< يۇھاننا 12 >
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن ئالتە كۈن ئىلگىرى، ئەيسا ئۆزى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن لازارۇس تۇرۇۋاتقان جاي ــ بەيت-ئانىياغا كەلدى. | 1 |
Mazuba musanu alimwi, kakutanayinda Pasika Jesu wakasika Betani, aawo aakali Lazalasi, ooyo Jesu ngwakabusya kuzwa kubafu.
شۇ ۋەجىدىن ئۇلار ئۇ يەردە ئۇنىڭغا زىياپەت بەردى. مارتا مېھمانلارنى كۈتۈۋاتاتتى؛ لازارۇس بولسا ئەيسا بىلەن ھەمداستىخان بولغانلارنىڭ بىرى ئىدى. | 2 |
Aabobo bakamubambila chilalilo nkuko, aMata wakali kubapa. Pesi lazalasi wakali umwi wababo wakalede munsi atafula kali aJesu.
مەريەم ئەمدى ناھايىتى قىممەت باھالىق ساپ سۇمبۇل ئەتىردىن بىر قاداق ئەكىلىپ، ئەيسانىڭ پۇتلىرىغا قۇيدى ئاندىن چاچلىرى بىلەن پۇتلىرىنى ئېرتىپ قۇرۇتتى. ئەتىرنىڭ خۇش پۇرىقى ئۆينى بىر ئالدى. | 3 |
Kuzwawo Mariya wakabweza kankuli kamafuta mabotu kwindilila, wakananika Jesu kumawulu angawo akupukuta kumawulu amasusu aakwe. Ngaanda yakazula bweema bubotu bwamafuta.
لېكىن ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن بىرى، يەنى ئۇنىڭغا پات ئارىدا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى، سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوت: | 4 |
Juda Sikaliyoti, umwi wabasikwiya bakwe oyo sikumuzya, wakati,
ــ نېمىشقا بۇ [قىممەت باھالىق] ئەتىر كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىپ بېرىلىشكە ئۈچ يۈز دىنارغا سېتىلمىدى؟ ــ دېدى | 5 |
“Nkambonzi mafuta aaya natakuzigwa amiyanda yotatwe akupegwa kubafwaba?”
(ئۇ بۇ سۆزنى كەمبەغەللەرنىڭ غېمىنى يېگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئوغرى بولغانلىقى ئۈچۈن دېگەنىدى؛ چۈنكى ئۇ [مۇخلىسلارنىڭ ئورتاق] ھەميانىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، دائىم ئۇنىڭغا سېلىنغىنىدىن ئوغرىلىۋالاتتى). | 6 |
Wakamba ezi nkaambo takalikulangisisya kubafwaba, pesi nkaambo wakal, mubbi. Wakali ankomo yamali akukkonzya kubba zyakabikidwe mukati.
ئەمدى ئەيسا: ــ ئايالنى ئۆز ئىختىيارىغا قويغىن! چۈنكى ئۇ بۇنى مېنىڭ دەپنە كۈنۈم ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ ساقلىغاندۇر؛ | 7 |
Jesu wakati, “Amumuzumizye kubaamba ezyo nzyalazyo kuzuba lyakuvwikwa kwangu.
چۈنكى كەمبەغەللەر ھەمىشە سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ، لېكىن مەن ھەمىشە سىلەر بىلەن بىللە بولمايمەن، ــ دېدى. | 8 |
Munoli aabo bafwaba kwalyoonse. Pesi tamukoyoba andime lyoonse.”
زور بىر توپ يەھۇدىيلار ئۇنىڭ شۇ يەردە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، شۇ يەرگە كەلدى. ئۇلارنىڭ كېلىشى يالغۇز ئەيسانى دەپلا ئەمەس، يەنە ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن لازارۇسنىمۇ كۆرۈش ئۈچۈن ئىدى. | 9 |
Lino nkamu mpati yamaJuda yakaziba kuti Jesu mpali, mpo bakasika kabatazidi Jesu alike pe, akuzobona Lazalasi, ooyo Jesu ngwakabusya kuzwa kubafu.
لېكىن باش كاھىنلار بولسا لازارۇسنىمۇ ئۆلتۈرۈشنى مەسلىھەتلەشكەنىدى؛ | 10 |
Ibapayizi bapati bakakkankayizya antomwe kuti bakonzye kujaya Lazalasi;
چۈنكى ئۇنىڭ سەۋەبىدىن نۇرغۇن يەھۇدىيلار ئۆزلىرىدىن چېكىنىپ ئەيساغا ئېتىقاد قىلىۋاتاتتى. | 11 |
nkaambo kanguwe kuti MaJuda biingi bakeenda akusyoma kuliJesu.
ئەتىسى، «[ئۆتۈپ كېتىش] ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈشكە كەلگەن زور بىر توپ خالايىق ئەيسانىڭ يېرۇسالېمغا كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، | 12 |
Izuba litobela inkamu mpati yakasika kupobwe nibakamvwa kuti Jesu ulasika kuJelusalemu.
قوللىرىغا خورما شاخلىرىنى تۇتۇشقان ھالدا ئۇنى قارشى ئالغىلى چىقىشتى ۋە: «تەشەككۈر-ھوساننا! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچى، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا مۇبارەك بولغاي!» دەپ ۋارقىراشتى. | 13 |
Bakabweeza mitabi yatukunka akwinka kuyoswananaawe akompolola kuti, wosana ulilongezegelwe, ooyo usika muzina lyaMwami, waIzilayeli.
ئەيسا بىر تەخەينى تېپىپ، ئۇنىڭغا مىندى؛ خۇددى [مۇقەددەس يازمىلاردا] مۇنداق پۈتۈلگەندەك: ــ | 14 |
Jesu wakajana kambongolo kanini wakkala alinkako; mbuli mbukwakalembedwe.
«قورقما، ئى زىئون قىزى! مانا، پادىشاھىڭ ئېشەك تەخىيىگە مىنىپ كېلىۋاتىدۇ!». | 15 |
“Mutayowi nobana basimbi baZiyoni, amubone Mwami wanu ulaz, kakkede amusana wambongolo.”
ئەينى چاغدا ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بۇ ئىشلارنى چۈشەنمەيتتى، لېكىن ئەيسا شان-شەرەپتە ئۇلۇغلانغاندىن كېيىن، بۇ سۆزلەرنىڭ ئۇنىڭ توغرۇلۇق پۈتۈلگەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ ئىشلارنىڭ دەرۋەقە ئۇنىڭدا شۇنداق يۈز بەرگەنلىكىنى ئېسىگە كەلتۈردى. | 16 |
Basikwiya bakwe tebakamvwisisya pe kuzintu eezi kumatalikilo, pesi, aawo Jesu nakalemekezegwa bakayeya kuti eezi zintu zyakalembedwe ataala anguwe akuti bakachita zintu eezi kulinguwe.
ئەمدى ئۇ لازارۇسنى قەبرىدىن چاقىرىپ تىرىلدۈرگەن چاغدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان خالايىق بولسا، بۇ ئىشقا گۇۋاھلىق بېرىۋاتاتتى. | 17 |
Lino nkamu yakazuzikizigwa kuti bakali anguwe nakayita Lazalasi kuzwa muchumbwe akumubusya kuzwa kubafu.
ئەيسا ياراتقان بۇ مۆجىزىلىك ئالامەتنىمۇ ئاڭلىغاچقا، ئۇنى قارشى ئېلىشقا شۇ بىر توپ ئادەملەر چىقىشقانىدى. | 18 |
Chakali nchicho chizato kuti inkamu inkamu yakaya kuyoswanana nkambo bakamvwa kuti wakachita chitondezyo.
پەرىسىيلەر بولسا بىر-بىرىگە: ــ قاراڭلار، [بارلىق] قىلغىنىڭلار بىكار كەتتى! مانا ئەمدى پۈتكۈل جاھان ئۇنىڭغا ئەگەشمەكتە! ــ دېيىشتى. | 19 |
Bafalisi mpawawo bakati lwabo lwabo, “Bona takwe nchokonzya kuchita: laang, nyika yinka kunembo aatala aakwe.”
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا ئىبادەت قىلغىلى كەلگەنلەر ئارىسىدا بىرنەچچە گرېكلارمۇ بار ئىدى. | 20 |
Lino bamwi baGiliki bakali mulibaabo bakalikuya kukomba kupobwe.
بۇلار ئەمدى گالىلىيەنىڭ بەيت-سائىدا يېزىسىدىن بولغان فىلىپنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ ئەپەندىم، بىز ئەيسا بىلەن كۆرۈشسەك، ــ دەپ تەلەپ قىلىشتى. | 21 |
Aabo bakaya kuliFilipo, oyoowakazwa KuBbetisyaida mu Galili mpo wakakumbila wati, “Mwalumi tuyanda kubona Jesu.”
فىلىپ بېرىپ بۇنى ئاندرىياسقا ئېيتتى. ئاندىن ئاندرىياس ۋە فىلىپ ئىككىسى ئەيساغا مەلۇم قىلدى. | 22 |
Filipo wakeenda akuyobuzya Andulo, Andulo wakeenda aFilipo, mpo wakabuzya Jesu.
لېكىن ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ «ئىنسانئوغلىنىڭ شان-شەرەپتە ئۇلۇغلىنىدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى. | 23 |
Jesu wakabasandula mpo wati, chindi chasika chamwana amuntu, kuti alemekezegwe.
بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇغداي دېنى تۇپراق ئىچىگە چۈشۈپ ئۆلمىگۈچە، ئۆزى يەنىلا يالغۇز قالىدۇ؛ لېكىن ئۆلسە، مول ھوسۇل بېرىدۇ. | 24 |
Nchobeni, nchobeni ndamwambila anukut, imbuto yabbale yakawida munyika mpo yafwa, iyosyala lwayo ayilike, pesi kuti yafwa, ilazyaala michelo myiingi.
كىمدەكىم ئۆز ھاياتىنى ئايىسا ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ لېكىن بۇ دۇنيادا ئۆز ھاياتىدىن نەپرەتلەنسە، ئۇنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ساقلىيالايدۇ. (aiōnios ) | 25 |
Ooo uyandisya buumi bwakwe takoyobujana, pesi utayandisyi buumi bwakwe kulizyanyika eeyi uyobamba buumi butamani. (aiōnios )
كىمدەكىم خىزمىتىمدە بولۇشنى خالىسا، ماڭا ئەگەشسۇن. مەن قەيەردە بولسام، مېنىڭ خىزمەتچىممۇ شۇ يەردە بولىدۇ. كېمدەكىم مېنىڭ خىزمىتىمدە بولسا، ئاتا ئۇنىڭغا ئىززەت قىلىدۇ. | 26 |
Kuti umwi undigwasya, akunditobela, ooko nkumbede, ooko nkokuko mulanda wangu nkwabede. Oyoo undimanina milimo, Taata uyakumulemeka.
ھازىر جېنىم قاتتىق ئازابلىنىۋاتىدۇ. مەن نېمە دېيىشىم كېرەك؟ «ئاتا، مېنى بۇ سائەتتىن قۇتقۇزغىن!» دەيمۇ؟ لېكىن مەن دەل مۇشۇ ۋاقىت-سائەت ئۈچۈن كەلدىم. | 27 |
Lino muuya wangu wapengeleka. Mpo ngambeenzii? “
ئاتا، نامىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرگىن!». شۇئان، ئاسماندىن بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ: ــ ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈردۈم ۋە يەنە ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرىمەن!» ــ دېيىلدى. | 28 |
Taata, lemekezya zina lyako.” Aboobo ijwi lyakazwa kujulu kaliti, “Ndachilemekezya mpo nzochilemekezya lubo.”
بۇنى ئاڭلىغان شۇ يەردە تۇرغان خالايىق: ــ ھاۋا گۈلدۈرلىدى، ــ دېيىشتى. يەنە بەزىلەر بولسا: ــ بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا گەپ قىلدى، ــ دېيىشتى. | 29 |
Aabobo nkamu yakayimvwi kumbali niyakamumvwa yakamba kuti kwakamvwika muzuzumo. Bamwi bakamba kuti mungelo ulawambula anguwe.”
ئەيسا بولسا جاۋابەن: ــ بۇ ئاۋاز مېنى دەپ ئەمەس، سىلەرنى دەپ چۈشتى. | 30 |
Jesu wakasandula wati, “Eeli jwi telyazida ndime pesi lyazida ndinywe.
ئەمدى دۇنيانىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىلىش ۋاقتى كەلدى؛ ھازىر بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارىنىڭ تاشقىرىغا قوغلىنىش ۋاقتى كەلدى. | 31 |
Lino ndolu lubeta lwanyika eeyi: Lino muzululi wanyika eeyi uzosowelwa aanze.”
ۋە مەن بولسام، يەرنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈلگىنىمدە، پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆزۈمگە جەلپ قىلىپ تارتىمەن، ــ دېدى | 32 |
Aawo mpunjonyampulwa kuzwa munyika, ndiyoyobolola bantu boonse kulindime.
(ئۇنىڭ بۇنى دېگىنى ئۆزىنىڭ قانداق ئۆلۈم بىلەن ئۆلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكىنى ئىدى). | 33 |
Wakamba bobu kutondezya lufu lwakwe mbolunobede.
خالايىق بۇنىڭغا جاۋابەن ئۇنىڭدىن: ــ بىز مۇقەددەس قانۇندىن مەسىھنىڭ ئەبەدگىچە قالىدىغىنىنى ئاڭلىغان؛ سەن قانداقسىگە «ئىنسانئوغلى كۆتۈرۈلۈشى كېرەك» دەيسەن؟! بۇ قانداقمۇ «ئىنسانئوغلى» بولسۇن؟ ــ دەپ سورىدى. (aiōn ) | 34 |
Makamu akamusandula, “Twakamvwa kuzwa kumulawu kuti Kkilisito uzokkala ikutamani. Wamba buyeni ikuti, ' Mwana Muntu uyelede kusumpulwa? Nguli ooyo Mwana Muntu? (aiōn )
شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا: ــ نۇرنىڭ ئاراڭلاردا بولىدىغان ۋاقتى ئۇزۇن بولمايدۇ. شۇڭا قاراڭغۇلۇقنىڭ سىلەرنى بېسىۋالماسلىقى ئۈچۈن، نۇر بار ۋاقتىدا [ئۇنىڭدا] مېڭىڭلار؛ قاراڭغۇلۇقتا ماڭغان كىشى ئۆزىنىڭ قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. | 35 |
Jesu wakabambila kuti, “Mumuni unolandinywe kwachindi chifwifwi. Mwende nimuchili mumun, ikuti mudima tukamuvumbi. Ooyo wenda mumudima taazi ooko nkwaaya.
نۇر ئاراڭلاردا بار ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا ئىشىنىڭلار؛ بۇنىڭ بىلەن نۇرنىڭ پەرزەنتلىرى بولىسىلەر، ــ دېدى. ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇلاردىن ئايرىلىپ يوشۇرۇنۇۋالدى. | 36 |
Nimuchilamumuni, amusyome mumumuni kuchitila kuti mube bana bamumuni.” Jesu wakaamba zintu eezi aboobo wakamba zintu eezi wakeenda akulisisa mulimbabo.
گەرچە ئۇ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا شۇنچە تولا مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار تېخى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىدى. | 37 |
Nikuba kuti Jesu wakachita zitondezyo zyiingi kuli mbaabo, pele takwe nibakasyoma mulinguwe.
شۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدا ئالدىنئالا كۆرسىتىلگەن بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇردى: «ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ يەتكۈزگەن خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەنگەن؟ ھەم «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» بولغۇچى كىمگىمۇ ئايان قىلىنغان؟» | 38 |
Kuti ijwi Ayizaya musinsimi lizuzikizigwe, muli zyakamba: “Mwami, ooyo wakasyoma kwaamba kwesu, akuli oyoo luboko lwaMwami nkulyakayubunizidwa?”
خالايىقنىڭ ئېتىقاد قىلمىغىنىنىڭ سەۋەبى دەل شۇكى (خۇددى يەشايا پەيغەمبەر يەنە ئالدىنئالا ئېيتقاندەك): «[پەرۋەردىگار] ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور، قەلبىنى تاش قىلدى؛ مەقسەت، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنىڭ كۆرۈپ، قەلبىنىڭ چۈشىنىپ، [گۇناھلىرىدىن] يېنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر؛ بولمىسا، مەن ئۇلارنى ساقايتقان بولاتتىم، ــ [دەيدۇ پەرۋەردىگار]». | 39 |
Nkaambo kayaaya tebakayosyom, mbuli Ayizaya akakwe mwamba,
“Wakofwazigwa meso aabo, akuyumya myoyo yabo, muliyimwi nzila bazobona ameso aabo akumvwisisya amyoyo yabo, akusanduka alimwi njobaponia”.
بۇ سۆزلەرنى يەشايا [پەيغەمبەر] [مەسىھنىڭ] شان-شەرىپىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قارىتا ئالدىنئالا سۆز قىلغىنىدا ئېيتقانىدى. | 41 |
Ayizaya wakaamba eezi zintu nkaambo wakabona bulemu bwajesu akwambula aatala anguwe.
ۋەھالەنكى، گەرچە ھەتتا يەھۇدىي ئاقساقاللىرىدىنمۇ نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار پەرىسىيلەر ۋەجىدىن قورقۇپ، ئۆزلىرىنىڭ سىناگوگتىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى ئېتىراپ قىلمىدى. | 42 |
Pesi nikuba boob, akube kuti bazulwidi basyome muliJesu; pesi nkaambo kabaFalisi, tebakakumbila kulekelelwa pe kuti bataka kasigwi kuya kuchikombelo.
بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلار ئىنسانلاردىن كېلىدىغان ئىززەت-شۆھرەتنى خۇدادىن كېلىدىغان ئىززەت-شۆھرەتتىن ياخشى كۆرەتتى. | 43 |
Bakayanda bulemu bwakazwa kubantu kwiinda bulemu bwakazwa kuliLeza.
بىراق ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: ــ ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى ماڭىلا ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئېتىقاد قىلغۇچىدۇر. | 44 |
Jesu wakompolola wati, “Ooyo usyoma mulindime tasyomi biyo mulindime, Pesi akuliwoyo wakandituma,
كىمكى مېنى كۆرگۈچى بولسا، مېنى ئەۋەتكۈچىنى كۆرگۈچى بولىدۇ. | 45 |
aawoyo wabona ndime wabona nguwe ooyo wakatuma ndime.
مەن ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچىلار قاراڭغۇلۇقتا قالمىسۇن دەپ، نۇر سۈپىتىدە دۇنياغا كەلدىم. | 46 |
Ndasika mbuli mumuni munyika, kuti ooyo usyoma mulindime takasyali mumudima.
بىرسى سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى تۇتمىسا، ئۇنى سوراققا تارتمايمەن؛ چۈنكى مەن دۇنيادىكىلەرنى سوراققا تارتقىلى ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكىلەرنى قۇتقۇزغىلى كەلدىم. | 47 |
Kuti wamvwa majwi aangu, pesi katabambide, simubeteki pe, tee ndaza kuzotonga nyika, pesi kufutula nyika.
بىراق مېنى چەتكە قاققۇچىنى، شۇنداقلا سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلمىغاننى بولسا، ئۇنى سوراققا تارتقۇچى بىرسى بار. ئۇ بولسىمۇ، مەن ئېيتقان سۆز-كالامىمدۇر. ئۇ ئاخىرقى كۈنى ئۇنى سوراققا تارتىدۇ. | 48 |
Ooyo undikaka akutatambula majwi aangu, ulasikumubeteka. Ijwi ndindambula liyomubeteka kuzuba lyamamanino.
چۈنكى مەن ئۆزلۈكۈمدىن سۆزلىگىنىم يوق، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتا مېنىڭ نېمىنى دېيىشىم ۋە قانداق سۆزلىشىم كېرەكلىكىگە ئەمر بەرگەن. | 49 |
Nkambo nsilyambwidi pe, pesi nguTaata wandituma, ooyo wapa ndime chelelo chakwaamb, azyakwamba.
ئۇنىڭ ئەمرىنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. شۇڭا نېمىنى سۆزلىسەم، ئاتا ماڭا بۇيرۇغىنىدەك سۆزلەيمەن. (aiōnios ) | 50 |
Ndiizi kuti chelelo mbuumi butamani, mbubobu nzizezi zindawamba - mbuli Taata mbwakambula kuli ndime, mbubobu ndilamba.” (aiōnios )