< ئايۇپ 28 >

ــ «شۈبھىسىزكى، كۈمۈش تېپىلىدىغان كانلار بار، ئالتۇننىڭ تاۋلىنىدىغان ئۆز ئورنى باردۇر؛ 1
— «Xübⱨisizki, kümüx tepilidiƣan kanlar bar, Altunning tawlinidiƣan ɵz orni bardur;
تۆمۈر بولسا يەر ئاستىدىن قېزىۋېلىنىدۇ، مىس بولسا تاشتىن ئېرىتىلىپ ئېلىنىدۇ. 2
Tɵmür bolsa yǝr astidin ⱪeziwelinidu, Mis bolsa taxtin eritilip elinidu.
ئىنسانلار [يەر ئاستىدىكى] قاراڭغۇلۇققا چەك قويىدۇ؛ ئۇ يەر قەرىگىچە چارلاپ يۈرۈپ، قاراڭغۇلۇققا تەۋە، ئۆلۈمنىڭ سايىسىدە تۇرغان تاشلارنى ئىزدەيدۇ. 3
Insanlar [yǝr astidiki] ⱪarangƣuluⱪⱪa qǝk ⱪoyidu; U yǝr ⱪǝrigiqǝ qarlap yürüp, Ⱪarangƣuluⱪⱪa tǝwǝ, ɵlümning sayisidǝ turƣan taxlarni izdǝydu.
ئۇ يەر يۈزىدىكىلەردىن يىراق جايدا تىك بولغان قۇدۇقنى كولايدۇ؛ مانا شۇنداق ئادەم ئاياغ باسمايدىغان، ئۇنتۇلغان يەرلەردە ئۇلار ئارغامچىنى تۇتۇپ بوشلۇقتا پۇلاڭلاپ يۈرىدۇ، كىشىلەردىن يىراقتا ئېسىلىپ تۇرىدۇ. 4
U yǝr yüzidikilǝrdin yiraⱪ jayda tik bolƣan ⱪuduⱪni kolaydu; Mana xundaⱪ adǝm ayaƣ basmaydiƣan, untulƣan yǝrlǝrdǝ ular arƣamqini tutup boxluⱪta pulanglap yüridu, Kixilǝrdin yiraⱪta esilip turidu.
ئاشلىق چىقىدىغان يەر، تەكتى كولانغاندا بولسايالقۇندەك كۆرۈنىدۇ؛ 5
Axliⱪ qiⱪidiƣan yǝr, Tǝkti kolanƣanda bolsayalⱪundǝk kɵrünidu;
يەردىكى تاشلار ئارىسىدىن كۆك ياقۇتلار چىقىدۇ، ئۇنىڭدا ئالتۇن رۇدىسىمۇ باردۇر. 6
Yǝrdiki taxlar arisidin kɵk yaⱪutlar qiⱪidu, Uningda altun rudisimu bardur.
ئۇ يولنى ھېچقانداق ئالغۇر قۇش بىلمەيدۇ، ھەتتا سارنىڭ كۆزىمۇ ئۇنىڭغا يەتمىگەن. 7
U yolni ⱨeqⱪandaⱪ alƣur ⱪux bilmǝydu, Ⱨǝtta sarning kɵzimu uningƣa yǝtmigǝn.
ھاكاۋۇر يىرتقۇچلارمۇ ئۇ يەرنى ھېچ دەسسەپ باقمىغان، ئەشەددىي شىرمۇ ئۇ جايدىن ھېچقاچان ئۆتۈپ باقمىغان. 8
Ⱨakawur yirtⱪuqlarmu u yǝrni ⱨeq dǝssǝp baⱪmiƣan, Əxǝddiy xirmu u jaydin ⱨeqⱪaqan ɵtüp baⱪmiƣan.
ئىنسان بالىسى قولىنى چاقماق تېشىنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزىدۇ، ئۇ تاغلارنى يىلتىزىدىن قومۇرىۋېتىدۇ. 9
Insan balisi ⱪolini qaⱪmaⱪ texining üstigǝ tǝgküzidu, U taƣlarni yiltizidin ⱪomuriwetidu.
تاشلار ئارىسىدىن ئۇ قاناللارنى چاپىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ كۆزى ھەرخىل قىممەتلىك نەرسىلەرنى كۆرىدۇ؛ 10
Taxlar arisidin u ⱪanallarni qapidu; Xundaⱪ ⱪilip uning kɵzi ⱨǝrhil ⱪimmǝtlik nǝrsilǝrni kɵridu;
يەر ئاستىدىكى ئېقىنلارنى تېشىپ كەتمىسۇن دەپ ئۇلارنى توسۇۋالىدۇ؛ يوشۇرۇن نەرسىلەرنى ئۇ ئاشكارىلايدۇ. 11
Yǝr astidiki eⱪinlarni texip kǝtmisun dǝp ularni tosuwalidu; Yoxurun nǝrsilǝrni u axkarilaydu.
بىراق دانالىق نەدىن تېپىلار؟ يورۇتۇلۇشنىڭ ماكانى نەدىدۇ؟ 12
Biraⱪ danaliⱪ nǝdin tepilar? Yorutuluxning makani nǝdidu?
ئىنسان بالىلىرى ئۇنىڭ قىممەتلىكلىكىنى ھېچ بىلمەس، ئۇ تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدىن تېپىلماس. 13
Insan baliliri uning ⱪimmǝtliklikini ⱨeq bilmǝs, U tiriklǝrning zeminidin tepilmas.
[يەر] تېگى: «مەندە ئەمەس» دەيدۇ، دېڭىز بولسا: «مەن بىلەنمۇ بىللە ئەمەستۇر» دەيدۇ. 14
[Yǝr] tegi: «Mǝndǝ ǝmǝs» dǝydu, Dengiz bolsa: «Mǝn bilǝnmu billǝ ǝmǝstur» dǝydu.
دانالىقنى ساپ ئالتۇن بىلەن سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، كۈمۈشنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىر تارازىدا تارتقىلى بولماس. 15
Danaliⱪni sap altun bilǝn setiwalƣili bolmaydu, Kümüxnimu uning bilǝn bir tarazida tartⱪili bolmas.
ھەتتا ئوفىردا چىقىدىغان ئالتۇن، ئاق ھېقىق ياكى كۆك ياقۇت بىلەنمۇ بىر تارازىدا تارتقىلى بولمايدۇ. 16
Ⱨǝtta Ofirda qiⱪidiƣan altun, aⱪ ⱨeⱪiⱪ yaki kɵk yaⱪut bilǝnmu bir tarazida tartⱪili bolmaydu.
ئالتۇن ۋە خرۇستالنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، ئېسىل ئالتۇن قاچا-قۇچىلار ئۇنىڭ بىلەن ھېچ ئالماشتۇرۇلماس. 17
Altun wǝ hrustalnimu uning bilǝn selixturƣili bolmaydu, Esil altun ⱪaqa-ⱪuqilar uning bilǝn ⱨeq almaxturulmas.
ئۇ ئۈنچە-مارجان، خرۇستالنى ئادەمنىڭ ئېسىدىن چىقىرىدۇ؛ دانالىقنى ئېلىش قىزىل ياقۇتلارنى ئېلىشتىن ئەۋزەلدۇر. 18
U ünqǝ-marjan, hrustalni adǝmning esidin qiⱪiridu; Danaliⱪni elix ⱪizil yaⱪutlarni elixtin ǝwzǝldur.
ئېفىئوپىيەدىكى سېرىق ياقۇت ئۇنىڭغا يەتمەس، سېرىق ئالتۇنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشەلمەيدۇ. 19
Efiopiyǝdiki seriⱪ yaⱪut uningƣa yǝtmǝs, Seriⱪ altunmu uning bilǝn bǝslixǝlmǝydu.
ئۇنداقتا، دانالىق نەدىن تېپىلىدۇ؟ يورۇتۇلۇشنىڭ ماكانى نەدىدۇ؟ 20
Undaⱪta, danaliⱪ nǝdin tepilidu? Yorutuluxning makani nǝdidu?
چۈنكى ئۇ بارلىق ھايات ئىگىلىرىنىڭ كۆزىدىن يوشۇرۇلغان، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلاردىنمۇ يوشۇرۇن تۇرىدۇ. 21
Qünki u barliⱪ ⱨayat igilirining kɵzidin yoxurulƣan, Asmandiki uqar-ⱪanatlardinmu yoxurun turidu.
ھالاكەت ۋە ئۆلۈم پەقەتلا: «ئۇنىڭ شۆھرىتىدىن خەۋەر ئالدۇق» دەيدۇ. 22
Ⱨalakǝt wǝ ɵlüm pǝⱪǝtla: «Uning xɵⱨritidin hǝwǝr alduⱪ» dǝydu.
ئۇنىڭ ماڭغان يولىنى چۈشىنىدىغان، تۇرىدىغان يېرىنى بىلىدىغان پەقەتلا بىر خۇدادۇر. 23
Uning mangƣan yolini qüxinidiƣan, Turidiƣan yerini bilidiƣan pǝⱪǝtla bir Hudadur.
چۈنكى ئۇنىڭ كۆزى يەرنىڭ قەرىگىچە يېتىدۇ، ئۇ ئاسماننىڭ ئاستىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى كۆرىدۇ. 24
Qünki Uning kɵzi yǝrning ⱪǝrigiqǝ yetidu, U asmanning astidiki barliⱪ nǝrsilǝrni kɵridu.
ئۇ شاماللارنىڭ كۈچىنى تارازىغا سالغاندا، [دۇنيانىڭ] سۇلىرىنى ئۆلچىگەندە، 25
U xamallarning küqini taraziƣa salƣanda, [Dunyaning] sulirini ɵlqigǝndǝ,
يامغۇرلارغا قانۇنىيەت چۈشۈرگىنىدە، گۈلدۈرمامىنىڭ چاقمىقىغا يولىنى بېكىتكىنىدە، 26
Yamƣurlarƣa ⱪanuniyǝt qüxürginidǝ, Güldürmamining qaⱪmiⱪiƣa yolini bekitkinidǝ,
ئۇ چاغدا ئۇ دانالىققا قاراپ ئۇنى بايان قىلغان؛ ئۇنى نەمۇنە قىلىپ بەلگىلىگەن؛ شۇنداق، ئۇ ئۇنىڭ باش-ئايىغىغا قاراپ چىقىپ، 27
U qaƣda U danaliⱪⱪa ⱪarap uni bayan ⱪilƣan; Uni nǝmunǝ ⱪilip bǝlgiligǝn; Xundaⱪ, U uning bax-ayiƣiƣa ⱪarap qiⱪip,
ئىنسانغا: «مانا، رەبدىن قورقۇش دانالىقتۇر؛ يامانلىقتىن يىراقلىشىش يورۇتۇلۇشتۇر» ــ دېگەن». 28
Insanƣa: «Mana, Rǝbdin ⱪorⱪux danaliⱪtur; Yamanliⱪtin yiraⱪlixix yorutuluxtur» — degǝn».

< ئايۇپ 28 >