< يۇھاننا 16 >

سىلەرنىڭ پۇتلىشىپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتتىم. 1
Dies habe ich euch gesagt, damit ihr nicht Anstoß nehmt.
ئۇلار سىلەرنى سىناگوگلارنىڭ جامائەتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىدۇ؛ ھەمدە شۇنداق بىر ۋاقىت-سائەت كېلىدۇكى، سىلەرنى ئۆلتۈرگۈچى ئۆزىنى خۇداغا خىزمەت قىلىۋاتىمەن، دەپ ھېسابلايدۇ. 2
Man wird euch in den Bann tun; ja, es kommt die Stunde, wo jeder, der euch tötet, Gott eine Opfergabe darzubringen meint.
ئۇلار بۇلارنى يا ئاتىنى، يا مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن قىلىدۇ. 3
Und so werden sie verfahren, weil sie weder den Vater noch mich erkannt haben.
لېكىن مەن بۇ ئىشلارنى سىلەرگە ئېيتتىمكى، ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، مەن شۇنداق ئالدىنئالا ئېيتقىنىمنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرەلەيسىلەر. 4
Aber ich habe euch dies gesagt, damit, wenn die Stunde der Erfüllung kommt, ihr daran gedenkt, daß ich es euch gesagt habe.« »Dies habe ich euch aber nicht gleich anfangs gesagt, weil ich noch bei euch war.
ــ مەن باشتا بۇلارنى سىلەرگە ئېيتمىدىم، چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىللە ئىدىم. لېكىن ئەمدى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىمەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئاراڭلاردىن ھېچكىم مەندىن: «نەگە كېتىسەن؟» دەپ سورىمايۋاتىدۇ. 5
Jetzt aber gehe ich hin zu dem, der mich gesandt hat, und keiner von euch fragt mich: ›Wohin gehst du?‹,
ئەكسىچە، سىلەرگە بۇلارنى ئېيتقىنىم ئۈچۈن، قەلبىڭلار قايغۇغا چۆمۈپ كەتتى. 6
sondern weil ich dies zu euch gesagt habe, hat die Traurigkeit euer Herz erfüllt.
ئەمما مەن سىلەرگە ھەقىقەتنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ كېتىشىم سىلەرگە پايدىلىقتۇر. چۈنكى ئەگەر كەتمىسەم، ياردەمچى سىلەرگە كەلمەيدۇ. ئەمما كەتسەم، ئۇنى سىلەرگە ئەۋەتىمەن. 7
Aber ich sage euch die Wahrheit: Es ist gut für euch, daß ich weggehe. Denn wenn ich nicht weggehe, so wird der Helfer nicht zu euch kommen; wenn ich aber hingegangen bin, werde ich ihn zu euch senden.
ئۇ كەلگەندە، بۇ دۇنيادىكىلەرگە گۇناھ توغرىسىدا، ھەققانىيلىق توغرىسىدا ۋە ئاخىرەت سورىقى توغرىسىدا ھەقىقەتنى بىلگۈزىدۇ. 8
Und wenn er gekommen ist, wird er der Welt die Augen öffnen über Sünde und über Gerechtigkeit und über Gericht:
ئۇ ئۇلارنى گۇناھ توغرىسىدا بىلگۈزىدۇ، چۈنكى ئۇلار ماڭا ئېتىقاد قىلمىدى. 9
über Sünde, (die darin besteht) daß sie nicht an mich glauben;
ئۇلارنى ھەققانىيلىق توغرىسىدا [بىلگۈزىدۇ]، چۈنكى ئاتامنىڭ يېنىغا قايتىپ بارىمەن ۋە سىلەر مېنى يەنە كۆرەلمەيسىلەر. 10
über Gerechtigkeit, (die darin besteht) daß ich zum Vater hingehe und ihr mich fortan nicht mehr seht;
ئۇلارنى ئاخىرەت سورىقى توغرىسىدا [بىلگۈزىدۇ]، چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىلدى. 11
über Gericht, (das darin besteht) daß der Fürst dieser Welt gerichtet ist.
سىلەرگە ئېيتىدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى؛ لېكىن سىلەر ئۇلارنى ھازىرچە كۆتۈرەلمەيسىلەر. 12
Noch vieles hätte ich euch zu sagen, doch ihr könnt es jetzt nicht tragen.
لېكىن ئۇ، يەنى ھەقىقەتنىڭ روھى كەلگەندە، ئۇ سىلەرنى بارلىق ھەقىقەتكە باشلاپ بارىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزلۈكىدىن سۆزلىمەيدۇ، بەلكى نېمىنى ئاڭلىغان بولسا، شۇنى سۆزلەيدۇ ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلاردىن سىلەرگە خەۋەر بېرىدۇ. 13
Wenn aber jener gekommen ist, der Geist der Wahrheit, der wird euch in die ganze Wahrheit einführen; denn er wird nicht von sich selbst aus reden, sondern was er hört, das wird er reden und euch das Zukünftige verkündigen.
ئۇ مېنى ئۇلۇغلايدۇ؛ چۈنكى ئۇ مەندە بار بولغاننى تاپشۇرۇۋېلىپ، سىلەرگە جاكارلايدۇ. 14
Er wird mich verherrlichen, denn von meinem Eigentum wird er es nehmen und euch verkündigen. Alles, was der Vater hat, ist mein;
ئاتىدا بار بولغاننىڭ ھەممىسى ھەم مېنىڭكىدۇر؛ مانا شۇنىڭ ئۈچۈن مەن: «ئۇ مەندە بار بولغاننى تاپشۇرۇۋېلىپ، سىلەرگە جاكارلايدۇ» دەپ ئېيتتىم. 15
deshalb habe ich gesagt, daß er es von meinem Eigentum nimmt und es euch verkündigen wird.«
ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، مېنى كۆرمەيسىلەر؛ ۋە يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنى قايتا كۆرىسىلەر، چۈنكى مەن ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىمەن». 16
»Nur noch eine kurze Zeit, so seht ihr mich nicht mehr; dann wieder eine kurze Zeit, so werdet ihr mich sehen.«
شۇڭا مۇخلىسلارنىڭ بەزىلىرى بىر-بىرىگە: ــ بىزلەرگە: ــ «ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، مېنى كۆرمەيسىلەر؛ يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنى قايتا كۆرىسىلەر» ۋە يەنە «چۈنكى مەن ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىمەن» دېگىنى نېمە دېگىنىدۇ؟ 17
Da sagten einige von seinen Jüngern zueinander: »Was meint er damit, daß er zu uns sagt: ›Nur noch eine kurze Zeit, so seht ihr mich nicht mehr; dann wieder eine kurze Zeit, so werdet ihr mich sehen‹, und weiter: ›Ich gehe hin zum Vater‹?«
«ئاز ۋاقىتتىن كېيىن» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى نېمە؟ ئۇنىڭ نېمىلەرنى دەۋاتقانلىرىنى بىلمىدۇق، ــ دېيىشىدۇ. 18
Sie sagten also: »Was meint er mit dem Ausdruck ›eine kurze Zeit‹? Wir verstehen seine Worte nicht.«
ئەيسا ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن نېمىنى سورىماقچى بولغىنىنى بىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «مېنىڭ «ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، مېنى كۆرمەيسىلەر؛ يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنى كۆرىسىلەر» دېگىنىمنىڭ مەنىسىنى بىر-بىرىڭلاردىن سوراۋاتامسىلەر؟ 19
Jesus merkte, daß sie ihn darüber befragen wollten, und sagte zu ihnen: »Darüber verhandelt ihr miteinander, (was das zu bedeuten habe) daß ich gesagt habe: ›Nur noch eine kurze Zeit, so seht ihr mich nicht mehr, dann wieder eine kurze Zeit, so werdet ihr mich sehen‹?
بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەر يىغا-زار كۆتۈرۈسىلەر، لېكىن بۇ دۇنيادىكىلەر خۇشال بولۇشۇپ كېتىدۇ؛ سىلەر قايغۇرىسىلەر، لېكىن قايغۇلىرىڭلار شادلىققا ئايلىنىدۇ. 20
Wahrlich, wahrlich ich sage euch: ihr werdet weinen und wehklagen, die Welt aber wird sich freuen; ihr werdet traurig sein, doch eure Traurigkeit wird zur Freude werden.
ئايال كىشى تۇغۇتتا ئازابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلگەن؛ لېكىن بوۋىقى تۇغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر پەرزەنتنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ شادلىقى بىلەن تارتقان ئازابىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. 21
Wenn eine Frau Mutter werden soll, so ist sie traurig, weil ihre Stunde gekommen ist; wenn sie aber das Kind geboren hat, denkt sie nicht mehr an die Angst um der Freude willen, daß ein Mensch in die Welt geboren ist.
شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھازىر ئازابلىنىۋاتىسىلەر، لېكىن مەن سىلەر بىلەن قايتا كۆرۈشىمەن، قەلبىڭلار شادلىنىدۇ ۋە شادلىقىڭلارنى ھېچكىم سىلەردىن تارتىۋالالمايدۇ. 22
So seid auch ihr jetzt in Traurigkeit; aber ich werde euch wiedersehen: dann wird euer Herz sich freuen, und niemand wird euch eure Freude rauben.
شۇ كۈندە سىلەر مەندىن ھېچنەرسە سورىمايسىلەر. بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتىدىن نېمىنى تىلىسەڭلار، ئۇ شۇنى سىلەرگە بېرىدۇ. 23
Und an jenem Tage werdet ihr mich um nichts mehr befragen. Wahrlich, wahrlich ich sage euch: Wenn ihr den Vater um etwas bitten werdet, so wird er es euch in meinem Namen geben.
ھازىرغىچە مېنىڭ نامىم بىلەن ھېچنېمە تىلىمىدىڭلار. ئەمدى تىلەڭلار، ئېرىشىسىلەر، بۇنىڭ بىلەن شادلىقىڭلار تولۇپ تاشىدۇ! 24
Bisher habt ihr noch nie um etwas in meinem Namen gebeten: bittet, so werdet ihr empfangen, damit eure Freude vollkommen sei.«
سىلەرگە بۇلارنى تەمسىللەر بىلەن ئېيتىپ بەردىم. بىراق شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا سىلەرگە يەنە تەمسىللەر بىلەن سۆزلىمەيمەن، ئاتا توغرۇلۇق سىلەرگە ئوچۇق ئېيتىمەن. 25
»Dies habe ich euch in Gleichnissen verkündet; es kommt aber die Stunde, da werde ich nicht mehr in Gleichnissen zu euch reden, sondern euch mit voller Offenheit Kunde über den Vater geben.
شۇ كۈنى تىلەكلىرىڭلارنى مېنىڭ نامىم بىلەن ئىلتىجا قىلىسىلەر. مەن سىلەر ئۈچۈن ئاتىدىن تەلەپ قىلىمەن، دەپ ئېيتمايمەن؛ 26
An jenem Tage werdet ihr in meinem Namen bitten, und ich sage euch nicht, daß ich den Vater für euch bitten werde;
چۈنكى ئاتا ئۆزىمۇ سىلەرنى سۆيىدۇ؛ چۈنكى سىلەر مېنى سۆيىسىلەر ۋە مېنىڭ خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەنلىكىمگە ئىشەندىڭلار. 27
denn er selbst, der Vater, hat euch lieb, weil ihr mich geliebt und den Glauben gewonnen habt, daß ich von Gott ausgegangen bin.
مەن ئاتىنىڭ يېنىدىن چىقىپ بۇ دۇنياغا كەلدىم؛ ئەمدى مەن يەنە بۇ دۇنيادىن كېتىپ ئاتىنىڭ يېنىغا بارىمەن». 28
Ich bin vom Vater ausgegangen und in die Welt gekommen; hinwiederum verlasse ich die Welt und kehre zum Vater zurück.« –
مۇخلىسلىرى: ــ مانا سەن ھازىر ئوچۇق ئېيتىۋاتىسەن، تەمسىل كەلتۈرۈپ سۆزلىمىدىڭ! 29
Da sagten seine Jünger: »Siehe, jetzt redest du frei heraus und gebrauchst keine bildliche Rede mehr;
بىز سېنىڭ ھەممىنى بىلگىنىڭنى، شۇنداقلا ھېچكىمنىڭ سەندىن سوئال سورىشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئەمدى بىلىپ يەتتۇق. شۇنىڭدىن سېنىڭ خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەنلىكىڭگە ئىشەندۇق، ــ دېيىشتى. 30
jetzt wissen wir, daß du alles weißt und niemand dich erst zu befragen braucht; darum glauben wir, daß du von Gott ausgegangen bist.«
ئەيسا جاۋابەن ئۇلارغا: ــ ھازىر ئىشەندىڭلارمۇ؟ 31
Jesus antwortete ihnen: »Jetzt glaubt ihr?
مانا، شۇنداق ۋاقىت-سائىتى كېلەي دەپ قالدى، شۇنداقلا كېلىپ قالدىكى، ھەممىڭلار مېنى يالغۇز تاشلاپ ھەربىرىڭلار ئۆز يوللىرىڭلارغا تارقىلىپ كېتىسىلەر. بىراق مەن يالغۇز ئەمەسمەن، چۈنكى ئاتا مەن بىلەن بىللىدۇر. 32
Wisset wohl: es kommt die Stunde, ja sie ist schon da, daß ihr euch zerstreuen werdet, ein jeder in das Seine, und ihr mich allein lassen werdet. Und doch bin ich (alsdann) nicht allein, denn der Vater ist bei mir.
سىلەرنىڭ مەندە خاتىرجەملىككە ئىگە بولۇشۇڭلار ئۈچۈن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتتىم. بۇ دۇنيادا تۇرۇپ ئازاب-ئوقۇبەت تارتىسىلەر، ئەمما غەيرەتلىك بولۇڭلار! مەن بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىم! 33
Dies habe ich zu euch geredet, damit ihr in mir Frieden habet. In der Welt habt ihr Bedrängnis; doch seid getrost: ich habe die Welt überwunden!«

< يۇھاننا 16 >