< يۇھاننا 13 >
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن ئىلگىرى، ئەيسا بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئاتىنىڭ يېنىغا بارىدىغان ۋاقىت-سائەتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئۆز ئادەملىرىگە كۆرسىتىپ كەلگەن مېھىر-مۇھەببىتىنى ئاخىرغىچە تولۇق كۆرسىتىپ تۇردى. | 1 |
Перед святом же Пасхи Ісус, знавши, що настала годи́на Йому́ перейти до Отця з цього світу, полюбивши Своїх, що на світі були́, до кінця полюбив їх.
ئەمدى كەچلىك تاماق يېيىلىۋاتقانىدى؛ ئىبلىس ئاللىبۇرۇن سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتنىڭ كۆڭلىگە ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىش ۋەسۋەسىسىنى سالغانىدى. | 2 |
Під час же вече́рі, як диявол уже був укинув у серце синові Си́мона — Юді Іскаріотському, щоб він видав Його́,
ئەيسا ئاتىنىڭ ھەر ئىشنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغىنىنى، ۋە ئۆزىنىڭ خۇدانىڭ يېنىدىن كېلىپ، خۇدانىڭ يېنىغا قايتىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، | 3 |
то Ісус, знавши те, що Отець віддав все Йому в руки, і що від Бога прийшов Він, і до Бога відходить,
داستىخاندىن تۇرۇپ، تون-كۆڭلىكىنى يېشىپ، بىر لۆڭگە بىلەن بېلىنى باغلىدى. | 4 |
устає від вечері, і здіймає одежу, бере рушника́ й підпері́зується.
ئاندىن جاۋۇرغا سۇ قۇيۇپ، مۇخلىسلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشقا ۋە بېلىگە باغلىغان لۆڭگە بىلەن سۈرتۈپ قۇرۇتۇشقا باشلىدى. | 5 |
Пото́му налив Він води до вмива́льниці, та й зачав обмивати ноги учням, і витирати рушнико́м, що ним був підпере́заний.
نۆۋەت سىمون پېترۇسقا كەلگەندە، پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ ئى رەب، پۇتۇمنى سەن يۇساڭ قانداق بولغىنى؟! ــ دېدى. | 6 |
І підходить до Си́мона Петра, а той каже Йому: „Ти, Господи, ми́тимеш но́ги мені?“
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ نېمە قىلىۋاتقىنىمنى ھازىر بىلمەيسەن، لېكىن كېيىن بىلىسەن، ــ دېدى. | 7 |
Ісус відказав і промовив йому: „Що́ Я роблю́, ти не знаєш тепер, але опісля́ зрозумієш“.
پېترۇس: ــ سەن مېنىڭ پۇتۇمنى يۇساڭ ھەرگىز بولمايدۇ! ــ دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ سېنى يۇمىسام، مېنىڭ بىلەن تەڭ نېسىۋەڭ بولمايدۇ، ــ دېدى. (aiōn ) | 8 |
Говорить до Нього Петро: „Ти повік мені ніг не обмиєш!“Ісус відповів йому: „Коли́ Я не вмию тебе, — ти не матимеш частки зо Мною“. (aiōn )
سىمون پېترۇس: ــ ئى رەب، ئۇنداقتا پەقەت پۇتلىرىمنىلا ئەمەس، قوللىرىمنىمۇ، بېشىمنىمۇ يۇغايسەن! ــ دېدى. | 9 |
До Нього проказує Си́мон Петро: „Господи, — не самі мої но́ги, а й руки та го́лову!“
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ بەدىنى يۇيۇلۇپ، تامامەن پاكىز بولغان ئادەم پەقەت پۇتلىرىنى يۇسىلا قايتا يۇيۇنۇشىنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ. سىلەر پاكىز، لېكىن ھەممىڭلار ئەمەس، ــ دېدى | 10 |
Ісус каже йому: „Хто обмитий, тільки но́ги обмити потребу́є, бо він чистий увесь. І ви чисті, — та не всі“.
(چۈنكى ئۇ ئۆزىنى كىمنىڭ تۇتۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلەتتى؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ «ھەممىڭلارلا پاكىز ئەمەس» دېگەنىدى). | 11 |
Бо Він знав Свого зра́дника, тому то сказав: „Ви чисті не всі“.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، تون-كۆڭلىكىنى كىيىپ، يەنە داستىخانغا ئولتۇرۇپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ سىلەرگە نېمە قىلغىنىمنى ئۇقتۇڭلارمۇ؟ | 12 |
Коли ж пообмива́в їхні но́ги, і одежу Свою Він надів, засів зно́ву за стіл і промовив до них: „Чи знаєте ви, що́ Я зробив вам?
سىلەر مېنى «ئۇستاز» ۋە «رەب» دەيسىلەر ۋە راست ئېيتىسىلەر، مەن شۇنداقتۇرمەن. | 13 |
Ви Мене називаєте: Учитель і Госпо́дь, — і добре ви кажете, бо Я є.
ئەگەر مەن رەب ۋە ئۇستازىڭلار تۇرۇقلۇق، پۇتلىرىڭلارنى يۇغانىكەنمەن، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشۇڭلار كېرەك. | 14 |
А коли обмив ноги вам Я, Госпо́дь і Вчитель, то повинні й ви один о́дному ноги вмивати.
مەن سىلەرگە قىلغاندەك سىلەرنىڭمۇ ھەم شۇنداق قىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ ئۈلگىنى قالدۇردۇم. | 15 |
Бо то Я вам при́клада дав, щоб і ви те чинили, як Я вам учинив.
بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ، ئەلچىمۇ ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ. | 16 |
Поправді, поправді кажу́ вам: Раб не більший за пана свого́, послане́ць же не більший від того, хто вислав його.
بۇ ئىشلارنى بىلگەنىكەنسىلەر، شۇنداق قىلساڭلار بەختلىكسىلەر! | 17 |
Коли знаєте це, то блаженні ви, якщо таке чините!
مەن بۇلارنى ھەممىڭلارغا قارىتىپ ئېيتمىدىم. مەن تاللىغانلىرىمنى بىلىمەن، لېكىن [مۇقەددەس يازمىلاردا] ئالدىن پۈتۈلگەن: «مەن بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ نېنىمنى يېگەنمۇ ماڭا پۇت ئاتتى!» دېگەن بۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي قالمايدۇ. | 18 |
Не про всіх вас кажу́. Знаю Я, кого вибрав, але щоб збуло́ся Писа́ння: „Хто хліб споживає зо Мною, підняв той на Мене п'яту́ свою!“
مەن بۇ ئىش يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال ئۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ئۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە مېنىڭ «بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشىنىسىلەر. | 19 |
Уже тепер вам кажу́, перше ніж те настане, щоб як станеться, ви ввірували, що то Я.
بەرھەق، بەرھەق، سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، كىمكى مەن ئەۋەتكەن ھەرقانداق بىرسىنى قوبۇل قىلغان بولسا، مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ؛ ۋە مېنى قوبۇل قىلغۇچىلار مېنى ئەۋەتكۈچىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. | 20 |
Поправді, поправді кажу́ вам: Хто приймає Мого посланця́, той приймає Мене; хто ж приймає Мене, той приймає Того, Хто послав Мене!“
ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندىن كېيىن، روھتا قاتتىق پىغان چېكىپ، مۇنداق گۇۋاھلىق بەردى: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئاراڭلاردا بىرەيلەن ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ! | 21 |
Промовивши це, затривожився духом Ісус, і осві́дчив, говорячи: „Поправді, поправді кажу́ вам, що один із вас видасть Мене!“
مۇخلىسلار كىمنى دەۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي، بىر-بىرىگە قاراشتى. | 22 |
І озиралися учні один на одно́го, непевними бувши, про кого Він каже.
ئەمدى داستىخاندا مۇخلىسلىرىدىن بىرى ئەيسانىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىپ ياتقانىدى؛ ئۇ بولسا «ئەيسا سۆيىدىغان مۇخلىس» ئىدى. | 23 |
При столі, при Ісусовім лоні, був один з Його учнів, якого любив Ісус.
سىمون پېترۇس ئۇنىڭدىن [ئەيسانىڭ] كىمنى دەۋاتقىنىنى سوراپ بېقىشىنى ئىشارەت قىلدى. | 24 |
От цьому кивну́в Си́мон Петро та й шепну́в: „Запитай, — хто б то був, що про нього Він каже?“
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەيسانىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن: ــ ئى رەب، ئۇ كىمدۇر؟ ــ دەپ سورىدى. | 25 |
І, пригорну́вшись до ло́ня Ісусового, той говорить до Нього: „Хто́ це, Господи?“
ئەيسا جاۋاب بېرىپ: ــ بۇ بىر چىشلەم ناننى ئاشقا تۆگۈرۈپ كىمگە سۇنسام، شۇدۇر، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر چىشلەم ناننى [ئاشقا] تۆگۈرۈپ، سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتقا سۇندى. | 26 |
Ісус же відказує: „Це той, кому, умочивши, подам Я куска́“. І, вмочивши куска́, подав синові Си́мона, — Юді Іскаріо́тському!
يەھۇدا ناننى ئېلىۋىدى، شەيتان ئۇنىڭ ئىچىگە كىردى. ــ قىلىدىغىنىڭنى چاپسان قىل، ــ دېدى ئەيسا ئۇنىڭغا. | 27 |
За тим же куско́м тоді в нього ввійшов сатана́. А Ісус йому каже: „Що́ ти робиш — роби швидше“.
(ئەمدى داستىخاندا ئولتۇرغانلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭ [يەھۇداغا] بۇ سۆزلەرنى نېمە ئۈچۈن دېگىنىنى بىلمىدى. | 28 |
Але жоден із тих, хто був при столі, того не зрозумів, до чо́го сказав Він йому.
يەھۇدا ئۇلارنىڭ ئورتاق ھەميانىنى تۇتقىنى ئۈچۈن، بەزىلەر ئەيسا ئۇنىڭغا: «بىزگە كېرەكلىك ھېيتلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ كەل» ياكى «كەمبەغەللەرگە بىرەر نەرسە بەر» دەۋاتسا كېرەك، دەپ ئويلاشتى). | 29 |
А тому́, що тримав Юда скриньку на гроші, то деякі ду́мали, ніби каже до нього Ісус: „Купи, що потрібно на свято для нас“, або щоб убогим подав що.
يەھۇدا بۇ بىر چىشلەم ناننى ئېلىپلا تاشقىرىغا چىقىپ كەتتى (بۇ چاغ كېچە ئىدى). | 30 |
А той, узявши кусок хліба, зараз вийшов. Була ж ніч.
يەھۇدا تاشقىرىغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئەيسا مۇنداق دېدى: ــ ئەمدى ئىنسانئوغلى ئۇلۇغلىنىدىغان ۋاقىت-سائەت يېتىپ كەلدى ۋە خۇدا ئۇ ئارقىلىق ئۇلۇغلىنىدۇ. | 31 |
Тоді, як він вийшов, промовляє Ісус: „Тепер ось просла́вивсь Син Лю́дський, і в Ньому просла́вився Бог.
ۋە ئەگەر خۇدا ئۇنىڭدا ئۇلۇغلانسا، خۇدامۇ ئۆزىدە ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ، شۇنداقلا دەرھال ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ. | 32 |
Коли в Ньому прославився Бог, то і Його Бог просла́вить у Собі, і зараз прославить Його!
بالىلىرىم، سىلەر بىلەن بىللە بولىدىغان يەنە ئازغىنا ۋاقتىم قالدى. سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن مېنىڭ يەھۇدىيلارغا: «مەن بارىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر» دەپ ئېيتقىنىمدەك، بۇنى سىلەرگىمۇ ئېيتىمەن. | 33 |
Мої дітоньки, не довго вже бути Мені з вами! Ви шукати Мене будете, але́ — як сказав Я юдеям: „Куди Я йду, туди ви прибути не можете“, — те й вам говорю́ Я тепер.
سىلەرگە يېڭى بىر ئەمر تاپشۇرىمەنكى، «بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار». سىلەرنى سۆيگىنىمدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار. | 34 |
Нову́ заповідь Я вам даю: Любіть один о́дного! Як Я вас полюбив, так любіть один о́дного й ви!
ئاراڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بولسا، ھەممە ئادەم سىلەرنىڭ مېنىڭ مۇخلىسلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىدۇ. | 35 |
По то́му пізнають усі, що ви учні Мої, як бу́дете мати любов між собою“.
سىمون پېترۇس ئۇنىڭدىن: ــ ئى رەب، قەيەرگە بارىسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئەيسا جاۋابەن: ــ مەن كېتىدىغان يەرگە ھازىرچە ئەگىشىپ بارالمايسەن، لېكىن كېيىن ماڭا ئەگىشىپ بارىسەن، ــ دېدى. | 36 |
А Симон Петро Йому каже: „Куди, Господи, ідеш Ти?“Ісус відповів: „Куди Я йду, туди ти́ тепер іти за Мною не можеш, але по́тім ти підеш за Мною“.
پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ ئى رەب، نېمە ئۈچۈن ھازىر سېنىڭ كەينىڭدىن ئەگىشىپ بارالمايمەن؟ سەن ئۈچۈن جېنىمنى پىدا قىلاي! ــ دېدى. | 37 |
Говорить до Нього Петро: „Чому, Господи, іти за Тобою тепер я не мо́жу? За Те́бе я душу свою́ покладу́!“
ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ مەن ئۈچۈن راستتىنلا جېنىڭنى پىدا قىلامسەن؟ بەرھەق، بەرھەق، ساڭا ئېيتىپ قويايكى، خوراز چىللىغۇچە، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن! | 38 |
Ісус відповідає: За Ме́не покладе́ш ти душу свою́? Поправді, поправді кажу́ Я тобі: Півень не заспіває, як ти тричі зречешся Мене́.