< يۇھاننا 10 >

بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قوي قوتىنىغا ئىشىكتىن كىرمەي، باشقا يەردىن يامىشىپ كىرگەن كىشى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر. 1
Kadura, kadura inboshi desa daki maribe ana tukum uhana itamba, manno matarsa ure una, unu uginome ukari mani.
ئىشىكتىن كىرىدىغان كىشى بولسا قويلارنىڭ پادىچىسىدۇر. 2
Desa da maribe ana tukum memani unu tarsan ini tam imi.
ئىشىك باقار ئۇنىڭغا ئىشىكنى ئېچىپ بېرىدۇ ۋە قويلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تونۇيدۇ؛ ئۇ ئۆز قويلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى بىر-بىرلەپ چاقىرىپ ئۇلارنى سىرتقا باشلاپ چىقىدۇ. 3
Unu hira anatukum ma adi pokimeni itamme ikuna nimyiran numeme, matisa item imeme in ta zaa tiwe na kuri ma han we amatara.
ئۇ قويلىرىنىڭ ھەممىسىنى سىرتقا چىقىرىپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، قويلارمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىشىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى تونۇيدۇ. 4
Sa ma ēn we vat a matara, ma haki aje aweme, itame unu tarsa ume, barki wa rusa nimyiran numeme.
لېكىن ئۇلار يات ئادەمنىڭ كەينىدىن ماڭمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭدىن قاچىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ياتلارنىڭ ئاۋازىنى تونۇمايدۇ. 5
Wa ke wa tarsa ugenuba senke wa sumime, barki wa tame nimyiran ni ugenuba.
ئەيسا بۇ تەمسىلنى ئۇلارغا سۆزلەپ بەرگىنى بىلەن، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە نېمە دەۋاتقانلىقىنى ھېچ چۈشەنمىدى. 6
Yeso ma wuzi we tize in nubata, da wa tinka imum me sa ma buu we ba.
شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قويلارنىڭ ئىشىكى ئۆزۈمدۇرمەن. 7
Yeso makuri magun we, “Kadundura, kadundura, in buu shi, mimani ana tukum item.
مەندىن ئىلگىرى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر، لېكىن قويلار ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى. 8
Vat andesa wa ē aje am akari wani nan anu bursa tirunga tanu, da itam me ya kunna we ba.
ئىشىك ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئارقىلىق كىرگىنى قۇتقۇزۇلىدۇ ھەم كىرىپ-چىقىپ، ئوت-چۆپلەرنى تېپىپ يېيەلەيدۇ. 9
Mimani anatukum, me desa maribe ahira am, madi kem ubura, madi ribe ma suri makure makim ahiraukese.
ئوغرى بولسا پەقەت ئوغرىلاش، ئۆلتۈرۈش ۋە بۇزۇش ئۈچۈنلا كېلىدۇ. مەن بولسام ئۇلارنى ھاياتلىققا ئېرىشسۇن ۋە شۇ ھاياتلىقى مول بولسۇن دەپ كەلدىم. 10
Ukari mada ezeba senke barki ma wuzi ni kari nan uhuna anu, ma aye ini barki wa kem uvengize wa kuri wa kem uvenke gbardan.
ياخشى پادىچى ئۆزۈمدۇرمەن. ياخشى پادىچى قويلار ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىدۇ. 11
Mi mani unu tarsa inanu uhem, unutarsa inanu uhuma maki nyanice nume barki itam ime.
لېكىن مەدىكار ئۇنداق قىلمايدۇ. ئۇ بەلكى نە قويلارنىڭ ئىگىسى نە پادىچىسى بولمىغاچقا، بۆرىنىڭ كەلگىنىنى كۆرسە، قويلارنى تاشلاپ قاچىدۇ ۋە بۆرە كېلىپ قويلارنى تىتىپ تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ. 12
Desa mazi vana uka dura, da unu keseba, desa da memani unu itam, ingi ma ira Biyayau bi eze madi sumima ceki itam me, Biyayau me bidi zike itam me bi samirkawe.
ئەمدى مەدىكار بولسا پەقەت ھەققىنى دەپ ئىشلەپ، قويلارغا كۆڭۈل بۆلمەي بەدەر قاچىدۇ. 13
Ma sumi barki me una katuma ki kirfi kani mada igizome ini itam ba.
ياخشى پادىچى ئۆزۈمدۇرمەن. ئاتا مېنى تونىغىنىدەك مەن ئاتىنى تونۇغىنىمدەك، مەن ئۆزۈمنىڭكىلەرنى تونۇيمەن ۋە ئۆزۈمنىڭكىلەرمۇ مېنى تونۇيدۇ؛ قويلار ئۈچۈن جېنىم پىدا. 14
Nimani unu tarsa ina anu uhuma, in rusa am, am wa rusam.
15
Acoo me ma rusam, nima in rusa acoo me, ma nya nice num barki itam.
بۇ قوتاندىن بولمىغان باشقا قويلىرىممۇ بار. ئۇلارنىمۇ ئېلىپ باشلىشىم كېرەك ۋە ئۇلارمۇ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر پادا بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىر پادىچىسى بولىدۇ. 16
In zin in ire itam sade ini goo nige niniba itam iginome, ya cuku, in ēn in ini, we cangi wadi kuna nimyira num barki wa cukuno nigoo ni inde unu utarsa u inde.
ئاتا مېنى شۇ سەۋەبتىن سۆيىدۇكى، مەن جېنىمنى قايتۇرۇۋېلىشىم ئۈچۈن ئۇنى پىدا قىلىمەن. 17
Barki ane ani acoo ma hem in ni ma nya iriba barki in kem me.
جېنىمنى ھېچكىم مەندىن ئالالمايدۇ، مەن ئۇنى ئۆز ئىختىيارىم بىلەن پىدا قىلىمەن. مەن ئۇنى پىدا قىلىشقا ھوقۇقلۇقمەن ۋە شۇنداقلا ئۇنى قايتۇرۇۋېلىشقىمۇ ھوقۇقلۇقمەن؛ بۇ ئەمرنى ئاتامدىن تاپشۇرۇۋالغانمەن. 18
Unu zika ume ahira am ma raniba, ini nice num ma nya shi me barki ma bari in nya me, inzini ubari in ziki me. Na kaba ubuka ugino me ahira acoo um.
بۇ سۆزلەر تۈپەيلىدىن يەھۇدىيلار ئارىسىدا يەنە بۆلۈنۈش پەيدا بولدى. 19
“Uhana ace wa ribe anyimo ama Yahudawa, barki ogoran agino me.
ئۇلاردىن كۆپ ئادەملەر: ــ ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپتۇ، ئۇ جۆيلۈۋاتىدۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغۇدەكسىلەر؟ ــ دېيىشتى. 20
Gardan anyimo awe wa gu, nizin unu gbardan, unu iranza mani. Barki nyanini in zinu kunna ume”.
يەنە بەزىلەر بولسا: ــ جىن چاپلاشقان ئادەمنىڭ سۆزلىرى بۇنداق بولمايدۇ. جىن قانداقمۇ قارىغۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچالىسۇن؟! ــ دېيىشتى. 21
Aye aweme wa gu, agoran agino da ade sa mazin in na gbargena mani ba. Nani una gbargene mada ke ma poki aje urubo?
قىش پەسلى بولۇپ، يېرۇسالېمدا «قايتا بېغىشلاش ھېيتى» ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. 22
Uganiya u udi kpechu a Urushalima wa aya.
ئەيسا ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايماننىڭ پېشايۋىنى»دا ئايلىنىپ يۈرەتتى. 23
Uganiya unikuzi nini, Yeso mahak anyimo anikobo ni Sulemanu.
يەھۇدىيلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ: ــ بىزنى قاچانغىچە تىت-تىت قىلىپ تۇتۇقلۇقتا قالدۇرماقچىسەن؟ ئەگەر مەسىھ بولساڭ، بىزگە ئوچۇقىنى ئېيت، ــ دېيىشتى. 24
A Yahudawa zogizi wa gu, “Unu maya uni idi ceki duru, anyimo ma, aye, ingi hama iri Asere, bukan duru ti rusa”.
ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ مەن سىلەرگە ئېيتتىم، لېكىن ئىشەنمەيسىلەر. ئاتامنىڭ نامى بىلەن قىلغان ئەمەللىرىمنىڭ ئۆزى ماڭا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. 25
Yeso magun we, “In boo shi a ani daki ya hem ba, imum be sa in wuza anyimo nizana acoo um ine ini ibezizi me aveni.
بىراق مەن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، سىلەر ئېتىقاد قىلمىدىڭلار، چۈنكى مېنىڭ قويلىرىمدىن ئەمەسسىلەر. 26
Vat ani me daya hem ba barki shi da itam in ini ba.
مېنىڭ قويلىرىم مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ، مەن ئۇلارنى تونۇيمەن ۋە ئۇلار ماڭا ئەگىشىدۇ. 27
Itam ini ikuna nimyiran num, in rusa we wa tarsam.
مەن ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىمەن؛ ئۇلار ئەسلا ھالاك بولمايدۇ. ھېچكىم ئۇلارنى قولۇمدىن تارتىۋالالمايدۇ. (aiōn g165, aiōnios g166) 28
In nyizawe i zatu marsa, wada dinkino me iwono ba, unu bara uwe ataritum mazoni. (aiōn g165, aiōnios g166)
ئۇلارنى ماڭا تەقدىم قىلغان ئاتام ھەممىدىن ئۈستۈندۇر ۋە ھېچكىم ئۇلارنى ئاتامنىڭ قولىدىن تارتىۋالالمايدۇ. 29
Acoo um, desa ma nyam we mateki kondavi uni gbardan, unu rusa ubura uwe atari acoo ma rani ba.
مەن ۋە ئاتا [ئەسلىدىنلا] بىردۇرمىز. 30
Ni nan kacoo a inde ani.
بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار يەنە ئۇنى چالما-كېسەك قىلىشماقچى بولۇپ، يەردىن قوللىرىغا تاش ئېلىشتى. 31
Ba ma Yahudawa wa ziki apo barki wa vingizi meni.
ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئاتامدىن كەلگەن نۇرغۇن ياخشى ئەمەللەرنى سىلەرگە كۆرسەتتىم. بۇ ئەمەللەرنىڭ قايسىسى ئۈچۈن مېنى چالما-كېسەك قىلماقچىسىلەر؟ ــ دېدى. 32
Yeso makabirkawe, “Mabezi shi timu mum tihuma gbardang ahira acoo um barki iya imum ini anyimo iginome izin vingizi umni?”.
ــ سېنى ياخشى بىر ئەمەل ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۇپۇرلۇق قىلغىنىڭ ئۈچۈن چالما-كېسەك قىلىمىز. چۈنكى سەن بىر ئىنسان تۇرۇقلۇق، ئۆزۈڭنى خۇدا قىلىپ كۆرسەتتىڭ! ــ دېدى يەھۇدىيلار جاۋابەن. 33
Ba ma Yahudawa wakabirkame, “Da barki kare katuma kahuma kani ti nyara uvingizi uwe ni ba, barki u cara, barki hu unu ma ni, ukurzuzo nice nuwe Asere”.
ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ سىلەرگە تەۋە مۇقەددەس قانۇندا «مەن ئېيتتىم، سىلەر ئىلاھلارسىلەر» دەپ پۈتۈلگەن ئەمەسمۇ؟ 34
Yeso makabarka we, “Unyitike u ginome u zoni, anyimo ashi, maguna, “Shi makiri?”.
خۇدا ئۆز سۆز-كالامىنى يەتكۈزگەنلەرنى «ئىلاھلار» دەپ ئاتىغان يەردە (ۋە مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنى ھەرگىز كۈچتىن قالمايدۇ) 35
Inki mattawe makiri we ande sa tize ta Asere ta ē ahira aweme (wadake wa da pura me tize ba).
نېمە ئۈچۈن ئاتا ئۆزىگە خاس-مۇقەددەس قىلىپ پانىي دۇنياغا ئەۋەتكەن زات «مەن خۇدانىڭ ئوغلىمەن» دېسە، ئۇ توغرۇلۇق «كۇپۇرلۇق قىلدىڭ!» دەيسىلەر؟ 36
Ibo desa acoo ma zauka makuri matumime unē, uzinnu cara, Barki maguna, mi vana Asere mani?
ئەگەر ئاتامنىڭ ئەمەللىرىنى قىلمىسام، ماڭا ئىشەنمەڭلار. 37
Indaki ka coo um kaniba kati ihemin mi ba.
بىراق قىلسام، ماڭا ئىشەنمىگەن ھالەتتىمۇ، ئەمەللەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئىشىنىڭلار. بۇنىڭ بىلەن ئاتىنىڭ مەندە ئىكەنلىكىنى، مېنىڭمۇ ئاتىدا ئىكەنلىكىمنى ھەق دەپ بىلىپ ئېتىقاد قىلىدىغان بولىسىلەر. 38
Ingi in wuza anime, daki shi yahem inmi ba, hemni inni mu me barki i rusi, ikuri irusi acoo ma raa anyimo am, mi in raa anyimo coo.
بۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە ئۇنى تۇتماقچى بولدى، بىراق ئۇ ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئۇ يەردىن كەتتى. 39
Wakuri wa sokace umeki ume, madusa me imumime, masuri atari tuwe.
ئاندىن ئۇ يەنە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىغا، يەنى يەھيا [پەيغەمبەر] دەسلىپىدە ئادەملەرنى چۆمۈلدۈرگەن جايغا بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى. 40
Ma dusame imum ime uhana uraba u Urdu, uhana ahira sa Yohana ma zin nu wuza u baptisma makuri ma cukkuno a hirame.
نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار: ــ يەھيا ھېچ مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتمىگەن، لېكىن ئۇنىڭ بۇ ئادەم توغرىسىدا بارلىق ئېيتقانلىرى راست ئىكەن! ــ دېيىشتى. 41
Anu gbardang wa ē ahira me, wagu “Kadure daki Yahaya ma wuzi ire imum u ira ba, vat imum me sa Yahaya magu anice ninu ugeme kadure kani”.
شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ يەردە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. 42
Anu gbardang wa hemen imme a hirame.

< يۇھاننا 10 >