< يۇھاننا 14 >

كۆڭلۈڭلارنى پاراكەندە قىلماڭلار! خۇداغا ئىشىنىسىلەر، ماڭىمۇ ئىشىنىڭلار. 1
NO se turbe vuestro corazón: creéis en Dios, creed también en mí.
ئاتامنىڭ ئۆيىدە نۇرغۇن ماكانلار بار. بولمىغان بولسا، بۇنى سىلەرگە ئېيتقان بولاتتىم؛ چۈنكى مەن ھەربىرىڭلارغا ئورۇن تەييارلاش ئۈچۈن شۇ يەرگە كېتىپ بارىمەن. 2
En la casa de mi Padre muchas moradas hay: de otra manera os [lo] hubiera dicho: voy, pues, á preparar lugar para vosotros.
مەن سىلەرگە ئورۇن تەييارلىغىلى بارىدىغانىكەنمەن، چوقۇم قايتىپ كېلىپ، سىلەرنى ئۆزۈمگە ئالىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن، مەن قەيەردە بولسام، سىلەرمۇ شۇ يەردە بولىسىلەر. 3
Y si me fuere, y os aparejare lugar, vendré otra vez, y os tomaré á mí mismo: para que donde yo estoy, vosotros también estéis.
سىلەر مېنىڭ قەيەرگە كېتىدىغانلىقىمنى ۋە ئۇ يەرگە بارىدىغان يولنى بىلىسىلەر. 4
Y sabéis á dónde yo voy; y sabéis el camino.
توماس ئۇنىڭغا: ــ ئى رەب، سېنىڭ قەيەرگە كېتىدىغانلىقىڭنى بىلمەيمىز. شۇنداق ئىكەن، يولنى قانداق بىلىمىز؟ ــ دېدى. 5
Dícele Tomás: Señor, no sabemos á dónde vas: ¿cómo, pues, podemos saber el camino?
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم ئاتىنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ. 6
Jesús le dice: Yo soy el camino, y la verdad, y la vida: nadie viene al Padre, sino por mí.
ئەگەر مېنى تونۇغان بولساڭلار، ئاتامنىمۇ تونۇغان بولاتتىڭلار. ھازىردىن باشلاپ ئۇنى تونۇدۇڭلار ھەم ئۇنى كۆردۈڭلار، ــ دېدى. 7
Si me conocieseis, también á mi Padre conocierais: y desde ahora le conocéis, y le habéis visto.
ــ ئى رەب، ئاتىنى بىزگە كۆرسىتىپ قويساڭلا، شۇ كۇپايە، ــ دېدى فىلىپ. 8
Dícele Felipe: Señor, muéstranos el Padre, y nos basta.
ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ «ئى فىلىپ، سىلەر بىلەن بىرگە بولغىنىمغا شۇنچە ۋاقىت بولدى، مېنى تېخىچە تونۇمىدىڭمۇ؟ مېنى كۆرگەن كىشى ئاتىنى كۆرگەن بولىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سەن نېمىشقا يەنە: «بىزگە ئاتىنى كۆرسەتكەيسەن» دەيسەن؟ 9
Jesús le dice: ¿Tanto tiempo ha que estoy con vosotros, y no me has conocido, Felipe? El que me ha visto, ha visto al Padre; ¿cómo, pues, dices tú: Muéstranos el Padre?
مەن ئاتىدا، ئاتا مەندە ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەمسەن؟ سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئۆزلۈكۈمدىن ئېيتقىنىم يوق؛ بەلكى مەندە تۇرۇۋاتقان ئاتا ئۆز ئەمەللىرىنى قىلىۋاتىدۇ. 10
¿No crees que yo soy en el Padre, y el Padre en mí? Las palabras que yo os hablo, no [las] hablo de mí mismo: mas el Padre que está en mí, él hace las obras.
مېنىڭ ئاتىدا بولغانلىقىمغا، ئاتىنىڭ مەندە بولغانلىقىغا ئىشىنىڭلار. ياكى ھېچبولمىغاندا، مېنىڭ قىلغان ئەمەللىرىمدىن ماڭا ئىشىنىڭلار. 11
Creedme que yo soy en el Padre, y el Padre en mí: de otra manera, creedme por las mismas obras.
بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ماڭا ئىشەنگەن كىشى مېنىڭ قىلىۋاتقان ئەمەللىرىمنى قىلالايدۇ؛ ۋە بۇلاردىنمۇ تېخىمۇ ئۇلۇغ ئەمەللەرنى قىلىدۇ، چۈنكى مەن ئاتىنىڭ يېنىغا [قايتىپ] كېتىمەن. 12
De cierto, de cierto os digo: El que en mí cree, las obras que yo hago también él [las] hará; y mayores que éstas hará; porque yo voy al Padre.
ۋە ئاتىنىڭ ئوغۇلدا ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن، ھەرنېمىنى مېنىڭ نامىم بىلەن تىلىسەڭلار، شۇلارنى ئىجابەت قىلىمەن. 13
Y todo lo que pidiereis al Padre en mi nombre, esto haré, para que el Padre sea glorificado en el Hijo.
مېنىڭ نامىم بىلەن ھەرقانداق نەرسىنى تىلىسەڭلار، مەن سىلەرگە شۇنى ئىجابەت قىلىمەن». 14
Si algo pidiereis en mi nombre, yo lo haré.
ــ «مېنى سۆيسەڭلار، ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلىسىلەر. 15
Si me amáis, guardad mis mandamientos;
مەنمۇ ئاتىدىن تىلەيمەن ۋە ئۇ سىلەرگە باشقا بىر ياردەمچى ئاتا قىلىدۇ. ئۇ سىلەر بىلەن ئەبەدگىچە بىرگە بولىدۇ. (aiōn g165) 16
Y yo rogaré al Padre, y os dará otro Consolador, para que esté con vosotros para siempre: (aiōn g165)
ئۇ بولسىمۇ ھەقىقەتنىڭ روھىدۇر. ئۇنى بۇ دۇنيادىكىلەر قوبۇل قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇنى نە كۆرمەيدۇ، نە تونۇمايدۇ. بىراق سىلەر ئۇنى تونۇيسىلەر، چۈنكى ئۇ سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتىدۇ ھەم سىلەردە ماكان قىلىدۇ. 17
Al Espíritu de verdad, al cual el mundo no puede recibir, porque no le ve, ni le conoce: mas vosotros le conocéis; porque está con vosotros, y será en vosotros.
مەن سىلەرنى يېتىم قالدۇرمايمەن، يېنىڭلارغا يەنە قايتىپ كېلىمەن. 18
No os dejaré huérfanos: vendré á vosotros.
ئازغىنا ۋاقىتتىن كېيىن، بۇ دۇنيا مېنى كۆرمەيدۇ، لېكىن سىلەر كۆرۈسىلەر. مەن ھايات بولغانلىقىم ئۈچۈن، سىلەرمۇ ھايات بولىسىلەر. 19
Aun un poquito, y el mundo no me verá más; empero vosotros me veréis; porque yo vivo, y vosotros también viviréis.
شۇ كۈندە مېنىڭ ئاتامدا بولغانلىقىم، سىلەرنىڭ مەندە بولغانلىقىڭلار ۋە مەنمۇ ھەم سىلەردە بولغانلىقىمنى بىلىسىلەر. 20
En aquel día vosotros conoceréis que yo estoy en mi Padre, y vosotros en mí, y yo en vosotros.
كىم ئەمرلىرىمگە ئىگە بولۇپ ئۇلارنى تۇتسا، مېنى سۆيگۈچى شۇ بولىدۇ. مېنى سۆيگۈچىنى ئاتاممۇ سۆيىدۇ، مەنمۇ ئۇنى سۆيىمەن ۋە ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىمەن». 21
El que tiene mis mandamientos, y los guarda, aquél es el que me ama; y el que me ama, será amado de mi Padre, y yo le amaré, y me manifestaré á él.
يەھۇدا (يەھۇدا ئىشقارىيوت ئەمەس) ئۇنىڭدىن: ــ ئى رەب، سەن ئۆزۈڭنى بۇ دۇنيادىكىلەرگە ئايان قىلماي، بىزگىلا ئايان قىلىشىڭ قانداق ئىش؟ ــ دەپ سورىدى. 22
Dícele Judas, no el Iscariote: Señor, ¿qué hay porque te hayas de manifestar á nosotros, y no al mundo?
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ «بىركىم مېنى سۆيسە، سۆزۈمنى تۇتىدۇ؛ ئاتاممۇ ئۇنى سۆيىدۇ ۋە [ئاتام] بىلەن ئىككىمىز ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماكان قىلىمىز. 23
Respondió Jesús, y díjole: El que me ama, mi palabra guardará; y mi Padre le amará, y vendremos á él, y haremos con él morada.
مېنى سۆيمەيدىغان كىشى سۆزلىرىمنى تۇتمايدۇ؛ ۋە سىلەر ئاڭلاۋاتقان بۇ سۆز بولسا مېنىڭ ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتىنىڭكىدۇر. 24
El que no me ama, no guarda mis palabras: y la palabra que habéis oído, no es mía, sino del Padre que me envió.
مەن سىلەر بىلەن بىللە بولۇۋاتقان چېغىمدا، بۇلارنى سىلەرگە ئېيتتىم. 25
Estas cosas os he hablado estando con vosotros.
لېكىن ئاتا مېنىڭ نامىم بىلەن ئەۋەتىدىغان ياردەمچى، يەنى مۇقەددەس روھ سىلەرگە ھەممىنى ئۆگىتىدۇ ھەم مېنىڭ سىلەرگە ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىمنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرىدۇ. 26
Mas el Consolador, el Espíritu Santo, al cual el Padre enviará en mi nombre, él os enseñará todas las cosas, y os recordará todas las cosas que os he dicho.
سىلەرگە خاتىرجەملىك قالدۇرىمەن، ئۆز خاتىرجەملىكىمنى سىلەرگە بېرىمەن؛ مېنىڭ سىلەرگە بەرگىنىم بۇ دۇنيادىكىلەرنىڭ بەرگىنىدەك ئەمەستۇر. كۆڭلۈڭلارنى پاراكەندە قىلماڭلار ۋە جۈرئەتسىز بولماڭلار. 27
La paz os dejo, mi paz os doy: no como el mundo [la] da, yo os [la] doy. No se turbe vuestro corazón, ni tenga miedo.
سىلەر مېنىڭ: «مەن [سىلەردىن] ئايرىلىپ كېتىمەن، كېيىن يېنىڭلارغا يەنە قايتىپ كېلىمەن» دېگىنىمنى ئاڭلىدىڭلار. مېنى سۆيگەن بولساڭلار، ئاتىنىڭ يېنىغا كېتىدىغانلىقىم ئۈچۈن خۇرسەن بولاتتىڭلار. چۈنكى ئاتا مەندىن ئۇلۇغدۇر. 28
Habéis oído cómo yo os he dicho: Voy, y vengo á vosotros. Si me amaseis, ciertamente os gozaríais, porque he dicho que voy al Padre: porque el Padre mayor es que yo.
سىلەرنىڭ بۇ ئىشلار يۈز بەرگىنىدە ئىشىنىشىڭلار ئۈچۈن بۇ [ئىشلار] يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال سىلەرگە ئېيتتىم. 29
Y ahora os lo he dicho antes que se haga; para que cuando se hiciere, creáis.
مۇندىن كېيىن سىلەر بىلەن كۆپ سۆزلەشمەيمەن؛ چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ ۋە مەندىن كىرگۈدەك ھېچ يوچۇق تاپالمايدۇ. 30
Ya no hablaré mucho con vosotros: porque viene el príncipe de este mundo; mas no tiene nada en mí.
لېكىن بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىنىڭ مېنىڭ ئاتىنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلىشى ئۈچۈن ئاتا ماڭا نېمە ئەمر قىلغان بولسا، مەن دەل شۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. تۇرۇڭلار، بۇ جايدىن كېتەيلى». 31
Empero para que conozca el mundo que amo al Padre, y como el Padre me dió el mandamiento, así hago. Levantaos, vamos de aquí.

< يۇھاننا 14 >