< ئايۇپ 39 >
سەن تاغدىكى ياۋا ئۆچكىلەرنىڭ قاچان تۇغىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ جەرەنلەرنىڭ بالىلىغانلىقىنى كۆزىتىپ باققانمۇسەن؟ | 1 |
Knowest thou the time when the wilde goates bring foorth yong? or doest thou marke when the hindes doe calue?
ئۇلارنىڭ بوغاز بولغىلى نەچچە ئاي بولغانلىقىنى سانىيالامسەن؟ ئۇلارنىڭ بالىلايدىغان ۋاقتىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟ | 2 |
Canst thou nomber the moneths that they fulfill? or knowest thou the time when they bring foorth?
ئۇلار قەددىنى پۈكۈپ، يېتىپ بالىلىرىنى تۇغىدۇ، ئۇلار ئۆزىدىكى تولغاقنى چىقىرىپ تاشلايدۇ؛ | 3 |
They bow them selues: they bruise their yong and cast out their sorowes.
ئۇلارنىڭ بالىلىرى كۈچلىنىپ يېتىلىدۇ، ئۇلار دالادا ئۆسۈپ، [ئانىسىنىڭ] يېنىدىن چىقىپ قايتىپ كەلمەيدۇ. | 4 |
Yet their yong waxe fatte, and growe vp with corne: they goe foorth and returne not vnto them.
ياۋا ئېشەكنى دالاغا قويۇۋېتىپ ئەركىنلىككە چىقارغان كىم؟ شاش ئېشەكنىڭ نوختىلىرىنى يېشىۋەتكەن كىم؟ | 5 |
Who hath set the wilde asse at libertie? or who hath loosed the bondes of the wilde asse?
چۆل-باياۋاننى ئۇنىڭ ئۆيى قىلغانمەن، شورلۇقنىمۇ ئۇنىڭ تۇرالغۇسى قىلغانمەن. | 6 |
It is I which haue made the wildernesse his house, and the salt places his dwellings.
ئۇ شەھەرنىڭ قىيقاس-سۈرەنلىرىدىن يىراق تۇرۇپ ئۇنى مازاق قىلىدۇ؛ ئۇ ئېشەكچىنىڭ ۋارقىرىشىنىمۇ ئاڭلىمايدۇ. | 7 |
He derideth the multitude of the citie: he heareth not the crie of the driuer.
ئۇ تاغلارنى ئۆز يايلىقىم دەپ كېزىدۇ، شۇ يەردىكى ھەممە گۈل-گىياھنى ئىزدەپ يۈرىدۇ. | 8 |
He seeketh out the mountaine for his pasture, and searcheth after euery greene thing.
ياۋا كالا بولسا خىزمىتىڭگە كىرىشكە رازى بولامدۇ؟ سېنىڭ ئوقۇرۇڭنىڭ يېنىدا تۇرۇشقا ئۇنامدۇ؟ | 9 |
Will the vnicorne serue thee? or will he tary by thy cribbe?
ياۋا كالىنى تانا بىلەن باغلاپ، تاپقا چۈشۈرەلەمسەن؟! ئۇ ساڭا ئەگىشىپ جىلغىلاردا مېڭىپ تىرنا تارتامدۇ؟ | 10 |
Canst thou binde the vnicorne with his band to labour in the furrowe? or will he plowe the valleyes after thee?
ئۇنىڭ كۈچى زور بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تايىنامسەن؟ ئەمگىكىڭنى ئۇنىڭغا ئامانەت قىلامسەن؟ | 11 |
Wilt thou trust in him, because his strength is great, and cast off thy labour vnto him?
دانلىرىڭنى ئۆيگە كۆتۈرۈپ ئەكىلىشنى ئۇنىڭغا تاپشۇرامسەن؟ «[دانلىرىمنى] خامىنىمغا يىغىشتۇرىدۇ» دەپ ئۇنىڭغا ئىشەنەمسەن؟ | 12 |
Wilt thou beleeue him, that he will bring home thy seede, and gather it vnto thy barne?
تۆگىقۇش قاناتلىرىنى شادلىق بىلەن قاقىدۇ، بىراق بۇلار لەيلەكنىڭ قانات ئۇچلىرى ھەم پەيلىرىگە يېتەمدۇ؟ | 13 |
Hast thou giuen the pleasant wings vnto the peacockes? or winges and feathers vnto the ostriche?
ئۇ تۇخۇملىرىنى يەرگە تاشلاپ قويىدۇ، تۇخۇملىرىم توپىدا ئىسسىتىلسۇن، دەيدۇ. | 14 |
Which leaueth his egges in the earth, and maketh them hote in the dust,
ئۇلارنىڭ تاسادىپىي دەسسىلىپ يانجىلىدىغانلىقىنى، دالىدىكى بىرەر ھايۋاننىڭ ئاسانلا ئۇلارنى دەسسەپ-چەيلەيدىغانلىقىنى ئۇنتۇيدۇ. | 15 |
And forgetteth that the foote might scatter the, or that the wild beast might breake the.
بالىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئەمەستەك باغرىنى قاتتىق قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ تۇغۇتىنىڭ ئەجرى بىكارغا كېتىدۇ، بىراق ئۇ پىسەنت قىلمىغاندەك تۇرىدۇ. | 16 |
He sheweth himselfe cruell vnto his yong ones, as they were not his, and is without feare, as if he trauailed in vaine.
چۈنكى تەڭرى ئۇنى كەم ئەقىل قىلغان، ئۇنىڭغا دانالىقنى بەرمىگەن. | 17 |
For God had depriued him of wisedom, and hath giuen him no part of vnderstanding.
ھالبۇكى، ئۇ يۈگۈرۈش ئالدىدا مەيدىسىنى يۇقىرىغا كۆتۈرگىنىدە، ئات ھەم ئاتلىقلارنى كەمسىتىپ مازاق قىلىدۇ. | 18 |
When time is, he mounteth on hie: he mocketh the horse and his rider.
سەن ئاتقا كۈچ بېغىشلىغانمىدىڭ؟ سەن ئۇنىڭ بوينىغا يەلپۈنۈپ تۇرىدىغان يايلىنى كىيگۈزگەنمىدىڭ؟ | 19 |
Hast thou giuen the horse strength? or couered his necke with neying?
سەن ئۇنى ھەيۋەتلىك پۇرقۇشلىرى بىلەن ئادەمنى قورقۇتىدىغان، چېكەتكىدەك سەكرەيدىغان قىلالامسەن؟ | 20 |
Hast thou made him afraid as the grashopper? his strong neying is fearefull.
ئۇ ئەشەددىيلىك بىلەن يەر تاتىلاپ-زوخچۇپ، ئۆز كۈچىدىن شادلىنىپ كېتىدۇ، قوراللىق قوشۇن بىلەن جەڭ قىلىشقا ئاتلىنىدۇ. | 21 |
He diggeth in the valley, and reioyceth in his strength: he goeth foorth to meete the harnest man.
ئۇ قورقۇنچقا نىسبەتەن كۈلۈپلا قويىدۇ، ھېچنېمىدىن قورقمايدۇ؛ قىلىچنىڭ بىسىدىن ئۇ يانمايدۇ. | 22 |
He mocketh at feare, and is not afraid, and turneth not backe from the sworde,
ئوقدان، جۇلالىق نەيزە، گۆرزىمۇ ئۇنىڭ يېنىدا شاراقشىيدۇ، | 23 |
Though the quiuer rattle against him, the glittering speare and the shield.
ئۇ يەرنى ئاچچىق ھەم غەزەپ بىلەن يۇتۇۋېتىدۇ، [جەڭ] كانايىنى بىر ئاڭلاپلا ھاياجانلىنىپ قىن-قىنىغا پاتماي كېتىدۇ. | 24 |
He swalloweth the ground for fearcenes and rage, and he beleeueth not that it is the noise of the trumpet.
كانايلارنىڭ ئاۋازى بىلەنلا ئۇ: «ئايھاي!» دەيدۇ، ئۇ جەڭنى يىراقتىن پۇراپ بولىدۇ. ئۇ سەركەردىلەرنىڭ توۋلاشلىرىنى، جەڭچىلەرنىڭ ۋارقىراشلىرىنى خۇشاللىق بىلەن ئاڭلايدۇ. | 25 |
He sayth among the trumpets, Ha, ha: hee smellleth the battell afarre off, and the noyse of the captaines, and the shouting.
سار سېنىڭ ئەقلىڭ بىلەن ئۇچامدۇ، قاناتلىرىنى جەنۇبقا قاراپ كېرەمدۇ؟ | 26 |
Shall the hauke flie by thy wisedome, stretching out his wings toward the South?
بۈركۈت بۇيرۇقۇڭ بىلەن يۇقىرىغا پەرۋاز قىلىپ كۆتۈرۈلەمدۇ، ئۇۋىسىنى يۇقىرىغا سالامدۇ؟ | 27 |
Doeth the eagle mount vp at thy commandement, or make his nest on hie?
ئۇ قورام تاشنىڭ ئۈستىدە ماكانلىشىدۇ، ئۇ تاغنىڭ چوققىسىغا قونىدۇ، تىك قىيانىمۇ تۇرالغۇسى قىلىدۇ. | 28 |
Shee abideth and remaineth in the rocke, euen vpon the toppe of the rocke, and the tower.
شۇ يەردىن ئۇ ئوۋنى پايلاپ بايقىۋالىدۇ، كۆزلىرى يىراق-يىراقلارنى كۆزىتىدۇ. | 29 |
From thence she spieth for meate, and her eyes beholde afarre off.
ئۇنىڭ بالىلىرى قان شورايدۇ؛ ئۆلتۈرۈلگەنلەر نەدە بولسا، ئۇ شۇ يەردە بولىدۇ». | 30 |
His young ones also sucke vp blood: and where the slaine are, there is she.