< يۇھاننا 11 >
لازارۇس دېگەن بىر ئادەم كېسەل بولۇپ قالغانىدى. ئۇ مەريەم ۋە ھەدىسى مارتا تۇرغان، بەيت-ئانىيا دېگەن كەنتتە تۇراتتى | 1 |
Був же один, що нездужав Лазар з села Мариї та Марти, сестри її.
(بۇ مەريەم بولسا، رەبگە خۇشبۇي ماينى سۈركىگەن، پۇتلىرىنى ئۆز چاچلىرى بىلەن ئېرتىپ قۇرۇتقان ھېلىقى مەريەم ئىدى؛ كېسەل بولۇپ ياتقان لازارۇس ئۇنىڭ ئىنىسى ئىدى). | 2 |
Була ж се Мария, що намастила Господа миром і обтерла ноги Його волоссєм своїм, котрої брат Лазар нездужав.
لازارۇسنىڭ ھەدىلىرى ئەيساغا خەۋەرچى ئەۋەتىپ: «ئى رەب، مانا سەن سۆيگەن [دوستۇڭ] كېسەل بولۇپ قالدى» دەپ يەتكۈزدى. | 3 |
Післали тодї сестри до Него, кажучи: Господи, ось той, що Ти любиш, нездужає.
لېكىن ئەيسا بۇنى ئاڭلاپ: ــ بۇ كېسەلدىن ئۆلۈپ كەتمەيدۇ، بەلكى بۇ ئارقىلىق خۇدانىڭ ئوغلى ئۇلۇغلىنىپ، خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئايان قىلىنىدۇ ــ دېدى. | 4 |
Почувши Ісус, рече: Ся болїсть не на смерть, а про славу Божу, щоб прославивсь Син Божий через неї.
ئەيسا مارتا، سىڭلىسى ۋە لازارۇسنى تولىمۇ سۆيەتتى. | 5 |
Любив же Ісус Марту, й сестру її, і Лазаря.
شۇڭا ئۇ لازارۇسنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئۆزى تۇرۇۋاتقان جايدا يەنە ئىككى كۈن تۇردى. | 6 |
Як же почув, що нездужав, тодї зоставсь у тому місці, де був, ще два дні.
ئاندىن كېيىن ئۇ مۇخلىسلىرىغا: ــ يەھۇدىيەگە قايتا بارايلى! ــ دېدى. | 7 |
Після того ж рече ученикам: Ходїм знов у Юдею.
مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، يېقىندىلا [ئۇ يەردىكى] يەھۇدىيلار سېنى چالما-كېسەك قىلماقچى بولغان تۇرسا، يەنە ئۇ يەرگە قايتا بارامسەن؟ ــ دېيىشتى. | 8 |
Кажуть Йому ученики: Рави, тепер шукали Тебе Жиди каменувати, й знов ійдеш туди!
ئەيسا مۇنداق دېدى: ــ كۈندۈزدە ئون ئىككى سائەت بار ئەمەسمۇ؟ كۈندۈزى يول ماڭغان كىشى پۇتلاشماس، چۈنكى ئۇ بۇ دۇنيانىڭ يورۇقىنى كۆرىدۇ. | 9 |
Відказав Ісус: Хиба не дванайцять годин у днї? Коли хто ходить удень, не спотикаєть ся, бо сьвітло сьвіта сього бачить.
لېكىن كېچىسى يول ماڭغان كىشى پۇتلىشار، چۈنكى ئۇنىڭدا يورۇقلۇق يوقتۇر. | 10 |
Коли ж хто ходить поночі, спотикаєть ся, бо нема сьвітла в йому.
بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇ: ــ دوستىمىز لازارۇس ئۇخلاپ قالدى؛ مەن ئۇنى ئۇيقۇسىدىن ئويغاتقىلى بارىمەن، ــ دەپ قوشۇپ قويدى. | 11 |
Се промовив, і після того рече їм: Лазар, друг наш, заснув; та я пійду, щоб розбудити його.
شۇڭا مۇخلىسلار ئۇنىڭغا: ــ ئى رەب، ئۇخلىغان بولسا، ياخشى بولۇپ قالىدۇ، ــ دېدى. | 12 |
Казали тодї ученики Його: Господи, коли заснув, то й одужав.
ھالبۇكى، ئەيسا لازارۇسنىڭ ئۆلۈمى توغرۇلۇق ئېيتقانىدى، لېكىن ئۇلار ئۇ دەم ئېلىشتىكى ئۇيقۇنى دەۋاتىدۇ، دەپ ئويلاشتى. | 13 |
Говорив же Ісус про смерть його; вони ж думали, що про спочинок сонний каже.
شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا ئوچۇقىنى ئېيتىپ: ــ لازارۇس ئۆلدى، ــ دېدى. | 14 |
Тодї ж рече їм Ісус явно: Лазар умер.
ــ بىراق سىلەرنى دەپ، سىلەرنىڭ ئېتىقاد قىلىشىڭلار ئۈچۈن، [ئۇنىڭ قېشىدا] بولمىغانلىقىمغا خۇشالمەن. ئەمدى ئۇنىڭ يېنىغا بارايلى، ــ دېدى. | 15 |
І я радуюсь задля вас, що не був там, щоб ви увірували. Та ходімо до него.
«قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدىغان توماس باشقا مۇخلىسداشلىرىغا: ــ بىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارايلى ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلەيلى، ــ دېدى. | 16 |
Рече тодї Тома, на прізвище Близняк, товаришам ученикам: Ходімо й ми, щоб умерти з Ним.
ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن بەيت-ئانىياغا بارغاندا، لازارۇسنىڭ يەرلىككە قويۇلغىنىغا ئاللىقاچان تۆت كۈن بولغانلىقى ئۇنىڭغا مەلۇم بولدى. | 17 |
Прийшовши тодї Ісус, застав його, що він чотирі днї вже у гробі.
بەيت-ئانىيا يېرۇسالېمغا يېقىن بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئالتە چاقىرىمچە يىراقلىقتا ئىدى، | 18 |
Була ж Витания поблизу Єрусалиму, гоней на пятьдееять.
شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن يەھۇدىيلار مارتا بىلەن مەريەمگە ئىنىسى توغرىسىدا تەسەللى بەرگىلى ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلگەنىدى. | 19 |
І багато Жидів поприходило до Марти та Мариї, щоб розважати їх по братові їх.
مارتا ئەمدى ئەيسانىڭ كېلىۋاتقىنىنى ئاڭلاپلا، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى. لېكىن مەريەم بولسا ئۆيىدە ئولتۇرۇپ قالدى. | 20 |
Марта ж, як почула, що Ісус прийшов, вибігла назустріч Йому; Мария ж сиділа в хатї.
مارتا ئەمدى ئەيساغا: ــ ئى رەب، بۇ يەردە بولغان بولساڭ، ئىنىم ئۆلمىگەن بولاتتى. | 21 |
Каже тодї Марта до Ісуса: Господи, коли б був єси тут, брат мій не вмер би.
ھېلىھەم خۇدادىن نېمىنى تىلىسەڭ، ئۇنىڭ ساڭا شۇنى بېرىدىغانلىقىنى بىلىمەن، ــ دېدى. | 22 |
Тільки ж і тепер знаю, що, чого попросиш у Бога, дась Тобі Бог.
ــ ئىنىڭ قايتا تىرىلىدۇ، ــ دېدى ئەيسا. | 23 |
Рече їй Ісус: Воскресне брат твій.
مارتا: ــ ئاخىرقى كۈنىدە، يەنە تىرىلىش كۈنىدە ئۇنىڭ جەزمەن تىرىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن، ــ دېدى. | 24 |
Каже Марта до Него: Я знаю, що воскресне у воскресенню останнього дня.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ تىرىلىش ۋە ھاياتلىق مەن ئۆزۈمدۇرمەن؛ ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى كىشى ئۆلسىمۇ، ھايات بولىدۇ؛ | 25 |
Рече їй Ісус: Я воскресеннє і життє. Хто вірує в мене, коли й умре, жити ме.
ۋە ھايات تۇرۇپ، ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى ئەبەدىلئەبەد ئۆلمەس؛ بۇنىڭغا ئىشىنەمسەن؟ (aiōn ) | 26 |
всякий, хто живе й вірує в мене, не вмре по вік. Чи віруєш сьому? (aiōn )
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئىشىنىمەن، ئى رەب؛ سېنىڭ دۇنياغا كېلىشى مۇقەررەر بولغان مەسىھ، خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىڭگە ئىشىنىمەن. | 27 |
Каже йому: Так, Господи, я увірувала, що Ти єси Христос, Син Божий, грядущий на сьвіт.
بۇنى دەپ بولۇپ، ئۇ بېرىپ سىڭلىسى مەريەمنى ئاستىغىنا چاقىرىپ: ــ ئۇستاز كەلدى، سېنى چاقىرىۋاتىدۇ، ــ دېدى. | 28 |
І, се промовивши, пійшла та й покликала Марию, сестру свою, нишком, кажучи: Учитель прийшов, і кличе тебе.
مەريەم بۇنى ئاڭلاپ، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باردى | 29 |
Вона ж, як почула, встає хутко, і йде до Него.
(شۇ پەيتتە ئەيسا تېخى يېزىغا كىرمىگەن بولۇپ، مارتا ئۇنىڭ ئالدىغا مېڭىپ، ئۇچرىشىپ قالغان يەردە ئىدى). | 30 |
Ще ж не прийшов у село Ісус, а був на місцї, де зустріла Його Марта.
ئەمدى [مەريەمگە] تەسەللى بېرىۋاتقان، ئۆيدە ئۇنىڭ بىلەن ئولتۇرغان يەھۇدىيلار ئۇنىڭ ئالدىراپ قوپۇپ سىرتقا چىقىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، ئۇنى قەبرىگە بېرىپ شۇ يەردە يىغا-زار قىلغىلى كەتتى، دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىشتى. | 31 |
Тодї Жиди, що були з нею в хатї та розважали її, побачивши Марию, що хутко встала та вийшла, пійшли за нею, кажучи: Що йде до гробу, щоб плакати там.
مەريەم ئەمدى ئەيسا بار يەرگە بارغاندا ئۇنى كۆرۈپ، ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ: ــ ئى رەب، بۇ يەردە بولغان بولساڭ، ئىنىم ئۆلمىگەن بولاتتى! ــ دېدى. | 32 |
Мария ж, як прийшла, де був Ісус, й побачила Його, то впала в ноги Йому, кажучи до Него: Господи, коли б був єси тут, не вмер би брат мій.
ئەيسا مەريەمنىڭ يىغا-زار قىلغىنىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن يەھۇدىي خەلقنىڭ يىغا-زار قىلىشقىنىنى كۆرگەندە، روھىدا قاتتىق پىغان چېكىپ، كۆڭلى تولىمۇ بىئارام بولدى ۋە: | 33 |
Ісус же, як побачив її, що плаче, і прийшовших з нею Жидів, що плачуть, засмутив ся духом, і зворушив ся,
ــ ئۇنى قەيەرگە قويدۇڭلار؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ئى رەب، كېلىپ كۆرگىن، ــ دېيىشتى ئۇلار. | 34 |
і рече: Де положили його? Кажуть Йому: Господи, йди та подивись.
يەھۇدىي خەلقى: ــ قاراڭلار، ئۇ ئۇنى قانچىلىك سۆيگەن! ــ دېيىشتى. | 36 |
Казали тодї Жиди: Ось як Він любив його!
ۋە ئۇلاردىن بەزىلىرى: ــ قارىغۇنىڭ كۆزىنى ئاچقان بۇ كىشى كېسەل ئادەمنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالالماسمىدى؟ ــ دېيىشتى. | 37 |
Деякі ж з них казали: Чи не міг Сей, що відкрив очі слїпому, зробити, щоб і він не вмер?
ئەيسا ئىچىدە يەنە قاتتىق پىغان چېكىپ، قەبرىنىڭ ئالدىغا باردى. قەبرى بىر غار ئىدى؛ ئۇنىڭ كىرىش ئاغزىغا چوڭ بىر تاش قويۇقلۇق ئىدى. | 38 |
Тодї Ісус, зітхнувши знов у собі, пійшов до гробу. Була ж печера, й камінь лежав на нїй.
ئەيسا: ــ تاشنى ئېلىۋېتىڭلار! ــ دېدى. ئۆلگۈچىنىڭ ھەدىسى مارتا: ــ ئى رەب، يەرلىككە قويغىلى تۆت كۈن بولدى، ھازىر ئۇ پۇراپ كەتكەندۇ، ــ دېدى. | 39 |
Рече Ісус: Зніміть каменя. Каже Йому сестра умершого Марта: Господи, уже смердить; чотири бо днї йому.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ مەن ساڭا: «ئېتىقاد قىلساڭ، خۇدانىڭ شان-شەرىپىنى كۆرىسەن» دېگەنىدىمغۇ! ــ دېدى. | 40 |
Рече їй Ісус: Чи не казав я тобі, що, коли вірувати меш, побачиш славу Божу?
بۇنىڭ بىلەن خالايىق تاشنى ئېلىۋەتتى. ئەيسا كۆزلىرىنى ئاسمانغا تىكىپ مۇنداق دۇئا قىلدى: ــ ئى ئاتا، تىلىكىمنى ئاڭلىغىنىڭ ئۈچۈن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن. | 41 |
Зняли тодї каменя, де положено мерця. Ісус же звів очі вгору, і рече: Отче, дякую Тобі, що почув єси мене.
تىلەكلىرىمنى ھەمىشە ئاڭلايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن؛ لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، ئەتراپىمدىكى مۇشۇ خالايىق سېنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشەنسۇن دەپ، بۇنى ئېيتىۋاتىمەن! | 42 |
Я ж знав, що всякого часу мене чуєш, тільки задля народу, що навколо стоїть, сказав, щоб увірували, що Ти мене післав.
بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا: ــ لازارۇس، تاشقىرىغا چىق! ــ دەپ توۋلىدى. | 43 |
се промовивши, покликнув голосом великим: Лазаре, вийди!
ئۆلگۈچى قول-پۇتلىرى كېپەنلەنگەن، ئېڭىكى تېڭىلغان ھالدا تاشقىرىغا چىقتى. ئەيسا ئۇلارغا: ــ كېپەننى يېشىۋېتىپ، ئۇنى ئازاد قىلىڭلار! ــ دېدى. | 44 |
І вийшов мрець з завязаними в полотно ногами й руками, й лице його хусткою було завязане. Рече їм Ісус: Розвяжіть його й пустїть, нехай іде.
مەريەمنىڭ يېنىغا پەتە قىلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئەمىللىرىنى كۆرگەن يەھۇدىيلار ئىچىدىن نۇرغۇنلىرى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. | 45 |
Тодї многі з Жидів, що поприходили до Мариї, і видїли, що зробив Ісус, увірували в Него.
لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى پەرىسىيلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئەيسانىڭ قىلغان ئىشلىرىنى مەلۇم قىلىشتى. | 46 |
Деякі ж з них пійшли до Фарисеїв, та й сказали їм, що зробив Ісус.
شۇڭا پەرىسىيلەر ۋە باش كاھىنلار يەھۇدىيلارنىڭ بىر كېڭەشمىسىنى يىغىپ: ــ قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بۇ ئادەم نۇرغۇن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى يارىتىۋاتىدۇ. | 47 |
Зібрали тодї архиєреї та Фарисеї раду, і казали: Що нам чинити? бо сей чоловік багато робить ознак.
ئۇنىڭغا شۇنداق يول قويۇپ بېرىۋەرسەك، ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىپ كېتىدۇ. شۇنداق بولغاندا، رىملىقلار كېلىپ بۇ بىزنىڭ جايىمىز ۋە قوۋمىمىزنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ! ــ دېيىشتى. | 48 |
Коли оставимо Його так, усї увіруютьв Него; й прийдуть Римляне, та й заберуть у нас і місце і нарід.
ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرى، يەنى شۇ يىلى باش كاھىن بولغان قايافا: ــ سىلەر ھېچنېمىنى بىلمەيدىكەنسىلەر! | 49 |
Один же з них, Каяфа, бувши архиєреєм року того, каже їм: Ви не знаєте нїчого,
پۈتۈن خەلقنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ ئورنىغا، بىرلا ئادەمنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ئۆلۈشىنىڭ ئەۋزەللىكىنى چۈشىنىپ يەتمەيدىكەنسىلەر، ــ دېدى | 50 |
і не думаєте, що лучче нам, щоб один чоловік умер за людей, а не ввесь народ загинув.
(بۇ سۆزنى ئۇ ئۆزلۈكىدىن ئېيتمىغانىدى؛ بەلكى ئۇ شۇ يىلى باش كاھىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەيسانىڭ [يەھۇدىي] خەلقى ئۈچۈن، شۇنداقلا پەقەت ئۇ خەلق ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھەر يانغا تارقىلىپ كەتكەن پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆلىدىغانلىقىدىن ئالدىن بېشارەت بېرىپ شۇنداق دېگەنىدى). | 51 |
Се ж не від себе промовив, а, бувши архиєреєм того року, пророкував, що має Ісус умерти за людей,
і не тільки за людей, а щоб і дїти Божі розсипані зібрати в одно.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ، شۇ كۈندىن باشلاپ ئەيسانى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى قەستلىدى. | 53 |
З того ж дня нарадились, щоб убити Його.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئەيسا ئەمدى يەھۇدىيلار ئارىسىدا ئاشكارا يۈرمەيتتى، ئۇ ئۇ يەردىن ئايرىلىپ چۆلگە يېقىن رايوندىكى ئەفرائىم ئىسىملىك بىر شەھىرىگە بېرىپ، مۇخلىسلىرى بىلەن ئۇ يەردە تۇردى. | 54 |
Ісус же більш не ходив явно по Юдеї, а пійшов звідтіля в землю близько пустиш, у город званий Єфрем, і там пробував із учениками своїми.
ئەمدى يەھۇدىيلارنىڭ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»غا ئاز قالغانىدى. نۇرغۇن كىشىلەر تاھارەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، ھېيتتىن ئىلگىرى يېزىلاردىن يېرۇسالېمغا كېلىشتى. | 55 |
Була ж близько пасха Жидівська; і йшло багато в Єрусалим із сіл перед пасхою, щоб очищати себе.
شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇ كىشىلەر ئەيسانى ئىزدەشتى. ئۇلار ئىبادەتخانىدا يىغىلغاندا بىر-بىرىگە: ــ قانداق ئويلاۋاتىسىلەر؟ ئۇ ھېيت ئۆتكۈزگىلى كەلمەسمۇ؟ ــ دېيىشتى. | 56 |
Шукали тодї Ісуса, й говорили між собою, стоячи в церкві: Як вам здаєть ся? чи не прийде на сьвято?
باش كاھىنلار بىلەن پەرىسىيلەر بولسا ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن، ھەركىمنىڭ ئۇنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلسە، مەلۇم قىلىشى توغرۇلۇق پەرمان چىقارغانىدى. | 57 |
Дали ж і архиєреї і Фарисеї наказ, щоб, як хто знати ме, де Він, то щоб схопити Його.