< ئايۇپ 9 >
ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
Then Job answered and said,
ۋاي، سېنىڭلا توغرا، [دۇنيانى] ھەقىقەتەن سەن دېگەندەك دەپ بىلىمەن! بىراق ئىنسان بالىسى قانداق قىلىپ تەڭرى ئالدىدا ھەققانىي بولالىسۇن؟ | 2 |
Of a truth I know that it is so: but how can man be just with God?
ھەتتا ئەگەر بىرسى ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشىشقا پېتىنالىسا، شۇ [كىشى] مەسىلىلەرنىڭ مىڭدىن بىرىگىمۇ جاۋاب بېرەلمەيدۇ. | 3 |
If he be pleased to contend with him, he cannot answer him one of a thousand.
ئۇنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر دانالىق باردۇر، ئۇ زور كۈچ-قۇدرەتكە ئىگىدۇر؛ كىممۇ ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ، يۈرىكىنى توم قىلىپ، كېيىن تىنچ-ئامان قالغان؟ | 4 |
[He is] wise in heart, and mighty in strength: who hath hardened himself against him, and prospered?
ئۇ تاغلارنى غەزىپىدە غۇلاتقاندا، ئۇلارغا ھېچ بىلدۈرمەيلا ئۇلارنى يۇلۇپ تاشلايدۇ. | 5 |
Which removeth the mountains, and they know it not, when he overturneth them in his anger.
ئۇ يەر-زېمىننى تەۋرىتىپ ئۆز ئورنىدىن قوزغىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرى تىترەپ كېتىدۇ. | 6 |
Which shaketh the earth out of her place, and the pillars thereof tremble.
ئۇ قۇياشقا كۆتۈرۈلمە دەپ سۆز قىلسىلا، ئۇ قوپمايدۇ؛ ئۇ [خالىسا] يۇلتۇزلارنىڭمۇ نۇرىنى پېچەتلەپ قويالايدۇ. | 7 |
Which commandeth the sun, and it riseth not; and sealeth up the stars.
ئاسمانلارنى كەڭ يايغۇچى پەقەت ئۇدۇر، ئۇ دېڭىز دولقۇنلىرى ئۈستىگە دەسسەپ يۈرىدۇ. | 8 |
Which alone stretcheth out the heavens, and treadeth upon the waves of the sea.
ئۇ يەتتە قاراقچى يۇلتۇز، ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە قەلب يۇلتۇز توپىنى، جەنۇبىي يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىمۇ ياراتقان. | 9 |
Which maketh the Bear, Orion, and the Pleiades, and the chambers of the south.
ئۇ ھېسابلىغۇسىز ئۇلۇغ ئىشلارنى، ساناپ تۈگىتەلمەيدىغان كارامەت ئىشلارنى قىلىدۇ. | 10 |
Which doeth great things past finding out; yea, marvelous things without number.
قارا، ئۇ يېنىمدىن ئۆتىدۇ، بىراق مەن ئۇنى كۆرمەيمەن؛ ئۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ، بىراق ئۇنى بايقىيالمايمەن. | 11 |
Lo, he goeth by me, and I see him not: he passeth on also, but I perceive him not.
مانا، ئۇ ئېلىپ كېتىدۇ، كىم ئۇنى ئۆز يولىدىن ياندۇرالىسۇن؟ كىم ئۇنىڭدىن: «نېمە قىلىۋاتىسەن» دەپ سوراشقا پېتىنالىسۇن؟ | 12 |
Behold, he seizeth [the prey], who can hinder him? who will say unto him, What doest thou?
تەڭرى غەزىپىنى قايتۇرۇۋالمايدۇ؛ راھابنىڭ ياردەمچىلىرى ئۇنىڭ ئايىغىغا باش ئېگىدۇ. | 13 |
God will not withdraw his anger; the helpers of Rahab do stoop under him.
شۇنداق تۇرۇقلۇق، مەن قانداقمۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلەيتتىم. مەن مۇنازىرە قىلغۇدەك قانداق سۆزلەرنى تاللىيالايتتىم؟ | 14 |
How much less shall I answer him, and choose out my words [to reason] with him?
مۇبادا مەن ھەققانىي بولساممۇ، مەن يەنىلا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەيتتىم؛ مەن پەقەت سوتچىمغا ئىلتىجالا قىلالايتتىم. | 15 |
Whom, though I were righteous, yet would I not answer; I would make supplication to mine adversary.
مەن ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلغان ۋە ئۇ ماڭا جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، مەن تېخى ئۇنىڭ سادايىمنى ئاڭلىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمىغان بولاتتىم؛ | 16 |
If I had called, and he had answered me; yet would I not believe that he hearkened unto my voice.
ئۇ بوران-چاپقۇنلار بىلەن مېنى ئېزىدۇ، ئۇ يارىلىرىمنى سەۋەبسىز ئاۋۇتماقتا. | 17 |
For he breaketh me with a tempest, and multiplieth my wounds without cause.
ئۇ ماڭا ھەتتا نەپەس ئېلىشقىمۇ رۇخسەت بەرمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇ ماڭا دەرد-ئەلەمنى يۈكلىۋەتتى. | 18 |
He will not suffer me to take my breath, but filleth me with bitterness.
كۈچ-قۇدرەت توغرىسىدا گەپ قىلساق، مانا، ئۇنىڭدىن كۈچلۈك [يەنە باشقا كىم] بار؟ ئادالەتكە كەلسەك، كىم ئۇنى سوتقا چاقىرالىسۇن؟! | 19 |
If [we speak] of the strength of the mighty, lo, [he is there]! and if of judgment, who will appoint me a time?
مەن ئۆزۈمنى ئاقلىماقچى بولسام، ئۆز ئاغزىم ئۆزۈمنى گۇناھقا پاتۇرار، قوسۇرسىز بولغان بولسام، ئۇ يەنىلا مېنى ئەگرى دەپ بېكىتەر. | 20 |
Though I be righteous, mine own mouth shall condemn me: though I be perfect, it shall prove me perverse.
بىراق مەن ئەسلىدە ئېيىبسىز ئىدىم. مەيلى، ئۆزۈمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىم بىلەن پەرۋايىم پەلەك! ئۆز جېنىمدىن تويدۇم! | 21 |
I am perfect; I regard not myself; I despise my life.
ھەممە ئىش ئوخشاش ئىكەن؛ شۇڭا مەن دەيمەنكى، ئۇ دۇرۇسلارنىمۇ، يامانلارنىمۇ ئوخشاشلا يوقىتىدۇ. | 22 |
It is all one; therefore I say, He destroyeth the perfect and the wicked.
تۇيۇقسىز بېشىغا قازا كېلىپ ئۆلسە، ئۇ بىگۇناھلارغا قىلىنغان بۇ سىناققا قاراپ كۈلىدۇ. | 23 |
If the scourge slay suddenly, he will mock at the trial of the innocent.
يەر يۈزى يامانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى؛ بىراق ئۇ سوتچىلارنىڭ كۆزلىرىنى بۇ ئادالەتسىزلىكنى كۆرەلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ؛ مۇشۇنداق قىلغۇچى ئۇ بولماي، يەنە كىم بولسۇن؟ | 24 |
The earth is given into the hand of the wicked: he covereth the faces of the judges thereof; if [it be] not [he], who then is it?
مېنىڭ كۈنلىرىم يەلتاپاننىڭ يۈگۈرۈشىدىنمۇ تېز ئۆتىدۇ؛ ئۇلار مەندىن قېچىپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ياخشىلىقى يوقتۇر. | 25 |
Now my days are swifter than a post: they flee away, they see no good.
ئۇلار قومۇش كېمىلەردەك چاپسان ئۆتۈپ كېتىدۇ؛ ئالغۇر بۈركۈت ئوۋنى تۇتقىلى شۇڭغۇغاندەك تېز ماڭىدۇ. | 26 |
They are passed away as the swift ships: as the eagle that swoopeth on the prey.
ئەگەر: «نالە-پەريادتىن توختاپ، چىرايىمنى تۇتۇلدۇرماي خۇش چىراي بولاي» دېسەممۇ، | 27 |
If I say, I will forget my complaint, I will put off my [sad] countenance, and be of good cheer:
مەن يەنىلا ئازابلىرىمنىڭ ھەممىسىدىن قورقۇپ يۈرىمەن؛ چۈنكى سېنى مېنى بىگۇناھ ھېسابلىمايدۇ دەپ بىلىمەن. | 28 |
I am afraid of all my sorrows, I know that thou wilt not hold me innocent.
مەن ھامان ئەيىبلىك ئادەم بولسام، مەن بىھۇدە جاپا تارتىپ نېمە قىلاي؟ | 29 |
I shall be condemned; why then do I labour in vain?
ھەتتا قار سۈيى بىلەن يۇيۇنۇپ، قولۇمنى شۇنچە پاكىزلىغان بولساممۇ، | 30 |
If I wash myself with snow water, and make my hands never so clean;
سەن يەنىلا مېنى ئەۋرەزگە چۆمۈلدۈرىسەنكى، ئۆز كىيىمىممۇ مەندىن نەپرەتلىنىدىغان بولىدۇ! | 31 |
Yet wilt thou plunge me in the ditch, and mine own clothes shall abhor me.
چۈنكى ئۇ مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلىگۈدەك، ماڭا ئوخشاش ئادەم ئەمەس. مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سوتتا دەۋالاشقۇچىلىكىم يوقتۇر. | 32 |
For he is not a man, as I am, that I should answer him, that we should come together in judgment.
ئوتتۇرىمىزدا ھەر ئىككىمىزنى ئۆز قولى بىلەن تەڭ تۇتىدىغان كېلىشتۈرگۈچى بولسىدى! | 33 |
There is no daysman betwixt us, that might lay his hand upon us both.
ئۇ ئۆزىنىڭ تايىقىنى مەندىن يىراق قىلسۇن، ئۇنىڭ ۋەھىمىسى مېنى قورقاتمىسۇن؛ | 34 |
Let him take his rod away from me, and let not his terror make me afraid:
شۇندىلا مەن ئۇنىڭدىن قورقماي سۆزلىيەلەيتتىم؛ بىراق ئەھۋالىم ئۇنداق ئەمەستۇر! | 35 |
Then would I speak, and not fear him; for I am not so in myself.