< ئايۇپ 8 >
ئاندىن شۇخالىق بىلداد جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
Andin Shuxaliq Bildad jawaben mundaq dédi: —
«سەن قاچانغىچە مۇشۇلارنى سۆزلەيسەن؟ ئاغزىڭدىكى سۆزلەر كۈچلۈك شامالدەك قاچانغىچە چىقىدۇ؟ | 2 |
«Sen qachan’ghiche mushularni sözleysen? Aghzingdiki sözler küchlük shamaldek qachan’ghiche chiqidu?
تەڭرى ئادالەتنى بۇرمىلىغۇچىمۇ؟ ھەممىگە قادىر ئادىللىقنى بۇرمىلامدۇ؟ | 3 |
Tengri adaletni burmilighuchimu? Hemmige Qadir adilliqni burmilamdu?
سېنىڭ بالىلىرىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلغان بولسا، ئۇ ئۇلارنىمۇ ئىتائەتسىزلىكىنىڭ جازاسىغا تاپشۇرغان، خالاس. | 4 |
Séning baliliring Uning aldida gunah qilghan bolsa, U ularnimu itaetsizlikining jazasigha tapshurghan, xalas.
بىراق ئەگەر ئۆزۈڭ ھازىر چىن كۆڭلۈڭدىن تەڭرىنى ئىزدىسەڭلا، ھەممىگە قادىرغا ئىلتىجا قىلساڭلا، | 5 |
Biraq eger özüng hazir chin könglüngdin Tengrini izdisengla, Hemmige Qadirgha iltija qilsangla,
ئەگەر سەن ساپ دىل ھەم دۇرۇس بولغان بولساڭ، شۈبھىسىزكى، ئۇ سەن ئۈچۈن ئويغىنىدۇ، چوقۇم سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭغا تولغان تۇرالغۇڭنى گۈللەندۈرىدۇ. | 6 |
Eger sen sap dil hem durus bolghan bolsang, Shübhisizki, U sen üchün oyghinidu, Choqum séning heqqaniyliqinggha tolghan turalghungni güllendüridu.
سەن دەسلەپتە ئېتىبارسىز قارالغان بولساڭمۇ، بىراق سەن ئاخىرىدا چوقۇم تېخىمۇ گۈللىنىسەن. | 7 |
Sen deslepte étibarsiz qaralghan bolsangmu, Biraq sen axirida choqum téximu güllinisen.
شۇڭا سەندىن ئۆتۈنەيكى، ئۆتكەنكى دەۋرلەردىن سوراپ باققىن، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئىزدىنىشلىرىگىمۇ كۆڭۈل قويغىن | 8 |
Shunga sendin ötüneyki, ötkenki dewrlerdin sorap baqqin, Ularning ata-bowilirining izdinishlirigimu köngül qoyghin
(چۈنكى بىز بولساق تۈنۈگۈنلا تۇغۇلغانمىز؛ كۈنلىرىمىز پەقەت بىر سايە بولغاچقا، ھېچنېمىنى بىلمەيمىز). | 9 |
(Chünki biz bolsaq tünügünla tughulghanmiz; Künlirimiz peqet bir saye bolghachqa, héchnémini bilmeymiz).
ساڭا كۆرسەتمە بېرىپ ئۆگەتەلەيدىغان ئۇلار ئەمەسمۇ؟ ئۇلار ئۆز كۆڭلىدىكىنى ساڭا سۆزلىمەمدۇ؟ | 10 |
Sanga körsetme bérip ögeteleydighan ular emesmu? Ular öz könglidikini sanga sözlimemdu?
لاتقا بولمىسا يېكەنلەر ئېگىز ئۆسەلەمدۇ؟ قومۇشلۇقتىكى ئوت-چۆپلەر سۇسىز ئۆسەلەمدۇ؟ | 11 |
Latqa bolmisa yékenler égiz öselemdu? Qomushluqtiki ot-chöpler susiz öselemdu?
ئۇلار يېشىل پېتى بولۇپ، تېخىچە ئورۇلمىغان بولسىمۇ، ھەرقانداق ئوت-چۆپتىن تېز توزۇپ كېتىدۇ. | 12 |
Ular yéshil péti bolup, téxiche orulmighan bolsimu, Herqandaq ot-chöptin téz tozup kétidu.
تەڭرىنى ئۇنتۇغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاقىۋەتلىرى مانا شۇنداقتۇر؛ ئىپلاسلارنىڭ ئۈمىدى مانا شۇنداق يوققا كېتەر. | 13 |
Tengrini untughan kishilerning hemmisining aqiwetliri mana shundaqtur; Iplaslarning ümidi mana shundaq yoqqa kéter.
چۈنكى ئۇنىڭ تايانغىنى چۈرۈك بىر نەرسە، خالاس؛ ئۇنىڭ ئىشەنگىنى بولسا ئۆمۈچۈكنىڭ تورىدۇر، خالاس. | 14 |
Chünki uning tayan’ghini chürük bir nerse, xalas; Uning ishen’gini bolsa ömüchükning toridur, xalas.
ئۇ ئۆز ئۇۋىسىغا يۆلىنىدۇ، بىراق ئۇ مەزمۇت تۇرمايدۇ؛ ئۇ ئۇنى چىڭ تۇتۇۋالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. | 15 |
U öz uwisigha yölinidu, biraq u mezmut turmaydu; U uni ching tutuwalghan bolsimu, biraq u berdashliq bérelmeydu.
ئۇ قۇياش ئاستىدا كۆكلىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ پىلەكلىرى ئۆز بېغىنى قاپلىغان بولسىمۇ، | 16 |
U quyash astida kökligen bolsimu, Uning pilekliri öz béghini qaplighan bolsimu,
ئۇنىڭ يىلتىزلىرى تاش دۆۋىسىگە چىرمىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ تاشلار ئارىسىدا ئورۇن ئىزدىگەن بولسىمۇ، | 17 |
Uning yiltizliri tash döwisige chirmiship ketken bolsimu, U tashlar arisida orun izdigen bolsimu,
لېكىن [خۇدا] ئۇنى ئورنىدىن يۇلىۋەتسە، ئاشۇ يەر ئۇنىڭدىن تېنىپ: «مەن سېنى كۆرمىگەن!» ــ دەيدۇ. | 18 |
Lékin [Xuda] uni ornidin yuliwetse, Ashu yer uningdin ténip: «Men séni körmigen!» — deydu.
مانا ئۇنىڭ يولىنىڭ شادلىقى! ئۇنىڭدىن كېيىن ئورنىغا باشقىلىرى تۇپراقتىن ئۈنىدۇ. | 19 |
Mana uning yolining shadliqi! Uningdin kéyin ornigha bashqiliri tupraqtin ünidu.
قارا، خۇدا دۇرۇس ئادەمنى تاشلىمايدۇ، ياكى يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئۇلارنى يۆلىمەيدۇ. | 20 |
Qara, Xuda durus ademni tashlimaydu, Yaki yamanliq qilghuchilarning qolini tutup ularni yölimeydu.
ئۇ يەنە سېنىڭ ئاغزىڭنى كۈلكە بىلەن، لەۋلىرىڭنى شادلىق ئاۋازلىرى بىلەن تولدۇرىدۇ، | 21 |
U yene séning aghzingni külke bilen, Lewliringni shadliq awazliri bilen tolduridu,
ساڭا نەپرەتلەنگەنلەرگە شەرمەندىلىك چاپلىنىدۇ، ئەسكىلەرنىڭ چېدىرى يوقىتىلىدۇ». | 22 |
Sanga nepretlen’genlerge shermendilik chaplinidu, Eskilerning chédiri yoqitilidu».