< ئايۇپ 36 >
ئېلىخۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
エリフまた言詞を繼て曰く
«مېنى بىردەم سۆزلىگىلى قويساڭ، مەن يەنە تەڭرىگە ۋاكالىتەن قىلىدىغان سۆزۈمنىڭ بارلىقىنى ساڭا ئايان قىلىمەن. | 2 |
暫らく我に容せ我なんぢに示すこと有ん 尚神のために言ふべき事あればなり
بىلىمنى يىراقلاردىن ئېلىپ كەلتۈرىمەن، ئادەملەرنى ياراتقۇچىمنى ھەققانىي دەپ ھېسابلايدىغان قىلىمەن. | 3 |
われ廣くわが知識を取り我の造化主に正義を歸せんとす
مېنىڭ گېپىم ھەقىقەتەن يالغان ئەمەستۇر؛ بىلىمى مۇكەممەل بىرسى سەن بىلەن بىللە بولىدۇ. | 4 |
わが言語は眞實に虚僞ならず 知識の完全き者なんぢの前にあり
مانا، تەڭرى دېگەن ئۇلۇغدۇر، بىراق ئۇ ھېچكىمنى كەمسىتمەيدۇ؛ ئۇنىڭ چۈشىنىشى چوڭقۇردۇر، مەقسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ. | 5 |
視よ神は權能ある者にましませども何をも藐視めたまはず その了知の能力は大なり
ئۇ يامانلارنى ھايات ساقلىمايدۇ؛ بىراق ئېزىلگەنلەر ئۈچۈن ئادالەت يۈرگۈزىدۇ. | 6 |
惡しき者を生し存ず 艱難者のために審判を行ひたまふ
ئۇ ھەققانىيلاردىن كۆزىنى ئېلىپ كەتمەيدۇ، بەلكى ئۇلارنى مەڭگۈگە پادىشاھلار بىلەن تەختتە ئولتۇرغۇزىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسى ئۈستۈن بولىدۇ. | 7 |
義しき者に目を離さず 位にある王等とともに永遠に坐せしめて之を貴くしたまふ
ۋە ئەگەر ئۇلار كىشەنلەنگەن بولسا، جاپانىڭ ئاسارىتىگە تۇتۇلغان بولسا، | 8 |
もし彼ら鏈索に繋がれ 艱難の繩にかかる時は
ئۇنداقتا ئۇ ئۇلارغا قىلغانلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرىنى، يەنى ئۇلارنىڭ كۆرەڭلەپ كەتكەنلىكىنى ئۆزلىرىگە كۆرسەتكەن بولىدۇ. | 9 |
彼らの所行と愆尤とを示してその驕れるを知せ
شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇلاقلىرىنى تەربىيىگە ئېچىپ قويىدۇ، ئۇلارنى يامانلىقتىن قايتىشقا بۇيرۇيدۇ. | 10 |
彼らの耳を開きて教を容れしめ かつ惡を離れて歸れよと彼らに命じたまふ
ئۇلار قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭغا بويسۇنسىلا ئۇلار [قالغان] كۈنلىرىنى ئاۋاتچىلىقتا، يىللىرىنى خۇشلۇقتا ئۆتكۈزىدۇ. | 11 |
もし彼ら聽したがひて之に事へなば繁昌てその日を送り 樂しくその年を渉らん
بىراق ئۇلار قۇلاق سالمىسا، قىلىچلىنىپ دۇنيادىن كېتىدۇ، بىلىمسىز ھالدا نەپەستىن توختاپ قالىدۇ. | 12 |
若かれら聽したがはずば刀劍にて亡び 知識を得ずして死なん
بىراق كۆڭلىگە ئىپلاسلىقنى پۈككەنلەر يەنىلا ئاداۋەت ساقلايدۇ؛ ئۇ ئۇلارغا ئاسارەت چۈشۈرگەندىمۇ ئۇلار يەنىلا تىلاۋەت قىلمايدۇ. | 13 |
しかれども心の邪曲なる者等は忿怒を蓄はへ 神に縛しめらるるとも祈ることを爲ず
ئۇلار ياش تۇرۇپلا جان ئۈزىدۇ، ئۇلارنىڭ ھاياتى بەچچىۋازلار ئارىسىدا تۈگەيدۇ. | 14 |
かれらは年わかくして死亡せ 男娼とその生命をひとしうせん
بىراق ئۇ ئازاب تارتقۇچىلارنى ئازابلاردىن بولغان تەربىيە ئارقىلىق قۇتقۇزىدۇ، ئۇ ئۇلار خار بولغان ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ قۇلىقىنى ئاچىدۇ. | 15 |
神は艱難者を艱難によりて救ひ 之が耳を虐遇によりて開きたまふ
ئۇ شۇنداق قىلىپ سېنىمۇ ئازارنىڭ ئاغزىدىن قىستاڭچىلىقى يوق كەڭ بىر يەرگە جەلپ قىلغان بولاتتى؛ ئۇنداقتا داستىخىنىڭ مايغا تولدۇرۇلغان بولاتتى. | 16 |
然ば神また汝を狹きところより出して狹からぬ廣き所に移したまふあらん 而して汝の席に陳ぬる物は凡て肥たる物ならん
بىراق سەن ھازىر يامانلارغا قارىتىلغان تېگىشلىك جازالارغا تولدۇرۇلغانسەن؛ شۇڭا [خۇدانىڭ] ھۆكۈمى ھەم ئادالىتى سېنى تۇتۇۋالدى. | 17 |
今は惡人の鞫罰なんぢの身に充り 審判と公義となんぢを執ふ
غەزىپىڭنىڭ قايناپ كېتىشىنىڭ سېنى مازاققا باشلاپ قويۇشىدىن ھۇشيار بول؛ ئۇنداقتا ھەتتا زور كاپالەتمۇ سېنى قۇتقۇزالمايدۇ. | 18 |
なんぢ忿怒に誘はれて嘲笑に陷いらざるやう愼しめよ 收贖の大なるが爲に自ら誤るなかれ
ياكى بايلىقلىرىڭ، ياكى كۈچۈڭنىڭ زور تىرىشىشلىرى، ئۆزۈڭنى ئازاب-ئوقۇبەتتىن نېرى قىلالامدۇ؟ | 19 |
なんぢの號叫なんぢを艱難の中より出さんや 如何に力を盡すとも所益あらじ
كېچىگە ئۈمىد باغلىما، چۈنكى ئۇ چاغدا خەلق ئۆز ئورنىدىن يوقىلىپ كېتىدۇ. | 20 |
世の人のその處より絶る其夜を慕ふなかれ
ھۇشيار بول، ئەسكىلىككە بۇرۇلۇپ كەتمە؛ چۈنكى سەن [قەبىھلىكنى] دەردكە [سەۋر بولۇشنىڭ] ئورنىدا تاللىغانسەن. | 21 |
愼しみて惡に傾くなかれ 汝は艱難よりも寧ろ之を取んとせり
مانا، تەڭرى كۈچ-قۇدرىتى تۈپەيلىدىن ئۈستۈندۇر؛ ئۇنىڭدەك ئۆگەتكۈچى بارمۇ؟ | 22 |
それ神はその權能をもて大いなる事を爲したまふ 誰か能く彼のごとくに教晦を埀んや
كىم ئۇنىڭغا ماڭىدىغان يولنى بېكىتىپ بەرگەنىدى؟ ۋە ياكى ئۇنىڭغا: «يامان قىلدىڭ؟» دېيىشكە پېتىنالايدۇ؟ | 23 |
たれか彼のためにその道を定めし者あらんや 誰かなんぢは惡き事をなせりと言ふことを得ん
ئىنسانلار تەبرىكلەيدىغان خۇدانىڭ ئەمەللىرىنى ئۇلۇغلاشنى ئۇنتۇما! | 24 |
なんぢ神の御所爲を讚歎ふることを忘れざれ これ世の人の歌ひ崇むる所なり
ھەممە ئادەم ئۇلارنى كۆرگەندۇر؛ ئىنسان بالىلىرى يىراقتىن ئۇلارغا قاراپ تۇرىدۇ». | 25 |
人みな之を仰ぎ觀る 遠き方より人これを視たてまつるなり
« ــ بەرھەق، تەڭرى ئۇلۇغدۇر، بىز ئۇنى چۈشىنەلمەيمىز، ئۇنىڭ يىللىرىنىڭ سانىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغىلى بولمايدۇ. | 26 |
神は大なる者にいまして我儕かれを知たてまつらず その御年の數は計り知るべからず
چۈنكى ئۇ سۇنى تامچىلاردىن شۈمۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئۇلار پارغا ئايلىنىپ ئاندىن يامغۇر بولۇپ ياغىدۇ. | 27 |
かれ水を細にして引あげたまへば霧の中に滴り出て雨となるに
شۇنداق قىلىپ ئاسمانلار [يامغۇرلارنى] قۇيۇپ بېرىپ، ئىنسان بالىلىرى ئۈستىگە مولچىلىق ياغدۇرىدۇ. | 28 |
雲これを降せて人々の上に沛然に灌ぐなり
بىراق كىم بۇلۇتلارنىڭ توقۇلۇشىنى، ئۇنىڭ [ساماۋى] چېدىرىنىڭ گۈمبۈر-گۈمبۈر قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنەلىسۇن؟ | 29 |
たれか能く雲の舒展る所以またその幕屋の響く所以を了知んや
مانا، ئۇ چاقمىقى بىلەن ئەتراپىنى يورۇق قىلىدۇ، ھەتتا دېڭىز تەكتىنىمۇ يورۇق قىلىدۇ. | 30 |
視よ彼その光明を自己の周圍に繞らし また海の底をも蔽ひたまひ
ئۇ بۇلار ئارقىلىق خەلقلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ ھەم ئۇلار [ئارقىلىقمۇ] مول ئاشلىق بېرىدۇ. | 31 |
これらをもて民を鞫きまた是等をもて食物を豐饒に賜ひ
ئۇ قوللىرىنى چاقماق بىلەن تولدۇرىدۇ، ئۇنىڭغا ئۇرىدىغان نىشاننى بۇيرۇيدۇ. | 32 |
電光をもてその兩手を包みその電光に命じて敵を撃しめたまふ
[خۇدانىڭ] گۈلدۈرمامىسى ئۇنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ؛ ھەتتا كالىلارمۇ سېزىپ، ئۇنى ئېلان قىلىدۇ. | 33 |
その鳴聲かれを顯はし 家畜すらも彼の來ますを知らすなり