< ئايۇپ 4 >

تېمانلىق ئېلىفاز جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ 1
時にテマン人エリパズ答へて曰く
«بىرسى سەن بىلەن سۆزلەشمەكچى بولسا، ئېغىر ئالامسەن؟ بىراق كىم ئاغزىغا كەلگەن گەپنى يۇتۇۋاتالايدۇ؟ 2
人もし汝にむかひて言詞を出さば汝これを厭ふや 然ながら誰か言で忍ぶことを得んや
قارا، سەن كۆپ ئادەملەرگە تەلىم-تەربىيە بەرگەن ئادەمسەن، سەن جانسىز قوللارغا كۈچ بەرگەنسەن، 3
さきに汝は衆多の人を誨へ諭せり 手の埀たる者をばこれを強くし
سۆزلىرىڭ دەلدەڭشىپ ئاران ماڭىدىغانلارنى رىغبەتلەندۈرگەن، تىزلىرى پۈكۈلگەنلەرنى يۆلىگەنسەن. 4
つまづく者をば言をもて扶けおこし 膝の弱りたる者を強くせり
بىراق ھازىر نۆۋەت ساڭا كەلدى، شۇنىڭلىق بىلەن ھالىڭدىن كەتتىڭ، بالايىئاپەت ساڭا تېگىشى بىلەن، سەن ئالاقزادە بولۇپ كەتتىڭ. 5
然るに今この事汝に臨めば汝悶え この事なんぢに加はれば汝おぢまどふ
ئىخلاسمەنلىكىڭ تايانچىڭ بولۇپ كەلمىگەنمۇ؟ يوللىرىڭدىكى دۇرۇسلۇق ئۈمىدىڭنىڭ ئاساسى ئەمەسمىدى؟ 6
汝は神を畏こめり 是なんぢの依頼む所ならずや 汝はその道を全うせり 是なんぢの望ならずや
ئېسىڭگە ئال، كىم بىگۇناھ تۇرۇپ ۋەيران بولۇپ باققان؟ دۇرۇسلارنىڭ ھاياتى نەدە ئۈزۈلۈپ قالغان؟ 7
請ふ想ひ見よ 誰か罪なくして亡びし者あらん 義者の絶れし事いづくに在や
مەن كۆرگىنىمدەك، گۇناھ بىلەن يەر ئاغدۇرۇپ ئاۋارىچىلىك تېرىغانلار، ئوخشاشلا ھوسۇل ئالىدۇ. 8
我の觀る所によれば不義を耕へし惡を播く者はその穫る所も亦 是のごとし
تەڭرىنىڭ بىر نەپىسى بىلەنلا ئۇلار گۇمران بولىدۇ، ئۇنىڭ غەزىپىنىڭ پارتلىشى بىلەن ئۇلار يوقىلىپ كېتىدۇ. 9
みな神の氣吹によりて滅びその鼻の息によりて消うす
شىرنىڭ ھۆركىرەشلىرى، ھەم ئەشەددىي شىرنىڭ ئاۋازى [بار بولسىمۇ]، شىر ئارسلانلىرىنىڭ چىشلىرى سۇندۇرۇلىدۇ؛ 10
獅子の吼 猛き獅子の聲ともに息み 少き獅子の牙折れ
باتۇر شىر بولسا ئوۋ تاپالماي يوقىلىشقا يۈزلىنىدۇ، چىشى شىرنىڭ كۈچۈكلىرى چېچىلىپ كېتىدۇ. 11
大獅子獲物なくして亡び小獅子散失す
ــ مانا، ماڭا بىر سۆز غايىبانە كەلدى، قۇلىقىمغا بىر شىۋىرلىغان ئاۋاز كىردى، 12
前に言の密に我に臨めるありて我その細聲を耳に聞得たり
تۈن كېچىدىكى غايىبانە كۆرۈنۈشلەردىن چىققان ئويلاردا، ئادەملەرنى چوڭقۇر ئۇيقۇ باسقاندا، 13
即ち人の熟睡する頃我夜の異象によりて想ひ煩ひをりける時
قورقۇنچ ۋە تىترەكمۇ مېنى باستى، سۆڭەك-سۆڭەكلىرىمنى تىترىتىۋەتتى؛ 14
身に恐懼をもよほして戰慄き 骨節ことごとく振ふ
كۆز ئالدىمدىن بىر روھ ئۆتۈپ كەتتى؛ بەدىنىمدىكى تۈكلىرىم ھۈرپىيىپ كەتتى. 15
時に靈ありて我面の前を過ければ我は身の毛よだちたり
ئۇ روھ ئورنىدا مىدىرلىماي تۇردى، بىراق تۇرقىنى كۆرەلمىدىم؛ كۆز ئالدىمدا بىر گەۋدە تۇرۇپتۇ؛ شىۋىرلىغان بىر ئاۋاز ئاڭلاندى: ــ 16
その物立とまりしが我はその状を見わかつことえざりき 唯一の物の象わが目の前にあり 時に我しづかなる聲を聞けり云く
«ئىنسان بالىسى تەڭرىدىن ھەققانىي بولالامدۇ؟ ئادەم ئۆز ياراتقۇچىسىدىن پاك بولالامدۇ؟ 17
人いかで神より正義からんや 人いかでその造主より潔からんや
مانا، ئۇ ئۆز قۇللىرىغا ئىشەنمىگەن، ھەتتا پەرىشتىلىرىنىمۇ «نادانلىق قىلغان!» دەپ ئەيىبلىگەن يەردە، 18
彼はその僕をさへに恃みたまはず 其使者をも足ぬ者と見做たまふ
ئۇلى توپىلاردىن بولغان ئىنسانلار، لايدىن ياسالغان ئۆيلەردە تۇرغۇچىلار قانداق بولار!؟ ئۇلار پەرۋانىدىنمۇ ئاسانلا يانجىلىدۇ! 19
況んや土の家に住をりて塵を基とし蜉蝣のごとく亡ぶる者をや
ئۇلار تاڭ بىلەن كەچ ئارىلىقىدا كۇكۇم-تالقان بولىدۇ؛ ئۇلار ھېچكىم نەزىرىگە ئالمىغان ھالدا مەڭگۈگە يوقىلىدۇ. 20
是は朝より夕までの間に亡びかへりみる者もなくして永く失逝る
ئۇلارنىڭ چېدىر تانىسى يۇلۇپ تاشلانغانغۇ؟ ئۇلار ھېچ دانالىققا تېخى ئېرىشمەيلا ئۆلۈپ كېتىدۇ!». 21
その魂の緒あに絶ざらんや皆悟ること無くして死うす

< ئايۇپ 4 >