< ئايۇپ 41 >

لېۋىئاتاننى قارماق بىلەن تارتالامسەن؟ ئۇنىڭ تىلىنى ئارغامچا بىلەن [باغلاپ] باسالامسەن؟ 1
Léwiatanni qarmaq bilen tartalamsen? Uning tilini arghamcha bilen [baghlap] basalamsen?
ئۇنىڭ بۇرنىغا قومۇش چۈلۈكنى كىرگۈزەلەمسەن؟ ئۇنىڭ ئېڭىكىنى تۆمۈر نەيزە بىلەن تېشەلەمسەن؟ 2
Uning burnigha qomush chülükni kirgüzelemsen? Uning éngikini tömür neyze bilen téshelemsen?
ئۇ ساڭا ئارقا-ئارقىدىن ئىلتىجا قىلامدۇ؟ ياكى ساڭا ياۋاشلىق بىلەن سۆز قىلامدۇ؟ 3
U sanga arqa-arqidin iltija qilamdu? Yaki sanga yawashliq bilen söz qilamdu?
ئۇ سەن بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى مەڭگۈ مالاي سۈپىتىدە قوبۇل قىلالامسەن؟ 4
U sen bilen ehde tüzüp, Shuning bilen sen uni menggü malay süpitide qobul qilalamsen?
سەن ئۇنى قۇشقاچنى ئويناتقاندەك ئوينىتامسەن؟ دېدەكلىرىڭنىڭ ھۇزۇرى ئۈچۈن ئۇنى باغلاپ قويامسەن؟ 5
Sen uni qushqachni oynatqandek oynitamsen? Dédekliringning huzuri üchün uni baghlap qoyamsen?
تىجارەتچىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدە سودىلىشامدۇ؟ ئۇنى سودىگەرلەرگە بۆلۈشتۈرۈپ بېرەمدۇ؟ 6
Tijaretchiler uning üstide sodilishamdu? Uni sodigerlerge bölüshtürüp béremdu?
سەن ئۇنىڭ پۈتكۈل تېرىسىگە ئاتارنەيزىنى سانجىيالامسەن؟ ئۇنىڭ بېشىغا چاڭگاك بىلەن سانجىيالامسەن؟! 7
Sen uning pütkül térisige atarneyzini sanjiyalamsen? Uning béshigha changgak bilen sanjiyalamsen?!
قولۇڭنى ئۇنىڭغا بىرلا تەگكۈزگەندىن كېيىن، بۇ جەڭنى ئەسلەپ ئىككىنچى ئۇنداق قىلغۇچى بولمايسەن! 8
Qolungni uninggha birla tegküzgendin kéyin, Bu jengni eslep ikkinchi undaq qilghuchi bolmaysen!
مانا، «[ئۇنى بويسۇندۇرىمەن]» دېگەن ھەرقانداق ئۈمىد بىھۇدىلىكتۇر؛ ھەتتا ئۇنى بىر كۆرۈپلا، ئۈمىدسىزلىنىپ يەرگە قاراپ قالىدۇ ئەمەسمۇ؟ 9
Mana, «[uni boysundurimen]» dégen herqandaq ümid bihudiliktur; Hetta uni bir körüpla, ümidsizlinip yerge qarap qalidu emesmu?
ئۇنىڭ جېنىغا تېگىشكە پېتىنالايدىغان ھېچكىم يوقتۇر؛ ئۇنداقتا مېنىڭ ئالدىمدا تۇرماقچى بولغان كىمدۇر؟ 10
Uning jénigha tégishke pétinalaydighan héchkim yoqtur; Undaqta Méning aldimda turmaqchi bolghan kimdur?
ئاسمان ئاستىدىكى ھەممە نەرسە مېنىڭ تۇرسا، مېنىڭ ئالدىمغا كىم كېلىپ «ماڭا تېگىشلىكىنى بەرگىنە» دەپ باققان ئىكەن، مەن ئۇنىڭغا قايتۇرۇشقا تېگىشلىكمۇ؟ 11
Asman astidiki hemme nerse Méning tursa, Méning aldimgha kim kélip «manga tégishlikini bergine» dep baqqan iken, Men uninggha qayturushqa tégishlikmu?
[لېۋىئاتاننىڭ] ئەزالىرى، ئۇنىڭ زور كۈچى، ئۇنىڭ تۈزۈلۈشىنىڭ گۈزەللىكى توغرۇلۇق، مەن سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمەن. 12
[Léwiatanning] ezaliri, Uning zor küchi, Uning tüzülüshining güzelliki toghruluq, Men süküt qilip turalmaymen.
كىم ئۇنىڭ ساۋۇتلۇق تونىنى سالدۇرۇۋېتەلىسۇن؟ كىم ئۇنىڭ قوش ئېڭىكى ئىچىگە كىرىۋالالىسۇن؟ 13
Kim uning sawutluq tonini salduruwételisun? Kim uning qosh éngiki ichige kiriwalalisun?
كىم ئۇنىڭ يۈز دەرۋازىلىرىنى ئاچالالىسۇن؟ ئۇنىڭ چىشلىرى ئەتراپىدا ۋەھىمە ياتىدۇ. 14
Kim uning yüz derwazilirini achalalisun? Uning chishliri etrapida wehime yatidu.
قاسىراقلىرىنىڭ سەپلىرى ئۇنىڭ پەخرىدۇر، ئۇلار بىر-بىرىگە چىڭ چاپلاشتۇرۇلغانكى، 15
Qasiraqlirining sepliri uning pexridur, Ular bir-birige ching chaplashturulghanki,
بىر-بىرىگە شامال كىرمەس يېقىن تۇرىدۇ. 16
Bir-birige shamal kirmes yéqin turidu.
ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ھەمراھلىرىغا چاپلاشقاندۇر؛ بىر-بىرىگە زىچ يېپىشتۇرۇلغان، ھېچ ئايرىلماستۇر. 17
Ularning herbiri öz hemrahlirigha chaplashqandur; Bir-birige zich yépishturulghan, héch ayrilmastur.
ئۇنىڭ چۈشكۈرۈشلىرىدىن نۇر چاقنايدۇ، ئۇنىڭ كۆزلىرى سەھەردىكى قاپاقتەكتۇر. 18
Uning chüshkürüshliridin nur chaqnaydu, Uning közliri seherdiki qapaqtektur.
ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئوتلار چىقىپ تۇرىدۇ؛ ئوت ئۇچقۇنلىرى سەكرەپ چىقىدۇ. 19
Uning aghzidin otlar chiqip turidu; Ot uchqunliri sekrep chiqidu.
قومۇش گۈلخانغا قويغان قايناۋاتقان قازاندىن چىققان ھوردەك، ئۇنىڭ بۇرۇن تۆشۈكىدىن تۈتۈن چىقىپ تۇرىدۇ؛ 20
Qomush gülxan’gha qoyghan qaynawatqan qazandin chiqqan hordek, Uning burun töshükidin tütün chiqip turidu;
ئۇنىڭ نەپىسى كۆمۈرلەرنى تۇتاشتۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىر يالقۇن چىقىدۇ. 21
Uning nepisi kömürlerni tutashturidu, Uning aghzidin bir yalqun chiqidu.
بوينىدا زور كۈچ ياتىدۇ، ۋەھىمە ئۇنىڭ ئالدىدا سەكرىشىپ ئوينايدۇ. 22
Boynida zor küch yatidu, Wehime uning aldida sekriship oynaydu.
ئۇنىڭ ئەتلىرى قات-قات بىرلەشتۈرۈلۈپ چىڭ تۇرىدۇ؛ ئۈستىدىكى [قاسىراقلىرى] يېپىشتۇرۇلۇپ، مىدىرلىماي تۇرىدۇ. 23
Uning etliri qat-qat birleshtürülüp ching turidu; Üstidiki [qasiraqliri] yépishturulup, midirlimay turidu.
ئۇنىڭ يۈرىكى بەئەينى تاشتەك مۇستەھكەم تۇرىدۇ، ھەتتا تۈگمەننىڭ ئاستى تېشىدەك مەزمۇت تۇرىدۇ. 24
Uning yüriki beeyni tashtek mustehkem turidu, Hetta tügmenning asti téshidek mezmut turidu.
ئۇ ئورنىدىن قوزغالسا، پالۋانلارمۇ قورقۇپ قالىدۇ؛ ئۇنىڭ تولغىنىپ شاۋقۇنلىشىدىن ئالاقزادە بولۇپ كېتىدۇ. 25
U ornidin qozghalsa, palwanlarmu qorqup qalidu; Uning tolghinip shawqunlishidin alaqzade bolup kétidu.
بىرسى قىلىچنى ئۇنىڭغا تەگكۈزسىمۇ، ھېچ ئۈنۈمى يوق؛ نەيزە، ئاتارنەيزە ۋە ياكى چاڭگاق بولسىمۇ بەرىبىر ئۈنۈمسىزدۇر. 26
Birsi qilichni uninggha tegküzsimu, héch ünümi yoq; Neyze, atarneyze we yaki changgaq bolsimu beribir ünümsizdur.
ئۇ تۆمۈرنى ساماندەك، مىسنى پور ياغاچتەك چاغلايدۇ. 27
U tömürni samandek, Misni por yaghachtek chaghlaydu.
ئوقيا بولسا ئۇنى قورقىتىپ قاچقۇزالمايدۇ؛ سالغا تاشلىرى ئۇنىڭ ئالدىدا پاخالغا ئايلىنىدۇ. 28
Oqya bolsa uni qorqitip qachquzalmaydu; Salgha tashliri uning aldida paxalgha aylinidu.
توقماقلارمۇ پاخالدەك ھېچنېمە ھېسابلانمايدۇ؛ ئۇ نەيزە-شەشبەرنىڭ تەڭلىنىشىگە قاراپ كۈلۈپ قويىدۇ. 29
Toqmaqlarmu paxaldek héchnéme hésablanmaydu; U neyze-sheshberning tenglinishige qarap külüp qoyidu.
ئۇنىڭ ئاستى قىسمى بولسا ئۆتكۈر ساپال پارچىلىرىدۇر؛ ئۇ لاي ئۈستىگە چوڭ تىرنا بىلەن تاتىلىغاندەك ئىز قالدۇرىدۇ. 30
Uning asti qismi bolsa ötkür sapal parchiliridur; U lay üstige chong tirna bilen tatilighandek iz qalduridu.
ئۇ دېڭىز-ئوكيانلارنى قازاندەك قاينىتىۋېتىدۇ؛ ئۇ دېڭىزنى قازاندىكى مەلھەمدەك ۋاراقشىتىدۇ؛ 31
U déngiz-okyanlarni qazandek qaynitiwétidu; U déngizni qazandiki melhemdek waraqshitidu;
ئۇ ماڭسا ماڭغان يولى پارقىرايدۇ؛ ئادەم [بۇژغۇنلارنى كۆرۈپ] چوڭقۇر دېڭىزنى ئاپئاق چاچلىق بوۋاي دەپ ئويلاپ قالىدۇ. 32
U mangsa mangghan yoli parqiraydu; Adem [buzhghunlarni körüp] chongqur déngizni ap’aq chachliq boway dep oylap qalidu.
يەر يۈزىدە ئۇنىڭ تەڭدىشى يوقتۇر، ئۇ ھېچ قورقماس يارىتىلغان. 33
Yer yüzide uning tengdishi yoqtur, U héch qorqmas yaritilghan.
ئۇ بۈيۈكلەرنىڭ ھەرقاندىقىغا [جۈرئەت بىلەن] نەزەر سېلىپ، قورقمايدۇ؛ ئۇ بارلىق مەغرۇر ھايۋانلارنىڭ پادىشاھىدۇر». 34
U büyüklerning herqandiqigha [jür’et bilen] nezer sélip, qorqmaydu; U barliq meghrur haywanlarning padishahidur».

< ئايۇپ 41 >