< ئايۇپ 6 >
ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
Then Job answered and said:
«ئاھ، مېنىڭ دەردلىك زارلىرىم تارازىدا ئۆلچەنسە! ئاھ، بېشىمغا چۈشكەن بارلىق بالايىقازا بۇلار بىلەن بىللە تارازىلانسا! | 2 |
Oh that my vexation were but weighed, and my calamity laid in the balances altogether!
شۇنداق قىلىنسا ئۇ ھازىر دېڭىزدىكى قۇمدىن ئېغىر بولۇپ چىقىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن سۆزلىرىم تەلۋىلەرچە بولۇۋاتىدۇ. | 3 |
For now it would be heavier than the sand of the seas; therefore are my words broken.
چۈنكى ھەممىگە قادىرنىڭ ئوقلىرى ماڭا سانجىلىپ ئىچىمدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ زەھىرىنى روھىم ئىچمەكتە، تەڭرىنىڭ ۋەھىمىلىرى ماڭا قارشى سەپ تۈزۈپ ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. | 4 |
For the arrows of the Almighty are within me, the poison whereof my spirit drinketh up; the terrors of God do set themselves in array against me.
ياۋا ئېشەك ئوت-چۆپ تاپقاندا ھاڭرامدۇ؟ كالا بولسا يەم-خەشەك ئۈستىدە مۆرەمدۇ؟ | 5 |
Doth the wild ass bray when he hath grass? or loweth the ox over his fodder?
تۇز بولمىسا تەمسىز نەرسىنى يېگىلى بولامدۇ؟ خام تۇخۇمنىڭ ئېقىنىڭ تەمى بارمۇ؟ | 6 |
Can that which hath no savour be eaten without salt? or is there any taste in the juice of mallows?
جېنىم ئۇلارغا تەگسىمۇ سەسكىنىپ كېتىدۇ، ئۇلار ماڭا يىرگىنچلىك تاماق بولۇپ تۇيۇلىدۇ. | 7 |
My soul refuseth to touch them; they are as the sickness of my flesh.
ئاھ، مېنىڭ تەشنا بولغىنىم كەلسىدى! تەڭرى ئىنتىزارىمنى ئىجابەت قىلسىدى! | 8 |
Oh that I might have my request, and that God would grant me the thing that I long for!
ئاھ، تەڭرى مېنى يانجىپ تاشلىسۇن! ئۇ قولىنى قويۇۋېتىپ جېنىمنى ئۈزۈپ تاشلاشقا مۇۋاپىق كۆرسىدى! | 9 |
Even that it would please God to crush me; that He would let loose His hand, and cut me off!
شۇنداق بولسا، ماڭا تەسەللى بولاتتى، ھەتتا رەھىمسىز ئاغرىقلاردا قىينالساممۇ، شادلىناتتىم؛ چۈنكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ سۆزلىرىدىن تانمىغان بولاتتىم! | 10 |
Then should I yet have comfort; yea, I would exult in pain, though He spare not; for I have not denied the words of the Holy One.
مەندە ئۆلۈمنى كۈتكۈدەك يەنە قانچىلىك ماغدۇر قالدى؟ مېنىڭ سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ ھاياتىمنى ئۇزارتىشىمنىڭ نېمە نەتىجىسى بولار؟ | 11 |
What is my strength, that I should wait? and what is mine end, that I should be patient?
مېنىڭ كۈچۈم تاشتەك چىڭمۇ؟ مېنىڭ ئەتلىرىم مىستىن ياسالغانمىدى؟ | 12 |
Is my strength the strength of stones? or is my flesh of brass?
ئۆزۈمگە ياردەم بەرگۈدەك ماغدۇرۇم قالمىدى ئەمەسمۇ؟ ھەرقانداق ئەقىل-تەدبىر مەندىن قوغلىۋېتىلگەن ئەمەسمۇ؟ | 13 |
Is it that I have no help in me, and that sound wisdom is driven quite from me?
ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىۋاتقان كىشىگە دوستى مېھرىبانلىق كۆرسەتمىكى زۆرۈردۇر؛ بولمىسا ئۇ ھەممىگە قادىردىن قورقۇشتىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن. | 14 |
To him that is ready to faint kindness is due from his friend, even to him that forsaketh the fear of the Almighty.
بىراق بۇرادەرلىرىم ۋاقىتلىق «ئالدامچى ئېرىق» سۈيىدەك، ماڭا ھېلىگەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلماقتا؛ ئۇلار سۇلىرى ئېقىپ تۈگىگەن ئېرىققا ئوخشايدۇ. | 15 |
My brethren have dealt deceitfully as a brook, as the channel of brooks that overflow,
ئېرىگەن مۇز سۇلىرى ئېرىققا كىرگەندە ئۇلار قارىداپ كېتىدۇ، قارلار ئۇلارنىڭ ئىچىدە يوقىلىپ كېتىدۇ، | 16 |
Which are black by reason of the ice, and wherein the snow hideth itself;
ئۇلار پەسىلنىڭ ئىللىشى بىلەن قۇرۇپ كېتىدۇ؛ ھاۋا ئىسسىپ كەتكەندە، ئىزىدىن يوقىلىپ كېتىدۇ. | 17 |
What time they wax warm, they vanish, when it is hot, they are consumed out of their place.
سەپەرداشلار ماڭغان يولىدىن چىقىپ، ئېرىققا بۇرۇلىدۇ؛ ئۇلار ئېرىقنى بويلاپ مېڭىپ، چۆلدە ئېزىپ ئۆلىدۇ. | 18 |
The paths of their way do wind, they go up into the waste, and are lost.
تېمالىق كارۋانلارمۇ ئېرىق ئىزدەپ ماڭدى؛ شېبالىق سودىگەرلەرمۇ ئۇلارغا ئۈمىد بىلەن قارىدى؛ | 19 |
The caravans of Tema looked, the companies of Sheba waited for them —
بىراق ئۇلار ئىشەنگىنىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ نومۇستا قالدى؛ ئۇلار ئاشۇ يەرگە كېلىشى بىلەن پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىدى. | 20 |
They were ashamed because they had hoped; they came thither, and were confounded.
مانا سىلەر ئۇلارغا ئوخشاش [ماڭا تايىنى] يوق بولۇپ قالدىڭلار؛ سىلەر قورقۇنچلۇق بىر ۋەھىمىنى كۆرۈپلا قورقۇپ كېتىۋاتىسىلەر. | 21 |
For now ye are become His; ye see a terror, and are afraid.
مەن سىلەرگە: «ماڭا بېرىڭلار»، ياكى: «ماڭا مال-مۈلۈكلىرىڭلاردىن ھەدىيە قىلىڭلار؟» ــ دېگەننى قاچان دەپ باققان؟ | 22 |
Did I say: 'Give unto me'? or: 'Offer a present for me of your substance'?
ياكى: «مېنى ئېزىتقۇچىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار!» ياكى «زوراۋانلارنىڭ قولىدىن گۆرۈگە پۇل بەرسەڭلار!» دەپ باققانمۇ؟ | 23 |
or: 'Deliver me from the adversary's hand'? or: 'Redeem me from the hand of the oppressors'?
ماڭا ئۆگىتىپ قويۇڭلار، سۈكۈت قىلىمەن؛ نەدە يولدىن چىققانلىقىمنى ماڭا كۆرسىتىپ بېرىڭلار. | 24 |
Teach me, and I will hold my peace; and cause me to understand wherein I have erred.
توغرا سۆزلەر نېمىدېگەن ئۆتكۈر-ھە! بىراق ئەيىبلىرىڭلار زادى نېمىنى ئىسپاتلىيالايدۇ؟! | 25 |
How forcible are words of uprightness! But what doth your arguing argue?
ئۈمىدسىزلەنگەن كىشىنىڭ گەپلىرى ئۆتۈپ كېتىدىغان شامالدەك تۇرسا، پەقەت سۆزلەرنىلا ئەيىبلىمەكچىمۇسىلەر؟ | 26 |
Do ye hold words to be an argument, but the speeches of one that is desperate to be wind?
سىلەر يېتىم-يېسىرلارنىڭ ئۈستىدە چەك تاشلىشىسىلەر! دوست-بۇرادىرىڭلار ئۈستىدە سودىلىشىسىلەر! | 27 |
Yea, ye would cast lots upon the fatherless, and dig a pit for your friend.
ئەمدى ماڭا يۈز تۇرانە قاراپ بېقىڭلار؛ ئالدىڭلاردىلا يالغان سۆز قىلالامدىم؟ | 28 |
Now therefore be pleased to look upon me; for surely I shall not lie to your face.
ئۆتۈنىمەن، بولدى قىلىڭلار، گۇناھ بولمىسۇن؛ راست، قايتىدىن ئويلاپ بېقىڭلار، چۈنكى ئۆزۈمنىڭ توغرىلىقىم [تارازىدا] تۇرىدۇ. | 29 |
Return, I pray you, let there be no injustice; yea, return again, my cause is righteous.
تىلىمدا خاتالىق بارمۇ؟ تىلىم يامانلىقنى زادى تېتىيالماسمۇ؟ | 30 |
Is there injustice on my tongue? Cannot my taste discern crafty devices?