< ئايۇپ 42 >
ئايۇپ پەرۋەردىگارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
Отвещав же Иов, рече ко Господу:
«ھەممە ئىشنى قىلالايدىغىنىڭنى، ھەرقانداق مۇددىئايىڭنى توسىۋالغىلى بولمايدىغىنىنى بىلدىم! | 2 |
вем, яко вся можеши, невозможно же Тебе ничтоже.
«نەسىھەتنى تۇتۇرۇقسىز سۆزلەر بىلەن خىرەلەشتۈرگەن كىم؟» بەرھەق، مەن ئۆزۈم چۈشەنمىگەن ئىشلارنى دېدىم، مەن ئەقلىم يەتمەيدىغان تىلسىمات ئىشلارنى ئېيتتىم. | 3 |
Кто есть таяй от Тебе совет, щадяй же словеса и от Тебе мнится утаити? Кто же возвестит ми, ихже не ведех, велия и дивная, ихже не знах?
ئاڭلاپ باققايسەن، سۆزلەپ بېرەي؛ مەن سەندىن سوراي، سەن مېنى خەۋەردار قىلغايسەن. | 4 |
Послушай же мене, Господи, да и аз возглаголю: вопрошу же Тя, ты же мя научи:
مەن قۇلىقىم ئارقىلىق خەۋىرىڭنى ئاڭلىغانمەن، بىراق ھازىر كۆزۈم سېنى كۆرىۋاتىدۇ. | 5 |
слухом убо уха слышах Тя первее, ныне же око мое виде Тя:
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆز-ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىمەن، شۇنىڭ بىلەن توپا-چاڭلار ۋە كۈللەر ئارىسىدا توۋا قىلدىم». | 6 |
темже укорих себе сам, и истаях, и мню себе землю и пепел.
پەرۋەردىگار ئايۇپقا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگار تېمانلىق ئېلىفازغا مۇنداق دېدى: ــ «مېنىڭ غەزىپىم ساڭا ھەم ئىككى دوستۇڭغا قاراپ قوزغالدى؛ چۈنكى سىلەر مېنىڭ توغرامدا ئۆز قۇلۇم ئايۇپ توغرا سۆزلىگەندەك سۆزلىمىدىڭلار. | 7 |
Бысть же егда изглагола Господь вся глаголголы сия Иову, рече Господь ко Елифазу Феманитину: согрешил еси ты и оба друзие твои: не глаголасте бо предо Мною ничтоже истинно, якоже раб Мои Иов:
بىراق ھازىر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يەتتە تورپاق ھەم يەتتە قوچقارنى ئېلىپ، قۇلۇم ئايۇپنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆز-ئۆزۈڭلار ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇڭلار؛ قۇلۇم ئايۇپ سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇنى قوبۇل قىلىمەن؛ بولمىسا، مەن ئۆز نادانلىقلىرىڭلارنى ئۆزۈڭلارغا قايتۇرۇپ بېرەي؛ چۈنكى سىلەر مېنىڭ توغرامدا قۇلۇم ئايۇپ توغرا سۆزلىگەندەك توغرا سۆزلىمىدىڭلار». | 8 |
ныне же возмите седмь телцев и седмь овнов и идите ко рабу Моему Иову, и сотворит жертву о вас: Иов же раб Мой помолится о вас, понеже точию лице его прииму: аще бо не его ради, погубил бых убо вас: не глаголасте бо истины на раба Моего Иова.
شۇنىڭ بىلەن تېمانلىق ئېلىفاز، شۇخالىق بىلداد ۋە نائاماتلىق زوفار ئۈچەيلەن بېرىپ پەرۋەردىگار ئۇلارغا دېگىنىدەك قىلدى؛ ھەمدە پەرۋەردىگار ئايۇپنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلدى. | 9 |
Отиде же Елифаз Феманитин и Валдад Савхейский и Софар Минейский и сотвориша, якоже повеле им Господь. И отпусти грехи им Иова ради.
شۇنىڭ بىلەن ئايۇپ دوستلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىۋىدى، پەرۋەردىگار ئۇنى ئازاب-قىيىنچىلىقلىرىدىن قايتۇرۇپ، ئەسلىگە كەلتۈردى؛ پەرۋەردىگار ئايۇپقا بۇرۇنقىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بەردى. | 10 |
Господь же возрасти Иова: молящуся же ему и о друзех своих, отпусти им грехи их, и даде Господь сугубая, елика бяху прежде Иову во усугубление.
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بارلىق ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل ۋە ئۇنىڭغا ئىلگىرى دوست-ئاغىنە بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماقلاندى؛ ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىشىپ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا كەلتۈرگەن بارلىق ئازاب-ئوقۇبەتلەر توغرىسىدا تەسەللى بېرىشتى؛ ھەمدە ھەربىر ئادەم ئۇنىڭغا بىر تەڭگىدىن كۈمۈش، بىردىن ئالتۇن ھالقا بېرىشتى. | 11 |
Услышаша же вси братия его и сестры его вся случившаяся ему, и приидоша к нему, и вси елицы знаху его первее: ядше же и пивше у него, утешиша его и дивишася о всех, яже наведе нань Бог: даде же ему кийждо агницу едину и четыре драхмы злата назнаменована.
پەرۋەردىگار ئايۇپقا كېيىنكى كۈنلىرىدە بۇرۇنقىدىن كۆپرەك بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلدى؛ ئۇنىڭ ئون تۆت مىڭ قويى، ئالتە مىڭ تۆگىسى، بىر مىڭ قوشلۇق كالىسى، بىر مىڭ مادا ئېشىكى بار بولدى. | 12 |
Господь же благослови последняя Иовля, неже прежняя: бяху же скоти его, овец четыренадесять тысящ, велблюдов шесть тысящ, супруг волов тысяща, ослиц стадных тысяща.
ئۇنىڭدىن يەنە يەتتە ئوغۇل، ئۈچ قىز تۇغۇلدى. | 13 |
Родишажеся ему сынове седмь и дщери три:
ئۇ قىزلىرىنىڭ بىرىنچىسىنىڭ ئىسمىنى «يېمىماھ»، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمىنى «كەزىيە»، ئۈچىنچىسىنىڭ ئىسمىنى «كەرەن-خاپۇق» دەپ قويدى. | 14 |
и нарече первую убо День, вторую же Кассию, третию же Амалфеев Рог:
پۈتكۈل زېمىندا ئايۇپنىڭ قىزلىرىدەك شۇنچە گۈزەل قىزلارنى تاپقىلى بولمايتتى؛ ئاتىسى ئۇلارنى ئاكا-ئۇكىلىرى بىلەن ئوخشاش مىراسخور قىلدى. | 15 |
и не обретошася подобны в лепоте дщерем Иовлевым в поднебесней: даде же им отец наследие в братии их.
بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئايۇپ بىر يۈز قىرىق يىل ياشاپ، ئۆز ئوغۇللىرىنى، ئوغۇللىرىنىڭ ئوغۇللىرىنى، ھەتتا تۆتىنچى ئەۋلادقىچە، يەنى ئەۋرىلىرىنىمۇ كۆرگەن. | 16 |
Поживе же Иов по язве лет сто седмьдесят, всех же лет поживе двести четыредесять осмь. И виде Иов сыны своя и сыны сынов своих, даже до четвертаго рода.
شۇنىڭ بىلەن ئايۇپ ياشىنىپ، كۈنلىرىدىن قانائەت تېپىپ ئالەمدىن ئۆتتى. | 17 |
И скончася Иов стар и исполнь дний.