< ئايۇپ 37 >
شۇنداق، يۈرىكىممۇ بۇنى ئاڭلاپ تەۋرىنىپ كېتىۋاتىدۇ، يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كېتەي، دېدى. | 1 |
之がためにわが心わななき その處を動き離る
مانا ئاڭلىغىنا! ئۇنىڭ ھۆركىرىگەن ئاۋازىنى، ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان گۈلدۈرماما ئاۋازىنى ئاڭلا! | 2 |
神の聲の響およびその口より出る轟聲を善く聽け
ئۇ ئاۋازىنى ئاسمان ئاستىدىكى پۈتكۈل يەرگە، چاقمىقىنى يەرنىڭ قەرىگىچە يەتكۈزىدۇ. | 3 |
これを天が下に放ち またその電光を地の極にまで至らせたまふ
چاقماقتىن كېيىن بىر ئاۋاز ھۆركىرەيدۇ؛ ئۆز ھەيۋىتىنىڭ ئاۋازى بىلەن ئۇ گۈلدۈرلەيدۇ، ئاۋازى ئاڭلىنىشى بىلەنلا ھېچ ئايانماي چاقماقلىرىنىمۇ قويۇۋېتىدۇ. | 4 |
その後聲ありて打響き 彼威光の聲を放ちて鳴わたりたまふ その御聲聞えしむるに當りては電光を押へおきたまはず
تەڭرى ئاۋازى بىلەن كارامەت گۈلدۈرلەيدۇ، بىز چۈشىنەلمەيدىغان نۇرغۇن قالتىس ئىشلارنى قىلىدۇ. | 5 |
神奇しくも御聲を放ちて鳴わたり 我儕の知ざる大なる事を行ひたまふ
چۈنكى ئۇ قارغا: «يەرگە ياغ!»، ھەم ھۆل-يېغىنغا: «كۈچلۈك يامغۇر بول!» دەيدۇ. | 6 |
かれ雪にむかひて地に降れと命じたまふ 雨すなはちその權能の大雨にも亦しかり
ئۇ بارلىق ئىنساننى ئۆزىنىڭ ياراتقانلىقىنى بىلسۇن دەپ، ھەممە ئادەمنىڭ قولىنى بۇلار بىلەن توسۇپ قويىدۇ؛ | 7 |
斯かれ一切の人の手を封じたまふ 是すべての人にその御工作を知しめんがためなり
ياۋايى ھايۋانلار ئۆز ئۇۋىسىغا كىرىپ كېتىدۇ، ئۆز قونالغۇسىدا تۇرغۇزۇلىدۇ. | 8 |
また獸は穴にいりてその洞に居る
بوران-چاپقۇن كوھىقاپتىن كېلىدۇ، ھەم سوغۇق-زىمىستان تاراتقۇچى شاماللاردىن كېلىدۇ. | 9 |
南方の密室より暴風きたり 北より寒氣きたる
تەڭرىنىڭ نەپىسى بىلەن مۇز ھاسىل بولىدۇ؛ بىپايان سۇلار قېتىپ قالىدۇ. | 10 |
神の氣吹によりて氷いできたり 水の寛狹くせらる
ئۇ يەنە قويۇق بۇلۇتلارغا مول نەملىك يۈكلەيدۇ، ئۇ چاقماق كۆتۈرىدىغان بۇلۇتنى كەڭ يېيىپ قويىدۇ. | 11 |
かれ水をもて雲に搭載せまた電光の雲を遠く散したまふ
ئۇلار پۈتكۈل يەر-زېمىن يۈزىدە ئۇ بۇيرۇغان ئىشنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ يوليورۇقلىرى بىلەن ھەرياققا بۇرۇلىدۇ. | 12 |
是は神の導引によりて週る 是は彼の命ずるところを盡く世界の表面に爲んがためなり
ياكى تەربىيە تايىقى بولۇشى ئۈچۈن، ياكى ئۆز دۇنياسى ئۈچۈن، ياكى ئۆز رەھىمدىللىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇ [بۇلۇتلىرىنى] كەلتۈرىدۇ. | 13 |
その之を來らせたまふは或は懲罰のため あるひはその地のため 或は恩惠のためなり
ئى ئايۇپ، بۇنى ئاڭلاپ قوي، تەڭرىنىڭ كارامەت ئەمەللىرىنى تونۇپ يېتىپ شۈك تۇر. | 14 |
ヨブよ是を聽け 立ちて神の奇妙き工作を考がへよ
تەڭرىنىڭ بۇلۇتلارنى قانداق سەپتە تۇرغۇزغانلىقىنى بىلەمسەن؟ ئۇنىڭ بۇلۇتىنىڭ چاقمىقىنى قانداق چاقتۇرىدىغانلىقىنىمۇ بىلەمسەن؟ | 15 |
神いかに是等に命を傳へその雲の光明をして輝やかせたまふか汝これを知るや
بۇلۇتلارنىڭ قانداق قىلىپ بوشلۇقتا مۇئەللەق تۇرىدىغانلىقىنى، بىلىمى مۇكەممەل بولغۇچىنىڭ كارامەتلىرىنى بىلەمسەن؟ | 16 |
なんぢ雲の平衡知識の全たき者の奇妙き工作を知るや
ھەي، ئۇنىڭ قانداق قىلىپ يەر-زېمىننى جەنۇبدىكى شامال بىلەن تىنچلاندۇرۇپ، سېنى كىيىم-كېچىكىڭنىڭ ئوتتەك ئىسسىتقىنىنى بىلەمسەن؟ | 17 |
南風によりて地の穩かになる時なんぢの衣服は熱くなるなり
سەن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئاسماننى خۇددى قۇيۇپ چىقارغان ئەينەكتەك، مۇستەھكەم قىلىپ يايغانمىدىڭ؟! | 18 |
なんぢ彼とともに彼の堅くして鑄たる鏡のごとくなる蒼穹を張ることを能せんや
ئۇنىڭغا نېمىنى دېيىشىمىز كېرەكلىكىنى بىزگە ئۆگىتىپ قويغىن! قاراڭغۇلۇقىمىز تۈپەيلىدىن بىز دەۋايىمىزنى جايىدا سەپكە قويالمايمىز. | 19 |
われらが彼に言ふべき事を我らに敎へよ 我らは暗昧して言詞を列ぬること能はざるなり
ئۇنىڭغا «مېنىڭ ساڭا گېپىم بار» دېيىش ياخشىمۇ؟ ئۇنداق دېگۈچى ئادەم يۇتۇلماي قالمايدۇ! | 20 |
われ語ることありと彼に告ぐべけんや 人あに滅ぼさるることを望まんや
ئەمدى شاماللار كېلىپ بۇلۇتلارنى تارقىتىۋېتىدۇ، بىراق بۇلۇتلار ئارىسىدىكى قۇياش نۇرىغا ئادەملەر بىۋاسىتە قاراپ تۇرالمايدۇ. قۇياشنىڭ ئالتۇن رەڭگى شىمال تەرەپتىنمۇ پەيدا بولىدۇ؛ تەڭرىنىڭ ھۇزۇرىدا دەھشەتلىك ھەيۋەت باردۇر. ھەممىگە قادىرنى بولسا، بىز ئۇنى مۆلچەرلىيەلمەيمىز؛ قۇدرىتى قالتىستۇر، ئۇنىڭ ئادالىتى ئۇلۇغ، ھەققانىيلىقى چوڭقۇر، شۇڭا ئۇ ئادەملەرگە زۇلۇم قىلمايدۇ. | 21 |
人いまは雲霄に輝やく光明を見ること能はず 然れど風きたりて之を吹清む
全能者はわれら測りきはむることを得ず 彼は能おほいなる者にいまし審判をも公義をも抂たまはざるなり
شۇڭا ئادەملەر ئۇنىڭدىن قورقىدۇ؛ كۆڭلىدە ئۆزىنى دانا چاغلايدىغانلارغا ئۇ ھېچ ئېتىبار قىلمايدۇ». | 24 |
この故に人々かれを畏る 彼はみづから心に有智とする者をかへりみたまはざるなり