< ئايۇپ 4 >
تېمانلىق ئېلىفاز جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
Témanliq Élifaz jawaben mundaq dédi: —
«بىرسى سەن بىلەن سۆزلەشمەكچى بولسا، ئېغىر ئالامسەن؟ بىراق كىم ئاغزىغا كەلگەن گەپنى يۇتۇۋاتالايدۇ؟ | 2 |
«Birsi sen bilen sözleshmekchi bolsa, éghir alamsen? Biraq kim aghzigha kelgen gepni yutuwatalaydu?
قارا، سەن كۆپ ئادەملەرگە تەلىم-تەربىيە بەرگەن ئادەمسەن، سەن جانسىز قوللارغا كۈچ بەرگەنسەن، | 3 |
Qara, sen köp ademlerge telim-terbiye bergen ademsen, Sen jansiz qollargha küch bergensen,
سۆزلىرىڭ دەلدەڭشىپ ئاران ماڭىدىغانلارنى رىغبەتلەندۈرگەن، تىزلىرى پۈكۈلگەنلەرنى يۆلىگەنسەن. | 4 |
Sözliring deldengship aran mangidighanlarni righbetlendürgen, Tizliri pükülgenlerni yöligensen.
بىراق ھازىر نۆۋەت ساڭا كەلدى، شۇنىڭلىق بىلەن ھالىڭدىن كەتتىڭ، بالايىئاپەت ساڭا تېگىشى بىلەن، سەن ئالاقزادە بولۇپ كەتتىڭ. | 5 |
Biraq hazir nöwet sanga keldi, Shuningliq bilen halingdin ketting, Balayi’apet sanga tégishi bilen, Sen alaqzade bolup ketting.
ئىخلاسمەنلىكىڭ تايانچىڭ بولۇپ كەلمىگەنمۇ؟ يوللىرىڭدىكى دۇرۇسلۇق ئۈمىدىڭنىڭ ئاساسى ئەمەسمىدى؟ | 6 |
Ixlasmenliking tayanching bolup kelmigenmu? Yolliringdiki durusluq ümidingning asasi emesmidi?
ئېسىڭگە ئال، كىم بىگۇناھ تۇرۇپ ۋەيران بولۇپ باققان؟ دۇرۇسلارنىڭ ھاياتى نەدە ئۈزۈلۈپ قالغان؟ | 7 |
Ésingge al, kim bigunah turup weyran bolup baqqan? Duruslarning hayati nede üzülüp qalghan?
مەن كۆرگىنىمدەك، گۇناھ بىلەن يەر ئاغدۇرۇپ ئاۋارىچىلىك تېرىغانلار، ئوخشاشلا ھوسۇل ئالىدۇ. | 8 |
Men körginimdek, gunah bilen yer aghdurup awarichilik térighanlar, Oxshashla hosul alidu.
تەڭرىنىڭ بىر نەپىسى بىلەنلا ئۇلار گۇمران بولىدۇ، ئۇنىڭ غەزىپىنىڭ پارتلىشى بىلەن ئۇلار يوقىلىپ كېتىدۇ. | 9 |
Tengrining bir nepisi bilenla ular gumran bolidu, Uning ghezipining partlishi bilen ular yoqilip kétidu.
شىرنىڭ ھۆركىرەشلىرى، ھەم ئەشەددىي شىرنىڭ ئاۋازى [بار بولسىمۇ]، شىر ئارسلانلىرىنىڭ چىشلىرى سۇندۇرۇلىدۇ؛ | 10 |
Shirning hörkireshliri, Hem esheddiy shirning awazi [bar bolsimu], Shir arslanlirining chishliri sundurulidu;
باتۇر شىر بولسا ئوۋ تاپالماي يوقىلىشقا يۈزلىنىدۇ، چىشى شىرنىڭ كۈچۈكلىرى چېچىلىپ كېتىدۇ. | 11 |
Batur shir bolsa ow tapalmay yoqilishqa yüzlinidu, Chishi shirning küchükliri chéchilip kétidu.
ــ مانا، ماڭا بىر سۆز غايىبانە كەلدى، قۇلىقىمغا بىر شىۋىرلىغان ئاۋاز كىردى، | 12 |
— Mana, manga bir söz ghayibane keldi, Quliqimgha bir shiwirlighan awaz kirdi,
تۈن كېچىدىكى غايىبانە كۆرۈنۈشلەردىن چىققان ئويلاردا، ئادەملەرنى چوڭقۇر ئۇيقۇ باسقاندا، | 13 |
Tün kéchidiki ghayibane körünüshlerdin chiqqan oylarda, Ademlerni chongqur uyqu basqanda,
قورقۇنچ ۋە تىترەكمۇ مېنى باستى، سۆڭەك-سۆڭەكلىرىمنى تىترىتىۋەتتى؛ | 14 |
Qorqunch we titrekmu méni basti, Söngek-söngeklirimni titritiwetti;
كۆز ئالدىمدىن بىر روھ ئۆتۈپ كەتتى؛ بەدىنىمدىكى تۈكلىرىم ھۈرپىيىپ كەتتى. | 15 |
Köz aldimdin bir roh ötüp ketti; Bedinimdiki tüklirim hürpiyip ketti.
ئۇ روھ ئورنىدا مىدىرلىماي تۇردى، بىراق تۇرقىنى كۆرەلمىدىم؛ كۆز ئالدىمدا بىر گەۋدە تۇرۇپتۇ؛ شىۋىرلىغان بىر ئاۋاز ئاڭلاندى: ــ | 16 |
U roh ornida midirlimay turdi, biraq turqini körelmidim; Köz aldimda bir gewde turuptu; Shiwirlighan bir awaz anglandi: —
«ئىنسان بالىسى تەڭرىدىن ھەققانىي بولالامدۇ؟ ئادەم ئۆز ياراتقۇچىسىدىن پاك بولالامدۇ؟ | 17 |
«Insan balisi Tengridin heqqaniy bolalamdu? Adem öz Yaratquchisidin pak bolalamdu?
مانا، ئۇ ئۆز قۇللىرىغا ئىشەنمىگەن، ھەتتا پەرىشتىلىرىنىمۇ «نادانلىق قىلغان!» دەپ ئەيىبلىگەن يەردە، | 18 |
Mana, U Öz qullirigha ishenmigen, Hetta perishtilirinimu «Nadanliq qilghan!» dep eyibligen yerde,
ئۇلى توپىلاردىن بولغان ئىنسانلار، لايدىن ياسالغان ئۆيلەردە تۇرغۇچىلار قانداق بولار!؟ ئۇلار پەرۋانىدىنمۇ ئاسانلا يانجىلىدۇ! | 19 |
Uli topilardin bolghan insanlar, Laydin yasalghan öylerde turghuchilar qandaq bolar!? Ular perwanidinmu asanla yanjilidu!
ئۇلار تاڭ بىلەن كەچ ئارىلىقىدا كۇكۇم-تالقان بولىدۇ؛ ئۇلار ھېچكىم نەزىرىگە ئالمىغان ھالدا مەڭگۈگە يوقىلىدۇ. | 20 |
Ular tang bilen kech ariliqida kukum-talqan bolidu; Ular héchkim nezirige almighan halda menggüge yoqilidu.
ئۇلارنىڭ چېدىر تانىسى يۇلۇپ تاشلانغانغۇ؟ ئۇلار ھېچ دانالىققا تېخى ئېرىشمەيلا ئۆلۈپ كېتىدۇ!». | 21 |
Ularning chédir tanisi yulup tashlan’ghan’ghu? Ular héch danaliqqa téxi érishmeyla ölüp kétidu!».