< يوئېل 1 >
پەرۋەردىگارنىڭ پېتۇئېلنىڭ ئوغلى يوئېلغا چۈشكەن سۆزى: ــ | 1 |
THE WORD of the LORD that came to Joel the son of Pethuel.
«ئى قېرىلار، ئاڭلاڭلار؛ زېمىندا بارلىق تۇرۇۋاتقان ھەممەيلەن، قۇلاق سېلىڭلار؛ ئۆز كۈنلىرىڭلاردا ياكى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ كۈنلىرىدىمۇ شۇنداق بىر ئىش بولۇپ باققانمۇ؟ | 2 |
Hear this, ye old men, and give ear, all ye inhabitants of the land. Hath this been in your days, or in the days of your fathers?
بالىلىرىڭلارغا شۇنى ئېيتىپ بېرىڭلار، بالىلىرىڭلار ئۆز بالىلىرىغا ئېيتسۇن، ئۇلارمۇ كېلەر دەۋرگە ئېيتسۇن: ــ | 3 |
Tell ye your children of it, and let your children tell their children, and their children another generation.
«چىشلىگۈچى قۇرت» قالدۇرغاننى چېكەتكە يەپ بولدى، چېكەتكە قالدۇرغاننى چېكەتكە لىچىنكىلىرى يەپ بولدى، چېكەتكە لىچىنكىلىرى قالدۇرغاننى «ۋەيرانچى قۇرت»لار يەپ بولدى. | 4 |
That which the palmer-worm hath left hath the locust eaten; and that which the locust hath left hath the canker-worm eaten; and that which the canker-worm hath left hath the caterpiller eaten.
ئەي، ھاراقكەشلەر، ئويغىنىپ قاتتىق يىغلاڭلار، ھۇۋلىشىڭلار، ئى شاراب ئىچكۈچىلەر، يېڭى شاراب تۈپەيلىدىن ــ چۈنكى ئۇ ئاغزىڭدىن ئېلىپ تاشلاندى. | 5 |
Awake, ye drunkards, and weep, and wail, all ye drinkers of wine, because of the sweet wine, for it is cut off from your mouth.
چۈنكى بىر خەلق، كۈچلۈك، سانسىزلىغان خەلق، زېمىنىم ئۈستىگە بېسىپ كەلدى؛ ئۇنىڭ چىشلىرى بولسا شىرنىڭ چىشلىرى، ئۇنىڭدا شىرنىڭ ھىڭگاڭ چىشلىرى باردۇر؛ | 6 |
For a people is come up upon my land, mighty, and without number; his teeth are the teeth of a lion, and he hath the jaw-teeth of a lioness.
ئۇ مېنىڭ ئۈزۈم تاللىرىمنى ۋەيرانە قىلىۋەتتى، ئەنجۈر دەرىخىمنىڭ قوۋزاقلىرىنى سىيرىۋەتتى، ئۇلارنى يالىڭاچلاپ، تاشلىۋەتتى؛ ئۇلارنىڭ شاخلىرى ئاقلىۋېتىلدى. | 7 |
He hath laid my vine waste, and blasted my fig-tree; he hath made it clean bare, and cast it down, the branches thereof are made white.
ياشلىقىدىكى ئېرى ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ بۆز كىيىملەرگە ئورانغان نەۋجۇۋاندەك قاتتىق پىغان چېكىڭلار؛ | 8 |
Lament like a virgin girded with sackcloth for the husband of her youth.
پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى «ئاشلىق ھەدىيە»دىن ھەم «شاراب ھەدىيە»لەردىن مەھرۇم قىلىندى؛ كاھىنلار، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتچىلىرى ماتەم تۇتىدۇ. | 9 |
The meal-offering and the drink-offering is cut off from the house of the LORD; the priests mourn, even the LORD'S ministers.
ئېتىزلار چۆلدەرەپ كەتتى، زېمىن ماتەم تۇتىدۇ؛ چۈنكى زىرائەتلەر غازان بولدى، يېڭى شاراب قۇرۇپ كەتتى، زەيتۇن مېيى قاغجىرىدى. | 10 |
The field is wasted, the land mourneth; for the corn is wasted, the new wine is dried up, the oil languisheth.
ھەي دېھقانلار، ئۇيۇلۇڭلار؛ بۇغدايلار ھەم ئارپىلار ئۈچۈن يالۋۇرۇڭلار، ئى ئۈزۈمچىلەر، چۈنكى ئېتىزلارنىڭ ھوسۇللىرى قۇرۇپ كەتتى. | 11 |
Be ashamed, O ye husbandmen, wail, O ye vinedressers, for the wheat and for the barley; because the harvest of the field is perished.
ئۈزۈم تېلى قاغجىراپ كەتتى، ئەنجۈر دەرىخى سولىشىپ قالدى، ئانار دەرىخى، خورما پالمىسى ھەم ئالما دەرىخىمۇ، دالادىكى بارلىق دەرەخلەر سولىشىپ كەتتى؛ بەرھەق، شادلىقمۇ ئادەم بالىلىرىدا سولىشىپ كەتتى. | 12 |
The vine is withered, and the fig-tree languisheth; the pomegranate-tree, the palm-tree also, and the apple-tree, even all the trees of the field, are withered; for joy is withered away from the sons of men.
بېلىڭلارنى باغلاڭلار، پەرياد ئوقۇڭلار، ئى كاھىنلار؛ ھۇۋلاڭلار، ئى قۇربانگاھنىڭ خىزمەتچىلىرى؛ كېچىچە بۆز كىيىملەرنى كىيىپ دۈم يېتىڭلار، ئى خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى؛ چۈنكى خۇدايىڭلارنىڭ ئۆيىدىن «ئاشلىق ھەدىيە» ھەم «شاراب ھەدىيە» ئۈزۈلۈپ قالدى. | 13 |
Gird yourselves, and lament, ye priests, wail, ye ministers of the altar; come, lie all night in sackcloth, ye ministers of my God; for the meal-offering and the drink-offering is withholden from the house of your God.
«روزا تۇتايلى» دەپ [خۇداغا] مەخسۇس بىر مەزگىلنى ئايرىڭلار، جامائەتكە مەخسۇس يىغىلىمىز، دەپ جاكارلاڭلار؛ ئاقساقاللارنى، زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئۆيىگە يىغىپ، پەرۋەردىگارغا نالە كۆتۈرۈڭلار! | 14 |
Sanctify ye a fast, call a solemn assembly, gather the elders and all the inhabitants of the land unto the house of the LORD your God, and cry unto the LORD.
«ئاھ، شۇ كۈن! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يېقىنلاشتى، ئۇ ھەممىگە قادىر تەرىپىدىن ھالاكەت بولۇپ كېلىدۇ. | 15 |
Alas for the day! for the day of the LORD is at hand, and as a destruction from the Almighty shall it come.
مانا، غىزا كۆز ئالدىمىزدىن ئېلىپ تاشلاندى ئەمەسمۇ؟ شادلىق، خۇشاللىق خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ تاشلاندى ئەمەسمۇ؟ | 16 |
Is not the food cut off before our eyes, yea, joy and gladness from the house of our God?
ئۇرۇقلار توپا-چالمىلار ئاستىدا چىرىپ كەتتى، ئامبارلار خارابىلەشتى، بوغۇزخانىلار غۇلاپ چۈشتى؛ چۈنكى زىرائەتلەر غازاڭ بولدى. | 17 |
The grains shrivel under their hoes; the garners are laid desolate, the barns are broken down; for the corn is withered.
چارپايلار شۇنداق ھۆركىرىشىپ كەتتى! كالا پادىلىرى پاتىپاراق بولدى، ئوتلاقنى تاپالمىغاچ؛ قوي پادىلىرىمۇ ئۆزى «گۇناھىمىز بار» دېگەندەك مەيۈسلەندى؛ | 18 |
How do the beasts groan! the herds of cattle are perplexed, because they have no pasture; yea, the flocks of sheep are made desolate.
ئاھ، پەرۋەردىگار، نىدا قىلىمەن ساڭا؛ چۈنكى ئوت يالقۇنلىرى جاڭگالدىكى ئوت-چۆپلەرنى يەۋەتتى، يالقۇن دالادىكى بارلىق دەرەخلەرنى كۆيدۈرۈۋەتتى. | 19 |
Unto Thee, O LORD, do I cry; for the fire hath devoured the pastures of the wilderness, and the flame hath set ablaze all the trees of the field.
دالادىكى ھايۋانلارمۇ ساڭا نىدا قىلىدۇ، چۈنكى ئېرىق-ئۆستەڭلەر قۇرۇپ كەتتى، ئوت-يالقۇن جاڭگالدىكى ئوت-چۆپلەرنى يەۋەتتى. | 20 |
Yea, the beasts of the field pant unto Thee; for the water brooks are dried up, and the fire hath devoured the pastures of the wilderness.