< ئايۇپ 35 >
ئېلىخۇ يەنىلا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
Élixu yenila jawab bérip mundaq dédi: —
«سەن مۇشۇ گېپىڭنى، يەنى «ھەققانىيلىقىم تەڭرىنىڭكىدىن ئۈستۈندۇر» دېگىنىڭنى توغرا دەپ قارامسەن؟ | 2 |
«Sen mushu gépingni, yeni «Heqqaniyliqim Tengriningkidin üstündur» déginingni toghra dep qaramsen?
شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن سەن: «ھەققانىيلىقنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى بولسۇن؟ گۇناھ قىلمىغىنىمنىڭ گۇناھ قىلغىنىمغا قارىغاندا ئارتۇقچىلىقى نەدە؟» دەپ سورىدىڭ. | 3 |
Shundaq bolghanliqi üchün sen: «Heqqaniyliqning manga néme paydisi bolsun? Gunah qilmighinimning gunah qilghinimgha qarighanda artuqchiliqi nede?» dep soriding.
ئۆزۈم سۆزلەر بىلەن ساڭا [جاۋاب بېرەي]، ساڭا ھەم سەن بىلەن بىللە بولغان ئۈلپەتلىرىڭگە جاۋاب بېرەي؛ | 4 |
Özüm sözler bilen sanga [jawab bérey], Sanga hem sen bilen bille bolghan ülpetliringge jawab bérey;
ئاسمانلارغا قاراپ باققىن؛ پەلەكتىكى بۇلۇتلارغا سەپسالغىن؛ ئۇلار سەندىن يۇقىرىدۇر. | 5 |
Asmanlargha qarap baqqin; Pelektiki bulutlargha sepsalghin; Ular sendin yuqiridur.
ئەگەر گۇناھ قىلغان بولساڭ، ئۇنداقتا تەڭرىگە قايسى زىيانكەشلىكنى قىلالايتتىڭ؟ جىنايەتلىرىڭ كۆپەيسىمۇ، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا قانداق زىيانلارنى سالالار ئىدىڭ؟ | 6 |
Eger gunah qilghan bolsang, undaqta Tengrige qaysi ziyankeshlikni qilalaytting? Jinayetliring köpeysimu, undaqta uninggha qandaq ziyanlarni salalar iding?
سەن ھەققانىي بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭغا نېمە بېرەلەيتتىڭ؟ ئۇ سېنىڭ قولۇڭدىن نېمىمۇ ئالار-ھە؟ | 7 |
Sen heqqaniy bolghan teqdirdimu, Uninggha néme béreleytting? U séning qolungdin némimu alar-he?
سېنىڭ ئەسكىلىكلىرىڭ پەقەت سەندەك بىر ئىنسانغىلا، ھەققانىيلىقىڭ بولسا پەقەت ئىنسان بالىلىرىغىلا تەسىر قىلىدۇ، خالاس. | 8 |
Séning eskilikliring peqet sendek bir insan’ghila, Heqqaniyliqing bolsa peqet insan balilirighila tesir qilidu, xalas.
ئادەملەر زۇلۇم كۆپىيىپ كەتكەنلىكىدىن يالۋۇرىدۇ؛ كۈچلۈكلەرنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن ئۇلار نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ. | 9 |
Ademler zulum köpiyip ketkenlikidin yalwuridu; Küchlüklerning bésimi tüpeylidin ular nale-peryad kötüridu.
بىراق ھېچكىم: «كېچىلەردە ئىنسانلارغا ناخشا ئاتا قىلغۇچى ياراتقۇچۇم تەڭرىنى نەدىن ئىزدىشىم كېرەك؟» دېمەيدۇ. | 10 |
Biraq héchkim: «Kéchilerde insanlargha naxsha ata qilghuchi yaratquchum Tengrini nedin izdishim kérek?» démeydu.
ئۇنىڭ بىزگە ئۆگىتىدىغىنى يەر-زېمىندىكى ھايۋانلارغا ئۆگىتىدىغىنىدىن كۆپ، ھەم ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ئۆگىتىدىغىنىدىن ئارتۇق ئەمەسمۇ؟ | 11 |
Uning bizge ögitidighini yer-zémindiki haywanlargha ögitidighinidin köp, Hem asmandiki uchar-qanatlargha ögitidighinidin artuq emesmu?
ئۇلار نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ، بىراق رەزىل ئادەملەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئۇنى خۇدا ئىجابەت قىلمايدۇ. | 12 |
Ular nale-peryad kötüridu, biraq rezil ademlerning hakawurluqining tesiri tüpeylidin, Uni Xuda ijabet qilmaydu.
بەرھەق، تەڭرى قۇرۇق دۇئاغا قۇلاق سالمىغان يەردە، ھەممىگە قادىر مۇشۇلارغا ئەھمىيەت بەرمىگەن يەردە، | 13 |
Berheq, Tengri quruq duagha qulaq salmighan yerde, Hemmige Qadir mushulargha ehmiyet bermigen yerde,
سەن: «مەن ئۇنى كۆرەلمەيمەن» دېسەڭ، [ئۇ قانداق قۇلاق سالسۇن]؟ دەۋايىڭ تېخى ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇنى كۈتۈپ تۇرغىن. | 14 |
Sen: «Men Uni körelmeymen» déseng, [U qandaq qulaq salsun]? Dewaying téxi Uning aldida turidu, Shunga Uni kütüp turghin.
بىراق ئۇ ھازىر [توۋا قىلىش پۇرسىتى بېرىپ]، ئۆز غەزىپىنى تېخى تۆكمىگەن ئەھۋالدا، ئايۇپ ئۆزىنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ | 15 |
Biraq U hazir [towa qilish pursiti bérip], Öz ghezipini téxi tökmigen ehwalda, Ayup özining tekebburluqini bilmemdighandu?
چۈنكى ئايۇپ قۇرۇق گەپ ئۈچۈن ئاغزىنى ئاچقان، ئۇ تۇتۇرۇقسىز سۆزلەرنى كۆپەيتكەن». | 16 |
Chünki Ayup quruq gep üchün aghzini achqan, U tuturuqsiz sözlerni köpeytken».