< ئايۇپ 30 >
ــ «بىراق ھازىر بولسا، ياشلار مېنى مازاق قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دادىلىرىنى ھەتتا پادامنى باقىدىغان ئىتلار بىلەن بىللە ئىشلەشكە يول قويۇشنىمۇ يامان كۆرەتتىم. | 1 |
But now those who are younger than I have me in derision, whose fathers I disdained to set with the dogs of my flock.
ئۇلارنىڭ ماغدۇرى كەتكەندىن كېيىن، قولىدىكى كۈچ ماڭا نېمە پايدا يەتكۈزەلىسۇن؟ | 2 |
Yea, the strength of their hands, to what should it profit me? Men in whom ripe age is perished.
يوقسۇزلۇق ھەم ئاچلىقتىن يىگلەپ كەتكەن، ئۇلار ئۇزۇندىن بۇيان چۆلدەرەپ كەتكەن دەشت-باياۋاندا قۇرۇق يەرنى غاجايدۇ. | 3 |
They are gaunt with want and famine. They gnaw the dry ground in the gloom of waste and desolation.
ئۇلار ئەمەن-شىۋاقنى چاتقاللار ئارىسىدىن يۇلىدۇ، شۇمبۇيىنىڭ يىلتىزلىرىنىمۇ تېرىپ ئۆزلىرىگە نان قىلىدۇ. | 4 |
They pluck mallows by the bushes, and the roots of the juniper are their food.
ئۇلار ئەل-يۇرتلاردىن ھەيدىۋېتىلگەن بولىدۇ، كىشىلەر ئۇلارنى كۆرۈپلا ئوغرىنى كۆرگەندەك ۋارقىراپ تىللايدۇ. | 5 |
They are driven forth from the midst of men. They cry out after them as after a thief,
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۈرلۈك جىلغىلاردا قونۇپ، تاشلار ئارىسىدا، غارلار ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ. | 6 |
so that they dwell in frightful valleys, in holes of the earth and of the rocks.
چاتقاللىق ئارىسىدا ئۇلار ھاڭراپ كېتىدۇ، تىكەنلەر ئاستىدا ئۇلار دۈگدىيىپ ئولتۇرىشىدۇ؛ | 7 |
Among the bushes they bray, under the nettles they are gathered together.
نادانلارنىڭ، نام-ئابرۇيىسىزلارنىڭ بالىلىرى، ئۇلار زېمىندىن سۈرتوقاي ھەيدىۋېتىلگەن. | 8 |
They are sons of fools, yea, sons of base men. They were scourged out of the land.
مەن ھازىر بولسام بۇلارنىڭ ھەجۋىي ناخشىسى، ھەتتا سۆز-چۆچىكىنىڭ دەستىكى بولۇپ قالدىم! | 9 |
And now I have become their song, Yea, I am a byword to them.
ئۇلار مەندىن نەپرەتلىنىپ، مەندىن يىراق تۇرۇپ، يۈزۈمگە تۈكۈرۈشتىنمۇ يانمايدۇ. | 10 |
They abhor me. They stand aloof from me, and do not spare to spit in my face.
چۈنكى [خۇدا] مېنىڭ ھايات رىشتىمنى ئۈزۈپ، مېنى جاپاغا چۆمدۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن شۇ ئادەملەر ئالدىمدا تىزگىنلىرىنى ئېلىۋەتكەن. | 11 |
For he has loosed his cord, and afflicted me. And they have cast off the bridle before me.
ئوڭ يېنىمدا بىر توپ چۈپرەندە ياشلار ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلار پۇتۇمنى تۇرغان يېرىدىن ئىتتىرىۋەتمەكچى، ئۇلار سېپىلىمغا ھۇجۇم پەلەمپەيلىرىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ؛ | 12 |
Upon my right hand rise the rabble. They thrust aside my feet, and they cast up against me their ways of destruction.
ئۇلار يولۇمنى بۇزۇۋېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچ يۆلەنچۈكى بولمىسىمۇ، ھالاكىتىمنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. | 13 |
They mar my path. They set forward my calamity, even men who have no helper.
ئۇلار سېپىلنىڭ كەڭ بۆسۈك جايىدىن بۆسۈپ كىرگەندەك كىرىشىدۇ؛ ۋەيرانىلىكىمدىن پايدىلىنىپ چوڭ تاشلاردەك دومىلاپ كىرىشىدۇ. | 14 |
As through a wide breach they come. In the midst of the ruin they roll themselves upon me.
ۋەھىمىلەر بۇرۇلۇپ مېنى ئۆز نىشانى قىلغان؛ شۇنىڭ بىلەن ھۆرمىتىم شامال ئۆتۈپ يوق بولغاندەك ھەيدىۋېتىلدى، ئاۋاتچىلىقىممۇ بۇلۇت ئۆتۈپ كەتكەندەك ئۆتۈپ كەتتى. | 15 |
Terrors are turned upon me. They chase my honor as the wind, and my welfare is passed away as a cloud.
ھازىر بولسا جېنىم قاچىدىن تۆكۈلۈپ كەتكەندەك؛ ئازابلىق كۈنلەر مېنى تۇتۇۋالدى. | 16 |
And now my soul is poured out within me. Days of affliction have taken hold upon me.
كېچىلەر بولسا، ماڭا سۆڭەكلىرىمگىچە سانجىماقتا؛ ئاغرىقلىرىم مېنى چىشلەپ دەم ئالمايدۇ. | 17 |
In the night season my bones are pierced in me, and the pains that gnaw me take no rest.
[ئاغرىقلار] زور كۈچى بىلەن ماڭا كىيىم-كېچىكىمدەك بولدى؛ ئۇلار كۆڭلىكىمنىڭ ياقىسىدەك ماڭا چاپلىشىۋالدى. | 18 |
By the great force my garment is disfigured. It binds me about as the collar of my coat.
خۇدا مېنى سازلىققا تاشلىۋەتكەن، مەن توپا-چاڭغا ۋە كۈلگە ئوخشاش بولۇپ قالدىم. | 19 |
He has cast me into the mire, and I have become like dust and ashes.
مەن ساڭا نالە-پەرياد كۆتۈرمەكتىمەن، بىراق سەن ماڭا جاۋاب بەرمەيسەن؛ مەن ئورنۇمدىن تۇرسام، سەن پەقەتلا ماڭا قاراپلا قويىسەن. | 20 |
I cry to thee, and thou do not answer me. I stand up, and thou gaze at me.
سەن ئۆزگىرىپ ماڭا بىر زالىم بولدۇڭ؛ قولۇڭنىڭ كۈچى بىلەن ماڭا زەربە قىلىۋاتىسەن؛ | 21 |
Thou have turned to be cruel to me. With the might of thy hand thou persecute me.
سەن مېنى كۆتۈرۈپ شامالغا مىندۈرگەنسەن؛ بوران-چاپقۇندا تەئەللۇقاتىمنى يوق قىلىۋەتكەنسەن. | 22 |
Thou lift me up to the wind. Thou cause me to ride upon it, and thou disintegrate me in the storm.
چۈنكى سەن مېنى ئاخىرىدا ئۆلۈمگە، يەنى بارلىق ھايات ئىگىلىرىنىڭ «يىغىلىش ئۆيى»گە كەلتۈرۈۋاتىسەن. | 23 |
For I know that thou will bring me to death, and to the house appointed for all living.
ئۇ ھالاك قىلغان ۋاقتىدا كىشىلەر نالە-پەرياد كۆتۈرسىمۇ، ئۇ قولىنى ئۇزاتقاندا، دۇئانىڭ دەرۋەقە ھېچقانداق نەتىجىسى يوق؛ | 24 |
However does not a man stretch out the hand in his fall? Or in his calamity therefore cry for help?
مەن كۈنلىرى تەس كىشى ئۈچۈن يىغلاپ [دۇئا قىلغان] ئەمەسمۇ؟ نامراتلار ئۈچۈن جېنىم ئازابلانمىدىمۇ؟ | 25 |
Did I not weep for him who was in trouble? Was not my soul grieved for the needy?
مەن ئۆزۈم ياخشىلىق كۈتۈپ يۈرگىنىم بىلەن، يامانلىق كېلىپ قالدى؛ نۇر كۈتكىنىم بىلەن، قاراڭغۇلۇق كەلدى. | 26 |
When I looked for good, then evil came. And when I waited for light, there came darkness.
ئىچىم قازاندەك قايناپ، ئاراملىق تاپمايۋاتىدۇ؛ ئازابلىق كۈنلەر ماڭا يۈزلەندى. | 27 |
My heart is troubled, and does not rest. Days of affliction have come upon me.
مەن قۇياش نۇرىنى كۆرمەيمۇ قارىداپ يۈرمەكتىمەن؛ خالايىق ئارىسىدا مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن. | 28 |
I go mourning without the sun. I stand up in the assembly, and cry for help.
مەن چىلبۆرىلەرگە قېرىنداش بولۇپ قالدىم، ھۇۋقۇشلارنىڭ ھەمراھى بولدۇم. | 29 |
I am a brother to jackals, and a companion to ostriches.
تېرەم قارىيىپ مەندىن ئاجراپ كېتىۋاتىدۇ، سۆڭەكلىرىم قىزىقتىن كۆيۈپ كېتىۋاتىدۇ. | 30 |
My skin is black, and falls from me. And my bones are burned with heat.
چىلتارىمدىن ماتەم مەرسىيەسى چىقىدۇ، نېيىمنىڭ ئاۋازى ھازا تۇتقۇچىلارنىڭ يىغىسىغا ئايلىنىپ قالدى». | 31 |
Therefore my harp has turned to mourning, and my pipe into the voice of those who weep.