[يەتتە كۈندىن] كېيىن، ئايۇپ ئېغىز ئېچىپ [ئەھۋالىغا قارىتا] ئۆزىنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈنىگە لەنەت ئوقۇپ مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
אַחֲרֵי־כֵן פָּתַח אִיּוֹב אֶת־פִּיהוּ וַיְקַלֵּל אֶת־יוֹמֽוֹ׃ |
2 |
וַיַּעַן אִיּוֹב וַיֹּאמַֽר׃ |
«مەن تۇغۇلغان ئاشۇ كۈن بولمىغان بولسا بوپتىكەن! «ئوغۇل بالا ئاپىرىدە بولدى!» دېيىلگەن شۇ كېچە بولمىغان بولسا بوپتىكەن! | 3 |
יֹאבַד יוֹם אִוָּלֶד בּוֹ וְהַלַּיְלָה אָמַר הֹרָה גָֽבֶר׃ |
شۇ كۈننى زۇلمەت قاپلىغان بولسا بوپتىكەن! ئەرشتە تۇرغان تەڭرى كۆز ئالدىدىن شۇ كۈننى يوقىتىۋەتكەن بولسا بوپتىكەن، قۇياش نۇرى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈلمىسە بوپتىكەن! | 4 |
הַיּוֹם הַהוּא יְֽהִי חֹשֶׁךְ אַֽל־יִדְרְשֵׁהוּ אֱלוֹהַּ מִמָּעַל וְאַל־תּוֹפַע עָלָיו נְהָרָֽה׃ |
شۇ كۈننى قاراڭغۇلۇق ھەم ئۆلۈمنىڭ كۆلەڭگىسى ئۆز قوينىغا ئالسا بوپتىكەن! بۇلۇتلار ئۇنى يۇتۇپ كەتسە بوپتىكەن، شۇ كۈننى كۈن قاراڭغۇلاتقۇچىلار قورقىتىپ كەتكۈزىۋەتكەن بولسا بوپتىكەن! | 5 |
יִגְאָלֻהוּ חֹשֶׁךְ וְצַלְמָוֶת תִּשְׁכָּן־עָלָיו עֲנָנָה יְבַעֲתֻהוּ כִּֽמְרִירֵי יֽוֹם׃ |
شۇ كەچنى ــ زۇلمەت تۇتۇپ كەتسە بوپتىكەن؛ شۇ كۈن يىل ئىچىدىكى [باشقا] كۈنلەر بىلەن بىللە شاتلانمىسا بوپتىكەن! شۇ كۈن ئاينىڭ بىر كۈنى بولۇپ سانالمىسا بوپتىكەن! | 6 |
הַלַּיְלָה הַהוּא יִקָּחֵהוּ אֹפֶל אַל־יִחַדְּ בִּימֵי שָׁנָה בְּמִסְפַּר יְרָחִים אַל־יָבֹֽא׃ |
مانا، شۇ كېچىدە تۇغۇت بولمىسا بوپتىكەن! ئۇ كېچىدە ھېچقانداق شاد-خۇراملىق ئاۋاز ياڭرىمىسا بوپتىكەن! | 7 |
הִנֵּה הַלַּיְלָה הַהוּא יְהִי גַלְמוּד אַל־תָּבֹא רְנָנָה בֽוֹ׃ |
كۈنلەرگە لەنەت قىلغۇچىلار شۇ كۈنگە لەنەت قىلسا بوپتىكەن! لېۋىئاتاننى قوزغاشقا پېتىنالايدىغانلار شۇ كۈنگە لەنەت قىلسا بوپتىكەن! | 8 |
יִקְּבֻהוּ אֹרְרֵי־יוֹם הָעֲתִידִים עֹרֵר לִוְיָתָֽן׃ |
شۇ كۈن تاڭ سەھەردىكى يۇلتۇزلار قاراڭغۇلاشسا بوپتىكەن! ئۇ كۈن قۇياش نۇرىنى بىھۇدە كۈتسە بوپتىكەن! شۇ كۈن سۈبھىنىڭ قاپاقلىرىنىڭ ئېچىلىشىنى بىھۇدە كۈتسە بوپتىكەن! | 9 |
יֶחְשְׁכוּ כּוֹכְבֵי נִשְׁפּוֹ יְקַו־לְאוֹר וָאַיִן וְאַל־יִרְאֶה בְּעַפְעַפֵּי־שָֽׁחַר׃ |
چۈنكى شۇ كۈن مېنى كۆتۈرگەن بالىياتقۇنىڭ ئىشىكلىرىنى ئەتمىگەن، مېنىڭ كۆزلىرىمنى دەرد-ئەلەمنى كۆرەلمەس قىلمىغان. | 10 |
כִּי לֹא סָגַר דַּלְתֵי בִטְנִי וַיַּסְתֵּר עָמָל מֵעֵינָֽי׃ |
ئاھ، نېمىشقا ئانامنىڭ قورسىقىدىن چۈشۈپلا ئۆلۈپ كەتمىگەندىمەن؟! نېمىشقا قورساقتىن چىققاندىلا نەپەستىن قالمىغاندىمەن؟ | 11 |
לָמָּה לֹּא מֵרֶחֶם אָמוּת מִבֶּטֶן יָצָאתִי וְאֶגְוָֽע׃ |
نېمىشقا مېنى قوبۇل قىلىدىغان ئېتەكلەر بولغاندۇ؟ نېمىشقا مېنى ئېمىتىدىغان ئەمچەكلەر بولغاندۇ؟ | 12 |
מַדּוּעַ קִדְּמוּנִי בִרְכָּיִם וּמַה־שָּׁדַיִם כִּי אִינָֽק׃ |
مۇشۇلار بولمىغان بولسا، ئۇنداقتا مەن مەڭگۈ تىنچ يېتىپ قالاتتىم، مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن بولاتتىم، شۇ چاغدا ئارام تاپقان بولاتتىم. | 13 |
כִּֽי־עַתָּה שָׁכַבְתִּי וְאֶשְׁקוֹט יָשַׁנְתִּי אָז ׀ יָנוּחַֽ לִֽי׃ |
شۇ چاغدا ئۆزلىرى ئۈچۈنلا خىلۋەت جايلارغا مازار سالغان يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ھەم مەسلىھەتچىلەر بىلەن، | 14 |
עִם־מְלָכִים וְיֹעֲצֵי אָרֶץ הַבֹּנִים חֳרָבוֹת לָֽמוֹ׃ |
ياكى ئالتۇن يىغقان، ئۆيلىرى كۈمۈشكە تولغان بەگ-شاھزادىلەر بىلەن بولاتتىم؛ | 15 |
אוֹ עִם־שָׂרִים זָהָב לָהֶם הַֽמְמַלְאִים בָּתֵּיהֶם כָּֽסֶף׃ |
قورساقتىن مەزگىلسىز چۈشۈپ كەتكەن يوشۇرۇن بالىدەك، نۇرنى كۆرمەي چاچراپ كەتكەن بالىدەك ھايات كەچۈرمىگەن بولاتتىم. | 16 |
אוֹ כְנֵפֶל טָמוּן לֹא אֶהְיֶה כְּעֹלְלִים לֹא־רָאוּ אֽוֹר׃ |
ئاشۇ يەردە رەزىللەر ئاۋارىچىلىكتىن خالىي بولىدۇ، ئاشۇ يەردە ھالىدىن كەتكەنلەر ئارام تاپىدۇ؛ | 17 |
שָׁם רְשָׁעִים חָדְלוּ רֹגֶז וְשָׁם יָנוּחוּ יְגִיעֵי כֹֽחַ׃ |
ئاشۇ يەردە ئەسىرلەر راھەتتە جەم بولىدۇ، ئۇلار ئەزگۈچىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمايدۇ؛ | 18 |
יַחַד אֲסִירִים שַׁאֲנָנוּ לֹא שָׁמְעוּ קוֹל נֹגֵֽשׂ׃ |
غېرىبلارمۇ ھەم ئۇلۇغلارمۇ ئاشۇ يەردە تۇرىدۇ، قۇل بولسا خوجايىنىدىن ئازاد بولىدۇ. | 19 |
קָטֹן וְגָדוֹל שָׁם הוּא וְעֶבֶד חָפְשִׁי מֵאֲדֹנָֽיו׃ |
جاپا تارتقۇچىغا نېمە دەپ نۇر بېرىلىدۇ؟ نېمىشقا دەرد-ئەلەمگە چۆمگەنلەرگە ھايات بېرىلىدۇ؟ | 20 |
לָמָּה יִתֵּן לְעָמֵל אוֹר וְחַיִּים לְמָרֵי נָֽפֶשׁ׃ |
ئۇلار تەشنالىق بىلەن ئۆلۈمنى كۈتىدۇ، بىراق ئۇ كەلمەيدۇ؛ ئۇلار ئۆلۈمنى يوشۇرۇن گۆھەرنى كېزىپ ئىزدىگەندىنمۇ ئەۋزەل بىلىدۇ، | 21 |
הַֽמְחַכִּים לַמָּוֶת וְאֵינֶנּוּ וַֽיַּחְפְּרֻהוּ מִמַּטְמוֹנִֽים׃ |
ئۇلار گۆرنى تاپقاندا زور خۇشال بولۇپ، شاد-خۇراملىققا چۆمىدۇ. | 22 |
הַשְּׂמֵחִים אֱלֵי־גִיל יָשִׂישׂוּ כִּי יִמְצְאוּ־קָֽבֶר׃ |
ئۆز يولى ئېنىقسىز ئادەمگە، يەنى تەڭرىنىڭ توسىقى سېلىنغان ئادەمگە نېمىشقا [نۇر ۋە ھايات] بېرىلىدۇ؟ | 23 |
לְגֶבֶר אֲשֶׁר־דַּרְכּוֹ נִסְתָּרָה וַיָּסֶךְ אֱלוֹהַּ בַּעֲדֽוֹ׃ |
شۇڭا تامىقىمنىڭ ئورنىغا نالىلىرىم كېلىدۇ؛ مېنىڭ قاتتىق پەريادلىرىم شارقىراتمىدەك شارقىرايدۇ. | 24 |
כִּֽי־לִפְנֵי לַחְמִי אַנְחָתִי תָבֹא וַֽיִּתְּכוּ כַמַּיִם שַׁאֲגֹתָֽי׃ |
چۈنكى مەن دەل قورققان ۋەھشەت ئۆز بېشىمغا چۈشتى؛ مەن دەل قورقىدىغان ئىش ماڭا كەلدى. | 25 |
כִּי פַחַד פָּחַדְתִּי וַיֶּאֱתָיֵנִי וַאֲשֶׁר יָגֹרְתִּי יָבֹא לִֽי׃ |
مەندە ھېچ ئاراملىق يوقتۇر! ھەم ھېچ خاتىرجەم ئەمەسمەن! ھېچ تىنچ-ئامانلىقىم يوقتۇر! بىراق پاراكەندىچىلىك ھامان ئۈستۈمگە چۈشمەكتە!». | 26 |
לֹא שָׁלַוְתִּי ׀ וְלֹא שָׁקַטְתִּי וְֽלֹא־נָחְתִּי וַיָּבֹא רֹֽגֶז׃ |