شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچ كىشى ئايۇپقا جاۋاب بېرىشتىن توختىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئايۇپنىڭ قارىشىدا ئۆزىنى ھەققانىي دەپ تونۇيدىغانلىقىنى بىلدى. | 1 |
וַֽיִּשְׁבְּת֡וּ שְׁלֹ֤שֶׁת הָאֲנָשִׁ֣ים הָ֭אֵלֶּה מֵעֲנֹ֣ות אֶת־אִיֹּ֑וב כִּ֤י ה֖וּא צַדִּ֣יק בְּעֵינָֽיו׃ פ |
ئاندىن بۇزىلىق رامنىڭ ئائىلىسىدىن بولغان باراخەلنىڭ ئوغلى ئېلىخۇ ئىسىملىك يىگىتنىڭ غەزىپى قوزغالدى؛ ئۇنىڭ غەزىپى ئايۇپقا قارىتا قوزغالدى، چۈنكى ئۇ خۇدانى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى توغرا ھېسابلىغانىدى؛ | 2 |
וַיִּ֤חַר אַ֨ף ׀ אֱלִיה֣וּא בֶן־בַּרַכְאֵ֣ל הַבּוּזִי֮ מִמִּשְׁפַּ֪חַ֫ת רָ֥ם בְּ֭אִיֹּוב חָרָ֣ה אַפֹּ֑ו עַֽל־צַדְּקֹ֥ו נַ֝פְשֹׁ֗ו מֵאֱלֹהִֽים׃ |
ئۇنىڭ غەزىپى ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستلىرىغىمۇ قارىتىلدى، چۈنكى ئۇلار ئايۇپقا رەددىيە بەرگۈدەك سۆز تاپالماي تۇرۇپ، يەنىلا ئۇنى گۇناھكار دەپ بېكىتكەنىدى. | 3 |
וּבִשְׁלֹ֣שֶׁת רֵעָיו֮ חָרָ֪ה אַ֫פֹּ֥ו עַ֤ל אֲשֶׁ֣ר לֹא־מָצְא֣וּ מַעֲנֶ֑ה וַ֝יַּרְשִׁ֗יעוּ אֶת־אִיֹּֽוב׃ |
بىراق ئېلىخۇ بولسا ئايۇپقا جاۋاب بېرىشنى كۈتكەنىدى، چۈنكى بۇ تۆتەيلەننىڭ كۆرگەن كۈنلىرى ئۆزىدىن كۆپ ئىدى. | 4 |
וֶֽאֱלִיה֗וּ חִכָּ֣ה אֶת־אִ֭יֹּוב בִּדְבָרִ֑ים כִּ֤י זְֽקֵנִים־הֵ֖מָּה מִמֶּ֣נּוּ לְיָמִֽים׃ |
ئېلىخۇ بۇ ئۈچ دوستنىڭ ئاغزىدا ھېچقانداق جاۋابى يوقلۇقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ غەزىپى قوزغالدى. | 5 |
וַיַּ֤רְא אֱלִיה֗וּא כִּ֘י אֵ֤ין מַעֲנֶ֗ה בְּ֭פִי שְׁלֹ֥שֶׁת הָאֲנָשִׁ֗ים וַיִּ֥חַר אַפֹּֽו׃ פ |
شۇنىڭ بىلەن بۇزىلىق باراخەلنىڭ ئوغلى ئېلىخۇ ئېغىز ئېچىپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ «مەن بولسام ياش، سىلەر بولساڭلار ياشانغانسىلەر؛ شۇنداق بولغاچقا مەن تارتىنىپ، بىلگەنلىرىمنى سىلەرگە ئايان قىلىشتىن قورقۇپ كەلدىم. | 6 |
וַיַּ֤עַן ׀ אֱלִיה֖וּא בֶן־בַּֽרַכְאֵ֥ל הַבּוּזִ֗י וַיֹּ֫אמַ֥ר צָ֘עִ֤יר אֲנִ֣י לְ֭יָמִים וְאַתֶּ֣ם יְשִׁישִׁ֑ים עַל־כֵּ֖ן זָחַ֥לְתִּי וָֽאִירָ֓א ׀ מֵחַוֹּ֖ת דֵּעִ֣י אֶתְכֶֽם׃ |
مەن: «يېشى چوڭ بولغانلار [ئاۋۋال] سۆزلىشى كېرەك؛ يىللار كۆپەيسە، ئادەمگە دانالىقنى ئۆگىتىدۇ»، دەپ قارايتتىم؛ | 7 |
אָ֭מַרְתִּי יָמִ֣ים יְדַבֵּ֑רוּ וְרֹ֥ב שָׁ֝נִ֗ים יֹדִ֥יעוּ חָכְמָֽה׃ |
بىراق ھەربىر ئىنساندا روھ بار؛ ھەممىگە قادىرنىڭ نەپىسى ئۇنى ئەقىل-ئىدراكلىق قىلىپ يورۇتىدۇ. | 8 |
אָ֭כֵן רֽוּחַ־הִ֣יא בֶאֱנֹ֑ושׁ וְנִשְׁמַ֖ת שַׁדַּ֣י תְּבִינֵֽם׃ |
لېكىن چوڭلارنىڭ دانا بولۇشى ناتايىن؛ قېرىلارنىڭ توغرا ھۆكۈم چىقارالىشىمۇ ناتايىن. | 9 |
לֹֽא־רַבִּ֥ים יֶחְכָּ֑מוּ וּ֝זְקֵנִ֗ים יָבִ֥ינוּ מִשְׁפָּֽט׃ |
شۇڭا مەن: «ماڭا قۇلاق سېلىڭلار» دەيمەن، مەنمۇ ئۆز بىلگىنىمنى بايان ئەيلەي. | 10 |
לָכֵ֣ן אָ֭מַרְתִּי שִׁמְעָה־לִּ֑י אֲחַוֶּ֖ה דֵּעִ֣י אַף־אָֽנִי׃ |
مانا، سىلەر توغرا سۆزلەرنى ئىزدەپ يۈرگىنىڭلاردا، مەن سۆزلىرىڭلارنى كۈتكەنمەن؛ سىلەرنىڭ مۇنازىرەڭلارغا قۇلاق سالاتتىم؛ | 11 |
הֵ֤ן הֹוחַ֨לְתִּי לְֽדִבְרֵיכֶ֗ם אָ֭זִין עַד־תְּב֥וּנֹֽתֵיכֶ֑ם עַֽד־תַּחְקְר֥וּן מִלִּֽין׃ |
شۇنداق، سىلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن قۇلاق سالدىم؛ بىراق سىلەردىن ھېچقايسىڭلار ئايۇپقا رەددىيە بەرمىدىڭلار، ھېچقايسىڭلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە جاۋاب بېرەلمىدىڭلاركى، | 12 |
וְעָֽדֵיכֶ֗ם אֶתְבֹּ֫ונָ֥ן וְהִנֵּ֤ה אֵ֣ין לְאִיֹּ֣וב מֹוכִ֑יחַ עֹונֶ֖ה אֲמָרָ֣יו מִכֶּֽם׃ |
سىلەر: «ھەقىقەتەن دانالىق تاپتۇق!» دېيەلمەيسىلەر؛ ئىنسان ئەمەس، بەلكى تەڭرى ئۇنىڭغا رەددىيە قىلىدۇ. | 13 |
פֶּן־תֹּ֣֭אמְרוּ מָצָ֣אנוּ חָכְמָ֑ה אֵ֖ל יִדְּפֶ֣נּוּ לֹא־אִֽישׁ׃ |
ئۇنىڭ جەڭگە تىزىلغان ھۇجۇم سۆزلىرى ماڭا قارىتىلغان ئەمەس؛ ھەم مەن بولسام سىلەرنىڭ گەپلىرىڭلار بويىچە ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەيمەن | 14 |
וְלֹא־עָרַ֣ךְ אֵלַ֣י מִלִּ֑ין וּ֝בְאִמְרֵיכֶ֗ם לֹ֣א אֲשִׁיבֶֽנּוּ׃ |
(بۇ ئۈچەيلەن ھەيرانۇھەس بولۇپ، قايتا جاۋاب بېرىشمىدى؛ ھەممە سۆز ئۇلاردىن ئۇچۇپ كەتتى. | 15 |
חַ֭תּוּ לֹא־עָ֣נוּ עֹ֑וד הֶעְתִּ֖יקוּ מֵהֶ֣ם מִלִּֽים׃ |
مەن كۈتۈپ تۇراتتىم، چۈنكى ئۇلار گەپ قىلمىدى، بەلكى جىمجىت ئۆرە تۇرۇپ قايتا جاۋاب بەرمىدى)؛ | 16 |
וְ֭הֹוחַלְתִּי כִּי־לֹ֣א יְדַבֵּ֑רוּ כִּ֥י עָ֝מְד֗וּ לֹא־עָ֥נוּ עֹֽוד׃ |
ئەمدى ئۆزۈمنىڭ نۆۋىتىدە مەن جاۋاب بېرەي، مەنمۇ بىلگىنىمنى كۆرسىتىپ بېرەي. | 17 |
אַעֲנֶ֣ה אַף־אֲנִ֣י חֶלְקִ֑י אֲחַוֶּ֖ה דֵעִ֣י אַף־אָֽנִי׃ |
چۈنكى دەيدىغان سۆزلىرىم لىق تولدى؛ ئىچىمدىكى روھ ماڭا تۈرتكە بولدى؛ | 18 |
כִּ֭י מָלֵ֣תִי מִלִּ֑ים הֱ֝צִיקַ֗תְנִי ר֣וּחַ בִּטְנִֽי׃ |
مانا، قورسىقىم ئېچىلمىغان شاراب تۇلۇمىغا ئوخشايدۇ؛ يېڭى شاراب تۇلۇملىرى پارتلاپ كېتىدىغاندەك پارتلايدىغان بولدى. | 19 |
הִנֵּֽה־בִטְנִ֗י כְּיַ֥יִן לֹא־יִפָּתֵ֑חַ כְּאֹבֹ֥ות חֲ֝דָשִׁ֗ים יִבָּקֵֽעַ׃ |
شۇڭا مەن سۆز قىلىپ ئىچىمنى بوشىتاي؛ مەن لەۋلىرىمنى ئېچىپ جاۋاب بېرەي. | 20 |
אֲדַבְּרָ֥ה וְיִֽרְוַֽח־לִ֑י אֶפְתַּ֖ח שְׂפָתַ֣י וְאֶֽעֱנֶֽה׃ |
مەن ھېچكىمگە يۈز-خاتىرە قىلمايمەن؛ ۋە ياكى ھېچ ئادەمگە خۇشامەت قىلمايمەن. | 21 |
אַל־נָ֭א אֶשָּׂ֣א פְנֵי־אִ֑ישׁ וְאֶל־אָ֝דָ֗ם לֹ֣א אֲכַנֶּֽה׃ |
مەن خۇشامەت قىلىشنى ئۆگەنمىگەنمەن؛ ئۇنداق بولىدىغان بولسا، ياراتقۇچۇم چوقۇم تېزلا مېنى ئېلىپ كېتىدۇ». | 22 |
כִּ֤י לֹ֣א יָדַ֣עְתִּי אֲכַנֶּ֑ה כִּ֝מְעַ֗ט יִשָּׂאֵ֥נִי עֹשֵֽׂנִי׃ |