו כי אתה שלחתני׃ |
بۇلارغا دۇئا قىلىمەن؛ بۇ دۇنيادىكى ئادەملەرگە ئەمەس، بەلكى سەن ماڭا بەرگەن ئادەملەرگە دۇئا قىلىمەن؛ چۈنكى ئۇلار سېنىڭكىدۇر. | 9 |
אני בעדם אעתיר לך לא בעד העולם אעתיר כי אם בעד אלה אשר נתת לי כי לך המה׃ |
مېنىڭ بارلىقىم سېنىڭكىدۇر ۋە سېنىڭ بارلىقىڭ بولسا مېنىڭكىدۇر ۋە مەن ئۇلاردا شەرەپ تاپتىم. | 10 |
וכל אשר לי לך הוא ושלך שלי ונתפארתי בהם׃ |
مەن ئەمدى بۇ دۇنيادا تۇرىۋەرمەيمەن؛ لېكىن ئۇلار بۇ دۇنيادا قالدى ۋە مەن سېنىڭ يېنىڭغا كېتىۋاتىمەن. ئى مۇقەددەس ئاتا، سەن ماڭا بەرگەن نامىڭ ئارقىلىق ئۇلارنى ساقلىغىنكى، بىز ئىككىمىز بىر بولغىنىمىزدەك، ئۇلارمۇ بىر بولغاي. | 11 |
ואני אינני עוד בעולם והם בעולם המה ואני בא אליך אבי הקדוש נצר בשמך את אשר נתתם לי למען יהיו אחד כמנו׃ |
مەن ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا، سەن ماڭا بەرگەن نامىڭ بىلەن ئۇلارنى ساقلىدىم ھەم قوغدىدىم؛ ۋە مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى يولىدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھالاكەتكە خاس بولغان كىشىدىن باشقا بىرىمۇ يوقالمىدى. | 12 |
בהיותי עמהם בעולם אני נצרתי אתם בשמך את אשר נתתם לי שמרתי ולא אבד מהם איש זולתי בן האבדון למלאת דבר הכתוב׃ |
مانا ئەمدى سېنىڭ يېنىڭغا بارىمەن. مېنىڭ شادلىقىم ئۇلاردا تولۇپ تاشسۇن دەپ، بۇ سۆزلەرنى دۇنيادىكى ۋاقتىمدا سۆزلىدىم. | 13 |
ועתה הנני בא אליך ואלה אני מדבר בעולם למען תמלא להם שמחתי בקרבם׃ |
مەن ئۇلارغا سۆز-كالامىڭنى تاپشۇردۇم. مەن بۇ دۇنيادىن بولمىغىنىمدەك، ئۇلارمۇ بۇ دۇنيادىن بولمىغىنى ئۈچۈن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى ئۇلاردىن نەپرەتلىنىدۇ. | 14 |
אני נתתי להם את דברך והעולם שנא אתם יען כי לא מן העולם המה כאשר גם אנכי לא מן העולם אני׃ |
ئۇلارنى بۇ دۇنيادىن ئايرىۋەتكەيسەن دەپ تىلىمەيمەن، بەلكى ئۇلارنى رەزىل بولغۇچىدىن ساقلىغايسەن، دەپ تىلەيمەن. | 15 |
ולא אעתיר לך אשר תקחם מן העולם רק שתצרם מן הרע׃ |
مەن بۇ دۇنيادىن بولمىغىنىمدەك، ئۇلارمۇ بۇ دۇنيادىن ئەمەستۇر. | 16 |
מן העולם אינמו כאשר גם אנכי אינני מן העולם׃ |
ئۇلارنى ھەقىقەت ئارقىلىق ئۆزۈڭگە مۇقەددەس قىلىپ ئاتىغۇزغايسەن، چۈنكى سۆز-كالامىڭ ھەقىقەتتۇر. | 17 |
קדש אתם באמתך דברך אמת הוא׃ |
سەن مېنى دۇنياغا ئەۋەتكىنىڭدەك، مەنمۇ ئۇلارنى دۇنياغا ئەۋەتتىم. | 18 |
כאשר אתה שלחת אתי אל העולם כן גם אני שלחתי אתם אל העולם׃ |
ئۇلارمۇ ھەقىقەتتە مۇقەددەس قىلىنىپ ئۆزۈڭگە ئاتالسۇن دەپ، ئۆزۈمنى ساڭا خاس ئاتايمەن. | 19 |
והתקדשתי בעדם למען יהיו גם הם מקדשים באמת׃ |
مەن يالغۇز ئۇلار ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە ئۇلارنىڭ سۆزى ئارقىلىق ماڭا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىمەن. | 20 |
אולם לא לבד בעד אלה אנכי מעתיר לך כי אם גם בעד המאמינים בי על פי דברם׃ |
ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر بولغاي؛ ئى ئاتا، سەن مەندە، مەن سەندە بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىزدە بىر بولغاي؛ شۇنداق بولغاندا، بۇ دۇنيادىكىلەر مېنى سېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشىنىدۇ. | 21 |
למען יהיו כלם אחד כאשר אתה אבי בי אתה ואני בך והיו גם המה בנו כאשר למען יאמין העולם כי אתה שלחתני׃ |
سەن ماڭا ئاتا قىلغان شان-شەرەپنى ئۇلارغا ئاتا قىلدىمكى، بىز ئىككىمىز بىر بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىر بولغاي؛ | 22 |
ואני נתתי להם את הכבוד אשר נתת לי למען יהיו אחד כאשר אנחנו אחד נחנו׃ |
يەنى مەن ئۇلاردا، سەن مەندە بولۇپ، ئۇلار بىرلىكتە كامىل قىلىنغاي. شۇ ئارقىلىق بۇ دۇنيادىكىلەر مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭنى ھەم مېنى سۆيگىنىڭدەك ئۇلارنىمۇ سۆيگەنلىكىڭنى بىلىدۇ. | 23 |
אני בהם ואתה בי למען יהיו משלמים לאחד ולמען ידע העולם כי אתה שלחתני ואהבת אתם כאשר אהבתני׃ |
ئى ئاتا، سەن ماڭا بەرگەنلىرىڭنىڭ ھەممىسىنىڭ مەن بولغان يەردە مەن بىلەن بىرگە بولۇشىنى، شۇنداقلا مېنىڭ شان-شەرىپىمنى، يەنى سەن ئالەم ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن مېنى سۆيگەنلىكىڭ ئۈچۈن، ماڭا بەرگەن شان-شەرەپنى ئۇلارنىڭ كۆرۈشىنى خالايمەن. | 24 |
אבי חפצתי כי גם הם אשר נתתם לי יהיו עמי באשר אהיה אני למען יחזו את כבודי אשר נתת לי כי אהבתני לפני מוסדות עולם׃ |
ئى ھەققانىي ئاتا، بۇ دۇنيادىكىلەر سېنى تونۇمىغان، ئەمما مەن سېنى تونۇيمەن ۋە بۇلارمۇ مېنى سېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىڭنى بىلدى. | 25 |
אבי הצדיק הן העולם לא ידעך ואני ידעתיך ואלה הכירו כי אתה שלחתני׃ |
ۋە مەن سېنىڭ نامىڭنى ئۇلارغا ئايان قىلدىم ۋە يەنە داۋاملىق ئايان قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن، سېنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىڭ ئۇلاردا بولىدۇ ۋە مەنمۇ ئۇلاردا بولاي. | 26 |
ואני הודעתים את שמך ואוסיף להודיעם למען תהיה בם האהבה אשר אהבתני ואני אהיה בהם׃ |