< ئايۇپ 7 >
ئىنسانغا زېمىندا جەۋرە-جاپا چېكىدىغان تۇرمۇش بېكىتىلگەن ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ كۈنلىرى بىر مەدىكارنىڭكىگە ئوخشاش ئەمەسمۇ؟ | 1 |
The life of man upon earth is a warfare, and his days are like the days of a hireling.
قۇل كەچقۇرۇننىڭ سايىسىگە تەشنا بولغاندەك، مەدىكار ئۆز ئەمگىكىنىڭ ھەققىنى كۈتكەندەك، | 2 |
As a servant longeth for the shade, as the hireling looketh for the end of his work;
مانا بىھۇدە ئايلار ماڭا بېكىتىلگەن، غەشلىككە تولغان كېچىلەر ماڭا نېسىپ قىلىنغان. | 3 |
So I also have had empty months, and have numbered to myself wearisome nights.
مەن ياتقىنىمدا: «قاچان قوپارمەن؟» دەپ ئويلايمەن، بىراق كەچ ئۇزۇندىن ئۇزۇن بولىدۇ، تاڭ ئاتقۇچە پۈتۈن بىر كېچە مەن تولغىنىپ ياتىمەن. | 4 |
If I lie down to sleep, I shall say: When shall arise? and again I shall look for the evening, and shall be filled with sorrows even till darkness.
ئەتلىرىم قۇرتلار ھەم توپا-چاڭلار بىلەن قاپلاندى، تېرىلىرىم يېرىلىپ، يىرىڭلاپ كەتتى. | 5 |
My flesh is clothed with rottenness and the filth of dust, my skin is withered and drawn together.
كۈنلىرىم باپكارنىڭ موكىسىدىنمۇ ئىتتىك ئۆتىدۇ، ئۇلار ئۈمىدسىزلىك بىلەن ئاياغلىشاي دەپ قالدى. | 6 |
My days have passed more swiftly than the web is cut by the weaver, and are consumed without any hope.
[ئاھ خۇدا]، مېنىڭ جېنىم بىر نەپەسلا خالاس. كۆزۈم ياخشىلىقنى قايتىدىن كۆرمەيدىغانلىقى ئېسىڭدە بولسۇن؛ | 7 |
Remember that my life is but wind, and my eyes shall not return to see good things.
مېنى كۆرگۈچىنىڭ كۆزى ئىككىنچى قېتىم ماڭا قارىمايدۇ، سەن نەزىرىڭنى ئۈستۈمگە چۈشۈرگىنىڭدە، مەن يوقالغان بولىمەن. | 8 |
Nor shall the sight of man behold me: thy eyes are upon me, and I shall be no more.
بۇلۇت غايىب بولۇپ، قايتا كۆرۈنمىگەندەك، ئوخشاشلا تەھتىساراغا چۈشكەن ئادەم قايتىدىن چىقمايدۇ. (Sheol ) | 9 |
As a cloud is consumed, and passeth away: so he that shall go down to hell shall not come up. (Sheol )
ئۇ يەنە ئۆز ئۆيىگە قايتمايدۇ، ئۆز يۇرتى ئۇنى قايتا تونۇمايدۇ. | 10 |
Nor shall he return my more into his house, neither shall his place know him any more.
شۇڭا مەن ئاغزىمنى يۇمماي، روھىمنىڭ دەرد-ئەلىمى بىلەن سۆز قىلاي، جېنىمنىڭ ئازابىدىن زارلايمەن. | 11 |
Wherefore I will not spare my month, I will speak in the affliction of my spirit: I will talk with the bitterness of my soul.
نېمىشقا سەن ئۈستۈمدىن كۆزەت قىلىسەن؟ مەن [خەتەرلىك] بىر دېڭىزمۇ-يا؟ ياكى دېڭىزدىكى بىر ئەجدىھامۇمەن؟ | 12 |
Am I a sea, or a whale, that thou hast enclosed me in a prison?
مەن: «ئاھ، ياتقان ئورنۇم ماڭا راھەت بېرىدۇ، كۆرپەم نالە-پەريادىمغا دەرمان بولىدۇ» ــ دېسەم، | 13 |
If I say: My bed shall comfort me, and I shall be relieved speaking with myself on my couch:
ئەمدى سەن چۈشلەر بىلەن مېنى قورقۇتىۋاتىسەن، غايىبانە ئالامەتلەر بىلەن ماڭا ۋەھىمە سالىسەن. | 14 |
Thou wilt frighten me with dreams and terrify me with visions.
شۇنىڭ ئۈچۈن بوغۇلۇشۇمنى، ئۆلۈمنى، بۇ سۆڭەكلىرىمگە قاراپ ئولتۇرۇشتىن ئارتۇق بىلىمەن. | 15 |
So that my soul rather chooseth hanging, and my bones death.
مەن ئۆز جېنىمدىن تويدۇم؛ مېنىڭ مەڭگۈگە ياشىغۇم يوق، مېنى مەيلىمگە قويىۋەتكىن، مېنىڭ كۈنلىرىم بىھۇدىدۇر. | 16 |
I have done with hope, I shall now live no longer: spare me, for my days are nothing.
ئىنسان بالىسى نېمىدى؟ سەن نېمىشقا ئۇنى چوڭ بىلىسەن، نېمە دەپ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بېرىسەن؟ | 17 |
What is a man that thou shouldst magnify him? or why dost thou set thy heart upon him?
ھەر ئەتىگەندە ئۇنى سۈرۈشتۈرۈپ كېلىسەن، ھەر نەپەس ئۇنى سىنايسەن! | 18 |
Thou visitest him early in the morning, and thou provest him suddenly.
قاچانغىچە مېنىڭدىن نەزىرىڭنى ئالمايسەن، ماڭا قاچانغىچە ئاغزىمدىكى سېرىق سۇنى يۇتۇۋالغۇدەك ئارام بەرمەيسەن؟ | 19 |
How long wilt thou not spare me, nor suffer me to swallow down my spittle?
مەن گۇناھ قىلغان بولساممۇ، ئى ئىنسانىيەتنى كۆزەتكۈچى، ساڭا نېمە قىلىپتىمەن؟! مەن ساڭا يۈك بولۇپ قالدىممۇ؟ بۇنىڭ بىلەن مېنى ئۆزۈڭگە زەربە نىشانى قىلغانسەنمۇ؟ | 20 |
I have sinned: what shall I do to thee, O keeper of men? why hast thou set me opposite to thee, and I am become burdensome to myself?
سەن نېمىشقا مېنىڭ ئىتائەتسىزلىكىمنى كەچۈرۈم قىلىپ، گۇناھىمنى ساقىت قىلمايسەن؟ چۈنكى مەن پات ئارىدا توپىنىڭ ئىچىدە ئۇخلايمەن؛ سەن مېنى ئىزدەپ كېلىسەن، لېكىن مەن مەۋجۇت بولمايمەن». | 21 |
Why dost thou not remove my sin, and why dost thou not take away my iniquity? Behold now I shall sleep in the dust: and if thou seek me in the morning, I shall not be.