< ئايۇپ 38 >
ئاندىن پەرۋەردىگار قارا قۇيۇن ئىچىدىن ئايۇپقا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
Y respondió Jehová a Job desde la oscuridad, y dijo:
«نەسىھەتنى تۇتۇرۇقسىز سۆزلەر بىلەن خىرەلەشتۈرگەن زادى كىم؟ | 2 |
¿Quién es este que oscurece el consejo con palabras sin sabiduría?
ئەركەكتەك بېلىڭنى چىڭ باغلا؛ شۇندا مەن سەندىن سوراي، ئاندىن سەن مېنى خەۋەردار قىل! | 3 |
Ahora ciñe como varón tus lomos: preguntarte he, y me harás saber.
مەن يەر-زېمىننى ئاپىرىدە قىلغىنىمدا، سەن زادى نەدە ئىدىڭ؟ بۇلارنى چۈشەنگەن بولساڭ، بايان قىلىۋەر. | 4 |
¿Dónde estabas tú, cuando yo fundaba la tierra? házme lo saber, si tienes inteligencia.
كىم يەر-زېمىننىڭ ئۆلچىمىنى بېكىتكەن؟ ــ سەن بۇنى بىلمەمسەن؟ كىم ئۇنىڭ ئۈستىگە تانا تارتىپ ئۆلچىگەن؟ | 5 |
¿Quién ordenó sus medidas, si lo sabes? ¿o quién extendió sobre ella cordel?
تاڭ سەھەردىكى يۇلتۇزلار بىللە كۈي ئېيتىشقان ۋاقتىدا، خۇدانىڭ ئوغۇللىرى خۇشاللىقتىن تەنتەنە قىلىشقان ۋاقتىدا، يەر-زېمىننىڭ ئۇللىرى نەگە پاتۇرۇلغان؟ كىم ئۇنىڭ بۇرجەك تېشىنى سالغان؟ | 6 |
¿Sobre qué están fundadas sus basas? ¿o quién puso su piedra esquinada,
Cuando todas las estrellas del alba alababan, y jubilaban todos los hijos de Dios?
بالىياتقۇدىن چىققاندەك، دېڭىز سۈيى بۆسۈپ چىققاندا، كىم ئۇنى دەرۋازىلار ئىچىگە بەند قىلغان؟ | 8 |
¿Quién encerró con puertas la mar, cuando rebentó del vientre saliendo?
مەن بۇلۇتنى دېڭىزنىڭ كىيىمى قىلغاندا، ۋە قاپ-قاراڭغۇنى ئۇنىڭ زاكىسى قىلغاندا، | 9 |
¿Cuándo puse nubes por su vestidura, y por su faja oscuridad?
مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن پاسىل كەسكەن ۋاقىتتا، ئۇنى چەكلەپ بالداقلارنى ھەم دەرۋازىلارنى سالغاندا، | 10 |
Y determiné sobre ella mi decreto, y le puse puertas y cerrojo,
يەنى ئۇنىڭغا: «مۇشۇ يەرگىچە بارىسەن، پاسىلدىن ئۆتمە، سېنىڭ تەكەببۇر دولقۇنلىرىڭ مۇشۇ يەردە توختىسۇن» دېگەندە، سەن نەدە ئىدىڭ؟ | 11 |
Y dije: Hasta aquí vendrás, y no pasarás adelante; y allí parará la hinchazón de tus ondas.
سەن تۇغۇلغاندىن بېرى سەھەرنى «چىق» دەپ بۇيرۇپ باققانمۇسەن؟ سەن تاڭ سەھەرگە ئۆزى چىقىدىغان جايىنى كۆرسەتكەنمۇسەن؟ | 12 |
¿Has tú mandado a la mañana en tus días? ¿has mostrado al alba su lugar,
سەن شۇنداق قىلىپ سەھەرگە يەر يۈزىنىڭ قەرىنىمۇ يورۇتقۇزۇپ ھۆكۈم سۈرگۈزۈپ، شۇنداقلا رەزىللەرنى تىترىتىپ يەر-زېمىندىن قوغلاتقۇزغانمۇسەن؟ | 13 |
Para que asga los fines de la tierra, y que sean sacudidos de ella los impíos?
شۇنىڭ بىلەن يەر-زېمىن سېغىز لايغا بېسىلغان مۆھۈر ئىزلىرىدەك ئۆزگەرتىلىدۇ؛ كىيگەن كىيىمدەك ھەممە ئېنىق بولىدۇ؛ | 14 |
Trasmudándose como lodo de sello; y parándose como vestidura:
ھەم شۇنىڭ بىلەن رەزىللەرنىڭ «نۇر»ى ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ كۆتۈرۈلگەن بىلەكلەر سۇندۇرۇلىدۇ. | 15 |
Mas la luz de los impíos es quitada de ellos; y el brazo enaltecido es quebrantado.
دېڭىزدىكى بۇلاقلارغا سەپەر قىلىپ يەتكەنمۇسەن؟ ئوكيانلارنىڭ قەرىدە مېڭىپ باققانمۇسەن؟ | 16 |
¿Has tú entrado hasta los profundos de la mar, y has andado escudriñando el abismo?
ئۆلۈمنىڭ دەرۋازىلىرى ساڭا ئاشكارىلانغانمۇ؟ ئۆلۈم سايىسىنىڭ دەرۋازىلىرىنى كۆرگەنمۇسەن؟ | 17 |
¿Te han sido descubiertas las puertas de la muerte? ¿y has visto las puertas de la sombra de muerte?
ئەقلىڭ يەر-زېمىننىڭ چوڭلۇقىغا يەتكەنمۇ؟ ھەممىسىنى بىلگەن بولساڭ ئېنىق بايان قىل! | 18 |
¿Has tú considerado hasta las anchuras de la tierra? Declara, si sabes todo esto.
نۇر تۇرۇشلۇق جايغا بارىدىغان يول نەدە؟ قاراڭغۇلۇقنىڭ بولسا، ئەسلىي ئورنى نەدە؟ | 19 |
¿Por dónde va el camino a la habitación de la luz? ¿y el lugar de las tinieblas, donde es?
سەن [بۇنى بىلىپ] ئۇلارنى ئۆز چېگراسىغا ئاپىرالامسەن؟ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ماڭىدىغان يوللارنى بىلىپ يېتەلەمسەن؟ | 20 |
¿Si la tomarás tú en sus términos? ¿y si entenderás las sendas de su casa?
ھەئە، راست، سەن بىلىسەن، چۈنكى سەن ئۇلارنىڭ چاغلىرىدىن ئىلگىرى تۇغۇلغانسەن، كۈنلىرىڭنىڭ سانى دەرھەقىقەت كۆپتىن كۆپتۇر! | 21 |
¿Si sabías tú cuándo habías de nacer? ¿y si el número de tus días había de ser grande?
قار قاچىلانغان خەزىنىلەرگە كىرىپ كۆردۈڭمۇ. مۆلدۈر ئامبىرلىرىنىمۇ كۆرۈپ باقتىڭمۇ؟ | 22 |
¿Has tú entrado en los tesoros de la nieve? ¿y has visto los tesoros del granizo,
بۇلارنى ئازاب-ئوقۇبەتلىك زامانغا قالدۇردۇم، جەڭ ۋە ئۇرۇش كۈنى ئۈچۈن تەييارلاپ قويدۇم. | 23 |
Lo cual yo he guardado para el tiempo de la angustia, para el día de la guerra, y de la batalla?
چاقماق دېگەن قانداق يول بىلەن يېرىلىدۇ؟ شەرق شامىلى يەر يۈزىدە قانداق يول بىلەن تارقىتىلىدۇ؟ | 24 |
¿Cuál sea el camino por donde se reparte la luz; por donde se esparce el viento solano sobre la tierra?
يامغۇر كەلكۈنىنىڭ چۈشىدىغان قانىلىنى چېپىپ تەييارلىغان كىمدۇ؟ گۈلدۈرمامىنىڭ چاقمىقى ئۈچۈن يول تەييارلىغان كىمدۇ؟ | 25 |
¿Quién repartió conducto al turbión; y camino a los relámpagos y truenos;
شۇنداق قىلىپ يامغۇر ھېچ ئادەم يوق بولغان يەر يۈزىگە، ھېچ ئادەمزاتسىز دەشت-باياۋانغا ياغدۇرۇلمامدۇ؟ | 26 |
Haciendo llover sobre la tierra deshabitada; sobre el desierto, donde no hay hombre;
شۇنىڭ بىلەن چۆللەشكەن، قۇرغاق تۇپراقلار قاندۇرۇلىدۇ، ئوت-چۆپ بىخ ئۇرۇپ كۆكلەپ چىقمامدۇ؟ | 27 |
Para hartar la tierra desierta; e inculta; y para hacer producir verdura de renuevos?
يامغۇرنىڭ ئاتىسى بارمۇ؟ شەبنەمنى كىم تۇغقاندۇ؟ | 28 |
¿Tiene la lluvia padre? ¿o quién engendró las gotas del rocío?
مۇز بولسا كىمنىڭ بالىياتقۇسىدىن چىقىدۇ؟ ئاسماندىكى ئاق قىراۋنى بولسا كىم دۇنياغا كەلتۈرىدۇ؟ | 29 |
¿De vientre de quién salió el hielo? ¿y la helada del cielo, quién la engendró?
شۇ چاغدا سۇ قېتىپ تاشتەك بولىدۇ، چوڭقۇر دېڭىزلارنىڭ يۈزى قېتىپ تۇتاشتۇرۇلىدۇ. | 30 |
Las aguas se tornan a manera de piedra, y la haz del abismo se aprieta.
«قەلب يۇلتۇزلار توپى»نىڭ باغلىمىنى باغلىيالامسەن؟ ئورىئوننىڭ رىشتىلىرىنى بوشىتالامسەن؟ | 31 |
¿Detendrás tú los deleites de las Pléyades? ¿o desatarás las ataduras del Orión?
«ئون ئىككى زودىئاك يۇلتۇز تۈركۈملىرى»نى ئۆز پەسلىدە ئېلىپ چىقىرالامسەن؟ «چوڭ ئېيىق تۈركۈمى»نى كۈچۈكلىرى بىلەن يېتەكلىيەلەمسەن؟ | 32 |
¿Sacarás tú a su tiempo los signos de los cielos? ¿o guiarás el Arcturo con sus hijos?
ئاسماننىڭ قانۇنىيەتلىرىنى بىلىپ يەتكەنمۇسەن؟ ئاسماننىڭ يەر ئۈستىگە سۈرىدىغان ھۆكۈملىرىنى سەن بەلگىلەپ قويغانمۇ؟ | 33 |
¿Supiste tú las ordenanzas de los cielos? ¿Dispondrás tú de su potestad en la tierra?
سەن ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ بۇلۇتلارغىچە يەتكۈزۈپ، يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۆزۈڭنى قىيان-تاشقىنلارغا باستۇرالامسەن؟ | 34 |
¿Alzarás tú a las nubes tu voz, para que te cubra multitud de aguas?
سەن چاقماقلارنى بۇيرۇپ ئۆز يولىغا ماڭدۇرالامسەن؟ ئۇنىڭ بىلەن ئۇلار: «مانا بىز!» دەپ ساڭا جاۋاب بېرەمدۇ؟ | 35 |
¿Enviarás tú los relámpagos, para que ellos vayan? ¿y diránte ellos a ti: Hénos aquí?
ئادەمنىڭ ئىچ-باغرىغا دانالىق بېغىشلاپ كىرگۈزگەن كىمدۇ؟ ئەقىلگە چۈشىنىش قابىلىيىتىنى بەرگەن كىمدۇ؟ | 36 |
¿Quién puso la sabiduría en los riñones? ¿o quién dio al entendimiento la inteligencia?
بۇلۇتلارنى دانالىق بىلەن سانىغان كىم؟ ئاسمانلاردىكى سۇ تۇلۇملىرىنى تۆكىدىغان كىم؟ | 37 |
¿Quién puso por cuenta los cielos con sabiduría? ¿y los odres de los cielos, quién los hizo parar,
بۇنىڭ بىلەن توپا-چاڭلارنى قاتۇرۇپ ئۇيۇل قىلدۇرغان، چالمىلارنى بىر-بىرىگە چاپلاشتۇرغۇزغان زادى كىم؟ | 38 |
Cuando el polvo se ha endurecido con dureza, y los terrones se pegaron unos a otros?
«چىشى شىر ئۈچۈن ئوۋ ئوۋلاپ يۈرەمسەن، شىر كۈچۈكلىرىنىڭ ئىشتىھاسىنى قاندۇرامسەن؟ | 39 |
¿Cazarás tú la presa para el león? ¿y henchirás la hambre de los leoncillos,
ئۇلار ئۇۋىلىرىدا زوڭزىيىپ يۈرگەن ۋاقتىدا، چاتقاللىق ئىچىدە تۇرۇپ تۇزاق قويۇپ، [سەن ئۇلارغا ئولجا بېرەلەمسەن]؟ | 40 |
Cuando están echados en las cuevas, y se están en sus cabañas para asechar?
يېمى كەمچىل بولۇپ، ئېزىپ كېتىپ يىراققا كېتىپ قالغاندا، بالىلىرى تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىپ نالە-پەرياد كۆتۈرگەندە، تاغ قاغىلىرى ھەم بالىلىرى ئۈچۈن يەمنى تەمىنلىگەن كىمدۇ؟ | 41 |
¿Quién preparó al cuervo su caza, cuando sus pollos dan voces a Dios, perdidos sin comida?