[يەتتە كۈندىن] كېيىن، ئايۇپ ئېغىز ئېچىپ [ئەھۋالىغا قارىتا] ئۆزىنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈنىگە لەنەت ئوقۇپ مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
[يەتتە كۈندىن] كېيىن، ئايۇپ ئېغىز ئېچىپ [ئەھۋالىغا قارىتا] ئۆزىنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈنىگە لەنەت ئوقۇپ مۇنداق دېدى: ــ |
«مەن تۇغۇلغان ئاشۇ كۈن بولمىغان بولسا بوپتىكەن! «ئوغۇل بالا ئاپىرىدە بولدى!» دېيىلگەن شۇ كېچە بولمىغان بولسا بوپتىكەن! | 3 |
«مەن تۇغۇلغان ئاشۇ كۈن بولمىغان بولسا بوپتىكەن! «ئوغۇل بالا ئاپىرىدە بولدى!» دېيىلگەن شۇ كېچە بولمىغان بولسا بوپتىكەن! |
شۇ كۈننى زۇلمەت قاپلىغان بولسا بوپتىكەن! ئەرشتە تۇرغان تەڭرى كۆز ئالدىدىن شۇ كۈننى يوقىتىۋەتكەن بولسا بوپتىكەن، قۇياش نۇرى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈلمىسە بوپتىكەن! | 4 |
شۇ كۈننى زۇلمەت قاپلىغان بولسا بوپتىكەن! ئەرشتە تۇرغان تەڭرى كۆز ئالدىدىن شۇ كۈننى يوقىتىۋەتكەن بولسا بوپتىكەن، قۇياش نۇرى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈلمىسە بوپتىكەن! |
شۇ كۈننى قاراڭغۇلۇق ھەم ئۆلۈمنىڭ كۆلەڭگىسى ئۆز قوينىغا ئالسا بوپتىكەن! بۇلۇتلار ئۇنى يۇتۇپ كەتسە بوپتىكەن، شۇ كۈننى كۈن قاراڭغۇلاتقۇچىلار قورقىتىپ كەتكۈزىۋەتكەن بولسا بوپتىكەن! | 5 |
شۇ كۈننى قاراڭغۇلۇق ھەم ئۆلۈمنىڭ كۆلەڭگىسى ئۆز قوينىغا ئالسا بوپتىكەن! بۇلۇتلار ئۇنى يۇتۇپ كەتسە بوپتىكەن، شۇ كۈننى كۈن قاراڭغۇلاتقۇچىلار قورقىتىپ كەتكۈزىۋەتكەن بولسا بوپتىكەن! |
شۇ كەچنى ــ زۇلمەت تۇتۇپ كەتسە بوپتىكەن؛ شۇ كۈن يىل ئىچىدىكى [باشقا] كۈنلەر بىلەن بىللە شاتلانمىسا بوپتىكەن! شۇ كۈن ئاينىڭ بىر كۈنى بولۇپ سانالمىسا بوپتىكەن! | 6 |
شۇ كەچنى ــ زۇلمەت تۇتۇپ كەتسە بوپتىكەن؛ شۇ كۈن يىل ئىچىدىكى [باشقا] كۈنلەر بىلەن بىللە شاتلانمىسا بوپتىكەن! شۇ كۈن ئاينىڭ بىر كۈنى بولۇپ سانالمىسا بوپتىكەن! |
مانا، شۇ كېچىدە تۇغۇت بولمىسا بوپتىكەن! ئۇ كېچىدە ھېچقانداق شاد-خۇراملىق ئاۋاز ياڭرىمىسا بوپتىكەن! | 7 |
مانا، شۇ كېچىدە تۇغۇت بولمىسا بوپتىكەن! ئۇ كېچىدە ھېچقانداق شاد-خۇراملىق ئاۋاز ياڭرىمىسا بوپتىكەن! |
كۈنلەرگە لەنەت قىلغۇچىلار شۇ كۈنگە لەنەت قىلسا بوپتىكەن! لېۋىئاتاننى قوزغاشقا پېتىنالايدىغانلار شۇ كۈنگە لەنەت قىلسا بوپتىكەن! | 8 |
كۈنلەرگە لەنەت قىلغۇچىلار شۇ كۈنگە لەنەت قىلسا بوپتىكەن! لېۋىئاتاننى قوزغاشقا پېتىنالايدىغانلار شۇ كۈنگە لەنەت قىلسا بوپتىكەن! |
شۇ كۈن تاڭ سەھەردىكى يۇلتۇزلار قاراڭغۇلاشسا بوپتىكەن! ئۇ كۈن قۇياش نۇرىنى بىھۇدە كۈتسە بوپتىكەن! شۇ كۈن سۈبھىنىڭ قاپاقلىرىنىڭ ئېچىلىشىنى بىھۇدە كۈتسە بوپتىكەن! | 9 |
شۇ كۈن تاڭ سەھەردىكى يۇلتۇزلار قاراڭغۇلاشسا بوپتىكەن! ئۇ كۈن قۇياش نۇرىنى بىھۇدە كۈتسە بوپتىكەن! شۇ كۈن سۈبھىنىڭ قاپاقلىرىنىڭ ئېچىلىشىنى بىھۇدە كۈتسە بوپتىكەن! |
چۈنكى شۇ كۈن مېنى كۆتۈرگەن بالىياتقۇنىڭ ئىشىكلىرىنى ئەتمىگەن، مېنىڭ كۆزلىرىمنى دەرد-ئەلەمنى كۆرەلمەس قىلمىغان. | 10 |
چۈنكى شۇ كۈن مېنى كۆتۈرگەن بالىياتقۇنىڭ ئىشىكلىرىنى ئەتمىگەن، مېنىڭ كۆزلىرىمنى دەرد-ئەلەمنى كۆرەلمەس قىلمىغان. |
ئاھ، نېمىشقا ئانامنىڭ قورسىقىدىن چۈشۈپلا ئۆلۈپ كەتمىگەندىمەن؟! نېمىشقا قورساقتىن چىققاندىلا نەپەستىن قالمىغاندىمەن؟ | 11 |
ئاھ، نېمىشقا ئانامنىڭ قورسىقىدىن چۈشۈپلا ئۆلۈپ كەتمىگەندىمەن؟! نېمىشقا قورساقتىن چىققاندىلا نەپەستىن قالمىغاندىمەن؟ |
نېمىشقا مېنى قوبۇل قىلىدىغان ئېتەكلەر بولغاندۇ؟ نېمىشقا مېنى ئېمىتىدىغان ئەمچەكلەر بولغاندۇ؟ | 12 |
نېمىشقا مېنى قوبۇل قىلىدىغان ئېتەكلەر بولغاندۇ؟ نېمىشقا مېنى ئېمىتىدىغان ئەمچەكلەر بولغاندۇ؟ |
مۇشۇلار بولمىغان بولسا، ئۇنداقتا مەن مەڭگۈ تىنچ يېتىپ قالاتتىم، مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن بولاتتىم، شۇ چاغدا ئارام تاپقان بولاتتىم. | 13 |
مۇشۇلار بولمىغان بولسا، ئۇنداقتا مەن مەڭگۈ تىنچ يېتىپ قالاتتىم، مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن بولاتتىم، شۇ چاغدا ئارام تاپقان بولاتتىم. |
شۇ چاغدا ئۆزلىرى ئۈچۈنلا خىلۋەت جايلارغا مازار سالغان يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ھەم مەسلىھەتچىلەر بىلەن، | 14 |
شۇ چاغدا ئۆزلىرى ئۈچۈنلا خىلۋەت جايلارغا مازار سالغان يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ھەم مەسلىھەتچىلەر بىلەن، |
ياكى ئالتۇن يىغقان، ئۆيلىرى كۈمۈشكە تولغان بەگ-شاھزادىلەر بىلەن بولاتتىم؛ | 15 |
ياكى ئالتۇن يىغقان، ئۆيلىرى كۈمۈشكە تولغان بەگ-شاھزادىلەر بىلەن بولاتتىم؛ |
قورساقتىن مەزگىلسىز چۈشۈپ كەتكەن يوشۇرۇن بالىدەك، نۇرنى كۆرمەي چاچراپ كەتكەن بالىدەك ھايات كەچۈرمىگەن بولاتتىم. | 16 |
قورساقتىن مەزگىلسىز چۈشۈپ كەتكەن يوشۇرۇن بالىدەك، نۇرنى كۆرمەي چاچراپ كەتكەن بالىدەك ھايات كەچۈرمىگەن بولاتتىم. |
ئاشۇ يەردە رەزىللەر ئاۋارىچىلىكتىن خالىي بولىدۇ، ئاشۇ يەردە ھالىدىن كەتكەنلەر ئارام تاپىدۇ؛ | 17 |
ئاشۇ يەردە رەزىللەر ئاۋارىچىلىكتىن خالىي بولىدۇ، ئاشۇ يەردە ھالىدىن كەتكەنلەر ئارام تاپىدۇ؛ |
ئاشۇ يەردە ئەسىرلەر راھەتتە جەم بولىدۇ، ئۇلار ئەزگۈچىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمايدۇ؛ | 18 |
ئاشۇ يەردە ئەسىرلەر راھەتتە جەم بولىدۇ، ئۇلار ئەزگۈچىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمايدۇ؛ |
غېرىبلارمۇ ھەم ئۇلۇغلارمۇ ئاشۇ يەردە تۇرىدۇ، قۇل بولسا خوجايىنىدىن ئازاد بولىدۇ. | 19 |
غېرىبلارمۇ ھەم ئۇلۇغلارمۇ ئاشۇ يەردە تۇرىدۇ، قۇل بولسا خوجايىنىدىن ئازاد بولىدۇ. |
جاپا تارتقۇچىغا نېمە دەپ نۇر بېرىلىدۇ؟ نېمىشقا دەرد-ئەلەمگە چۆمگەنلەرگە ھايات بېرىلىدۇ؟ | 20 |
جاپا تارتقۇچىغا نېمە دەپ نۇر بېرىلىدۇ؟ نېمىشقا دەرد-ئەلەمگە چۆمگەنلەرگە ھايات بېرىلىدۇ؟ |
ئۇلار تەشنالىق بىلەن ئۆلۈمنى كۈتىدۇ، بىراق ئۇ كەلمەيدۇ؛ ئۇلار ئۆلۈمنى يوشۇرۇن گۆھەرنى كېزىپ ئىزدىگەندىنمۇ ئەۋزەل بىلىدۇ، | 21 |
ئۇلار تەشنالىق بىلەن ئۆلۈمنى كۈتىدۇ، بىراق ئۇ كەلمەيدۇ؛ ئۇلار ئۆلۈمنى يوشۇرۇن گۆھەرنى كېزىپ ئىزدىگەندىنمۇ ئەۋزەل بىلىدۇ، |
ئۇلار گۆرنى تاپقاندا زور خۇشال بولۇپ، شاد-خۇراملىققا چۆمىدۇ. | 22 |
ئۇلار گۆرنى تاپقاندا زور خۇشال بولۇپ، شاد-خۇراملىققا چۆمىدۇ. |
ئۆز يولى ئېنىقسىز ئادەمگە، يەنى تەڭرىنىڭ توسىقى سېلىنغان ئادەمگە نېمىشقا [نۇر ۋە ھايات] بېرىلىدۇ؟ | 23 |
ئۆز يولى ئېنىقسىز ئادەمگە، يەنى تەڭرىنىڭ توسىقى سېلىنغان ئادەمگە نېمىشقا [نۇر ۋە ھايات] بېرىلىدۇ؟ |
شۇڭا تامىقىمنىڭ ئورنىغا نالىلىرىم كېلىدۇ؛ مېنىڭ قاتتىق پەريادلىرىم شارقىراتمىدەك شارقىرايدۇ. | 24 |
شۇڭا تامىقىمنىڭ ئورنىغا نالىلىرىم كېلىدۇ؛ مېنىڭ قاتتىق پەريادلىرىم شارقىراتمىدەك شارقىرايدۇ. |
چۈنكى مەن دەل قورققان ۋەھشەت ئۆز بېشىمغا چۈشتى؛ مەن دەل قورقىدىغان ئىش ماڭا كەلدى. | 25 |
چۈنكى مەن دەل قورققان ۋەھشەت ئۆز بېشىمغا چۈشتى؛ مەن دەل قورقىدىغان ئىش ماڭا كەلدى. |
مەندە ھېچ ئاراملىق يوقتۇر! ھەم ھېچ خاتىرجەم ئەمەسمەن! ھېچ تىنچ-ئامانلىقىم يوقتۇر! بىراق پاراكەندىچىلىك ھامان ئۈستۈمگە چۈشمەكتە!». | 26 |
مەندە ھېچ ئاراملىق يوقتۇر! ھەم ھېچ خاتىرجەم ئەمەسمەن! ھېچ تىنچ-ئامانلىقىم يوقتۇر! بىراق پاراكەندىچىلىك ھامان ئۈستۈمگە چۈشمەكتە!». |