< ئايۇپ 29 >
ئايۇپ بايانىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
Ayup bayanini dawamlaxturup mundaⱪ dedi: —
«ئاھ، ئەھۋالىم ئىلگىرىكى ئايلاردىكىدەك بولسىدى، تەڭرى مەندىن خەۋەر ئالغان كۈنلەردىكىدەك بولسىدى! | 2 |
«Aⱨ, ǝⱨwalim ilgiriki aylardikidǝk bolsidi, Tǝngri mǝndin hǝwǝr alƣan künlǝrdikidǝk bolsidi!
ئۇ چاغدا ئۇنىڭ چىرىغى بېشىمغا نۇر چاچقان، ئۇنىڭ يورۇقلۇقى بىلەن قاراڭغۇلۇقتىن ئۆتۈپ كەتكەن بولاتتىم! | 3 |
U qaƣda Uning qiriƣi beximƣa nur qaqⱪan, Uning yoruⱪluⱪi bilǝn ⱪarangƣuluⱪtin ɵtüp kǝtkǝn bolattim!
بۇ ئىشلار مەن قىران ۋاقتىمدا، يەنى تەڭرى چېدىرىمدا ماڭا سىرداش [دوست] بولغان ۋاقىتتا بولغانىدى! | 4 |
Bu ixlar mǝn ⱪiran waⱪtimda, Yǝni Tǝngri qedirimda manga sirdax [dost] bolƣan waⱪitta bolƣanidi!
ھەممىگە قادىر مەن بىلەن بىللە بولغان، مېنىڭ ياش بالىلىرىم ئەتراپىمدا بولغان؛ | 5 |
Ⱨǝmmigǝ Ⱪadir mǝn bilǝn billǝ bolƣan, Mening yax balilirim ǝtrapimda bolƣan;
مېنىڭ باسقان قەدەملىرىم سېرىق مايغا چۆمۈلگەن؛ يېنىمدىكى تاش مەن ئۈچۈن زەيتۇن ماي دەرياسى بولۇپ ئاققان؛ | 6 |
Mening basⱪan ⱪǝdǝmlirim seriⱪ mayƣa qɵmülgǝn; Yenimdiki tax mǝn üqün zǝytun may dǝryasi bolup aⱪⱪan;
شەھەر دەرۋازىسىغا چىققان ۋاقتىمدا، كەڭ مەيداندا ئورنۇم تەييارلانغاندا، | 7 |
Xǝⱨǝr dǝrwazisiƣa qiⱪⱪan waⱪtimda, Kǝng mǝydanda ornum tǝyyarlanƣanda,
ياشلار مېنى كۆرۈپلا ئەيمىنىپ ئۆزلىرىنى چەتكە ئالاتتى، قېرىلار بولسا ئورنىدىن تۇراتتى، | 8 |
Yaxlar meni kɵrüpla ǝyminip ɵzlirini qǝtkǝ alatti, Ⱪerilar bolsa ornidin turatti,
شاھزادىلەرمۇ گەپتىن توختاپ، قولى بىلەن ئاغزىنى ئېتىۋالاتتى. | 9 |
Xaⱨzadilǝrmu gǝptin tohtap, Ⱪoli bilǝn aƣzini etiwalatti.
ئاقسۆڭەكلەرمۇ تىنچلىنىپ، تىلىنى تاڭلىيىغا چاپلىۋالاتتى. | 10 |
Aⱪsɵngǝklǝrmu tinqlinip, Tilini tangliyiƣa qapliwalatti.
قۇلاق سۆزۈمنى ئاڭلىسىلا، ماڭا بەخت تىلەيتتى، كۆز مېنى كۆرسىلا ماڭا ياخشى گۇۋاھلىق بېرەتتى. | 11 |
Ⱪulaⱪ sɵzümni anglisila, manga bǝht tilǝytti, Kɵz meni kɵrsila manga yahxi guwaⱨliⱪ berǝtti.
چۈنكى مەن ماڭا ھىمايە بول دەپ يېلىنغان ئېزىلگۈچىلەرنى، پاناھسىز قالغان يېتىم-يېسىرلارنىمۇ قۇتقۇزۇپ تۇراتتىم. | 12 |
Qünki mǝn manga ⱨimayǝ bol dǝp yelinƣan ezilgüqilǝrni, Panaⱨsiz ⱪalƣan yetim-yesirlarnimu ⱪutⱪuzup turattim.
ھالاك بولاي دېگەن كىشى ماڭا بەخت تىلەيتتى؛ مەن تۇل خوتۇننىڭ كۆڭلىنى شادلاندۇرۇپ ناخشا ياڭراتقۇزاتتىم. | 13 |
Ⱨalak bolay degǝn kixi manga bǝht tilǝytti; Mǝn tul hotunning kɵnglini xadlandurup nahxa yangratⱪuzattim.
مەن ھەققانىيلىقنى تون قىلىپ كىيىۋالدىم، ئۇ مېنى ئۆز گەۋدىسى قىلدى. ئادالەتلىكىم ماڭا يېپىنچا ھەم سەللە بولغان. | 14 |
Mǝn ⱨǝⱪⱪaniyliⱪni ton ⱪilip kiyiwaldim, U meni ɵz gǝwdisi ⱪildi. Adalǝtlikim manga yepinqa ⱨǝm sǝllǝ bolƣan.
مەن كورغا كۆز بولاتتىم، توكۇرغا پۇت بولاتتىم. | 15 |
Mǝn korƣa kɵz bolattim, Tokurƣa put bolattim.
يوقسۇللارغا ئاتا بولاتتىم، ماڭا ناتونۇش كىشىنىڭ دەۋاسىنىمۇ تەكشۈرۈپ چىقاتتىم. | 16 |
Yoⱪsullarƣa ata bolattim, Manga natonux kixining dǝwasinimu tǝkxürüp qiⱪattim.
مەن ئادالەتسىزنىڭ ھىڭگايغان چىشلىرىنى چېقىپ تاشلايتتىم، ئولجىسىنى چىشلىرىدىن ئېلىپ كېتەتتىم. | 17 |
Mǝn adalǝtsizning ⱨinggayƣan qixlirini qeⱪip taxlayttim, Oljisini qixliridin elip ketǝttim.
ھەم: «مېنىڭ كۈنلىرىم قۇمدەك كۆپ بولۇپ، ئۆز ئۇۋامدا راھەت ئىچىدە ئۆلىمەن» دەيتتىم؛ | 18 |
Ⱨǝm: «Mening künlirim ⱪumdǝk kɵp bolup, Ɵz uwamda raⱨǝt iqidǝ ɵlimǝn» dǝyttim;
ھەم: «يىلتىزىم سۇلارغىچە تارتىلىپ بارىدۇ، شەبنەم پۈتۈن كېچىچە شېخىمغا چاپلىشىپ ياتىدۇ؛ | 19 |
Ⱨǝm: «Yiltizim sularƣiqǝ tartilip baridu, Xǝbnǝm pütün keqiqǝ xehimƣa qaplixip yatidu;
شۆھرىتىم ھەردائىم مەندە يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، قولۇمدىكى ئوقيايىم ھەردائىم يېڭى بولۇپ تۇرىدۇ» دەيتتىم. | 20 |
Xɵⱨritim ⱨǝrdaim mǝndǝ yengilinip turidu, Ⱪolumdiki oⱪyayim ⱨǝrdaim yengi bolup turidu» dǝyttim.
ئادەملەر ماڭا قۇلاق سالاتتى، كۈتۈپ تۇراتتى؛ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاي دەپ سۈكۈت ئىچىدە تۇراتتى. | 21 |
Adǝmlǝr manga ⱪulaⱪ salatti, kütüp turatti; Nǝsiⱨǝtlirini anglay dǝp süküt iqidǝ turatti.
مەن گەپ قىلغاندىن كېيىن ئۇلار قايتا گەپ قىلمايتتى، سۆزلىرىم ئۇلارنىڭ ئۈستىگە شەبنەم بولۇپ چۈشەتتى. | 22 |
Mǝn gǝp ⱪilƣandin keyin ular ⱪayta gǝp ⱪilmaytti, Sɵzlirim ularning üstigǝ xǝbnǝm bolup qüxǝtti.
ئۇلار يامغۇرلارنى كۈتكەندەك مېنى كۈتەتتى، كىشىلەر [ۋاقتىدا ياغقان] «كېيىنكى يامغۇر»نى قارشى ئالغاندەك سۆزلىرىمنى ئاغزىنى ئېچىپ ئىچەتتى! | 23 |
Ular yamƣurlarni kütkǝndǝk meni kütǝtti, Kixilǝr [waⱪtida yaƣⱪan] «keyinki yamƣur»ni ⱪarxi alƣandǝk sɵzlirimni aƣzini eqip iqǝtti!
ئۈمىدسىزلەنگىنىدە مەن ئۇلارغا قاراپ كۈلۈمسىرەيتتىم، يۈزۈمدىكى نۇرنى ئۇلار يەرگە چۈشۇرمەيتتى. | 24 |
Ümidsizlǝnginidǝ mǝn ularƣa ⱪarap külümsirǝyttim, Yüzümdiki nurni ular yǝrgǝ qüxurmǝytti.
مەن ئۇلارغا يولىنى تاللاپ كۆرسىتىپ بېرەتتىم، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كاتتىۋاش بولۇپ ئولتۇراتتىم، قوشۇنلىرى ئارىسىدا تۇرغان پادىشاھدەك ياشايتتىم، بىراق بۇنىڭ بىلەن ماتەم تۇتىدىغانلارغا تەسەللى يەتكۈزگۈچىمۇ بولاتتىم». | 25 |
Mǝn ularƣa yolini tallap kɵrsitip berǝttim, Ularning arisida kattiwax bolup olturattim, Ⱪoxunliri arisida turƣan padixaⱨdǝk yaxayttim, Biraⱪ buning bilǝn matǝm tutidiƣanlarƣa tǝsǝlli yǝtküzgüqimu bolattim».