< ئايۇپ 33 >
«ئەمدىلىكتە، ئى ئايۇپ، بايانلىرىمغا قۇلاق سالغايسەن، سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلاپ چىققايسەن. | 1 |
Men hør nu Job, paa min Tale og lyt til alle mine Ord!
مانا ھازىر لەۋلىرىمنى ئاچتىم، ئاغزىمدا تىلىم گەپ قىلىدۇ. | 2 |
Se, jeg har aabnet min Mund, min Tunge taler i Ganen;
سۆزلىرىم كۆڭلۈمدەك دۇرۇس بولىدۇ، لەۋلىرىم ساپ بولغان تەلىمنى بايان قىلىدۇ. | 3 |
mine Ord er talt af oprigtigt Hjerte, mine Læber fører lutret Tale.
تەڭرىنىڭ روھى مېنى ياراتقان؛ ھەممىگە قادىرنىڭ نەپىسى مېنى جانلاندۇرىدۇ. | 4 |
Guds Aand har skabt mig, den Almægtiges Aande har givet mig Liv.
جاۋابىڭ بولسا، ماڭا رەددىيە بەرگىن؛ سۆزلىرىڭنى ئالدىمغا سەپكە قويۇپ جەڭگە تەييار تۇرغىن! | 5 |
Svar mig, i Fald du kan, rust dig imod mig, mød frem!
مانا، تەڭرى ئالدىدا مەن ساڭا ئوخشاش بەندىمەن؛ مەنمۇ لايدىن شەكىللەندۈرۈلۈپ ياسالغانمەن. | 6 |
Se, jeg er din Lige for Gud, ogsaa jeg er taget af Ler;
بەرھەق، مەن ساڭا ھېچ ۋەھىمە سالماقچى ئەمەسمەن، ۋە ياكى مەن سالغان يۈك ساڭا بېسىم بولمايدۇ. | 7 |
Rædsel for mig skal ikke skræmme dig, min Haand skal ej ligge tyngende paa dig.
سەن دەرۋەقە قۇلىقىمغا گەپ قىلدىڭكى، ئۆز ئاۋازىڭ بىلەن: ــ | 8 |
Dog, det har du sagt i mit Paahør, jeg hørte saa lydende Ord:
«مەن ھېچ ئىتائەتسىز بولماي پاك بولىمەن؛ مەن ساپ، مەندە ھېچ گۇناھ يوق... | 9 |
»Jeg er ren og uden Brøde, lydeløs, uden Skyld;
مانا، خۇدا مەندىن سەۋەب تېپىپ ھۇجۇم قىلىدۇ، ئۇ مېنى ئۆز دۈشمىنى دەپ قارايدۇ؛ | 10 |
men han søger Paaskud imod mig, regner mig for sin Fjende;
ئۇ پۇتلىرىمنى كىشەنلەرگە سالىدۇ، ھەممە يوللىرىمنى كۆزىتىپ يۈرىدۇ» ــ دېگەنلىكىڭنى ئاڭلىدىم. | 11 |
han lægger mine Fødder i Blokken, vogter paa alle mine Veje.«
مانا، مەن ساڭا جاۋاب بېرەيكى، بۇ ئىشتا گېپىڭ توغرا ئەمەس؛ چۈنكى تەڭرى ئىنساندىن ئۇلۇغدۇر. | 12 |
Se, der har du Uret, det er mit Svar, thi Gud er større end Mennesket.
سەن نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشىپ: ــ ئۇ ئۆزى قىلغان ئىشلىرى توغرۇلۇق ھېچ چۈشەنچە بەرمەيدۇ» دەپ يۈرىسەن؟ | 13 |
Hvorfor tvistes du med ham, fordi han ej svarer paa dine Ord?
چۈنكى تەڭرى ھەقىقەتەن گەپ قىلىدۇ؛ بىر قېتىم، ئىككى قېتىم، لېكىن ئىنسان بۇنى سەزمەيدۇ؛ | 14 |
Thi paa een Maade taler Gud, ja paa to, men man ænser det ikke:
چۈش كۆرگەندە، كېچىدىكى غايىبانە ئالامەتتە، ــ (قاتتىق ئۇيقۇ ئىنسانلارنى باسقاندا، ياكى ئورۇن-كۆرپىلىرىدە ئۈگدەك باسقاندا) ــ | 15 |
I Drømme, i natligt Syn, naar Dvale falder paa Mennesker, naar de slumrende hviler paa Lejet;
ــ شۇ چاغلاردا ئۇ ئىنسانلارنىڭ قۇلىقىنى ئاچىدۇ، ئۇ ئۇلارغا بەرگەن نەسىھەتنى [ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە] مۆھۈرلەيدۇ. | 16 |
da aabner han Menneskers Øre, gør dem angst med Skræmmebilleder
ئۇنىڭ مەقسىتى ئادەملەرنى [يامان] يولىدىن ياندۇرۇشتۇر، ئىنساننى تەكەببۇرلۇقتىن ساقلاشتۇر؛ | 17 |
for at faa Mennesket bort fra Uret og udrydde Hovmod af Manden,
بۇنىڭ بىلەن [خۇدا] ئادەمنىڭ جېنىنى كۆز يەتمەس ھاڭدىن ياندۇرۇپ، ساقلايدۇ، ئۇنىڭ ھاياتىنى قىلىچلىنىشتىن قوغدايدۇ. | 18 |
holde hans Sjæl fra Graven, hans Liv fra Vaabendød.
ياكى بولمىسا، ئۇ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىنىدا ئاغرىق بىلەن، سۆڭەكلىرىنى ئۆز-ئارا سوقۇشتۇرۇپ بىئارام قىلىش بىلەن، تەربىيە قىلىنىدۇ. | 19 |
Eller han revses med Smerter paa Lejet, uafbrudt staar der Kamp i hans Ben;
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى تائامدىن نەپرەتلىنىدۇ، ئۇنىڭ جېنى ھەرخىل نازۇ-نېمەتلەردىن قاچىدۇ. | 20 |
Livet i ham væmmes ved Brød og hans Sjæl ved lækker Mad;
ئۇنىڭ ئېتى كۆزدىن يوقىلىپ كېتىدۇ، ئەسلىدە كۆرۈنمەيدىغان سۆڭەكلىرى بۆرتۈپ چىقىدۇ. | 21 |
hans Kød svinder hen, saa det ikke ses, hans Knogler, som før ikke saas, bliver blottet;
بۇنىڭ بىلەن جېنى كۆز يەتمەس ھاڭغا يېقىن كېلىدۇ، ھاياتى ھالاك قىلغۇچى پەرىشتىلەرگە يېقىنلىشىدۇ؛ | 22 |
hans Sjæl kommer Graven nær, hans Liv de dræbende Magter.
بىراق، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپتە تۇرىدىغان كېلىشتۈرگۈچى بىر پەرىشتە بولسا، يەنى مىڭىنىڭ ئىچىدە بىرسى بولسا، ــ ئىنسان بالىسىغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان كېلىشتۈرگۈچى بولسا، | 23 |
Hvis da en Engel er paa hans Side, een blandt de tusind Talsmænd, som varsler Mennesket Tugt,
ئۇنداقتا [خۇدا] ئۇنىڭغا شەپقەت كۆرسىتىپ: «ئۇنى ھاڭدىن چۈشۈپ كېتىشتىن قۇتقۇزۇپ قويغىن، چۈنكى مەن نىجات-قۇتۇلۇشقا كاپالەت ئالدىم» ــ دەيدۇ. | 24 |
og den viser ham Naade og siger: »Fri ham fra at synke i Graven, Løsepenge har jeg faaet!«
بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەتلىرى بالىلىق ۋاقتىدىكىدىن يۇمران بولىدۇ؛ ئۇ ياشلىقىغا قايتىدۇ. | 25 |
da svulmer hans Legem af Friskhed, han oplever atter sin Ungdom.
ئۇ تەڭرىگە دۇئا قىلىدۇ، ئۇ شەپقەت قىلىپ ئۇنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇ خۇشال-خۇرام تەنتەنە قىلىپ ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرىدۇ، ھەمدە [خۇدا] ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئۆزىگە قايتۇرىدۇ. | 26 |
Han beder til Gud, og han er ham naadig, han skuer med Jubel hans Aasyn, fortæller Mennesker om sin Frelse.
ئۇ ئادەملەر ئالدىدا كۈي ئېيتىپ: ــ «مەن گۇناھ قىلدىم، توغرا يولنى بۇرمىلىغانمەن، بىراق تېگىشلىك جازا ماڭا بېرىلمىدى! | 27 |
Han synger det ud for Folk: »Jeg synded og krænkede Retten og fik dog ej Løn som forskyldt!
ئۇ روھىمنى ھاڭغا چۈشۈشتىن قۇتقۇزدى، جېنىم نۇرنى ھۇزۇرلىنىپ كۆرىدۇ» ــ دەيدۇ. | 28 |
Han har friet min Sjæl fra at fare i Grav, mit Liv ser Lyset med Lyst!«
مانا، بۇ ئەمەللەرنىڭ ھەممىسىنى تەڭرى ئادەمنى دەپ، ئىككى ھەتتا ئۈچ مەرتەم ئايان قىلىدۇ، | 29 |
Se, alle disse Ting gør Gud to Gange, ja tre med Mennesket
مەقسىتى ئۇنىڭ جېنىنى ھاڭدىن ياندۇرۇپ قۇتقۇزۇشتۇر، ئۇنى ھاياتلىق نۇرى بىلەن يورۇتۇش ئۈچۈندۇر. | 30 |
for at redde hans Sjæl fra Graven, saa han skuer Livets Lys!
ئى ئايۇپ، ماڭا قۇلاق سالغايسەن؛ ئۈنۈڭنى چىقارما، مەن يەنە سۆز قىلاي. | 31 |
Lyt til og hør mig, Job, ti stille, saa jeg kan tale!
ئەگەر سۆزلىرىڭ بولسا، ماڭا جاۋاب قىلىۋەرگىن؛ سۆزلىگىن! چۈنكى ئىمكانىيەت بولسىلا مېنىڭ سېنى ئاقلىغۇم بار. | 32 |
Har du noget at sige, saa svar mig, tal, thi gerne gav jeg dig Ret;
بولمىسا، مېنىڭكىنى ئاڭلاپ ئولتۇر؛ سۈكۈت قىلغىن، مەن ساڭا دانالىقنى ئۆگىتىپ قوياي». | 33 |
hvis ikke, saa høre du paa mig, ti stille, at jeg kan lære dig Visdom!