< ئايۇپ 31 >

«مەن كۆزۈم بىلەن ئەھدىلەشكەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قانداقمۇ قىزلارغا ھەۋەس قىلىپ كۆز تاشلاپ يۈرەي؟ 1
I made a covenant with mine eyes; and how should I fix my regard upon a maid?
ئۇنداق قىلسام ئۈستۈمدىكى تەڭرىدىن ئالىدىغان نېسىۋەم نېمە بولار؟ ھەممىگە قادىردىن ئالىدىغان مىراسىم نېمە بولار؟ 2
For what would have been [my] portion of God from above, and what the heritage of the Almighty from on high?
بۇ گۇناھنىڭ نەتىجىسى ھەققانىيسىزلارغا بالا-قازا ئەمەسمۇ؟ قەبىھلىك قىلغانلارغا كۈلپەت ئەمەسمۇ؟ 3
Is not calamity for the unrighteous? and misfortune for the workers of iniquity?
ئۇ مېنىڭ يوللىرىمنى كۆرۈپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ ھەربىر قەدەملىرىمنى ساناپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ 4
Doth not he see my ways, and number all my steps?
ئەگەر ساختىلىققا ھەمراھ بولۇپ ماڭغان بولسامئىدى! ئەگەر پۇتۇم ئالدامچىلىق بىلەن بىللە بولۇشقا ئالدىرىغان بولسا، 5
If I have walked with falsehood, and my foot hath hasted to deceit,
(مەن ئادىللىق مىزانىغا قويۇلغان بولسامئىدى! ئۇنداقتا تەڭرى ئەيىبسىزلىكىمدىن خەۋەر ئالالايتتى!) 6
(Let me be weighed in an even balance, and God will take knowledge of my blamelessness; )
ئەگەر قەدىمىم يولدىن چىققان بولسا، كۆڭلۈم كۆزۈمگە ئەگىشىپ ماڭغان بولسا، ئەگەر قولۇمغا ھەرقانداق داغ چاپلاشقان بولسا، 7
If my step have turned out of the way, and my heart followed mine eyes, and if any blot cleaveth to my hands;
ئۇنداقتا مەن تېرىغاننى باشقا بىرسى يېسۇن! بىخلىرىم يۇلۇنۇپ تاشلىۋېتىلسۇن! 8
Let me sow, and another eat; and let mine offspring be rooted out.
ئەگەر قەلبىم مەلۇم بىر ئايالدىن ئازدۇرۇلغان بولسا، شۇ نىيەتتە قوشنامنىڭ ئىشىك ئالدىدا پايلاپ تۇرغان بولسام، 9
If my heart have been enticed unto a woman, so that I laid wait at my neighbour's door,
ئۆز ئايالىم باشقىلارنىڭ تۈگمىنىنى تارتىدىغان كۈنگە قالسۇن، باشقىلار ئۇنى ئاياق ئاستى قىلسۇن. 10
Let my wife grind for another, and let others bow down upon her.
چۈنكى بۇ ئەشەددىي نومۇسلۇق گۇناھتۇر؛ ئۇ سوراقچىلار تەرىپىدىن جازالىنىشى كېرەكتۇر. 11
For this is an infamy; yea, it is an iniquity [to be judged by] the judges:
[بۇ گۇناھ] بولسا ئادەمنى ھالاك قىلغۇچى ئوتتۇر؛ ئۇ مېنىڭ بارلىق تاپقانلىرىمنى يۇلۇپ ئالغان بولاتتى. 12
For it is a fire that consumeth to destruction, and would root out all mine increase.
ئەگەر قۇلۇمنىڭ ياكى دېدىكىمنىڭ ماڭا قارىتا ئەرزى بولغان بولسا، ئۇلارنىڭ دەۋاسىنى كۆزۈمگە ئىلمىغان بولسام، 13
If I have despised the cause of my bondman or of my bondmaid, when they contended with me,
ئۇنداقتا تەڭرى مېنى سوراققا تارتىشقا ئورنىدىن تۇرغاندا قانداق قىلىمەن؟ ئەگەر ئۇ مەندىن سوئال-سوراق ئالىمەن دەپ كەلسە، مەن ئۇنىڭغا قانداق جاۋاب بېرىمەن؟ 14
What then should I do when God riseth up? and if he visited, what should I answer him?
مېنى بالىياتقۇدا ئاپىرىدە قىلغۇچى ئۇلارنىمۇ ئاپىرىدە قىلغان ئەمەسمۇ. مەن بىلەن ئۇ ئىككىمىزنى ئانىلىرىمىزنىڭ بالىياتقۇسىدا تۆرەلدۈرگۈچى بىر ئەمەسمۇ؟ 15
Did not he that made me in the womb make him? and did not One fashion us in the womb?
ئەگەر مىسكىنلەرنى ئۆز ئارزۇ-ئۈمىدلىرىدىن توسقان بولسام، ئەگەر تۇل خوتۇننىڭ كۆز نۇرىنى قاراڭغۇلاشتۇرغان بولسام، 16
If I have withheld the poor from [their] desire, or caused the eyes of the widow to fail;
ياكى ئۆزۈمنىڭ بىر چىشلەم نېنىمنى يالغۇز يېگەن بولسام، ئۇنى يېتىم-يېسىر بىلەن بىللە يېمىگەن بولسام 17
Or have eaten my morsel alone, so that the fatherless ate not thereof,
(ئەمەلىيەتتە ياش ۋاقتىمدىن تارتىپ ئوغلى ئاتا بىلەن بىللە بولغاندەك ئۇمۇ مەن بىلەن بىللە تۇرغانىدى، ئاپامنىڭ قورسىقىدىن چىققاندىن تارتىپلا تۇل خوتۇننىڭ يۆلەنچۈكى بولۇپ كەلدىم)، 18
(For from my youth he grew up with me as with a father, and I have guided the [widow] from my mother's womb; )
ئەگەر كىيىم-كېچەك كەملىكىدىن ھالاك بولاي دېگەن بىرىگە، ياكى چاپانسىز بىر يوقسۇلغا قاراپ ئولتۇرغان بولسام، 19
If I have seen any perishing for want of clothing, or any needy without covering;
ئەگەر ئۇنىڭ بەللىرى [كىيىمسىز قېلىپ] ماڭا بەخت تىلىمىگەن بولسا، ئەگەر ئۇ قوزىلىرىمنىڭ يۇڭىدا ئىسسىنمىغان بولسا، 20
If his loins have not blessed me, and if he were not warmed with the fleece of my lambs;
ئەگەر شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا «[ھۆكۈم چىقارغانلار ئارىسىدا] مېنىڭ يۆلەنچۈكۈم بار» دەپ، يېتىم-يېسىرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا قول كۆتۈرگەن بولسام، 21
If I have lifted up my hand against an orphan, because I saw my help in the gate:
ئۇنداقتا مۈرەم تاغىقىدىن ئاجرىلىپ چۈشسۇن! بىلىكىم ئۈگىسىدىن سۇنۇپ كەتسۇن! 22
[Then] let my shoulder fall from the shoulder-blade, and mine arm be broken from the bone!
چۈنكى تەڭرى چۈشۈرگەن بالايىئاپەت مېنى قورقۇنچقا سالماقتا ئىدى، ئۇنىڭ ھەيۋىتىدىن ئۇنداق ئىشلارنى قەتئىي قىلالمايتتىم. 23
For calamity from God was a terror to me, and by reason of his excellency I was powerless.
ئەگەر ئالتۇنغا ئىشىنىپ ئۇنى ئۆز تايانچىم قىلغان بولسام، ياكى ساپ ئالتۇنغا: «يۆلەنچۈكۈمسەن!» دېگەن بولسام، 24
If I have made gold my hope, or said to the fine gold, My confidence!
ئەگەر بايلىقلىرىم زور بولغانلىقىدىن، ياكى قولۇم ئالغان غەنىيمەتتىن شادلىنىپ كەتكەن بولسام، 25
If I rejoiced because my wealth was great, and because my hand had gotten much;
ئەگەر مەن قۇياشنىڭ جۇلاسىنى چاچقانلىقىنى كۆرۈپ، ياكى ئاينىڭ ئايدىڭدا ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، 26
If I beheld the sun when it shone, or the moon walking in brightness,
كۆڭلۈم ئاستىرتىن ئازدۇرۇلغان بولسا، شۇنداقلا [بۇلارغا چوقۇنۇپ] ئاغزىم قولۇمنى سۆيگەن بولسا، 27
And my heart have been secretly enticed, so that my mouth kissed my hand:
بۇمۇ سوراقچى ئالدىدا گۇناھ دەپ ھېسابلىناتتى، چۈنكى شۇنداق قىلغان بولسام مەن يۇقىرىدا تۇرغۇچى تەڭرىگە ۋاپاسىزلىق قىلغان بولاتتىم. 28
This also would be an iniquity for the judge, for I should have denied the God who is above.
ئەگەر ماڭا نەپرەتلەنگەن كىشىنىڭ ھالاكىتىگە قارىغىنىمدا شادلىنىپ كەتكەن بولسام، بېشىغا كۈلپەت چۈشكەنلىكىدىن خۇشال بولغان بولسام ــ 29
If I rejoiced at the destruction of him that hated me, and exulted when evil befell him;
(ئەمەلىيەتتە ئۇ تۈگەشسۇن دەپ قارغاپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەپ ئاغزىمنى گۇناھ ئۆتكۈزۈشكە يول قويمىغانمەن) 30
(Neither have I suffered my mouth to sin by asking his life with a curse; )
ئەگەر چېدىرىمدىكىلەر مەن توغرۇلۇق: «خوجايىنىمىزنىڭ داستىخىنىدىن يەپ تويۇنمىغان قېنى كىم بار؟» دېمىگەن بولسا، 31
If the men of my tent said not, Who shall find one that hath not been satisfied with his meat? —
(مۇساپىرلاردىن كوچىدا قالغىنى ئەزەلدىن يوقتۇر؛ چۈنكى ئىشىكىمنى ھەردائىم يولۇچىلارغا ئېچىپ كەلگەنمەن) 32
The stranger did not lodge without; I opened my doors to the pathway.
ئەگەر ئادەمئاتىمىزدەك ئىتائەتسىزلىكلىرىمنى ياپقان، قەبىھلىكىمنى كۆڭلۈمگە يوشۇرغان بولسام، 33
If I covered my transgressions as Adam, by hiding mine iniquity in my bosom,
ھەمدە شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل خالايىق ئالدىدا ئۇنىڭ ئاشكارىلىنىشىدىن قورقۇپ يۈرگەن بولسام، جەمئىيەتنىڭ كەمسىتىشلىرى ماڭا ۋەھىمە قىلغان بولسا، شۇنىڭ بىلەن مەن تالاغا چىقماي يۈرگەن بولسام،... 34
Because I feared the great multitude, and the contempt of families terrified me, so that I kept silence, and went not out of the door, ...
ــ ئاھ، ماڭا قۇلاق سالغۇچى بىرسى بولسىدى! مانا، ئىمزايىمنى قويۇپ بېرەي؛ ھەممىگە قادىر ماڭا جاۋاب بەرسۇن! رەقىبىم مېنىڭ ئۈستۈمدىن ئەرز يازسۇن! 35
Oh that I had one to hear me! Behold my signature: let the Almighty answer me! And let mine opponent write an accusation!
شۇ ئەرزنى زىممەمگە ئارتاتتىم ئەمەسمۇ؟ چوقۇم تاجلاردەك بېشىمغا كىيىۋالاتتىم. 36
Would I not take it upon my shoulder? I would bind it on to me [as] a crown;
مەن ئۇنىڭغا قەدەملىرىمنىڭ پۈتۈن سانىنى ھېسابلاپ بېرەتتىم؛ شاھزادىدەك مەن ئۇنىڭ ئالدىغا باراتتىم. 37
I would declare unto him the number of my steps; as a prince would I come near to him.
ئەگەر ئۆز ئېتىزلىرىم ماڭا قارشى گۇۋاھ بولۇپ چۇقان كۆتۈرسە، ئۇنىڭ چۈنەكلىرى بىلەن بىرگە يىغلاشسا، 38
If my land cry out against me, and its furrows weep together;
چۈنكى چىقارغان مېۋىسىنى ھەق تۆلىمەي يېگەن بولسام، ھۆددىگەرلەرنى ھالسىزلاندۇرۇپ نەپىسىنى توختاتقان بولسام، 39
If I have eaten the fruits thereof without money, and have tormented to death the souls of its owners:
ئۇنداقتا بۇغداينىڭ ئورنىدا شۇمبۇيا ئۆسسۇن! ئارپىنىڭ ئورنىدا مەستەك ئۆسسۇن. مانا شۇنىڭ بىلەن [مەن] ئايۇپنىڭ سۆزلىرى تامام ۋەسسالام!» 40
Let thistles grow instead of wheat, and tares instead of barley. The words of Job are ended.

< ئايۇپ 31 >