< يۇھاننا 10 >
بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قوي قوتىنىغا ئىشىكتىن كىرمەي، باشقا يەردىن يامىشىپ كىرگەن كىشى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر. | 1 |
MELEL, melel I indai ong komail, me so weid nan wanim, pedelong ong nan deun sip, a dauda wasa toror, iei men lipirap o men kuli.
ئىشىكتىن كىرىدىغان كىشى بولسا قويلارنىڭ پادىچىسىدۇر. | 2 |
A me kin pedelong pan wanim, iei silepan sip o.
ئىشىك باقار ئۇنىڭغا ئىشىكنى ئېچىپ بېرىدۇ ۋە قويلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تونۇيدۇ؛ ئۇ ئۆز قويلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى بىر-بىرلەپ چاقىرىپ ئۇلارنى سىرتقا باشلاپ چىقىدۇ. | 3 |
Iei me silepan wanim o kin ritingada mo a; a sip akan kin rong ngil a; i me ekereki na sip akan ad arail, kare irail wei.
ئۇ قويلىرىنىڭ ھەممىسىنى سىرتقا چىقىرىپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، قويلارمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىشىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى تونۇيدۇ. | 4 |
A kin kapedoi na sip akan, ap tiong mo’rail, o sip akan kin idedauen i, pwe re anlar ngil a.
لېكىن ئۇلار يات ئادەمنىڭ كەينىدىن ماڭمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭدىن قاچىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ياتلارنىڭ ئاۋازىنى تونۇمايدۇ. | 5 |
A re sota pan idauen, me re san, pwe re pan tang sang, pwe re san ngil arail.
ئەيسا بۇ تەمسىلنى ئۇلارغا سۆزلەپ بەرگىنى بىلەن، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە نېمە دەۋاتقانلىقىنى ھېچ چۈشەنمىدى. | 6 |
Iesus kotin masani ong irail karaseras pot et, a irail sota weweki mepukat, me a kotin masani ong irail.
شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قويلارنىڭ ئىشىكى ئۆزۈمدۇرمەن. | 7 |
Iesus pil kotin masani ong irail: Melel, melel I indai ong komail: Ngai wanim en sip akan.
مەندىن ئىلگىرى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر، لېكىن قويلار ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى. | 8 |
Karos, me pwarador mo i, iei lipirap o men kuli, o sip akan sota kin rong irail.
ئىشىك ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئارقىلىق كىرگىنى قۇتقۇزۇلىدۇ ھەم كىرىپ-چىقىپ، ئوت-چۆپلەرنى تېپىپ يېيەلەيدۇ. | 9 |
Ngai wanim o, a meamen pedelong re i, pan kamaurela o diar manga purepure.
ئوغرى بولسا پەقەت ئوغرىلاش، ئۆلتۈرۈش ۋە بۇزۇش ئۈچۈنلا كېلىدۇ. مەن بولسام ئۇلارنى ھاياتلىققا ئېرىشسۇن ۋە شۇ ھاياتلىقى مول بولسۇن دەپ كەلدىم. | 10 |
Lipirap kin kodon pirapela, o kamela, o kaokaoe, a ngai kodo, pwe irail en ale maur, kakairida kokolata.
ياخشى پادىچى ئۆزۈمدۇرمەن. ياخشى پادىچى قويلار ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىدۇ. | 11 |
Ngai silepa mau; a silepa mau kin tonmeteki ong na sip akan maur i.
لېكىن مەدىكار ئۇنداق قىلمايدۇ. ئۇ بەلكى نە قويلارنىڭ ئىگىسى نە پادىچىسى بولمىغاچقا، بۆرىنىڭ كەلگىنىنى كۆرسە، قويلارنى تاشلاپ قاچىدۇ ۋە بۆرە كېلىپ قويلارنى تىتىپ تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ. | 12 |
A me kin pwaipwai o me sota udan silepa, o me kaidin udan na sip oko, iei me ngingar kidi en wel kokodo, ap kasela sip oko, tangdaui, a kidi en wel saikidi sip oko, kamueit ir pasang.
ئەمدى مەدىكار بولسا پەقەت ھەققىنى دەپ ئىشلەپ، قويلارغا كۆڭۈل بۆلمەي بەدەر قاچىدۇ. | 13 |
Me pwaipwai o kin tangdaui, aki a pwaipwai, o sota insenoki sip oko.
ياخشى پادىچى ئۆزۈمدۇرمەن. ئاتا مېنى تونىغىنىدەك مەن ئاتىنى تونۇغىنىمدەك، مەن ئۆزۈمنىڭكىلەرنى تونۇيمەن ۋە ئۆزۈمنىڭكىلەرمۇ مېنى تونۇيدۇ؛ قويلار ئۈچۈن جېنىم پىدا. | 14 |
Ngai silepa mau, o I asa nai kan, o nai kan pil asa ia.
Duen Sam o asa ia, iduen I asa Sam, o I tonmeteki ong sip akan maur i.
بۇ قوتاندىن بولمىغان باشقا قويلىرىممۇ بار. ئۇلارنىمۇ ئېلىپ باشلىشىم كېرەك ۋە ئۇلارمۇ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر پادا بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىر پادىچىسى بولىدۇ. | 16 |
A pil akai nai sip, me so kisan nan kel wet, mepuko I pil pan wado, o re pan rong ngil ai, o a pan pwin taieu o silepa me ta men,
ئاتا مېنى شۇ سەۋەبتىن سۆيىدۇكى، مەن جېنىمنى قايتۇرۇۋېلىشىم ئۈچۈن ئۇنى پىدا قىلىمەن. | 17 |
Iei me Sam pok ong ia, pwe I kidi maur i, pwe I en pur ong ale.
جېنىمنى ھېچكىم مەندىن ئالالمايدۇ، مەن ئۇنى ئۆز ئىختىيارىم بىلەن پىدا قىلىمەن. مەن ئۇنى پىدا قىلىشقا ھوقۇقلۇقمەن ۋە شۇنداقلا ئۇنى قايتۇرۇۋېلىشقىمۇ ھوقۇقلۇقمەن؛ بۇ ئەمرنى ئاتامدىن تاپشۇرۇۋالغانمەن. | 18 |
Sota me ki sang ia, pwe pein ngai kidi. I manaman ong kidi maur i, I pil manaman ong kapure dong ia. Kusoned pot et I aleer sang ren Sam ai.
بۇ سۆزلەر تۈپەيلىدىن يەھۇدىيلار ئارىسىدا يەنە بۆلۈنۈش پەيدا بولدى. | 19 |
Iei me Sus oko ap pil liak toror pasang pweki masan pukat.
ئۇلاردىن كۆپ ئادەملەر: ــ ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپتۇ، ئۇ جۆيلۈۋاتىدۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغۇدەكسىلەر؟ ــ دېيىشتى. | 20 |
Me toto re’rail indada: A tanwar en tewil o iakalar. Menda komail rong i?
يەنە بەزىلەر بولسا: ــ جىن چاپلاشقان ئادەمنىڭ سۆزلىرى بۇنداق بولمايدۇ. جىن قانداقمۇ قارىغۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچالىسۇن؟! ــ دېيىشتى. | 21 |
Akai me indada: Kaidik padak en tanwar en tewil pukat, da, tewil pan kak kapad pasang mas en me maskun amen?
قىش پەسلى بولۇپ، يېرۇسالېمدا «قايتا بېغىشلاش ھېيتى» ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. | 22 |
A ran en isimas en im en kaudok wiaui nan Ierusalem, i ansaun kapau.
ئەيسا ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايماننىڭ پېشايۋىنى»دا ئايلىنىپ يۈرەتتى. | 23 |
A Iesus kotikot sili nan im en kaudok, nan palang en Salomo.
يەھۇدىيلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ: ــ بىزنى قاچانغىچە تىت-تىت قىلىپ تۇتۇقلۇقتا قالدۇرماقچىسەن؟ ئەگەر مەسىھ بولساڭ، بىزگە ئوچۇقىنى ئېيت، ــ دېيىشتى. | 24 |
Sus oko kapili pena i indang i: Arai da komui pan okioki sang kit? Ma komui Kristus, en kadede ong kit sansal!
ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ مەن سىلەرگە ئېيتتىم، لېكىن ئىشەنمەيسىلەر. ئاتامنىڭ نامى بىلەن قىلغان ئەمەللىرىمنىڭ ئۆزى ماڭا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. | 25 |
Iesus kotin masani ong irail: I indai ong komail er, a komail sota poson dodok kan, me I wiadar ni mar en Sam ai, iei me kin kadede ia.
بىراق مەن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، سىلەر ئېتىقاد قىلمىدىڭلار، چۈنكى مېنىڭ قويلىرىمدىن ئەمەسسىلەر. | 26 |
A komail sota poson, pwe komail kaidik kisan nai sip, duen me I indai ong komail er.
مېنىڭ قويلىرىم مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ، مەن ئۇلارنى تونۇيمەن ۋە ئۇلار ماڭا ئەگىشىدۇ. | 27 |
Nai sip oko kin rong ngil ai, a I asa irail a re kin idauen ia.
مەن ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىمەن؛ ئۇلار ئەسلا ھالاك بولمايدۇ. ھېچكىم ئۇلارنى قولۇمدىن تارتىۋالالمايدۇ. (aiōn , aiōnios ) | 28 |
A I ki ong irail maur soutuk, a re sota pan salongala kokolata, o sota, me pan ki sang irail nan pa i. (aiōn , aiōnios )
ئۇلارنى ماڭا تەقدىم قىلغان ئاتام ھەممىدىن ئۈستۈندۇر ۋە ھېچكىم ئۇلارنى ئاتامنىڭ قولىدىن تارتىۋالالمايدۇ. | 29 |
Sam ai, me ki ong ia irail, me lapa sang meakaros, o sota me pan kak ki sang irail ni lim en Sam ai.
مەن ۋە ئاتا [ئەسلىدىنلا] بىردۇرمىز. | 30 |
Ngai o Sam me ta men.
بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار يەنە ئۇنى چالما-كېسەك قىلىشماقچى بولۇپ، يەردىن قوللىرىغا تاش ئېلىشتى. | 31 |
Sus oko ap pil rik takai, pwen kasuk i.
ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئاتامدىن كەلگەن نۇرغۇن ياخشى ئەمەللەرنى سىلەرگە كۆرسەتتىم. بۇ ئەمەللەرنىڭ قايسىسى ئۈچۈن مېنى چالما-كېسەك قىلماقچىسىلەر؟ ــ دېدى. | 32 |
Iesus kotin sapeng irail: Dodok mau toto, me I kasale ong komail er sang ren Sam o, a menia dodok ren mepukat, me komail kate kin ia?
ــ سېنى ياخشى بىر ئەمەل ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۇپۇرلۇق قىلغىنىڭ ئۈچۈن چالما-كېسەك قىلىمىز. چۈنكى سەن بىر ئىنسان تۇرۇقلۇق، ئۆزۈڭنى خۇدا قىلىپ كۆرسەتتىڭ! ــ دېدى يەھۇدىيلار جاۋابەن. | 33 |
Sus oko ap sapeng i: Kaidik dodok mau eu, me se kate kin komui, a pweki lalaue, o pweki aramas amen koe, me wia kin pein uk Kot,
ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ سىلەرگە تەۋە مۇقەددەس قانۇندا «مەن ئېيتتىم، سىلەر ئىلاھلارسىلەر» دەپ پۈتۈلگەن ئەمەسمۇ؟ | 34 |
Iesus kotin sapeng irail: A so intingidier nan omail kapung: I indada, komail kot akan,
خۇدا ئۆز سۆز-كالامىنى يەتكۈزگەنلەرنى «ئىلاھلار» دەپ ئاتىغان يەردە (ۋە مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنى ھەرگىز كۈچتىن قالمايدۇ) | 35 |
Ari, ma a kin wia kin ir kot, me aleer masan en Kot, pwe kisin likau kan sota kak sapungala;
نېمە ئۈچۈن ئاتا ئۆزىگە خاس-مۇقەددەس قىلىپ پانىي دۇنياغا ئەۋەتكەن زات «مەن خۇدانىڭ ئوغلىمەن» دېسە، ئۇ توغرۇلۇق «كۇپۇرلۇق قىلدىڭ!» دەيسىلەر؟ | 36 |
A komail kin inda kin i, me Sam a kasarauialar, o kadara dong sappa, koe lalaue, pweki ai indada: Sapwilim en Kot ngai?
ئەگەر ئاتامنىڭ ئەمەللىرىنى قىلمىسام، ماڭا ئىشەنمەڭلار. | 37 |
Ma I so wiawia dodok kan en Sam ai, komail der kamelele ia.
بىراق قىلسام، ماڭا ئىشەنمىگەن ھالەتتىمۇ، ئەمەللەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئىشىنىڭلار. بۇنىڭ بىلەن ئاتىنىڭ مەندە ئىكەنلىكىنى، مېنىڭمۇ ئاتىدا ئىكەنلىكىمنى ھەق دەپ بىلىپ ئېتىقاد قىلىدىغان بولىسىلەر. | 38 |
A ma I kin wiawia, komail en posonki dodok kan, ma komail sota poson ia, pwe komail en asa o poson, me Sam ai podidi ong ia, o ngai podidi ong i.
بۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە ئۇنى تۇتماقچى بولدى، بىراق ئۇ ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئۇ يەردىن كەتتى. | 39 |
Irail ap pil song saikidi i. I ari piti sang ni pa’rail.
ئاندىن ئۇ يەنە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىغا، يەنى يەھيا [پەيغەمبەر] دەسلىپىدە ئادەملەرنى چۆمۈلدۈرگەن جايغا بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى. | 40 |
O kotin purelang palilan Iordan, wasa Ioanes kin wia paptais ia mas; I ari kotikot wasa o.
نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار: ــ يەھيا ھېچ مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتمىگەن، لېكىن ئۇنىڭ بۇ ئادەم توغرىسىدا بارلىق ئېيتقانلىرى راست ئىكەن! ــ دېيىشتى. | 41 |
A me toto pokon dong i indada: Ioanes sota wiadar kilel eu; a melel eta karos, me Ioanes masanieki men et.
شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ يەردە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. | 42 |
A me toto posonla i wasa o.