< يۇھاننا 12 >

ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن ئالتە كۈن ئىلگىرى، ئەيسا ئۆزى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن لازارۇس تۇرۇۋاتقان جاي ــ بەيت-ئانىياغا كەلدى. 1
Tedy Ježíš šestý den před velikonocí přišel do Betany, kdežto byl Lazar, ten kterýž byl umřel, jehož vzkřísil z mrtvých.
شۇ ۋەجىدىن ئۇلار ئۇ يەردە ئۇنىڭغا زىياپەت بەردى. مارتا مېھمانلارنى كۈتۈۋاتاتتى؛ لازارۇس بولسا ئەيسا بىلەن ھەمداستىخان بولغانلارنىڭ بىرى ئىدى. 2
I připravili jemu tu večeři, a Marta posluhovala, Lazar pak byl jeden z stolících s nimi.
مەريەم ئەمدى ناھايىتى قىممەت باھالىق ساپ سۇمبۇل ئەتىردىن بىر قاداق ئەكىلىپ، ئەيسانىڭ پۇتلىرىغا قۇيدى ئاندىن چاچلىرى بىلەن پۇتلىرىنى ئېرتىپ قۇرۇتتى. ئەتىرنىڭ خۇش پۇرىقى ئۆينى بىر ئالدى. 3
Maria pak vzavši libru masti drahé z nardu výborného, pomazala noh Ježíšových, a vytřela vlasy svými nohy jeho. I naplněn jest dům vůní té masti.
لېكىن ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن بىرى، يەنى ئۇنىڭغا پات ئارىدا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى، سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوت: 4
Tedy řekl jeden z učedlníků jeho, Jidáš, syn Šimona Iškariotského, kterýž jej měl zraditi:
ــ نېمىشقا بۇ [قىممەت باھالىق] ئەتىر كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىپ بېرىلىشكە ئۈچ يۈز دىنارغا سېتىلمىدى؟ ــ دېدى 5
Proč tato mast není prodána za tři sta peněz, a není dáno chudým?
(ئۇ بۇ سۆزنى كەمبەغەللەرنىڭ غېمىنى يېگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئوغرى بولغانلىقى ئۈچۈن دېگەنىدى؛ چۈنكى ئۇ [مۇخلىسلارنىڭ ئورتاق] ھەميانىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، دائىم ئۇنىڭغا سېلىنغىنىدىن ئوغرىلىۋالاتتى). 6
To pak řekl, ne že by měl péči o chudé, ale že zloděj byl, a měšec měl, a to, což do něho kladeno bylo, nosil.
ئەمدى ئەيسا: ــ ئايالنى ئۆز ئىختىيارىغا قويغىن! چۈنكى ئۇ بۇنى مېنىڭ دەپنە كۈنۈم ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ ساقلىغاندۇر؛ 7
Tedy řekl Ježíš: Nech jí, ke dni pohřebu mého zachovala to.
چۈنكى كەمبەغەللەر ھەمىشە سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ، لېكىن مەن ھەمىشە سىلەر بىلەن بىللە بولمايمەن، ــ دېدى. 8
Chudé zajisté vždycky máte s sebou, ale mne ne vždycky míti budete.
زور بىر توپ يەھۇدىيلار ئۇنىڭ شۇ يەردە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، شۇ يەرگە كەلدى. ئۇلارنىڭ كېلىشى يالغۇز ئەيسانى دەپلا ئەمەس، يەنە ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن لازارۇسنىمۇ كۆرۈش ئۈچۈن ئىدى. 9
Zvěděl pak zástup veliký z Židů o něm, že by tu byl. I přišli tam, ne pro Ježíše toliko, ale také, aby Lazara viděli, kteréhož byl vzkřísil z mrtvých.
لېكىن باش كاھىنلار بولسا لازارۇسنىمۇ ئۆلتۈرۈشنى مەسلىھەتلەشكەنىدى؛ 10
Radili se pak přední kněží, aby i Lazara zamordovali.
چۈنكى ئۇنىڭ سەۋەبىدىن نۇرغۇن يەھۇدىيلار ئۆزلىرىدىن چېكىنىپ ئەيساغا ئېتىقاد قىلىۋاتاتتى. 11
Nebo mnozí z Židů odcházeli pro něho, a uvěřili v Ježíše.
ئەتىسى، «[ئۆتۈپ كېتىش] ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈشكە كەلگەن زور بىر توپ خالايىق ئەيسانىڭ يېرۇسالېمغا كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، 12
Potom nazejtří mnohý zástup, kterýž byl přišel k svátku velikonočnímu, když uslyšeli, že Ježíš jde do Jeruzaléma,
قوللىرىغا خورما شاخلىرىنى تۇتۇشقان ھالدا ئۇنى قارشى ئالغىلى چىقىشتى ۋە: «تەشەككۈر-ھوساننا! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچى، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا مۇبارەك بولغاي!» دەپ ۋارقىراشتى. 13
Nabrali ratolestí palmových, a vyšli proti němu, a volali: Spas nás! Požehnaný, jenž se béře ve jménu Páně, Král Izraelský.
ئەيسا بىر تەخەينى تېپىپ، ئۇنىڭغا مىندى؛ خۇددى [مۇقەددەس يازمىلاردا] مۇنداق پۈتۈلگەندەك: ــ 14
I dostav Ježíš oslátka, vsedl na ně, jakož psáno jest:
«قورقما، ئى زىئون قىزى! مانا، پادىشاھىڭ ئېشەك تەخىيىگە مىنىپ كېلىۋاتىدۇ!». 15
Neboj se, dcero Sionská, aj, Král tvůj béře se, na oslátku sedě.
ئەينى چاغدا ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بۇ ئىشلارنى چۈشەنمەيتتى، لېكىن ئەيسا شان-شەرەپتە ئۇلۇغلانغاندىن كېيىن، بۇ سۆزلەرنىڭ ئۇنىڭ توغرۇلۇق پۈتۈلگەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ ئىشلارنىڭ دەرۋەقە ئۇنىڭدا شۇنداق يۈز بەرگەنلىكىنى ئېسىگە كەلتۈردى. 16
Tomu pak nesrozuměli učedlníci jeho zprvu, ale když oslaven byl Ježíš, tedy se rozpomenuli, že jest to psáno bylo o něm a že jemu to učinili.
ئەمدى ئۇ لازارۇسنى قەبرىدىن چاقىرىپ تىرىلدۈرگەن چاغدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان خالايىق بولسا، بۇ ئىشقا گۇۋاھلىق بېرىۋاتاتتى. 17
Vydával pak o něm svědectví zástup, kterýž byl s ním, že Lazara povolal z hrobu a vzkřísil jej z mrtvých.
ئەيسا ياراتقان بۇ مۆجىزىلىك ئالامەتنىمۇ ئاڭلىغاچقا، ئۇنى قارشى ئېلىشقا شۇ بىر توپ ئادەملەر چىقىشقانىدى. 18
Protož i v cestu vyšel jemu zástup, když slyšeli, že by ten div učinil.
پەرىسىيلەر بولسا بىر-بىرىگە: ــ قاراڭلار، [بارلىق] قىلغىنىڭلار بىكار كەتتى! مانا ئەمدى پۈتكۈل جاھان ئۇنىڭغا ئەگەشمەكتە! ــ دېيىشتى. 19
Tedy farizeové pravili mezi sebou: Vidíte, že nic neprospíváte? Aj, všecken svět postoupil po něm.
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا ئىبادەت قىلغىلى كەلگەنلەر ئارىسىدا بىرنەچچە گرېكلارمۇ بار ئىدى. 20
Byli pak někteří Řekové z těch, kteříž přicházívali, aby se modlili v svátek.
بۇلار ئەمدى گالىلىيەنىڭ بەيت-سائىدا يېزىسىدىن بولغان فىلىپنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ ئەپەندىم، بىز ئەيسا بىلەن كۆرۈشسەك، ــ دەپ تەلەپ قىلىشتى. 21
Ti také přistoupili k Filipovi, kterýž byl od Betsaidy Galilejské, a prosili ho, řkouce: Pane, chtěli bychom Ježíše viděti.
فىلىپ بېرىپ بۇنى ئاندرىياسقا ئېيتتى. ئاندىن ئاندرىياس ۋە فىلىپ ئىككىسى ئەيساغا مەلۇم قىلدى. 22
Přišel Filip a pověděl Ondřejovi, Ondřej pak a Filip pověděli Ježíšovi.
لېكىن ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ «ئىنسانئوغلىنىڭ شان-شەرەپتە ئۇلۇغلىنىدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى. 23
A Ježíš odpověděl jim, řka: Přišlať jest hodina, aby oslaven byl Syn člověka.
بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇغداي دېنى تۇپراق ئىچىگە چۈشۈپ ئۆلمىگۈچە، ئۆزى يەنىلا يالغۇز قالىدۇ؛ لېكىن ئۆلسە، مول ھوسۇل بېرىدۇ. 24
Amen, amen pravím vám: Zrno pšeničné padna v zemi, neumře-li, onoť samo zůstane, a pakliť umře, mnohý užitek přinese.
كىمدەكىم ئۆز ھاياتىنى ئايىسا ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ لېكىن بۇ دۇنيادا ئۆز ھاياتىدىن نەپرەتلەنسە، ئۇنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ساقلىيالايدۇ. (aiōnios g166) 25
Kdož miluje duši svou, ztratíť ji; a kdož nenávidí duše své na tomto světě, k životu věčnému ostříhá jí. (aiōnios g166)
كىمدەكىم خىزمىتىمدە بولۇشنى خالىسا، ماڭا ئەگەشسۇن. مەن قەيەردە بولسام، مېنىڭ خىزمەتچىممۇ شۇ يەردە بولىدۇ. كېمدەكىم مېنىڭ خىزمىتىمدە بولسا، ئاتا ئۇنىڭغا ئىززەت قىلىدۇ. 26
Slouží-li mi kdo, následujž mne; a kdež jsem já, tuť i můj služebník bude. A bude-li mi kdo sloužiti, poctíť ho Otec můj.
ھازىر جېنىم قاتتىق ئازابلىنىۋاتىدۇ. مەن نېمە دېيىشىم كېرەك؟ «ئاتا، مېنى بۇ سائەتتىن قۇتقۇزغىن!» دەيمۇ؟ لېكىن مەن دەل مۇشۇ ۋاقىت-سائەت ئۈچۈن كەلدىم. 27
Nyní duše má zkormoucena jest, a což dím? Otče, vysvoboď mne z této hodiny. Ale proto jsem přišel k hodině této.
ئاتا، نامىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرگىن!». شۇئان، ئاسماندىن بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ: ــ ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈردۈم ۋە يەنە ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرىمەن!» ــ دېيىلدى. 28
Otče, oslaviž jméno své. Tedy přišel hlas s nebe řkoucí: I oslavil jsem, i ještě oslavím.
بۇنى ئاڭلىغان شۇ يەردە تۇرغان خالايىق: ــ ھاۋا گۈلدۈرلىدى، ــ دېيىشتى. يەنە بەزىلەر بولسا: ــ بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا گەپ قىلدى، ــ دېيىشتى. 29
Ten pak zástup, kterýž tu stál a to slyšel, pravil: Zahřmělo. Jiní pravili: Anděl k němu mluvil.
ئەيسا بولسا جاۋابەن: ــ بۇ ئاۋاز مېنى دەپ ئەمەس، سىلەرنى دەپ چۈشتى. 30
Odpověděl Ježíš a řekl: Ne pro mneť hlas tento se stal, ale pro vás.
ئەمدى دۇنيانىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىلىش ۋاقتى كەلدى؛ ھازىر بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارىنىڭ تاشقىرىغا قوغلىنىش ۋاقتى كەلدى. 31
Nyníť jest soud světa tohoto, nyní kníže světa tohoto vyvrženo bude ven.
ۋە مەن بولسام، يەرنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈلگىنىمدە، پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆزۈمگە جەلپ قىلىپ تارتىمەن، ــ دېدى 32
A já budu-liť povýšen od země, všecky potáhnu k sobě.
(ئۇنىڭ بۇنى دېگىنى ئۆزىنىڭ قانداق ئۆلۈم بىلەن ئۆلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكىنى ئىدى). 33
(To pak pověděl, znamenaje, kterou by smrtí měl umříti.)
خالايىق بۇنىڭغا جاۋابەن ئۇنىڭدىن: ــ بىز مۇقەددەس قانۇندىن مەسىھنىڭ ئەبەدگىچە قالىدىغىنىنى ئاڭلىغان؛ سەن قانداقسىگە «ئىنسانئوغلى كۆتۈرۈلۈشى كېرەك» دەيسەن؟! بۇ قانداقمۇ «ئىنسانئوغلى» بولسۇن؟ ــ دەپ سورىدى. (aiōn g165) 34
Odpověděl jemu zástup: My jsme slyšeli z Zákona, že Kristus zůstává na věky, a kterakž ty pravíš, že musí býti povýšen Syn člověka? Kdo jest to Syn člověka? (aiōn g165)
شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا: ــ نۇرنىڭ ئاراڭلاردا بولىدىغان ۋاقتى ئۇزۇن بولمايدۇ. شۇڭا قاراڭغۇلۇقنىڭ سىلەرنى بېسىۋالماسلىقى ئۈچۈن، نۇر بار ۋاقتىدا [ئۇنىڭدا] مېڭىڭلار؛ قاراڭغۇلۇقتا ماڭغان كىشى ئۆزىنىڭ قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. 35
Tedy řekl jim Ježíš: Ještě na malý čas Světlo s vámi jest. Choďte, dokud Světlo máte, ať vás tma nezachvátí; nebo kdo chodí ve tmách, neví, kam jde.
نۇر ئاراڭلاردا بار ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا ئىشىنىڭلار؛ بۇنىڭ بىلەن نۇرنىڭ پەرزەنتلىرى بولىسىلەر، ــ دېدى. ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇلاردىن ئايرىلىپ يوشۇرۇنۇۋالدى. 36
Dokud Světlo máte, věřte v Světlo, abyste synové Světla byli. Toto pověděl Ježíš, a odšed, skryl se před nimi.
گەرچە ئۇ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا شۇنچە تولا مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار تېخى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىدى. 37
A ačkoli tak mnohá znamení činil před nimi, však jsou neuvěřili v něho,
شۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدا ئالدىنئالا كۆرسىتىلگەن بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇردى: «ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ يەتكۈزگەن خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەنگەن؟ ھەم «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» بولغۇچى كىمگىمۇ ئايان قىلىنغان؟» 38
Aby se naplnila řeč Izaiáše proroka, kterouž pověděl: Pane, kdo uvěřil kázaní našemu a rámě Páně komu jest zjeveno?
خالايىقنىڭ ئېتىقاد قىلمىغىنىنىڭ سەۋەبى دەل شۇكى (خۇددى يەشايا پەيغەمبەر يەنە ئالدىنئالا ئېيتقاندەك): «[پەرۋەردىگار] ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور، قەلبىنى تاش قىلدى؛ مەقسەت، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنىڭ كۆرۈپ، قەلبىنىڭ چۈشىنىپ، [گۇناھلىرىدىن] يېنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر؛ بولمىسا، مەن ئۇلارنى ساقايتقان بولاتتىم، ــ [دەيدۇ پەرۋەردىگار]». 39
Ale protoť jsou nemohli věřiti, neb opět Izaiáš řekl:
40
Oslepil oči jejich a zatvrdil srdce jejich, aby očima neviděli a srdcem nerozuměli a neobrátili se, abych jich neuzdravil.
بۇ سۆزلەرنى يەشايا [پەيغەمبەر] [مەسىھنىڭ] شان-شەرىپىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قارىتا ئالدىنئالا سۆز قىلغىنىدا ئېيتقانىدى. 41
To pověděl Izaiáš, když viděl slávu jeho a mluvil o něm.
ۋەھالەنكى، گەرچە ھەتتا يەھۇدىي ئاقساقاللىرىدىنمۇ نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار پەرىسىيلەر ۋەجىدىن قورقۇپ، ئۆزلىرىنىڭ سىناگوگتىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى ئېتىراپ قىلمىدى. 42
A ačkoli mnozí z knížat uvěřili v něho, však pro farizee nevyznávali ho, aby ze školy nebyli vyobcováni.
بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلار ئىنسانلاردىن كېلىدىغان ئىززەت-شۆھرەتنى خۇدادىن كېلىدىغان ئىززەت-شۆھرەتتىن ياخشى كۆرەتتى. 43
Nebo milovali slávu lidskou více než slávu Boží.
بىراق ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: ــ ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى ماڭىلا ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئېتىقاد قىلغۇچىدۇر. 44
Ježíš pak zvolal a řekl: Kdo věří ve mne, ne ve mneť věří, ale v toho, jenž mne poslal.
كىمكى مېنى كۆرگۈچى بولسا، مېنى ئەۋەتكۈچىنى كۆرگۈچى بولىدۇ. 45
A kdož vidí mne, vidí toho, kterýž mne poslal.
مەن ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچىلار قاراڭغۇلۇقتا قالمىسۇن دەپ، نۇر سۈپىتىدە دۇنياغا كەلدىم. 46
Já Světlo na svět jsem přišel, aby žádný, kdož věří ve mne, ve tmě nezůstal.
بىرسى سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى تۇتمىسا، ئۇنى سوراققا تارتمايمەن؛ چۈنكى مەن دۇنيادىكىلەرنى سوراققا تارتقىلى ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكىلەرنى قۇتقۇزغىلى كەلدىم. 47
A slyšel-liť by kdo slova má, a nevěřil by, jáť ho nesoudím; nebo nepřišel jsem, abych soudil svět, ale abych spasen učinil svět.
بىراق مېنى چەتكە قاققۇچىنى، شۇنداقلا سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلمىغاننى بولسا، ئۇنى سوراققا تارتقۇچى بىرسى بار. ئۇ بولسىمۇ، مەن ئېيتقان سۆز-كالامىمدۇر. ئۇ ئاخىرقى كۈنى ئۇنى سوراققا تارتىدۇ. 48
Kdož mnou pohrdá a nepřijímá slov mých, máť, kdo by jej soudil. Slova, kteráž jsem mluvil, tať jej souditi budou v nejposlednější den.
چۈنكى مەن ئۆزلۈكۈمدىن سۆزلىگىنىم يوق، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتا مېنىڭ نېمىنى دېيىشىم ۋە قانداق سۆزلىشىم كېرەكلىكىگە ئەمر بەرگەن. 49
Nebo já sám od sebe jsem nemluvil, ale ten, jenž mne poslal, Otec, on mi přikázaní dal, co bych měl praviti a mluviti.
ئۇنىڭ ئەمرىنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. شۇڭا نېمىنى سۆزلىسەم، ئاتا ماڭا بۇيرۇغىنىدەك سۆزلەيمەن. (aiōnios g166) 50
A vím, že přikázání jeho jest život věčný. A protož, což já mluvím, jakž mi pověděl Otec, takť mluvím. (aiōnios g166)

< يۇھاننا 12 >