< يۇھاننا 13 >

ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن ئىلگىرى، ئەيسا بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئاتىنىڭ يېنىغا بارىدىغان ۋاقىت-سائەتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئۆز ئادەملىرىگە كۆرسىتىپ كەلگەن مېھىر-مۇھەببىتىنى ئاخىرغىچە تولۇق كۆرسىتىپ تۇردى. 1
Antes de la fiesta de la Pascua, Jesús, sabiendo que había llegado su hora de pasar de este mundo al Padre, habiendo amado a los suyos que estaban en el mundo, los amó hasta el fin.
ئەمدى كەچلىك تاماق يېيىلىۋاتقانىدى؛ ئىبلىس ئاللىبۇرۇن سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتنىڭ كۆڭلىگە ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىش ۋەسۋەسىسىنى سالغانىدى. 2
Durante la cena, habiendo metido ya el diablo en el corazón de Judas Iscariote, hijo de Simón, para que lo traicionara,
ئەيسا ئاتىنىڭ ھەر ئىشنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغىنىنى، ۋە ئۆزىنىڭ خۇدانىڭ يېنىدىن كېلىپ، خۇدانىڭ يېنىغا قايتىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، 3
Jesús, sabiendo que el Padre había entregado todas las cosas en sus manos, y que venía de Dios y se iba a Dios,
داستىخاندىن تۇرۇپ، تون-كۆڭلىكىنى يېشىپ، بىر لۆڭگە بىلەن بېلىنى باغلىدى. 4
se levantó de la cena y se despojó de sus vestidos exteriores. Tomó una toalla y se la puso alrededor de la cintura.
ئاندىن جاۋۇرغا سۇ قۇيۇپ، مۇخلىسلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشقا ۋە بېلىگە باغلىغان لۆڭگە بىلەن سۈرتۈپ قۇرۇتۇشقا باشلىدى. 5
Luego echó agua en un lebrillo y se puso a lavar los pies de los discípulos y a enjugarlos con la toalla que le envolvía.
نۆۋەت سىمون پېترۇسقا كەلگەندە، پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ ئى رەب، پۇتۇمنى سەن يۇساڭ قانداق بولغىنى؟! ــ دېدى. 6
Luego se acercó a Simón Pedro. Le dijo: “Señor, ¿me lavas los pies?”.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ نېمە قىلىۋاتقىنىمنى ھازىر بىلمەيسەن، لېكىن كېيىن بىلىسەن، ــ دېدى. 7
Jesús le contestó: “No sabes lo que hago ahora, pero lo entenderás después”.
پېترۇس: ــ سەن مېنىڭ پۇتۇمنى يۇساڭ ھەرگىز بولمايدۇ! ــ دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ سېنى يۇمىسام، مېنىڭ بىلەن تەڭ نېسىۋەڭ بولمايدۇ، ــ دېدى. (aiōn g165) 8
Pedro le dijo: “¡Nunca me lavarás los pies!” Jesús le respondió: “Si no te lavo, no tienes parte conmigo”. (aiōn g165)
سىمون پېترۇس: ــ ئى رەب، ئۇنداقتا پەقەت پۇتلىرىمنىلا ئەمەس، قوللىرىمنىمۇ، بېشىمنىمۇ يۇغايسەن! ــ دېدى. 9
Simón Pedro le dijo: “Señor, no sólo mis pies, sino también mis manos y mi cabeza”.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ بەدىنى يۇيۇلۇپ، تامامەن پاكىز بولغان ئادەم پەقەت پۇتلىرىنى يۇسىلا قايتا يۇيۇنۇشىنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ. سىلەر پاكىز، لېكىن ھەممىڭلار ئەمەس، ــ دېدى 10
Jesús le dijo: “Alguien que se ha bañado sólo necesita que le laven los pies, pero está completamente limpio. Vosotros estáis limpios, pero no todos”.
(چۈنكى ئۇ ئۆزىنى كىمنىڭ تۇتۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلەتتى؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ «ھەممىڭلارلا پاكىز ئەمەس» دېگەنىدى). 11
Porque conocía al que lo iba a traicionar; por eso dijo: “No estáis todos limpios”.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، تون-كۆڭلىكىنى كىيىپ، يەنە داستىخانغا ئولتۇرۇپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ سىلەرگە نېمە قىلغىنىمنى ئۇقتۇڭلارمۇ؟ 12
Así que, después de lavarles los pies, volver a ponerse la ropa exterior y sentarse de nuevo, les dijo: “¿Sabéis lo que os he hecho?
سىلەر مېنى «ئۇستاز» ۋە «رەب» دەيسىلەر ۋە راست ئېيتىسىلەر، مەن شۇنداقتۇرمەن. 13
Me llamáis “Maestro” y “Señor”. Lo decís con razón, porque así soy.
ئەگەر مەن رەب ۋە ئۇستازىڭلار تۇرۇقلۇق، پۇتلىرىڭلارنى يۇغانىكەنمەن، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشۇڭلار كېرەك. 14
Si yo, el Señor y el Maestro, os he lavado los pies, también vosotros debéis lavaros los pies unos a otros.
مەن سىلەرگە قىلغاندەك سىلەرنىڭمۇ ھەم شۇنداق قىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ ئۈلگىنى قالدۇردۇم. 15
Porque os he dado ejemplo, para que también vosotros hagáis lo que yo he hecho con vosotros.
بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ، ئەلچىمۇ ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ. 16
De cierto os digo que el siervo no es mayor que su señor, ni el enviado es mayor que el que lo envió.
بۇ ئىشلارنى بىلگەنىكەنسىلەر، شۇنداق قىلساڭلار بەختلىكسىلەر! 17
Si sabéis estas cosas, dichosos vosotros si las ponéis en práctica.
مەن بۇلارنى ھەممىڭلارغا قارىتىپ ئېيتمىدىم. مەن تاللىغانلىرىمنى بىلىمەن، لېكىن [مۇقەددەس يازمىلاردا] ئالدىن پۈتۈلگەن: «مەن بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ نېنىمنى يېگەنمۇ ماڭا پۇت ئاتتى!» دېگەن بۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي قالمايدۇ. 18
No hablo de todos vosotros. Yo sé a quién he escogido; pero para que se cumpla la Escritura: ‘El que come pan conmigo, ha levantado su talón contra mí’.
مەن بۇ ئىش يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال ئۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ئۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە مېنىڭ «بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشىنىسىلەر. 19
Desde ahora os lo digo antes de que ocurra, para que cuando ocurra, creáis que yo soy.
بەرھەق، بەرھەق، سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، كىمكى مەن ئەۋەتكەن ھەرقانداق بىرسىنى قوبۇل قىلغان بولسا، مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ؛ ۋە مېنى قوبۇل قىلغۇچىلار مېنى ئەۋەتكۈچىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. 20
De cierto os digo que el que recibe a quien yo envío, me recibe a mí; y el que me recibe a mí, recibe al que me envió.”
ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندىن كېيىن، روھتا قاتتىق پىغان چېكىپ، مۇنداق گۇۋاھلىق بەردى: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئاراڭلاردا بىرەيلەن ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ! 21
Al decir esto, Jesús se turbó en su espíritu y declaró: “Os aseguro que uno de vosotros me va a traicionar.”
مۇخلىسلار كىمنى دەۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي، بىر-بىرىگە قاراشتى. 22
Los discípulos se miraban unos a otros, perplejos sobre quién hablaba.
ئەمدى داستىخاندا مۇخلىسلىرىدىن بىرى ئەيسانىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىپ ياتقانىدى؛ ئۇ بولسا «ئەيسا سۆيىدىغان مۇخلىس» ئىدى. 23
Uno de sus discípulos, a quien Jesús amaba, estaba en la mesa, apoyado en el pecho de Jesús.
سىمون پېترۇس ئۇنىڭدىن [ئەيسانىڭ] كىمنى دەۋاتقىنىنى سوراپ بېقىشىنى ئىشارەت قىلدى. 24
Entonces Simón Pedro le hizo señas y le dijo: “Dinos de quién habla”.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەيسانىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن: ــ ئى رەب، ئۇ كىمدۇر؟ ــ دەپ سورىدى. 25
Él, recostado, como estaba, sobre el pecho de Jesús, le preguntó: “Señor, ¿quién es?”.
ئەيسا جاۋاب بېرىپ: ــ بۇ بىر چىشلەم ناننى ئاشقا تۆگۈرۈپ كىمگە سۇنسام، شۇدۇر، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر چىشلەم ناننى [ئاشقا] تۆگۈرۈپ، سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتقا سۇندى. 26
Entonces Jesús respondió: “Es a quien le daré este pedazo de pan cuando lo haya mojado”. Y cuando hubo mojado el pedazo de pan, se lo dio a Judas, hijo de Simón Iscariote.
يەھۇدا ناننى ئېلىۋىدى، شەيتان ئۇنىڭ ئىچىگە كىردى. ــ قىلىدىغىنىڭنى چاپسان قىل، ــ دېدى ئەيسا ئۇنىڭغا. 27
Después del trozo de pan, entró en él Satanás. Entonces Jesús le dijo: “Lo que hagas, hazlo rápido”.
(ئەمدى داستىخاندا ئولتۇرغانلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭ [يەھۇداغا] بۇ سۆزلەرنى نېمە ئۈچۈن دېگىنىنى بىلمىدى. 28
Nadie en la mesa sabía por qué le decía esto.
يەھۇدا ئۇلارنىڭ ئورتاق ھەميانىنى تۇتقىنى ئۈچۈن، بەزىلەر ئەيسا ئۇنىڭغا: «بىزگە كېرەكلىك ھېيتلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ كەل» ياكى «كەمبەغەللەرگە بىرەر نەرسە بەر» دەۋاتسا كېرەك، دەپ ئويلاشتى). 29
Pues algunos pensaron, porque Judas tenía la bolsa, que Jesús le había dicho: “Compra lo que necesitamos para la fiesta”, o que debía dar algo a los pobres.
يەھۇدا بۇ بىر چىشلەم ناننى ئېلىپلا تاشقىرىغا چىقىپ كەتتى (بۇ چاغ كېچە ئىدى). 30
Así que, habiendo recibido aquel bocado, salió inmediatamente. Era de noche.
يەھۇدا تاشقىرىغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئەيسا مۇنداق دېدى: ــ ئەمدى ئىنسانئوغلى ئۇلۇغلىنىدىغان ۋاقىت-سائەت يېتىپ كەلدى ۋە خۇدا ئۇ ئارقىلىق ئۇلۇغلىنىدۇ. 31
Cuando salió, Jesús dijo: “Ahora el Hijo del Hombre ha sido glorificado, y Dios ha sido glorificado en él.
ۋە ئەگەر خۇدا ئۇنىڭدا ئۇلۇغلانسا، خۇدامۇ ئۆزىدە ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ، شۇنداقلا دەرھال ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ. 32
Si Dios ha sido glorificado en él, Dios también lo glorificará en sí mismo, y lo glorificará inmediatamente.
بالىلىرىم، سىلەر بىلەن بىللە بولىدىغان يەنە ئازغىنا ۋاقتىم قالدى. سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن مېنىڭ يەھۇدىيلارغا: «مەن بارىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر» دەپ ئېيتقىنىمدەك، بۇنى سىلەرگىمۇ ئېيتىمەن. 33
Hijitos, estaré con vosotros un poco más de tiempo. Me buscaréis, y como dije a los judíos: “Donde yo voy, vosotros no podéis venir”, así os lo digo ahora.
سىلەرگە يېڭى بىر ئەمر تاپشۇرىمەنكى، «بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار». سىلەرنى سۆيگىنىمدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار. 34
Un nuevo mandamiento os doy: que os améis unos a otros. Como yo os he amado, amaos también vosotros unos a otros.
ئاراڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بولسا، ھەممە ئادەم سىلەرنىڭ مېنىڭ مۇخلىسلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىدۇ. 35
En esto reconocerán todos que sois mis discípulos, si os amáis unos a otros.”
سىمون پېترۇس ئۇنىڭدىن: ــ ئى رەب، قەيەرگە بارىسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئەيسا جاۋابەن: ــ مەن كېتىدىغان يەرگە ھازىرچە ئەگىشىپ بارالمايسەن، لېكىن كېيىن ماڭا ئەگىشىپ بارىسەن، ــ دېدى. 36
Simón Pedro le dijo: “Señor, ¿a dónde vas?”. Jesús respondió: “A donde voy, no puedes seguirme ahora, pero me seguirás después”.
پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ ئى رەب، نېمە ئۈچۈن ھازىر سېنىڭ كەينىڭدىن ئەگىشىپ بارالمايمەن؟ سەن ئۈچۈن جېنىمنى پىدا قىلاي! ــ دېدى. 37
Pedro le dijo: “Señor, ¿por qué no puedo seguirte ahora? Daré mi vida por ti”.
ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ مەن ئۈچۈن راستتىنلا جېنىڭنى پىدا قىلامسەن؟ بەرھەق، بەرھەق، ساڭا ئېيتىپ قويايكى، خوراز چىللىغۇچە، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن! 38
Jesús le contestó: “¿Vas a dar tu vida por mí? Te aseguro que el gallo no cantará hasta que me hayas negado tres veces.

< يۇھاننا 13 >