< ئايۇپ 5 >
قېنى، ئىلتىجا قىلىپ باق، ساڭا جاۋاب قىلغۇچى بارمىكىن؟ مۇقەددەسلەرنىڭ قايسىسىدىن پاناھ تىلەيسەن؟ | 1 |
Qéni, iltija qilip baq, sanga jawab qilghuchi barmikin? Muqeddeslerning qaysisidin panah tileysen?
چۈنكى ئەخمەقنىڭ ئاچچىقى ئۆزىنى ئۆلتۈرىدۇ، قەھرى ناداننىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ. | 2 |
Chünki exmeqning achchiqi özini öltüridu, Qehri nadanning jénigha zamin bolidu.
مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن ئەخمەقنىڭ يىلتىز تارتقانلىقىنى كۆرگەنمەن؛ لېكىن شۇ ھامان ئۇنىڭ ماكانىنى «لەنەتكە ئۇچرايدۇ!» دەپ بىلدىم، | 3 |
Men öz közüm bilen exmeqning yiltiz tartqanliqini körgenmen; Lékin shu haman uning makanini «Lenetke uchraydu!» dep bildim,
ئۇنىڭ بالىلىرى ئامانلىقتىن يىراقتۇر؛ ئۇلار شەھەر دەرۋازىسىدا سوت قىلىنغاندا باستۇرۇلدى؛ ئۇلارغا ھېچكىم ھىمايىچى بولمايدۇ. | 4 |
Uning baliliri amanliqtin yiraqtur; Ular sheher derwazisida sot qilin’ghanda basturuldi; Ulargha héchkim himayichi bolmaydu.
ئۇنىڭ ھوسۇلىنى ئاچلار يەپ تۈگىتىدۇ؛ ئۇلار ھەتتا تىكەن ئارىسىدا قالغانلىرىنىمۇ ئېلىپ تۈگىتىدۇ؛ قىلتاقچىمۇ ئۇنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى يۇتۇۋېلىشقا تەييار تۇرىدۇ. | 5 |
Uning hosulini achlar yep tügitidu; Ular hetta tiken arisida qalghanlirinimu élip tügitidu; Qiltaqchimu uning mal-mülüklirini yutuwélishqa teyyar turidu.
چۈنكى ئاۋارىچىلىك ئەزەلدىن توپىدىن ئۈنۈپ چىقمايدۇ، كۈلپەتمۇ يەردىن ئۆسۈپ چىققانمۇ ئەمەس. | 6 |
Chünki awarichilik ezeldin topidin ünüp chiqmaydu, Külpetmu yerdin ösüp chiqqanmu emes.
بىراق ئۇچقۇن يۇقىرىغا ئۇچىدىغاندەك، ئىنسان كۈلپەت تارتىشقا تۇغۇلغاندۇر. | 7 |
Biraq uchqun yuqirigha uchidighandek, Insan külpet tartishqa tughulghandur.
ئورنۇڭدا مەن بولسام، تەڭرىغىلا مۇراجىئەت قىلاتتىم، مەن ئىشىمنى خۇدايىمغىلا تاپشۇرىۋېتەتتىم. | 8 |
Ornungda men bolsam, Tengrighila murajiet qilattim, Men ishimni Xudayimghila tapshuriwétettim.
ئۇ ھېسابسىز كارامەتلەرنى، سان-ساناقسىز مۆجىزىلەرنى يارىتىدۇ. | 9 |
U hésabsiz karametlerni, San-sanaqsiz möjizilerni yaritidu.
ئۇ يەرگە يامغۇر تەقدىم قىلىدۇ؛ ئۇ دالا ئۈستىگە سۇ ئەۋەتىپ بېرىدۇ. | 10 |
U yerge yamghur teqdim qilidu; U dala üstige su ewetip béridu.
ئۇ پەس ئورۇندا تۇرىدىغانلارنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ؛ ماتەم تۇتقانلار ئامانلىققا كۆتۈرۈلىدۇ. | 11 |
U pes orunda turidighanlarning mertiwisini üstün qilidu; Matem tutqanlar amanliqqa kötürülidu.
ئۇ ھىيلىگەرلەرنىڭ نىيەتلىرىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ، نەتىجىدە ئۇلار ئىشىنى پۈتتۈرەلمەيدۇ. | 12 |
U hiyligerlerning niyetlirini bikar qiliwétidu, Netijide ular ishini püttürelmeydu.
ئۇ مەككارلارنى ئۆز ھىيلىگەرلىكىدىن تۇزاققا ئالىدۇ؛ ئەگرىلەرنىڭ نەيرەڭلىرى ئېقىتىپ كېتىلىدۇ. | 13 |
U mekkarlarni öz hiyligerlikidin tuzaqqa alidu; Egrilerning neyrengliri éqitip kétilidu.
كۈندۈزدە ئۇلار قاراڭغۇلۇققا ئۇچرايدۇ؛ چۈشتە تۈن كېچىدەك سىلاشتۇرۇپ ماڭىدۇ. | 14 |
Kündüzde ular qarangghuluqqa uchraydu; Chüshte tün kéchidek silashturup mangidu.
بىراق ئۇ مىسكىنلەرنى مەككارلارنىڭ قىلىچى ۋە ئاغزىدىن قۇتقۇزىدۇ، ئۇلارنى كۈچلۈكلەرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇدرەتلىك قولى بىلەن قۇتقۇزىدۇ. | 15 |
Biraq u miskinlerni mekkarlarning qilichi we aghzidin qutquzidu, Ularni küchlüklerning changgilidin qudretlik qoli bilen qutquzidu.
شۇڭا، ئاجىزلار ئۈچۈن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ، قەبىھلىك ئاغزىنى يۇمىدۇ. | 16 |
Shunga, ajizlar üchün ümid tughulidu, Qebihlik aghzini yumidu.
قارا، تەڭرى ئىبرەت بەرگەن ئادەم بەختلىكتۇر، شۇڭا، ھەممىگە قادىرنىڭ تەربىيىسىگە سەل قارىما جۇمۇ! | 17 |
Qara, Tengri ibret bergen adem bextliktur, Shunga, Hemmige Qadirning terbiyisige sel qarima jumu!
چۈنكى ئۇ ئادەمنى يارىلاندۇرىدۇ، ئاندىن يارىنى تاڭىدۇ؛ ئۇ سانجىيدۇ، بىراق ئۇنىڭ قوللىرى يەنە ساقايتىدۇ. | 18 |
Chünki U ademni yarilanduridu, andin yarini tangidu; U sanjiydu, biraq Uning qolliri yene saqaytidu.
ئۇ سېنى ئالتە قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزىدۇ؛ ھەتتا يەتتە كۈلپەتتە ھېچقانداق يامانلىق ساڭا تەگمەيدۇ. | 19 |
U séni alte qiyinchiliqtin qutquzidu; Hetta yette külpette héchqandaq yamanliq sanga tegmeydu.
ئاچارچىلىقتا ئۇ سېنىڭ ئۈلۈمىڭگە، ئۇرۇشتا ئۇ ساڭا ئۇرۇلغان قىلىچ زەربىسىگە نىجاتكار بولىدۇ. | 20 |
Acharchiliqta U séning ülümingge, Urushta U sanga urulghan qilich zerbisige nijatkar bolidu.
سەن زەھەرلىك تىللارنىڭ زەربىسىدىمۇ باشپاناھلىق ئىچىگە يوشۇرۇنىسەن، ۋەيرانچىلىق كەلگەندە ئۇنىڭدىن ھېچ قورقمايدىغان بولىسەن. | 21 |
Sen zeherlik tillarning zerbisidimu bashpanahliq ichige yoshurunisen, Weyranchiliq kelgende uningdin héch qorqmaydighan bolisen.
ۋەيرانچىلىق ۋە قەھەتچىلىك ئالدىدا كۈلۈپلا قويىسەن؛ يەر يۈزىدىكى ھايۋانلاردىنمۇ ھېچ قورقمايسەن. | 22 |
Weyranchiliq we qehetchilik aldida külüpla qoyisen; Yer yüzidiki haywanlardinmu héch qorqmaysen.
سەن دالادىكى تاشلار بىلەن ئەھدىداش بولىسەن؛ ياۋايى ھايۋانلارمۇ سەن بىلەن ئىناق ئۆتىدۇ. | 23 |
Sen daladiki tashlar bilen ehdidash bolisen; Yawayi haywanlarmu sen bilen inaq ötidu.
سەن چېدىرىڭنىڭ تىنچ-ئامانلىقتا بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىسەن؛ مال-مۈلكۈڭنى ئېدىتلىسەڭ، ھەممە نېمەڭنىڭ تەل ئىكەنلىكىنى بايقايسەن. | 24 |
Sen chédiringning tinch-amanliqta bolidighanliqini bilip yétisen; Mal-mülküngni éditliseng, hemme némengning tel ikenlikini bayqaysen.
نەسلىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى، پەرزەنتلىرىڭنىڭ ئوت-چۆپتەك كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىسەن. | 25 |
Nesling köp bolidighanliqini, Perzentliringning ot-chöptek köp ikenlikini bilisen.
سەن ئۆز ۋاقتىدىلا يېتىلىپ يىغىلغان بىر باغ بۇغدايدەك، پەقەت ۋاقىت-سائىتىڭ پىشىپ يېتىلگەندىلا يەرلىكىڭگە كىرىسەن. | 26 |
Sen öz waqtidila yétilip yighilghan bir bagh bughdaydek, Peqet waqit-saiting piship yétilgendila yerlikingge kirisen.
بىز ئۆزىمىز بۇنى تەكشۈرۈپ كۆرگەنمىز ــ ئۇلار ھەقىقەتەن شۇنداقتۇر. شۇڭا ئۆزۈڭ ئاڭلاپ بىل، بۇلارنى ئۆزۈڭگە تەتبىقلاپ ئويلاپ باق». | 27 |
Biz özimiz buni tekshürüp körgenmiz — ular heqiqeten shundaqtur. Shunga özüng anglap bil, bularni özüngge tetbiqlap oylap baq».