< يۇھاننا 15 >
ــ «ھەقىقىي ئۈزۈم تېلى» ئۆزۈمدۇرمەن، ئاتام بولسا باغۋەندۇر. | 1 |
εγω ειμι η αμπελοσ η αληθινη και ο πατηρ μου ο γεωργοσ εστιν
باغۋەن مەندىكى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر شاخنى كېسىپ تاشلايدۇ. مېۋە بەرگەنلىرىنى بولسا تېخىمۇ كۆپ مېۋە بەرسۇن دەپ، پاك قىلىپ پۇتاپ تۇرىدۇ. | 2 |
παν κλημα εν εμοι μη φερον καρπον αιρει αυτο και παν το καρπον φερον καθαιρει αυτο ινα πλειονα καρπον φερη
ئەمدى سىلەر مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن سۆزۈم ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن پاك بولدۇڭلار. | 3 |
ηδη υμεισ καθαροι εστε δια τον λογον ον λελαληκα υμιν
سىلەر مەندە ئىزچىل تۇرۇڭلار، مەنمۇ سىلەردە ئىزچىل تۇرىمەن. شاخ تالدا تۇرماي، ئۆزى مېۋە بېرەلمەيدىغىنىدەك، سىلەرمۇ مەندە ئىزچىل تۇرمىساڭلار، مېۋە بېرەلمەيسىلەر. | 4 |
μεινατε εν εμοι καγω εν υμιν καθωσ το κλημα ου δυναται καρπον φερειν αφ εαυτου εαν μη μεινη εν τη αμπελω ουτωσ ουδε υμεισ εαν μη εν εμοι μεινητε
«ئۈزۈم تېلى» ئۆزۈمدۇرمەن، سىلەر بولساڭلار شاخلىرىدۇرسىلەر. كىم مەندە ئىزچىل تۇرسا، مەنمۇ شۇنداقلا ئۇنىڭدا تۇرغىنىمدا، ئۇ كۆپ مېۋە بېرىدۇ. چۈنكى مەنسىز ھېچنېمىنى قىلالمايسىلەر. | 5 |
εγω ειμι η αμπελοσ υμεισ τα κληματα ο μενων εν εμοι καγω εν αυτω ουτοσ φερει καρπον πολυν οτι χωρισ εμου ου δυνασθε ποιειν ουδεν
بىرسى مەندە تۇرمىسا، ئۇ [كېرەكسىز] شاختەك تاشلىنىپ، قۇرۇپ كېتىدۇ. بۇنداق شاخلار يىغىپ كېلىنىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ. | 6 |
εαν μη τισ μεινη εν εμοι εβληθη εξω ωσ το κλημα και εξηρανθη και συναγουσιν αυτα και εισ το πυρ βαλλουσιν και καιεται
سىلەر مەندە ئىزچىل تۇرساڭلار ۋە سۆزلىرىم سىلەردە ئىزچىل تۇرسا، نېمىنى تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە شۇ ئىجابەت بولىدۇ. | 7 |
εαν μεινητε εν εμοι και τα ρηματα μου εν υμιν μεινη ο εαν θελητε αιτησεσθε και γενησεται υμιν
سىلەرنىڭ كۆپ مېۋى بېرىشىڭلار، شۇنداقلا مېنىڭ مۇخلىسلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلىشىڭلار بىلەن شان-شەرەپ ئاتامغا كەلتۈرۈلىدۇ. | 8 |
εν τουτω εδοξασθη ο πατηρ μου ινα καρπον πολυν φερητε και γενησεσθε εμοι μαθηται
ئاتام مېنى سۆيگىنىدەك، مەنمۇ سىلەرنى سۆيدۈم؛ مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە ئىزچىل تۇرۇڭلار. | 9 |
καθωσ ηγαπησεν με ο πατηρ καγω ηγαπησα υμασ μεινατε εν τη αγαπη τη εμη
ئەگەر ئەمرلىرىمنى تۇتساڭلار، خۇددى مەن ئاتامنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتقان ۋە ھەمىشە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدە تۇرغىنىمدەك، سىلەرمۇ ھەمىشە مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە تۇرىسىلەر. | 10 |
εαν τασ εντολασ μου τηρησητε μενειτε εν τη αγαπη μου καθωσ εγω τασ εντολασ του πατροσ μου τετηρηκα και μενω αυτου εν τη αγαπη
مېنىڭ خۇشاللىقىم سىلەردە بولسۇن ۋە شۇنىڭدەك خۇشاللىقىڭلار تولۇپ تاشسۇن دەپ، مەن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتتىم. | 11 |
ταυτα λελαληκα υμιν ινα η χαρα η εμη εν υμιν μεινη και η χαρα υμων πληρωθη
مېنىڭ ئەمرىم شۇكى، مەن سىلەرنى سۆيگىنىمدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار. | 12 |
αυτη εστιν η εντολη η εμη ινα αγαπατε αλληλουσ καθωσ ηγαπησα υμασ
ئىنسانلارنىڭ ئۆز دوستلىرى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشتىن چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتى يوقتۇر. | 13 |
μειζονα ταυτησ αγαπην ουδεισ εχει ινα τισ την ψυχην αυτου θη υπερ των φιλων αυτου
سىلەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىمنى ئادا قىلساڭلار، مېنىڭ دوستلىرىم بولىسىلەر. | 14 |
υμεισ φιλοι μου εστε εαν ποιητε οσα εγω εντελλομαι υμιν
ئەمدى مۇندىن كېيىن مەن سىلەرنى «قۇل» دەپ ئاتىمايمەن. چۈنكى قۇل خوجايىنىنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى «دوست» دەپ ئاتىدىم، چۈنكى ئاتامدىن ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم. | 15 |
ουκετι υμασ λεγω δουλουσ οτι ο δουλοσ ουκ οιδεν τι ποιει αυτου ο κυριοσ υμασ δε ειρηκα φιλουσ οτι παντα α ηκουσα παρα του πατροσ μου εγνωρισα υμιν
سىلەر مېنى تاللىغىنىڭلار يوق، ئەكسىچە مەن سىلەرنى تاللىدىم ۋە سىلەرنى بېرىپ مېۋە بەرسۇن ھەمدە مېۋىلىرىڭلار دائىم ساقلانسۇن، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتىدىن نېمە تىلىسەڭلار، ئۇ سىلەرگە بەرسۇن دەپ سىلەرنى تىكلىدىم. | 16 |
ουχ υμεισ με εξελεξασθε αλλ εγω εξελεξαμην υμασ και εθηκα υμασ ινα υμεισ υπαγητε και καρπον φερητε και ο καρποσ υμων μενη ινα ο τι αν αιτησητε τον πατερα εν τω ονοματι μου δω υμιν
سىلەرگە شۇنى ئەمر قىلىمەنكى، بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار. | 17 |
ταυτα εντελλομαι υμιν ινα αγαπατε αλληλουσ
بۇ دۇنيادىكىلەر سىلەردىن نەپرەتلەنسە، سىلەردىن ئاۋۋال مەندىن نەپرەتلەنگەنلىكىنى بىلىڭلار. | 18 |
ει ο κοσμοσ υμασ μισει γινωσκετε οτι εμε πρωτον υμων μεμισηκεν
سىلەرمۇ بۇ دۇنيادىكىلەردىن بولغان بولساڭلار، بۇ دۇنيادىكىلەر سىلەرنى ئۆزىمىزنىڭكى دەپ، سۆيگەن بولاتتى. بىراق سىلەر بۇ دۇنيادىن بولمىغاچقا، بەلكى مەن سىلەرنى بۇ دۇنيادىن ئايرىپ تاللىغانلىقىم ئۈچۈن، ئەمدى بۇ دۇنيادىكىلەر سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ. | 19 |
ει εκ του κοσμου ητε ο κοσμοσ αν το ιδιον εφιλει οτι δε εκ του κοσμου ουκ εστε αλλ εγω εξελεξαμην υμασ εκ του κοσμου δια τουτο μισει υμασ ο κοσμοσ
مەن سىلەرگە ئېيتقان سۆزنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار: «قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ». ئۇلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلغان بولسا، سىلەرگىمۇ زىيانكەشلىك قىلىدۇ. مېنىڭ سۆزۈمنى تۇتقان بولسا، ئۇلار سىلەرنىڭكىنىمۇ تۇتىدۇ. | 20 |
μνημονευετε του λογου ου εγω ειπον υμιν ουκ εστιν δουλοσ μειζων του κυριου αυτου ει εμε εδιωξαν και υμασ διωξουσιν ει τον λογον μου ετηρησαν και τον υμετερον τηρησουσιν
بىراق مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ئۇلار سىلەرگىمۇ شۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار مېنى ئەۋەتكۈچىنى تونۇمايدۇ. | 21 |
αλλα ταυτα παντα ποιησουσιν υμιν δια το ονομα μου οτι ουκ οιδασιν τον πεμψαντα με
ئەگەر مەن كېلىپ ئۇلارغا سۆز قىلمىغان بولسام، ئۇلاردا گۇناھ يوق دەپ ھېسابلىناتتى. لېكىن ھازىر گۇناھى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھېچ باھانىسى يوقتۇر. | 22 |
ει μη ηλθον και ελαλησα αυτοισ αμαρτιαν ουκ ειχον νυν δε προφασιν ουκ εχουσιν περι τησ αμαρτιασ αυτων
كىمدەكىم مەندىن نەپرەتلەنسە ئاتامدىنمۇ نەپرەتلەنگەن بولىدۇ. | 23 |
ο εμε μισων και τον πατερα μου μισει
مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا باشقا ھېچكىم قىلىپ باقمىغان ئەمەللەرنى قىلمىغان بولسام، ئۇلاردا گۇناھ يوق دەپ ھېسابلىناتتى. لېكىن ئۇلار ھازىر [ئەمەللىرىمنى] كۆرگەن تۇرۇقلۇق، يەنىلا ھەم مەندىن ھەم ئاتامدىن نەپرەتلەندى. | 24 |
ει τα εργα μη εποιησα εν αυτοισ α ουδεισ αλλοσ πεποιηκεν αμαρτιαν ουκ ειχον νυν δε και εωρακασιν και μεμισηκασιν και εμε και τον πατερα μου
لېكىن بۇ ئىشلار ئۇلارغا تەۋە بولغان تەۋرات قانۇنىدا: «ھېچقانداق سەۋەبسىزلا مەندىن نەپرەتلەندى» دەپ پۈتۈلگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن شۇنداق يۈز بەردى. | 25 |
αλλ ινα πληρωθη ο λογοσ ο γεγραμμενοσ εν τω νομω αυτων οτι εμισησαν με δωρεαν
لېكىن مەن سىلەرگە ئاتىنىڭ يېنىدىن ئەۋەتىدىغان ياردەمچى، يەنى ئاتىنىڭ يېنىدىن چىققۇچى ھەقىقەتنىڭ روھى كەلگەندە، ئۇ ماڭا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. | 26 |
οταν δε ελθη ο παρακλητοσ ον εγω πεμψω υμιν παρα του πατροσ το πνευμα τησ αληθειασ ο παρα του πατροσ εκπορευεται εκεινοσ μαρτυρησει περι εμου
سىلەرمۇ ماڭا گۇۋاھلىق بېرىسىلەر، چۈنكى سىلەر باشتىن تارتىپ مەن بىلەن بىللە بولدۇڭلار. | 27 |
και υμεισ δε μαρτυρειτε οτι απ αρχησ μετ εμου εστε