< ئايۇپ 31 >
«مەن كۆزۈم بىلەن ئەھدىلەشكەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قانداقمۇ قىزلارغا ھەۋەس قىلىپ كۆز تاشلاپ يۈرەي؟ | 1 |
I made a covenant with mine eyes; how then should I look upon a maid?
ئۇنداق قىلسام ئۈستۈمدىكى تەڭرىدىن ئالىدىغان نېسىۋەم نېمە بولار؟ ھەممىگە قادىردىن ئالىدىغان مىراسىم نېمە بولار؟ | 2 |
For what would be the portion of God from above, and the heritage of the Almighty from on high?
بۇ گۇناھنىڭ نەتىجىسى ھەققانىيسىزلارغا بالا-قازا ئەمەسمۇ؟ قەبىھلىك قىلغانلارغا كۈلپەت ئەمەسمۇ؟ | 3 |
Is it not calamity to the unrighteous, and disaster to the workers of iniquity?
ئۇ مېنىڭ يوللىرىمنى كۆرۈپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ ھەربىر قەدەملىرىمنى ساناپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ | 4 |
Doth not He see my ways, and count all my steps?
ئەگەر ساختىلىققا ھەمراھ بولۇپ ماڭغان بولسامئىدى! ئەگەر پۇتۇم ئالدامچىلىق بىلەن بىللە بولۇشقا ئالدىرىغان بولسا، | 5 |
If I have walked with vanity, and my foot hath hasted to deceit —
(مەن ئادىللىق مىزانىغا قويۇلغان بولسامئىدى! ئۇنداقتا تەڭرى ئەيىبسىزلىكىمدىن خەۋەر ئالالايتتى!) | 6 |
Let me be weighed in a just balance, that God may know mine integrity —
ئەگەر قەدىمىم يولدىن چىققان بولسا، كۆڭلۈم كۆزۈمگە ئەگىشىپ ماڭغان بولسا، ئەگەر قولۇمغا ھەرقانداق داغ چاپلاشقان بولسا، | 7 |
If my step hath turned out of the way, and my heart walked after mine eyes, and if any spot hath cleaved to my hands;
ئۇنداقتا مەن تېرىغاننى باشقا بىرسى يېسۇن! بىخلىرىم يۇلۇنۇپ تاشلىۋېتىلسۇن! | 8 |
Then let me sow, and let another eat; yea, let the produce of my field be rooted out.
ئەگەر قەلبىم مەلۇم بىر ئايالدىن ئازدۇرۇلغان بولسا، شۇ نىيەتتە قوشنامنىڭ ئىشىك ئالدىدا پايلاپ تۇرغان بولسام، | 9 |
If my heart have been enticed unto a woman, and I have lain in wait at my neighbour's door;
ئۆز ئايالىم باشقىلارنىڭ تۈگمىنىنى تارتىدىغان كۈنگە قالسۇن، باشقىلار ئۇنى ئاياق ئاستى قىلسۇن. | 10 |
Then let my wife grind unto another, and let others bow down upon her.
چۈنكى بۇ ئەشەددىي نومۇسلۇق گۇناھتۇر؛ ئۇ سوراقچىلار تەرىپىدىن جازالىنىشى كېرەكتۇر. | 11 |
For that were a heinous crime; yea, it were an iniquity to be punished by the judges.
[بۇ گۇناھ] بولسا ئادەمنى ھالاك قىلغۇچى ئوتتۇر؛ ئۇ مېنىڭ بارلىق تاپقانلىرىمنى يۇلۇپ ئالغان بولاتتى. | 12 |
For it is a fire that consumeth unto destruction, and would root out all mine increase.
ئەگەر قۇلۇمنىڭ ياكى دېدىكىمنىڭ ماڭا قارىتا ئەرزى بولغان بولسا، ئۇلارنىڭ دەۋاسىنى كۆزۈمگە ئىلمىغان بولسام، | 13 |
If I did despise the cause of my man-servant, or of my maid-servant, when they contended with me —
ئۇنداقتا تەڭرى مېنى سوراققا تارتىشقا ئورنىدىن تۇرغاندا قانداق قىلىمەن؟ ئەگەر ئۇ مەندىن سوئال-سوراق ئالىمەن دەپ كەلسە، مەن ئۇنىڭغا قانداق جاۋاب بېرىمەن؟ | 14 |
What then shall I do when God riseth up? And when He remembereth, what shall I answer Him?
مېنى بالىياتقۇدا ئاپىرىدە قىلغۇچى ئۇلارنىمۇ ئاپىرىدە قىلغان ئەمەسمۇ. مەن بىلەن ئۇ ئىككىمىزنى ئانىلىرىمىزنىڭ بالىياتقۇسىدا تۆرەلدۈرگۈچى بىر ئەمەسمۇ؟ | 15 |
Did not He that made me in the womb make him? And did not One fashion us in the womb?
ئەگەر مىسكىنلەرنى ئۆز ئارزۇ-ئۈمىدلىرىدىن توسقان بولسام، ئەگەر تۇل خوتۇننىڭ كۆز نۇرىنى قاراڭغۇلاشتۇرغان بولسام، | 16 |
If I have withheld aught that the poor desired, or have caused the eyes of the widow to fail;
ياكى ئۆزۈمنىڭ بىر چىشلەم نېنىمنى يالغۇز يېگەن بولسام، ئۇنى يېتىم-يېسىر بىلەن بىللە يېمىگەن بولسام | 17 |
Or have eaten my morsel myself alone, and the fatherless hath not eaten thereof —
(ئەمەلىيەتتە ياش ۋاقتىمدىن تارتىپ ئوغلى ئاتا بىلەن بىللە بولغاندەك ئۇمۇ مەن بىلەن بىللە تۇرغانىدى، ئاپامنىڭ قورسىقىدىن چىققاندىن تارتىپلا تۇل خوتۇننىڭ يۆلەنچۈكى بولۇپ كەلدىم)، | 18 |
Nay, from my youth he grew up with me as with a father, and I have been her guide from my mother's womb.
ئەگەر كىيىم-كېچەك كەملىكىدىن ھالاك بولاي دېگەن بىرىگە، ياكى چاپانسىز بىر يوقسۇلغا قاراپ ئولتۇرغان بولسام، | 19 |
If I have seen any wanderer in want of clothing, or that the needy had no covering;
ئەگەر ئۇنىڭ بەللىرى [كىيىمسىز قېلىپ] ماڭا بەخت تىلىمىگەن بولسا، ئەگەر ئۇ قوزىلىرىمنىڭ يۇڭىدا ئىسسىنمىغان بولسا، | 20 |
If his loins have not blessed me, and if he were not warmed with the fleece of my sheep;
ئەگەر شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا «[ھۆكۈم چىقارغانلار ئارىسىدا] مېنىڭ يۆلەنچۈكۈم بار» دەپ، يېتىم-يېسىرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا قول كۆتۈرگەن بولسام، | 21 |
If I have lifted up my hand against the fatherless, because I saw my help in the gate;
ئۇنداقتا مۈرەم تاغىقىدىن ئاجرىلىپ چۈشسۇن! بىلىكىم ئۈگىسىدىن سۇنۇپ كەتسۇن! | 22 |
Then let my shoulder fall from the shoulder-blade, and mine arm be broken from the bone.
چۈنكى تەڭرى چۈشۈرگەن بالايىئاپەت مېنى قورقۇنچقا سالماقتا ئىدى، ئۇنىڭ ھەيۋىتىدىن ئۇنداق ئىشلارنى قەتئىي قىلالمايتتىم. | 23 |
For calamity from God was a terror to me, and by reason of His majesty I could do nothing.
ئەگەر ئالتۇنغا ئىشىنىپ ئۇنى ئۆز تايانچىم قىلغان بولسام، ياكى ساپ ئالتۇنغا: «يۆلەنچۈكۈمسەن!» دېگەن بولسام، | 24 |
If I have made gold my hope, and have said to the fine gold: 'Thou art my confidence';
ئەگەر بايلىقلىرىم زور بولغانلىقىدىن، ياكى قولۇم ئالغان غەنىيمەتتىن شادلىنىپ كەتكەن بولسام، | 25 |
If I rejoiced because my wealth was great, and because my hand had gotten much;
ئەگەر مەن قۇياشنىڭ جۇلاسىنى چاچقانلىقىنى كۆرۈپ، ياكى ئاينىڭ ئايدىڭدا ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، | 26 |
If I beheld the sun when it shined, or the moon walking in brightness;
كۆڭلۈم ئاستىرتىن ئازدۇرۇلغان بولسا، شۇنداقلا [بۇلارغا چوقۇنۇپ] ئاغزىم قولۇمنى سۆيگەن بولسا، | 27 |
And my heart hath been secretly enticed, and my mouth hath kissed my hand;
بۇمۇ سوراقچى ئالدىدا گۇناھ دەپ ھېسابلىناتتى، چۈنكى شۇنداق قىلغان بولسام مەن يۇقىرىدا تۇرغۇچى تەڭرىگە ۋاپاسىزلىق قىلغان بولاتتىم. | 28 |
This also were an iniquity to be punished by the judges; for I should have lied to God that is above.
ئەگەر ماڭا نەپرەتلەنگەن كىشىنىڭ ھالاكىتىگە قارىغىنىمدا شادلىنىپ كەتكەن بولسام، بېشىغا كۈلپەت چۈشكەنلىكىدىن خۇشال بولغان بولسام ــ | 29 |
If I rejoiced at the destruction of him that hated me, or exulted when evil found him —
(ئەمەلىيەتتە ئۇ تۈگەشسۇن دەپ قارغاپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەپ ئاغزىمنى گۇناھ ئۆتكۈزۈشكە يول قويمىغانمەن) | 30 |
Yea, I suffered not my mouth to sin by asking his life with a curse.
ئەگەر چېدىرىمدىكىلەر مەن توغرۇلۇق: «خوجايىنىمىزنىڭ داستىخىنىدىن يەپ تويۇنمىغان قېنى كىم بار؟» دېمىگەن بولسا، | 31 |
If the men of my tent said not: 'Who can find one that hath not been satisfied with his meat?'
(مۇساپىرلاردىن كوچىدا قالغىنى ئەزەلدىن يوقتۇر؛ چۈنكى ئىشىكىمنى ھەردائىم يولۇچىلارغا ئېچىپ كەلگەنمەن) | 32 |
The stranger did not lodge in the street; my doors I opened to the roadside.
ئەگەر ئادەمئاتىمىزدەك ئىتائەتسىزلىكلىرىمنى ياپقان، قەبىھلىكىمنى كۆڭلۈمگە يوشۇرغان بولسام، | 33 |
If after the manner of men I covered my transgressions, by hiding mine iniquity in my bosom —
ھەمدە شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل خالايىق ئالدىدا ئۇنىڭ ئاشكارىلىنىشىدىن قورقۇپ يۈرگەن بولسام، جەمئىيەتنىڭ كەمسىتىشلىرى ماڭا ۋەھىمە قىلغان بولسا، شۇنىڭ بىلەن مەن تالاغا چىقماي يۈرگەن بولسام،... | 34 |
Because I feared the great multitude, and the most contemptible among families terrified me, so that I kept silence, and went not out of the door.
ــ ئاھ، ماڭا قۇلاق سالغۇچى بىرسى بولسىدى! مانا، ئىمزايىمنى قويۇپ بېرەي؛ ھەممىگە قادىر ماڭا جاۋاب بەرسۇن! رەقىبىم مېنىڭ ئۈستۈمدىن ئەرز يازسۇن! | 35 |
Oh that I had one to hear me! — Lo, here is my signature, let the Almighty answer me — and that I had the indictment which mine adversary hath written!
شۇ ئەرزنى زىممەمگە ئارتاتتىم ئەمەسمۇ؟ چوقۇم تاجلاردەك بېشىمغا كىيىۋالاتتىم. | 36 |
Surely I would carry it upon my shoulder; I would bind it unto me as a crown.
مەن ئۇنىڭغا قەدەملىرىمنىڭ پۈتۈن سانىنى ھېسابلاپ بېرەتتىم؛ شاھزادىدەك مەن ئۇنىڭ ئالدىغا باراتتىم. | 37 |
I would declare unto him the number of my steps; as a prince would I go near unto him.
ئەگەر ئۆز ئېتىزلىرىم ماڭا قارشى گۇۋاھ بولۇپ چۇقان كۆتۈرسە، ئۇنىڭ چۈنەكلىرى بىلەن بىرگە يىغلاشسا، | 38 |
If my land cry out against me, and the furrows thereof weep together;
چۈنكى چىقارغان مېۋىسىنى ھەق تۆلىمەي يېگەن بولسام، ھۆددىگەرلەرنى ھالسىزلاندۇرۇپ نەپىسىنى توختاتقان بولسام، | 39 |
If I have eaten the fruits thereof without money, or have caused the tillers thereof to be disappointed —
ئۇنداقتا بۇغداينىڭ ئورنىدا شۇمبۇيا ئۆسسۇن! ئارپىنىڭ ئورنىدا مەستەك ئۆسسۇن. مانا شۇنىڭ بىلەن [مەن] ئايۇپنىڭ سۆزلىرى تامام ۋەسسالام!» | 40 |
Let thistles grow instead of wheat, and noisome weeds instead of barley. The words of Job are ended.